يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 877|ئىنكاس: 3

لېف.تولسىتوينىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
لېف.تولسىتوينىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى
ئاپتورى: لېف.تولسىتوي ( روسىيە)


1847- يىلى   19 ياش  
   مەن خېلىلا ئۆزگىرىپ كەتتىم، لېكىن تېخىچىلا ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان گۈزەللىككە، مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە يېتىپ بولالمدىم، ئۆزۈمگە قارىتا تۈزگەن بەلگىلىمىلەرنى ئىجرا قىلمىدىم. ئىجرا قىلغان بولساممۇ، لېكىن ئىجرا قىلىش ئانچە ياخشى ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ ئەستە تۇتىۋېلىش ئىقتىدارىمنىمۇ  چېنىقتۇرالمدىم.
   شۇ ۋەجىدىن مەن بۇ يەردە ئۆزۈمنىڭ بىر قىسىم پەرەزلىرىمنى، ئويلىرىمنى يازدىم، ئەگەر م بۇلارغا رىئايە قىلالىسام، ئىشىنىمەنكى، چوقۇم بۇنىڭدىن ناھايىتى كۆپ نەپ ئالالايمەن.
1.        بەلگىلەپ قويغان چوقۇم قىلىشقا تىگىشلىك  ئىشنى ھېچنىمىگە قارىماي قىلىش
2.        قىلغان ئىكەنمەن، چوقۇم ياخشى قىلىشىم كېرەك.
3.        بىرەر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالغاندا، دەرھال بېرىپ كىتاپ ئاختۇرماي،ئىمكانقەدەر ئۆزى ئويلىنىپ تېپىش كېرەك.
4.        ھەر قېتىم چوڭ مىڭىمىزنى پۈتۈن كۈچ بىلەن خىزمەت قىىلىشقا مەجبورلاش  كېرەك.
5.        مەڭگۈ ئاۋازلىق ھالدا ( ئۈن چىقىرىپ)  ئوقۇش ۋە  ئويلاش كېرەك.
6.        سىزگە دەخلى قىلغان كىشىگە دەخلى قىلغانلىقىنى ئېيتىشتىن خىجىل بولماڭ، ئۇلارغا ئالدىن بىشارەت بېرىپ قويۇڭ، ئەگەر بىلمىسە، ئۇلاردىن ئەپۇ سوراڭ، ئاندىن ئۇلارغا ئېيتىڭ.
كىشىلىك ھاياتنىڭ مەقستى نېمە؟ ئاخىرىدا مەن مۇنداق بىر يەكۈننى چىقاردىم : كىشىلىك ھاياتنىڭ مەقسىتى بارلىق ئىمكانىيەت ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بارلىق نەرسىلەرنىڭ  ئومومىيۈزلۈك تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن تۈرتكە بولۇش.

1851- يىل   23 ياش

مەن نۇرغۇن يىللارنى بىكار ئۆتكۈزىۋەتتىم، دەسلەپتە ئاقسۆڭەكلەر جەمئىيىتىنىڭ خىلمۇ-خىل خوشاللىنارلىق ئىشلىرى( ئەيش-ئىشرەتلىرى) ئىچىگە چوكۈپ كەتتىم، كېيىن روھىمنىڭ قۇپقۇرۇق ئىكەنلىكىنى، رەسىمى ئىشلارغا، ئۆزۈم خىزمەت دەپ قاراپ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دەخلى قىلىپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ئۇزۇندىن بېرى بېشىم قېتىۋاتقان ئىشى شۇكى ،   مەندە ھايات نىشانىنى بەلگىلەيدىغان قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن ئۇرغۇپ چىققان ھېس-تۇيغۇ ۋە ئىدىيە يوق ئىدى، نېمىلا بولسۇن مېڭىپ تۇرۇپ كۆرىۋاتقانىدىم. ھازىر مەن قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن چىققان ئىدىيە ۋە مەڭگۈلۈك نىشاننى تاپقاندەك بولدۇم، ئۇ بولسىمۇ ئىرادىنى چىڭىتىشتىن ئىبارەت. ( ئاشۇرۇش ) .مەن ئاللىقاچان بۇ نىشان ئۇچۈن تىرىشىشقا باشلىدىم، پەقەتلا ئەمدىلەتىن بۇنى ھېس قىلىپ يەتكەنىدىم. بۇ ھەرگىزمۇ ئاددىي مەنادىكى ئىدىيە ئەمەس ئىدى، بەلكى روھىم بىلەن زىچ بىرلەشكەن ئىدىيە ئىدى.
مەن ھەۋىسىمنىڭ ئاساسەن ئىككى خىل ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بىرسى بەسلىشىشكە ئامراق،يەنە بىرى ماختىنىشقا ئامراق،  ماختانچاقلىقنىڭ ( ئابرويپەرەس، شۆھرەتپەرەسلىكنىڭ) ئىپادە-شەكىللىرى خىلمۇ-خىل، مەسىلەن ئالايلۇق، ئۆزىنى ئىپادىلەش، يىنىكلىك قىلماق، پىسەنت قىلماسلىق (ئېغىر ئالماسلىق) قاتارلىقلار، شۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ بەك خەتەرلىك ھېساپلىنىدۇ.
بەخت ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ، خەير-ساخاۋەت قىلىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغانلارنىڭ بەختى ۋە شۆھرەتپەرەسلىككە ئىنتىلىدىغانلارنىڭ بەختى. ئالدىنقى تۈردىكى بەخت بولسا خەير-ساخاۋەت ئىشلىردىن كەلگەن، ئارقىدىكى بەخت بولسا تەقدىردىن كەلگەن. چوقۇم ساخاۋەتلىك ئىش چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى كېرەك. شۆھرەتپەرەسلىك ئۈستىگە قۇرۇلغان بەخت ھامان بىر كۈنى شۆھرەتپەرەسلىك تەرىپىدىن ۋەيران بولىدۇ ( خاراپ بولىدۇ)، چۈنكى نام-ئاتاق بۆھتان ۋە تۆھمەت تەرىپىدىن گۇمران بولىدۇ. بايلىق ئالدامچىلىق تەرىپىدىن گۇمران بولىدۇ.
1861- يىلى   33 – ياش
ئۆزىنىڭ بەختىنى ماددى شارائىت بىلەن ـــــ ئايالى، پەرزەنتلەر، ساغلاملىق، بايلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئۆزى ئەڭ يامان، قورقۇنچلىق، ئەقىلغە سىغمايدىغان ئىش. ئادەمنىڭ ئايالى، پەرزەنتلىرى بولىدۇ، ساغلام بولىدۇ، لېكىن بەخت بۇنىڭ سىرتىدا.
1897- يىلى 69 ياش
بەزى چاغلاردا سەن بەزىبىر ئىشلارنى ئويلايسەنۇ ، يەنە نېمىنى ئويلىغىنىڭنى ئۇنتۇپ قالىسەن، لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ قانداق خاراكتېردىكى ئوي-خىيال ئىكەنلىكىنى ئېسىڭگە ئالالايسەن ۋە بىلىسەن، بۇ خىياللار تولىمۇ قايغۇلۇق(غەمكىن، مەيۈس)، چۈشكۈن ( روھسىز)، سالماق (ئېغىر ) يەنە تېخى ئادەمنى تېخىمۇ روھلاندۇرىدىغان (جانلاندۇرىدىغان) ئوي- خىياللارمۇ بار. سەن ھەتتا تەپەككۇر جەريانىنىمۇ ئېسىڭگە ئالالايسەن، دەسلىپىدە مەيۈسلىنىپ ئاندىن ئاستا-ئاستا تىنىچلىنىسەن، قاتارلىقلار، بۇ خىل ياد ئېتىش ۋە ئەسلەش دەل مۇزىكا ئىپادىلىگەن مەزموندۇر.  
گۈزەللىك بىلەن ئەخلاقنى  پىشاڭنىڭ ئىككى بىلىكى دېيىشكە بولىدۇ، بىر تەرەپ قانچىكى ئۇزارغانسېرى، شۇنچە يىنىكلەيدۇ،  يەنە بىر تەرەپ قانچىكى قىسقارغانسېرى ، شۇنچە ئېغىرلايدۇ. بىر ئادەم ئەخلاق نىشانىنى يوقاتسا، ئۇ گۈزەللىككە نىسبەتەن شۇنچە سەزگۈر بولۇپ كېتىدۇ.
كىشىلەر شېكىسپىر، بېتخوۋىنغا ھەۋەس قىلغان ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ  زوقلانغىنى شېكىسپىر، بېتخوۋىن كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆز كاللىسىدىكى ئىدىيە ۋە غايىدىن ئىبارەت. بۇ خۇددى ئاشىق -مەشۇقلارنىڭ سۆيىدىغىنى ئوبيېكىتنىڭ ئۆزى بولماستىن، بەلكى ئوبيىكىت پەيدا قىلغان ئۇلارنىڭ قەلبىدە بىر-بىرىگە نىسبەتەن ئۇيغانغان مۇھەببەتكە ئوخشايدۇ. بۇ خىل زوقلىنىش سەنئەتنىڭ ھەقىقى ئەمەلگە ئېشىشى ئەمەس، بەلكى تولۇق چەكسىزلىكنىڭ ئىپادىلىنىشىدۇر.
كۆڭۈللۈك، كىشىنى شادلاندۇرىدىغان، يىقىن مۇناسىۋەت ئارقىسىدا تۇيۇقسىز بىر يۇلتۇز چاقنىدى. بۇ  خۇددى فىكوس دەرىخى تۇيۇقسىز تارقاتقان خۇشپۇراق ھىدقا ئازراق ئوخشايتتى، ياكى ئاي نۇرى يېڭىلا پەيدا قىلغان كۆلەڭگىگە ( داغ) قا ئوخشايتتى. ئۇنىڭدا نە  تولۇپ- تاشقان جۇشقۇنلۇق نامايان قىلىنىدىغان رەڭ يوق.  نە ئېنىق كۆلەڭگە ۋە يورۇق نۇرمۇ يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭدا ئاللىقاچان يېڭى، سېھرىي كۈچكە ئىگە شەيئى پەيدا قىلغان خوشاللىق ۋە قورقۇش بار ئىدى. بۇ گەرچە گۈزەل بولسىمۇ، لېكىن تۇنجى قېتىم ۋە ئاخىرقى قېتىم شۇنداق ئىدى.
1901- يىلى    73- ياش
   كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى، باشقىلارنىڭ ئىدىيىسى، ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى( ھېسسىياتى)، باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە( ھېسسىياتىغا) تايىنىپ ياشايدۇ. ( ئۆز نۆۋىتىدە باشقىلارنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشۈنىپ ئۇنى ئۆزىگە كۆرسەتكۈچ قىلىدۇ.) ئېسىل پەزىلەتلىك ئادەم ئۆزىنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھېسسىياتىغا تايىنىدۇ، پەزىلىتى ناچار ئادەم باشقىلارنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىغا تايىنىدۇ. تۆت خىل پائالىيەتنىڭ ئاساسى، مەقسەت-مۇددىئانىڭ  ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە بىرىكىشى ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى خىلمۇـ خىل پەرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئەمەس، بەلكى باشقلارنىڭ ھېسسىياتىغا تايىنىپ ياشىغان ئادەم ئۆزىنى ئۇنتۇغان ئەخمەق، «ئەۋلىيا»دۇر. بەزى كىشىلەر پەقەتلا ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىغا تايىنىپ ياشايدۇ، بۇ خىل كىشىلەر بولسا ھايۋاندۇر. يەنە بەزى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىگە تايىنىپ ياشايدۇ، بۇ خىل تىپتىكى كىشىلەر بولسا پەيلاسوپلاردۇر، ئالدىن بىلگۈچىلەردۇر؛ ئارىمىزدا يەنە بەزى بىر خىل كىشلەر باركى، ئۇلار باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىگە تايىنىپ ياشايدۇ. بۇ خىل ئادەملەر بىلىملىك دۆتلەردۇر. بۇ ئامىللارنىڭ ئوخشاش بولمىغان كۈچ ۋە ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە ماسلىشىش ۋە بىرىكىش نەتىجىسىدە خىلمۇ-خىل خاراكتېر بارلىققا كېلىدۇ.
قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر ئۈچۈن ئۈزىنى بېغىشلاش كېرەك. ئەلۋەتتە ياردەم بېرىش ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش ئاستاغىنە، يىنىك ۋە كۆڭۈللۈك بولۇشى كېرەك. ئارىمىزدا شۇنداق كىشىلەر باركى، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خالايدۇ-يۇ، لېكىن ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالىمايدۇ. ئۇلار ياردەمنى باشقىلارنىڭ قولى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن ئۇلار توختىماستىن داۋراڭ سالىدۇ، نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىدۇ ھەتتا ئازاپتىنمۇ خالى بولالمايدۇ. مۇشۇنداق غەرەز، مەقسەت بىلەن باشقىلارغا ياردەم قىلغان كىشى ھەم شۆھرەتپەرەسلىكنى خالايدۇ ھەم باشقىلاردىن ئاغرىنىپلا ئۆتىدۇ.
جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇنداق بىر ئىبارىسى بار: « بىلگەننى بىلىمەن دېيىش، بىلمىگەننى بىلمەيمەن دېيىش كېرەك، مانا بۇ ھەقىقى ئاقىلانىلىك.» مەن بۇ ئىبارىگە يەنە تۆۋەندىكىلەرنى قوشۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ: نېمىنى بىلىش كېرەكلىكىنى بىلىش، نىمىنى بىلمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلىش، نېمىنى بالدۇر بىلىش كېرەكلىكىنى بىلىش، نېمىنى كېيىنرەك بىلسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلىش.
1904-يىلى    76 ياش
ئادەم ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ئارقىلىق شەيئىلەرنى ئېنىق تونۇشى كېرەك. مەن ئۆزۈمنى تولۇق چۈشىنىمەن، ئۆزۈمنىڭ بارلىقىنى، تۇغۇلغاندىن تارتىپ تاكى ئۆلۈم پەردىسى يېپىلغانغا قەدەر ئارىلىقتىكى ئۆزۈمنى تولۇق چۈشىنىمەن. مەن ئۆزۈمنى چۈشىنىمەن، چۈنكى مەن دېگەن مەن. بۇ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك بىلىم يكى ئەڭ توغرا ئاتاشتۇر، ئەڭ چوڭقۇر بىلىمدۇر. نۆۋەتتىكى يەنە بىر خىل بىلىم بولسا، ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىم بولۇپ، بۇ تاشقى كۆرۈنىشتىكى بىلىمدۇر. مەن ھېس قىلغان نەرسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلىمەن، لېكىن ئۇنى چۈشۈنىش ئۆزۈمنى چۈشەنگەنگە ئوخشىمايدۇ. مەن ئۇنىڭ ( ھېس-تۇيغۇ) ئۈزۈمچىلىككىنى ۋە ئېڭىنى بىلمەيمەن. ئۈچۈنچى خىل بىلىم تېخىمۇ يۈزەكى ، ئۇ ئىدراك ئارقىلى ئېرىشكەن بىلىمدۇر، ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇسىغا تايىنىپ چىقارغان ئەقلىي يەكۈن بىلىمى ياكى باشقىلار تىل ئارقىلىق تارقاتقان بىلىم ــ ھۆكۈم، تىل، يەكۈن، ئۈگىنىشتۇر.
1. مەن ھەسرەتلەنمەكتىمەن، ئازاپلانماقتىمەن، غېرىپلىق ھېس قىلماقتىمەن، شادلانماقتىمەن. بۇنىڭغا قىلچە گۇمان (شۈبھە)كەتمەيدۇ.
2. مەن روخسارگۈلنىڭ خۇشبۇي ھېدىنى پۇرىدىم، نۇر ۋە قاراڭغۇنى كۈردۈم  دېگەندەك . بەلكىم بۇنىڭ ئىچىدە ئازراق خاتالىق بولىشى مۇمكىن.
3. مەن يەر شارىنىڭ يۇمىلاقلىقىنى ھەم ئۇنىڭ توختماستىن چۆرگىلەۋاتقانلىقىنى بىلىمەن، ياپونىيە ھەم مادىگاسكار ئارىلى قاتارلىقلارنى بىلىمەن، بۇلارنىڭ ھەممىسى گۇمانلىقتۇر.
     مېنىڭچە، ھايات ئىككىنىچى ۋە ئۈچۈنچى خىل بىلىمنىڭ بىرىنچى خىل بىلىمگە ئۆزىگىرىشىدۇر، بۇ شۇ ئادەمنىڭ ھەممىنى ھېس قىلىشىغا باغلىقتۇر.
سەن ئۇچراشقان چەمبىرەك، نەق مەيداندا بار ياكى شۇ مەيداندا يوق كىشىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاندا، روھىي جەھەتتىن ئۆزۈڭنى يوقۇرى كۆتۈرىدۇ ياكى چۈشۈرىدۇ.
1910 يىلى 82 ياش  ( ۋاپات بولىدىغان يىلى )
باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىگە تايىنىپ ياشاۋاتقان  كىشىلەر ئەمگەكچىلەرگە رەھمەت ئېيتمايدۇ، ھالبۇكى، ئەمگەكچىلەر ئۆزلىرىگە تايىنىپ ياشاۋاتقان كىشىلەرگە رەھمەت ئېيتىدۇ، بۇ نېمەدېگەن بىمەنىلىك- ھە !

تەرجىمە مەنبەسى:
كىلاسسىك ئېسىل ئەسەرلەر (ئەسەرلەباغچىسى)2011-يىلى5-سان(6بەت)
ئاپتورى: لېف.تولسىتوي ( روسىيە)
تەرجىمە قىلغۇچى : ئەلنۇر  ( كۆكبىليارتئاي)

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-29 13:52:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆكبىليارتئاينىڭ بۇ تەرجىمە ئەسىرىنى «دۇنيا ئەدەبىياتى»ژورنىلىدا كۆرۈپ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم. بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ شۇنداق خۇرسەن بولدۇم. تەرجىمە ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-1-29 14:12:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلنۇرنىڭ مۇشۇنداق ياخشى تېمىنى تەرجىمە قىلغانلىقىغا تەشەككۈر.
لىف.تولىستوي خېلى كىچىك ۋاقىتلىرىدىلا چوڭقۇر پىكىرلەرنى يۈرگۈزگەن ئىكەن ھە ؟دەرۋەقە ھەممىگە تونۇشلۇق مەشھۇر كىشىگە ئايلانغىنى بىكار ئەمەسكەن.

ۋاقتى: 2013-1-30 12:33:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك !!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-30 12:33  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش