تۆمۈر قادىرى يوللىغان ۋاقتى 2012-4-7 01:26
تۇنجى رومانىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ساجىدە خانىم!
...
رەھمەت سىزگە تۆمۈر قادىر!
ئۇستاز ۋاھىتجان غوپۇر ئاكىغا شۇنداقلا ئۇنىڭ ھۆرمىتى بىلەن ھەم ماڭا بىلدۈرگەن ھۆرمەتلىرىڭىزگە سىزگە بولغان ئالىي ھۆرمىتىم بىلەن سالام يوللايمەن!
گەرچە ئەڭ نادىر رومانلارنى يېزىشقا ھازىرچە قۇدرىتىم يەتمىسىمۇ ئەمما ئاشۇ نىشان بىلەن ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن، سىز دېگەندەك بۇ «مۇبارەكنامە» قۇلاق تۈۋۈمدە ھەر ۋاقىت ياڭراپ تۇرىدۇ، بۇ ـــ «مۇبارەك نامە» مېنى ئىجادىيەتتە مەسئۇلىيەتچان، قەلىمىمگە سەمىمىي -سادىق بولۇپ، خەلق ئۈچۈن نېمىلەرنى يېزىش، قانداق يېزىش، نېمىشقا يېزىشنى سەمىمگە سېلىپ تۇرىدۇ.
مەن سالامىڭىزنى ئۇستاز ۋاھىتجان غوپۇر ئاكىغا چوقۇم يەتكۈزىمەن.
سىزگىمۇ سالامەتلىك، خاتىرجەملىك تىلەيمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ساجىدە سۇلايمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-9 02:35