يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 869|ئىنكاس: 8

تۇنجى جىنايەت (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
         تۇنجى جىنايەت
             ئۆمەر سەيفىدىن (تۈركىيە)
                      (ھېكايە)
مەن ھەمىشە ئازاپ ئىچىدە ياشىغان بىر ئادەم. بۇ ئازاپ مەن ئەقلىمنى ئەمدىلا بىلگەن چاغدا باشلانغان. بەلكى تۆت ياشلارغىمۇ توشمىغانىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن قىلىش ئەمەس، ھەتتا يامان ئىشلارنى ئويلىساممۇ  ۋىجدانىم ئۆرتۈنۈپ چەكسىز جەھەننەم ئازابى ئىچىدە تولغىنىپ كېتىمەن. مېنى ئازاپلىغان نەرسىلەرنىڭ ھېچ بىرىنى ئۇنتىيالمىدىم. ئەستىلىكلىرىم خۇددى ھەسرەت  ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك.
.....
شۇنداق، ئەجىبا تۆت ياشلاردا بارمىدىم؟ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ھېچ نەرسىنى بىلمەيمەن. ئاڭ، بېشىمىزغا خۇددى چېقىلمىغان چاقماقتەكلا بىلىندۈرمەي ئورنىشىپ قالىدۇ. تولىستوي ئەمدىلا توققۇز ئايلىق بولغان چاغدا ئۆزىنىڭ مۇنچىدا يۇيىنغىنىنى خاتىرىسىدە ساقلىنىپ قالغانىكەن. ئۇنىڭ تۇنجى خاتىرىسى بىر خوشاللىق ئىش. مېنىڭ بولسا مۇدھىش بىر سىقىنچىلىق بىلەن باشلانغان. مەن ئۆزۈمنى تۇنجى بولۇپ بىر پاراخۇتتا ئەسكە ئالىمەن. تېخىچە كۆز ئالدىمدا. خۇددى دۇنياغا شۇ چاغدا كۆزئاچقاندەك، ئانامنىڭ قۇچىقى... ئانام يېنىدىكى سېرىق چاچلىق بىر خانىم بىلەن كۈلۈشكەچ پاراڭلىشىۋاتىدۇ، تاماكا چېكىۋاتىدۇ. ئانام تاماكىسىنى ئىنىچكە كۈمۈش قىسقۇچى بىلەن قىسقان. مەن ئۇ قىسقۇچنى تالىشىۋاتىمەن.
ــ ئال، ئەمما ئاغزىڭغا تىقما! دەۋاتىدۇ.
ماڭا بۇ ئىنىچكە قىسقۇچىنى بېرىپ تاماكىسىنى دېڭىزغا ئېتىۋاتىدۇ. بەلكىم ياز بولسا كېرەك. ئەتراپ يۇرۇپ كەتكەن، ئوچۇق بىر ھاۋا... ئانام پاراڭلاشقاچ كۆك رەڭلىك  يەلپۈگۈچتە ئۆزىنى يەلپۈۋاتىدۇ. مەن قۇچىقىدىن چۈشمەكچى بولىۋاتىمەن. مېنى قولۇمدىن تۇتۇپ يېنىغا ئولتۇرىغۇزۇۋاتىدۇ. كۈمۈش قىسقۇچىنىڭ ھالقىسىغا بارمىقىمنى تىقىپ، ئاپام كۆرمەستە ئۇچىنى ئاغزىمغا تىقىپ چىشلەۋاتىمەن. پاراڭلىشىۋاتقان سېرىق چاچلىق خانىمنىڭ چايشىپى كۆك... مەن ئاپئاق كىيگەنىدىم.  يالاڭباش ئىدىم. چاچلىرىم قويۇق ئىدى ھەم چىگلەشكەنىدى. ئانام مېنى تۈزەشتۈرىۋاتقاندا ئاسمانغا قاراۋاتاتتىم. قۇياش نۇرىدا ۋال-ۋۇل چاقناۋاتقان پالۇبىنىڭ قىرغىقىدا ئالقانچىلىك بىر نەرسە مىدىرلاۋاتاتتى.
ــ قارا، قارا!- دەۋاتىمەن.
ئاناممۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراۋاتىدۇ:
ــ قۇش قونۇپتۇ، دەۋاتىدۇ.
قۇشنى تۇتىمەن دەۋاتىمەن.
ــ تۇتساق بولمايدۇ، دەۋاتىدۇ.
مەن يەنە جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋېلىۋاتىمەن. ئانام كۈنلۈكى بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا ئۇرىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇنىڭدا ھېچ قىمىلداش يوق. ئانام يەنە يېنىدىكى خانىمغا قاراۋاتىدۇ.
ــ ئا، قاچمىدى.
ــ نېمىشقا قاچمايدۇ زادى؟
ــ  قۇش بالىسى ئوخشايدۇ.
ــ ...
ــ ئانا، مەن قۇشنى تۇتىمەن! دەپ قەغىشلىك قىلىۋاتىمەن.
     ئانام يەلپۈگۈچنى تاشلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ، مېنى قولتۇقۇمدىن كۆتۈرىۋاتىدۇ ۋە خۇددى كىچىككىنە بىر توپنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ قۇشقا يېقىن ئەكىلىپ يەرگە قويغاچ دەۋاتىدۇ:
ــ ئاۋايلاپ تۇت ھە!
بېشىم پالۇبا رېشاتكىسىغا يېقىنلاشقانچە نۇردىن كۆزلىرىم قامىشىۋاتىدۇ. قوللىرىمنى سوزىۋاتىمەن. تۇتىۋاتىمەن. بۇ ئاپئاق بىر قۇش... ئانام قولۇمدىن ئېلىپ سۆيىۋاتىدۇ، سېرىق چاچلىق خانىممۇ سۆيىۋاتىدۇ، مەنمۇ سۆيۈۋاتىمەن.
ــ ئاھ، بىچارە تېخى كىچىككەن.
ــ چايكا بالىسى.
ــ ئۇچامايدىغان چېغىۋا.
ــ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتسە بوغۇلۇپ قالىدۇ.
ــ ...
    نېرىقى ئاياللارمۇ گەپكە ئارلىشىۋاتىدۇ، «ئۆلىدۇ» دېيىشىۋاتىدۇ. ئانام ئاپئاق قۇشقا «ئاھ بىچارە، ئاھ بىچارە!» دەپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن سىلىغاندىن كېيىن مېنىڭ قۇچىقىمغا قۇيۇۋاتىدۇ.
ــ ئۆيىمىزگە ئېلىپ كېتەيلى، بەلكىم ھايات قالار،- دەۋاتىدۇ،- ئەمما قەتئىي سىقما بالام.
ــ سىقمايمەن.
ــ مۇشۇنداق بوشقىنە تۇت.
كۈمۈش قىسقۇچىغا ئىنىچكە بىر تال تاماكىنى قىستۇرىۋاتىدۇ. يېنىدىكى خانىم بىلەن يەنە پاراڭغا چۈشىۋاتىدۇ. بىچارە قۇش بالىسىنىڭ تۈكى شۇنچىلىك ئاقكى... تۇتىۋاتىمەن... قاناتلىرىنىڭ سۆڭىكى قولۇمغا ئۇرىنىۋاتىدۇ. پۇتلىرى قىزىل. قېچىش ئۈچۈن ھېچقانداق ھەرىكەتمۇ قىلمايۋاتىدۇ، ھەيران قېلىۋاتىدۇ. كۆزلىرى يۇپيۇمىلاق. قىزىل تۇمشۇقىنىڭ قىرغاقلىرىدا خۇددى بىر نەرسە يەپ يۇقۇندىسى قېلىپ قالغاندەك سېرىق سىزىقچە بار. بوينىنى سۇزۇپ ئەتراپقا قاراش ئۈچۈن تىرمىشىۋاتىدۇ. دەل بۇ چاغدا مەنمۇ ئاپامغا قاراۋاتىمەن. ئۇ يېنىدىكى ئايال بىلەن كۈلۈشكەچ پاراڭلىشىۋاتىدۇ. مېنىڭ بىلەن كارى يوق. كېيىن ئاپئاق قۇشنىڭ سۇزۇلغان بوينىدىن ئاستا تۇتىۋاتىمەن. پۈتۈن كۈچۈم بىلەن سىقىشقا باشلاۋاتىمەن. قاناتلىرىنى ئاچماقچى بولىۋاتىدۇ. يەنە بىر قولۇم بىلەن قاناتلىرىنىمۇ تۇتىۋېلىۋاتىمەن. مارجاندەك پۇتلىرى تىزىمغا پېتىۋاتىدۇ. سىقىۋاتىمەن، سىقىۋاتىمەن. قىرغىقى سېرىق تۇمشۇقى تىترىگەن ھالدا ئېچىلىپ يېپىلىۋاتىدۇ. ھالرەڭ ئىنىچكە تىلى ساڭگىلاۋاتىدۇ. يۇمىلاق كۆزلىرى ئاۋال يوغىناپ كېيىن كىچىكلەپ ئۇنىڭدىنمۇ كېيىن يۇمۇلىۋاتىدۇ... قوللىرىمنى بوشىتىۋاتىمەن. ئاپئاق قۇشنىڭ ئۆلىگى «پاق» قىلىپ يەرگە چۈشىۋاتىدۇ.
...
  ئانام ئۆرىلىۋاتىدۇ، ئېگىلىۋاتىدۇ. يەردىن تېخىچە ئىسسىقى كەتمىگەن بۇ مەسۇم ئۆلۈكنى ئېلىۋاتىدۇ. «ئا... ئا ئا ئا....ئۆلۈپتۇ!...» دەپ كېيىن ماڭا مىقتەك تىكىلىۋاتىدۇ:
ــ نېمە قىلدىڭ؟
ــ...
ــ سىقتىڭما؟
ــ ...
ــ گەپ قىل دەۋاتىمەن؟
ــ...

  جاۋاپ بەرمەيۋاتىمەن، پۈتۈن ئاۋازىمنى قويىۋېتىپ يىغلاۋاتىمەن. ئانامنىڭ قولىدىن ئاپئاق قۇشنىڭ ئۆلۈكىنى سېرىق چاچلىق خانىم ئېلىۋاتىدۇ:
ــ ئاھ، ئېغىر گۇناھ!
ــ...
ــ بىچارە.
ــ ...
     باشقا ئاياللارمۇ سۆز قېتىۋاتىدۇ. قارشىمىزدا ئولتۇرغان سېمىز، قېرى بىر ئايال جىنايىتىمنى ئاڭلىتىۋاتىدۇ:
ــ بوغدى. كۆردۈم ۋاللاھى، نېمانداق ئەسكى بالا بۇ...
ــ ...
ئانام ساماندەك سارغايغان، ئاۋازى تىترەۋاتىدۇ. «ئاھ ئىنساپسىز!» دەپ ماڭا يەنە ئاچچىق ئاچچىق قاراۋاتىدۇ. تېخىمۇ كۈچەپ يىغلاۋاتىمەن. شۇنچىلىك قاتتىق يىغلاۋاتىمەنكى... مېنى قانداق قىلىپمۇ جىم قىلالمايۋاتىدۇ. قاچان، نەدە، قانداق جىم بولغىنىمنى بۈگۈن ئەسكە ئالالمايۋاتىمەن. خۇددى چەكسىز بىر يىغىنى يىغلاۋاتىمەن.
  ئەقلىمنى ئەمدىلا بىلگەندە ئۆتكۈزگەن بۇ جىنايىتىم يۈز بەرگىلى ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق بولدى. ھازىر پاراخۇتنىڭ پالۇبىسىدا ئولتۇرغاندا قاچانلا بىر دېڭىز چايكىسى كۆرسەم، بىردىنلا پۈتۈن كەيپىياتىم بۇزۇلىدۇ. كىچىك بالىدەك ھۆركىرەپ يىغلىغۇم كېلىدۇ. يۈرىگىمنىڭ قات-قاتلىرىدا بىر ئاغرىق كۈچىيىپ، كۈچىيىپ، كۆكسىمنى ئېچىشتىرىدۇ.«ئاھ ئىنساپسىز» دەپ مېنى ئەيىپلىگەن ئانامنىڭ ئاۋازىنى تۇيغاندەك بولىمەن.


                                تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: شاھزات

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-31 21:00:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرك تىلدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى نەتىجە،بىراق تەرجىمە تىلىڭىزدا بەزى يىتەرسىزلىكلەر باردەك قىلىدۇ.

ئاپئاق قۇشنىڭ ئۆلىگى «پاق» قىلىپ يەرگە چۈشىۋاتىدۇ.
ئەقلىمنى ئەمدىلا بىلگەندە ئۆتكۈزگەن بۇ جىنايىتىم يۈز بەرگىلى ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق بولدى.
ھازىر پاراخۇتنىڭ پالۇبىسىدا ئولتۇرغاندا قاچانلا بىر دېڭىز چايكىسى كۆرسەم، بىردىنلا پۈتۈن كەيپىياتىم بۇزۇلىدۇ.

داۋاملىق تىرىشىڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-31 21:30:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغچى يوللىغان ۋاقتى  2013-1-31 21:00
تۈرك تىلدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانلىقىڭىزنىڭ ئۆزى  ...

سىز تىلغا ئالغان بىرىنچى جۈملىدە مەنچە مەسلە يوق. چۈنكى ئاپتۇر تۆت ياش ۋاقتىدىكى ئاشۇ ئەسلىمىلىرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ھەم ئەسلى تېكىستتىمۇ ھازىرقى زامان بايان شەكىلى بىلەن يېزىلغانىكەن.  ئىككىنچى جۈملىدىكى خاتالىقنى مەن تازا ھېس قىلالمىدىم، ئېنىقراق كۆرسىتىپ بەرگەن بولسىڭىز. ئۈچۈنجى جۈملىدە دېققەت قىلماي قاپتىمەن. ئۈچۈنچى جۈملىنى «ھازىر پاراخۇتلارنىڭ پالۇبىلىرىدا ئولتۇرغىنىمدا، دېڭىز چايكىسىنى كۆرسەملا كۆڭلۈم بوزۇلىدۇ، ياكى خوشاللىقلىرىم ئاللىقاياقلارغىدۇر غايىپ بولىدۇ» دىگەندەك ئالسام بولىدىغاندەك قىلىدۇ. سەمىمىي تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز ئۈچۈن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت. ئەدەبىي تەرجىمىگە ئەمدىلا تەمتىلەپ كىرىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا تەرجىمەمدە قانداق مەسلىلەر ساقلىنىۋاتىدۇ تازا ھېس قىلىپ يېتەلمەيدىكەنمەن. قانداق تەنقىدى پىكىرلىرىڭىز بولسا قوبۇل قىلىشقا مەن تەييار، چۈنكى سىزنىڭ تەرجىمىدىكى نۇقسانلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىز مېنىڭ تەرجىمىدە پىشىپ بېرىشىم ئۈچۈن (گەرچە ھازىر تەلەپتىن بىر ئاز يىراق بولساممۇ) پىشاڭنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. رەھمەت...

ۋاقتى: 2013-1-31 21:33:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شاھزات يوللىغان ۋاقتى  2013-1-31 21:30
سىز تىلغا ئالغان بىرىنچى جۈملىدە مەنچە مەسلە يوق. چۈن ...

يارايسىز، يىگىتتەك گەپ قىلدىڭىز.

ۋاقتى: 2013-1-31 23:54:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۆمەر سەيفىددىننىڭ ھېكايە يېزىشتىكى ئالاھىدىلىكى جۈملىنى قىسقا تۈزۈش. بۇنداق ئالاھىدىلىك بىزنىڭ مەرھۇم ئۇستاز ياغۇچىمىز زوردۇن سابىر ئاكا ۋە ئەختەم ئۆمەر لەرنىڭ روشەن ھالدا كۆرۈلىدۇ.
  مەن ئۆمەر سەيفىددىننىڭ بۇ ھېكايىسىنى مۇنداق تەرجىمە قىلىپ باققان. بۇ يەرگە چاپلىشىم قانداقتۇر«بۇنچىلىك ئىشنى مەنمۇ قىلالايمەن»دەپ ئۆزەمنى كۆرسەتكەنلىك ئەمەس، بەلكى تورداش ئوقۇرمەنلىرىمىز ئوقۇپ، سېلىشتۇرۇپ پىكىر-تەكلىپ بەرسە شاھزات ۋە ماڭا ئوخشاش ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تىرىشچانلىقىمىز ئۈچۈن پايدىسى بۇلار دېگەن مەقسەتتە. شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭىلارنى ئۈمىت قىلىمەن.-بەگيار
                                                    تۇنجى جىنايەت
                                              ئۆمەر سەيفىددىن(تۈركىيە)

    مەن غۇربەت  ۋە ئەلەم ئىچىدە ياشىغان ئادەممەن. بۇ قىيىنچىلىقلار مەن ئېسىمنى بىلگەن ۋاقتىمدىلا باشلانغان. شۇچاغدا تۆت ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدىم. قىلغان يامانلىقلىرىم ئۈچۈن ۋىجدانىم ئازاپلىنىدۇ،ھەمىشە خۇددى دوزاخ ئوتىدا كۆيگەندەك پۇچۇلىنىمەن. مېنى تەشۋىشكە سالغان بۇ ھادىسىنى پەقەتلا ئۇنتىيالمايمەن. ئۇ قەلبىمگە ئەبەدىيلىك قايغۇ-ئەلەم مۆھۈرى بولۇپ ئورناپ كەتكەن..
                           *                            *                                   *
      شۇنداق، شۇچاغدا تېخى تۆت ياشقىمۇ كىرمىگەن ئىدىم. ئۇنىڭدىن ئاۋۋالقى ۋەقەلەرنى ئەسلىيەلمەيمەن.قاچان ئەقلىمنى بىلدىم،شۇنىڭدىن تارتىپ بېشىمغا خۇددى چاقماقتەك بالالار كېلىشكە باشلىغان ئىدى. تولستوي توققۇز ئايلىق بوۋاق چېغىدىلا ئۆزىنىڭ ھاممامغا ئېلىپ كىرىلگەنلىكىنى ئەسلەيدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى ئەسلىمىسى نېمىدېگەن يېقىملىق! ئەمما مېنىڭ ئەسلىمىلىرىم  مۇدھىش قايغۇ بىلەن باشلاندى. مېنىڭ تۇنجى ئەسلىيەلەيدىغىنىم شىركەتنىڭ كېمىسى ئۈستىدىن باشلىناتتى. ھامان كۆز ئالدىمدا: گويا ئەمدى تۇغۇلدۇم، ئانامنىڭ قۇچىغىدىمەن… ئانام يېنىدىكى سېرىق چاچلىق ياش خانىم بىلەن كۇلۈشۈپ پاراڭلاشقاچ، سىگارت چېكىشىپ ئولتۇرىدۇ. ئانام سىگارارتىنى ئىنچىكە كۆمۈش نەيچىگە سېلىۋالغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ قولىدىكى نەيچىنى تالاشتىم.
     -مە، ئال، ئەمما ئېغزىڭغا سالما،– دېدى.
     ئۇ نەيچىنى ماڭا بېرىپ، سىگارارتىنى دېڭىزغا تاشلىۋەتتى.قۇياش سۈزۈك نۇرلىرىنى چېچىپ تۇرىدىغان ساپ ھاۋالىق ياز پەسلى ئىدى. ئانام توختىماي گەپ قىلاتتى، ئۇزۇن يۇڭلۇق كۆك يەلپۈ گۈچىنى تېز-تېز سىلكىيتتى. كۇمۇش نەيچىنىڭ بىر ئۇچىغا بارمىقىمنى تىقىپ، ئانام كۆرمىگەن پۇرسەتتە ئۇچىنى ئېغزىمغا سېلىپ چىشلەيتتىم. ئانام پاراڭلىشىۋاتقان خانىمنىڭ يېپىنچىسىمۇ كۆك ئىدى… مېنىڭ كىيىمىم ئاپئاق ئىدى. بېشىم باشتاق،قويۇق چاچلىرىم تۇزۇپ تۇراتتى. ئانام چېچىمنى تاراپ تۈزەپ قويىۋاتاتتى،بېشىمنى كۆتۈرۈپ يۇقۇرىغا قارىدىم. قۇياش نۇرلىرى چۈشۈپ تۇرغان سايىۋەننىڭ بىر چېتىدە ئالقانچىلىك چوڭلۇقتىكى بىر سايە مىدىرلىغاندەك قىلدى.
       - قارا، قارا،-دېدىم.
ئاناممۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ:
     - قۇش قونۇپتۇ،-دېدى.
قۇشنى تۇتۇپ بەردەپ تۇرىۋالدىم.
     - تۇتقىلى بولمايدۇ،– دېدى.
مەن تۇتپ بەر دەپ قەغىشلىك قىلدىم. ئانام كۈنلۈگى بىلەن بۇ سايىنىڭ ئاستىدىن ئۇردى. ئەمما سايە قىمىرلىمايتتى. ئانام يېنىدىكى خانىمغا بۇرۇلۇپ:
     - قاچمىدى.
     - قىزىق، نېمىشقا ئۈركىمەيدىغاندۇ؟
     -ئۇچالمايدىغان قۇش بالىسى بولسا كېرەك.
      - …
     - قۇشنى ئېلىپ بېرىڭ،– دەپ ئانامغا چاپلىشىۋالغان ئىدىم.
ئانام يەلپۈگۈچىنى تاشلاپ، ئورنىدىن تۇردى-دە، مېنى قولتۇغۇمدىن تۇتۇپ، كۆتۈرۈپ دېدى:
    - ھۈركۈتىۋەتمەي تۇتىۋالغىن ھە؟!
بېشىم سايۋەننىڭ رېخىگە يېقىنلاشقاندا كۆزلىرىم قاماشىپ كەتتى، قولۇمنى ئۇزىتىپلا قۇشنى تۇتىۋالدىم. بۇ ئاپپاق بىر قۇش… ئانام قۇشنى قولۇمدىن ئېلىپ سۆيدى، سېرىق چاچلىق خانىممۇ سۆيدى. مەنمۇ سۆيىۋاتىمەن.
     - ئاھ، بىچارە قۇش بالىسى.
     - بېلىقچى قۇشنىڭ بالىسى.
    - تېخى ئۇچا ئالمىسا كېرەك.
    - دېڭىزغا چۇشۈپ كەتسە ئۆلۈپ قالىدۇ.
    - …
    باشقا خانىملارمۇ سۇھبەتكە ئارلىشىپ،«ياشاپ كېتەلمىسە كېرەك»،-دېيىشتى.بىراق ئانام  بۇ ئاپئاق قۇشنىڭ بېشىنى «ئاھ، بىچارە، ئاھ، بىچارە» دەپ سىيپىغاندىن كېيىن ماڭا بەردى.
    - ئۆيگە ئېلىپ بارساق، بەلكىم ياشاپ كېتەر، – دەيتتى ئانام. – ئەمما ئۇنى بوغۇپ قويما.
     - بوغمايمەن.
    - ئەمىسە ئاۋايلاپ تۇتقىن.
     ئانام كۆمۈش نەيچىگە يەنە سىگارت سېلىپ، يېنىدىكى خانىملار بىلەن يەنە پاراڭغا چۇشۈپ كېتىشتى. قۇشچەمنىڭ پەيلىرى شۇنچىلىك ئاپئاق ئېدىكى… پەيلىرىنى سىلاشقا باشلىدىم. قاناتلىرىنىڭ سۆڭەكلىرى روشەن سېزىلىپ تۇراتتى،پۇتلىرى قىپقىزىل ئىدى. قېچىش ئۈچۈن ھېچ ھەرىكەت قىلمايتتى، مەندىن ئايرىلمايتتى. كۆزلىرى يۇپ-يۇمىلاق. قىزىل تۇمشۇقىنىڭ چېتىدە خۇددى سېرىق مېۋە پۇچىقىدەك بىر ئىز بار ئېدى. بوينىنى تولغاپ ئارقا تەرەپكە قارايتتى. بۇ چاغدا مەن ئانامغا قاراۋاتاتتىم. ئانام يېنىدىكى خانىم بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى. مەن بىلەن پەقەتلا كارى يوق ئېدى.
      مەن قۇشنىڭ نازۇك بوينىنى قولۇم بىلەن ئاستا سوزۇشقا باشلىدىم، ئۇنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن بوغدۇم. قاناتلىرىنى كېرىپ، يەنە بىر قولۇم بىلەن تارتىپ سوزدۇم. قىپ-قىزىل تىرناقلىرى تىززىمغا پاتاتتىى، مەن ئۇنىڭ بوينىنى قاتتىق سىقاتتىم. قۇشنىڭ تۇمشۇقى تىترەپ، ئېچىلىپ-يېپىلاتتى، تىلى لىپىلداپ تاشقىرىغا چىقاتتى. بىراق يۇمىلاق كۆزلىرى بىر يوغىناپ، بىر لىچىكلەيتتى، كېيىن خېلى ئۇزۇنغىچە يۇمۇلۇپ كەتتى…قوللىرىمنى بىردىن بوشاتتىم، ئاپئاق قۇشچەمنىڭ ئولۈكى يەرگە پوككىدە چۈشتى.
ئانام ئۆرۈلۈپ، تېخى سوۋۇمىغان كىچىككىنە قۇشنىڭ ئۆلۈكىنى يەردىن ئالدى.« ئاھ… ئۆلۈپتۇ!..» دېگەندىن كېيىن ماڭا تىكلىپ  قاراپ:
      - نېمە قىلدىڭ؟ – دېدى.
      - …
      - بوغدۇڭمۇ؟
     - …
    - گەپ قىلساڭچۇ.
      - …
     جاۋاپ بەرمەستىن ئاۋازىمنى چىقىرىپ يىغلاشقا باشلىدىم. ئانامنىڭ قولىدىكى ئاق قۇشنى سېرىق چاچلىق خانىم ئېلىپ:
    - ئاھ، نېمە گۇناھى بار ئېدى! – دېدى.
     - …
     - بىچارە…
      - …
     باشقا خانىملارمۇ پاراڭغا ئارلاشتى.ئۇدۇلىمىزدا ئولتۇرغان يېشى چوڭ، سېمىز ئايال جىنايىتىمنى ئاشكار قىلدى:
    - بوغدى. ۋاللاھى، كۆردۈم، نېمە دېگەن ياۋۇز بالا…
     - …
     ئانامنىڭ چىرايى سارغىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئاۋازى تىترەپ چىقاتتى.
   «ئاھ، ئىنساپسىز!» دەپ ماڭا ئاچچىق قارىدى.تېخىمۇ قاتتىق يىغلاشقا باشلىدىم. شۇ قەدەر يىغلىدىمكى… مېنى يىغىدىن توختىتالمىدى. قاچان، قايەردە، قانداق توختىغىنىمنى ھازىر ئەسلىيەلمەيمەن. خۇددى ئۆمۈر بويى يىغلاپ ئۆتىدىغاندەك ئېدىم.
ئەقلىمگە كېلە-كەلمەيلا بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگۈنىمگە مانا ئوتتۇز يىلدىن ئاشتى. ھازىر شىركەت پارخۇتىنىڭ پالوبىسىدا ئولتۇرىمەن، قاچان بېلىقچى قۇش كۆرسەم، بىردىنلا بىئارام بولىمەن،بوۋاققا ئوخشاش يىغلىغۇم كېلىدۇ. يۇرۈگۈمدە ئاغرىق پەيدا بولۇپ، كۆكسۈمنى تىلغاشقا باشلايدۇ.
      «ئاھ، ئىنساپسىز!» دەپ مېنى ئۇرغان ئانا منىڭ تەنبېھىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن.


ئۆمەرسەيفىددىننىڭ 1910-يىلى نەشر قىلىنغان تۈركچە«ھېكايىلەر»ناملىق توپلىمىدىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-1 00:13  


ۋاقتى: 2013-2-1 12:58:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيارنىڭ تەرجىمىسنىمۇ كۆرگەنسىز،بۇ ھەرگىزمۇ تەرجىمنى مانا مۇنداق قىلىمىز دىگەنلىك ئەمەس.
سىز نوقسان يو ق دەپ قارىغان ۋە ئۇيغۇراننىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن جۈملە: ئاپئاق قۇشنىڭ ئۆلىگى «پاق» قىلىپ يەرگە چۈشىۋاتىدۇ.دىگەن بولۇپ، ئۇ مەيلى ئاپتۇرنىڭ ئەسلىمىسى بولسىمۇ بىراق، بۇ جۈملىدىكى ئىش ھەركەت داۋاملىشىۋاتقان ئىش ھەركەت،بىراق ئۆلگەن قۇشنىڭ ئۆلىكى يەرگە چۈشسسە »'پاق «قىلغانچە چۈشىۋەرمەيدۇ.ئۇ پاققىدە قىلدۇ دە توختايدۇ.
قالغىنى ئۆزىڭىز يەنىمۇ ئويلىنىپ بىقىڭ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-1 13:05:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغچى يوللىغان ۋاقتى  2013-2-1 12:58
بەگيارنىڭ تەرجىمىسنىمۇ كۆرگەنسىز،بۇ ھەرگىزمۇ تەرجىمن ...

رەھمەت

ۋاقتى: 2013-12-6 22:48:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمانلىق ئاسان ئەمەس،تىل ئۇگۇنۇش تىغمۇ

ۋاقتى: 2015-1-12 22:08:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيارنىڭ تەرجىمىسى تېخىمۇ گۈزەل بوپتۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش