ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى 1971-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيە سامپۇل يېزىسىدا تۇغۇلغان.
1994-يىلى شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل –ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۇرۇپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان.
2008 -يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىدا جوڭگۇ ھازىرقى زامان بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى كەسپىدا ئاسپىرانتلىققا ئوقۇشقا كىرگەن.2011-يىلى ئوقۇش تاماملىغان.
2010-يىلى بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى يۈلۈنىشىگە دوكتۇر ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان.
ھەرتۈرلۈك ئەسەرلىرى 1988-يىلىدىن باشلاپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.
2001-يىلى ئەدىپنىڭ «قىز پەسلى» دېگەن شېئىرلار توپلىمى، 2003-يىلى «كۆز ئىچىدىكى كۆز، سۆز ئىچىدىكى سۆز» دېگەن ماقالىلەر توپلىمى، 2004-يىلى «ئارتبالىق ھەققىدە قىسسە» دېگەن پوۋسىتلار توپلىمى بىلەن « سۆيگۈ ۋە قىساس» دېگەن رومانى ۋە 2011-يىلى «ئۇلۇغ قۇرۇق گەپ ۋە چۈمۈلە روھى» دېگەن ماقالىلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپ ئالقىشلانغان.
ھازىرغا قەدەر پروزا ،پوئىزىيە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ گېزىت-ژورناللاردا ئۈچ يۈز پارچىگە يېقىن ئەسەر ئېلان قىلغان.
30 پارچىدەك ئىلمىي تەتقىقات ماقالىللىرى ئېلان قىلىنغان.
ئەسەرلىرى خەنزۇ ،ئېنگىلىز ،ئەرەپ ،نېمىس ،ياپۇن تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.
ھازىر بېيجىڭدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىدا .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Berqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-5-13 18:56