تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 2

ئىملا كۆرسەتمىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-9 04:10:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئىملا خاتالىقى مەسلىسى نۆۋەتتە زور كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە. ھەتتا، بەزى داڭلىق شائىر، يازغۇچى، ئەدىبلىرىمىزدىمۇ بۇ مەسلە ساقلانغان بولۇپ، كىشىنى ھەقىقەتەن ئېچىندۇرىدۇ. «شائىر تىلنى بۇزغۇچى ئەمەس، تىلنى تۈزگۈچى» دەيدۇ شائىر ئابدۇرېھىم زۇنۇن ئەپەندى. ئانا تىلنى پىششىق ئىگەللەش، ئۇنى ھۆرمەتلەش ئۆزىنى شائىر، يازغۇچى دەپ قارايدىغان ھەر بىر كىشى بىلىشكە تېگىشلىك ئەڭ ئەقەللىي تەلەپ. لېكىن، مۇنبىرىمىز يازغۇچىلار مۇنبىرى بولىشىغا قارىماي ئىنكاس ۋە تېمىلاردا ئىملا خاتالىقى خېلىلا ئېغىر. شۇڭا، مۇنبىرىمىزدىكى ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان كەڭ ھەۋەسكار دوستلار ۋە يېتىلىۋاتقان ياش شائىر، يازغۇچىلارنىڭ مۇشۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. پىشقەدەملەرنىڭمۇ مۇشۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.

         ئىملا قائىدىسىنى پىششىق بىلمەيدىغان دوستلارنىڭ ئىملاسىنى توغرىلىۋېلىشى ئۈچۈن مەزكۇر تېمىنى يوللىدىم، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغايسىلەر.مەن ئىملا مۇتەخخەسسى ئەمەس. لېكىن ئىملاغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ھەربىرىمىزنىڭ بۇرچى دەپ قارايمەن.«دېمىسەڭمۇ بىلىمىز»دېگۈچىلەر بولسا ،ئۆزىنى كۆرسىتىشىنى مۇھىم بىلمەي، ماڭا ئۇچۇر يازسۇن. مۇنبىرىمىزدە «ئۇيغۇرتىلى»  دەرسلىكىنى تۈزۈشكە قاتناشقان تىلشۇناسلىرىمىزمۇ باردۇر. خاتالىق بولسا كۆرسەتكەي.

                  تىلىمىزدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىملاسى

      



1   . ئىگىلىك قوشۇمچىلىرى ئۇلانغان ئىسىملارنىڭ ئىملاسى

      « ئا،ئە » سوزۇق تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن بىر بوغۇملۇق ئىسىملارغا ئىگىلىك قوشۇمچىلىرى ئۇلانغاندا شۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى « ئا، ئە » سوزۇق تاۋۇشلىرى « ئې » سوزۇق تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىدۇ ھەم شۇنداق يېزىلىدۇ.

مەسىلەن:  
ئاش + ىم = ئېشىم   
باش + ى = بېشى  
بەل + ىمىز = بېلىمىز   
ئەل + ىم = ئېلىم  
ئات + ى = ئېتى   
باغ + ى = بېغى  
...

      « ئا، ئە » سوزۇق تاۋۇشلىرى بىلەن تۈزۈلگەن كۆپ بوغۇملۇق ئىسىملارغا ئىگىلىك قوشۇمچىلى ئۇلانغاندا شۇ ئىسىملارنىڭ ئاخىرقى بوغۇمىدىكى « ئا، ئە » سوزۇق  تاۋۇشلىرى « ئى » سوزۇق تاۋۇشىغا نۆۋەتلىشىدۇ ۋە شۇنداق يېزىلىدۇ.  
مەسىلەن:

ئانا + سى = ئانىسى

مەكتەپ + ىم = مەكتىپىم

چاپان + ـىڭلار = چاپىنىڭلار  
كۆڭلەك + ىم = كۆڭلىكىم

ياتاق + ى = ياتىقى   
قەلەم + ـىمىز = قەلىمىمىز

...

      بەزى سۆزلەرنى ئوقۇغاندا ، ئۇ سۆزلەر سوزۇپراق ئوقۇلغاچقا، ئۇنداق سۆزلەرگە ئىگىلىك قوشۇمچىسى ئۇلانسىمۇ ، ئەمما  ئۇ سۆزلەر تەركىبىدىكى « ئا، ئە » سوزۇق تاۋۇشلىرى ئاجىزلاشماي ، يەنىلا ئۆز پېتى تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ھەمدە ئۆزگەرتىلمەي يېزىلىدۇ.  
مەسىلەن:

نام + ى = نامى  
تەر + ى = تەرى

تەم + ى = تەمى

قارار + ىم = قارارىم   
بىنا + سى = بىناسى

ئەخلاق + ى = ئەخلاقى

ئېلىپبە + سى = ئېلىپبەسى   
يار + ى = يارى

...



    2.ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئىملاسى

      « ق، ك، پ » تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان كۆپ بوغۇملۇق سۆزلەرگە ئىگىلىك قوشۇمچىلىرى قوشۇلغاندا سۆز ئاخىرىدىكى « ق، ك، پ » تاۋۇشلىرى « غ، گ، ۋ » تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، لېكىن يازغاندا « غ، گ، ۋ » تاۋۇشلىرىغا نۆۋەتلەشتۈرۈلمەي، يەنىلا « ق، ك، پ » ھالىتىدە يېزىلىدۇ.

مەسىلەن:

تاۋاق ـــــــ تاۋىقىم، تاۋىقىڭ، تاۋىقى(تاۋىغىم، تاۋىغىڭ، تاۋىغى ئەمەس)

پىچاق ــــــ پىچىقىمىز، پىچىقىڭلار، پىچىقى (پىچىغىمىز، پىچىغىڭلار، پىچىغى ئەمەس)
بىلەك ــــــ بىلىكىم، بىلىكىڭ، بىلىكى(بىلىگىم، بىلىگىڭ، بىلىگى ئەمەس) 

يۈرەك ــــــ يۈرىكىم، يۈرىكى، يۈرىكىڭ (يۈرىگىم، يۈرىگى، يۈرىگىڭ ئەمەس)

ئۆتۈك ـــــ ئۆتۈكىمىز، ئۆتۈكۈڭلار، ئۆتۈكى (ئۆتۈگىمىز، ئۆتۈگۈڭلار، ئۆتۈگى ئەمەس)

مەكتەپ ــــــ مەكتىپىم، مەكتىپىڭ، مەكتىپى (مەكتىۋىم، مەكتىۋىڭ، مەكتىۋى ئەمەس)

     ئاخىرى « غ، گ » تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە يەنە شۇ « غ، گ » تاۋۇشلىرى بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلارنى قوشۇپ تەلەپپۇز قىلىش قىيىن بولغاچقا، « ق، ك » بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار قوشۇلىدۇ. مۇنداق قوشۇمچىلار قوشۇلغاندا سۆز ئاخىرىدىكى « غ، گ » تاۋۇشلىرى « ق، ك » تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، يېزىقتا يەنىلا « غ، گ » بويىچە يېزىلىدۇ. 
مەسىلەن:

باغ + قا = باغقا (باققا، باغغا ئەمەس)

ساغ + قان = ساغقان ( ساققان، ساغغان ئەمەس)  
چىغ + قا = چىغقا ( چىققا، چىغغا ئەمەس)

ئەگ + كەن = ئەگكەن ( ئەگگەن، ئەككەن ئەمەس)

تۈگ + كەن = تۈگكەن (تۈككەن، تۈگگەن ئەمەس)   
چىگ + كىلى = چىگكىلى ( چىككىلى، چىگگىلى ئەمەس)



       « ب، د » تاۋۇشلىرى بىلەن ئاياغلاشقان سۆزلەرگە جاراڭلىق تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلارنى ئۇلىغاندا، تەلەپپۇز قىلىش قىيىن بولغاچقا، جاراڭسىز تاۋۇشلار بىلەن باشلانغان قوشۇمچىلار ئۇلىنىدۇ.



يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 10:52:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت جاپا چەكتىڭىز

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 20:09:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەيبۇ ئاكا، بۇ تېمىنى يوللاپ بەكلا ياخشى قىلىپلا. بىراق يېڭى مۇنبەرنىڭ مۇقىم تۇرىدىغان كۆرسەتكۈچلىرىدىمۇ ئىملا خاتالىقى يۈز بېرىپ قاپتۇ. ئۆتكەندە تۇنساگۈل ھەدەم ،ئابلا ئاكام قاتارلىقلار بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. بۇ يەنە شۇندا بولۇپ قاپتۇ...تۈزىتىۋەتسەك...
ئەلمىساقتىن قەدرىسىزدۇر ياندا بارى،
ئىنسان شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:

ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网 ( ICP经营许可证编号:新ICP备10200746号 )

GMT+8, 2012-4-16 03:58 , Processed in 0.069080 second(s), 10 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش