مۇنبەر ئۇقتۇرۇشى
ئۆتكەن بىر مەزگىل ئىچىدە تورىمىز سەۋەبىنى بىلىپ بولمايدىغان كاشىلا ۋە مۇناسىۋەتلىك بەزى تېخنىكىلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن نورمال ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. كېيىن ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانىدا سانداننى زپاسلاشتىن مەسىلە كۆرۈلۈپ 2012-يىل 6-ئايدىن بۇيانقى تېمىلىرىمىز يوقاپ كەتتى. ئۇلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھازىرغىچە مۈمكىن بولمىدى.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئالدى بىلەن تورىمىز ۋە ھەممە ئەزالىرمىزنىڭ كۆپ ۋاقىتلاردىن بۇيان ئەجىر قىلىپ يوللىغان نۇرغۇنلىغان تېمىلىلىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن مۇنبىرىمىزنىڭ بارلىق ئەزالىرىدىن چىن كۆڭلۈمدىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز. ھازىرقى تېخنىكىلىق سەۋىيەرىمىزدىن قارىغاندا يوقاپ كەتكەن تېمىلىرىمىزنى ئەمدى ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيدىغان ئوخشايمىز. بۇنىڭدىن مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ۋاقىپلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ھەم بۇندىن كېيىن تورىمىزغا يوللىغان ھەممە يوللانمىلىرىنى ئۆزى ئايرىم ساقلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
كۆپچىلىككە ئۇقتۇرۇپ قويىدىغان ئىككىنچى بىر ئىش: تورىمىزنىڭ مەندىن باشقا بارلىق مۇھەررىر(باشقۇرغۇچى)لىرى تورىمىز تەرىپىدىن بىر يىللىق مۆھلەت بىلەن تەكلىپ قىلىنغان ئاپتورلىرىمىز بولۇپ، ئۇلار بىر يىلدىن بۇيان تورىمىز ئۈچۈن خالىس، پىدائىلىق بىلەن ئاز بولمىغان خىزمەتلەرنى قىلدى. يىل ئاخىرىدا باشقا خىزمەتلەر سەۋەبىدىن ئۇلارنى قايتا سەپلەش ئىشىنى قولغا ئالالمىغان ئىدۇق. ئەمدى تور تەھرىرلىرىمىزنى قايتا تەڭشەيدىغان ۋاقىت بولدى. بەزى خىزمەت ۋە باشقا سەۋەپلەر بىلەن تورغا ۋاقتىدا چىقىپ، مەسئۇليىتىنى ئادا قىلمىغان مۇھەررىرلەر مۇنبەرنىڭ باشقۇرۇش خىزمىتىدىن چېكىندۈرۈلۈپ ئورنىغا ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان، تور باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان،تور باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى كۆرىدىغان يېڭى مۇھەررىرلەر سەپلىنىدۇ. تورىمىزنىڭ بۇرۇنقى «قانۇن مەسلىھەتچىسى»، «ئىملا نازارەتچىسى»، «تەكلىپلىك مۇخبىر» قاتارلىق ئالاھىدە باشقۇرغۇچىلىرى ۋە ئالاھىدە ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. يېڭى مۇھەررىرلەر بۇ تېمىدا ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ياكى باشقىلار كۆرسىتىش شەكلىدە تەكلىپ قىلىنمايدۇ. چىن دىلىدىن بۇ خىزمەتنى ئىشلەشنى خالايدىغانلار بىۋاستە ئا.ئى.پەروزان بىلەن ئالاقىلەشسە بولىدۇ.
ئالاھىدە بۇ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى.
تورىمىز ۋە ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن بىر يىلدىن بۇيان ئەجىر قىلغان ھەممە ئەزىزلەرگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز!
ھۆرمەت بىلەن:
«شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى