كۆرۈش: 1081|ئىنكاس: 0

مۇھەممەد كامال

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
2010729203438201072841204clip_image002[1].jpg
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي، 1958- يىلى 5- ئاينىڭ 10-كۈنى گۇما ناھىيىسىنىڭ كۆكتېرەك يېزا كۆكئوتاغ كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن.1983-يىلى قاراقاش دارىلمۇ ئەللىمىن مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن.گۇما ناھىيە كۆكتېرەك يېزا ئوتتۇرا مەكتەپ،گۇما ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئەرزىيەت ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن.ھازىر گۇما ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىدە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.

     ئۇنىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1983-يىلى 31-ئىيۇل<<خوتەن گېزىتى>>دە ئېلان قىلىنغان <<ھايات ئۈنچىلىرى>> ناملىق چاتما شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ،ھازىرغىچە<<تارىم>>،<<يېڭى قاشتېشى>>، <<جۇڭگۇ مىللەتلىرى>>،<<ئاقسۇ ئەدەبىياتى>>،<<شىنجاڭ گېزىتى>>،<<ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى>>، <<قۇمۇل ئەدەبىياتى>>قاتارلىق 18 خىلدىن ئارتۇق گېزىت-ژۇرنالدا 500 پارچىدىن كۆپرەك شېئىر، باللادا، داستان، 50 پارچىغا يىقىن ھېكايە، نەسىر،فىليەتون، 30 پارچىدن ئارتۇق ئەدەبى ئوبزور ۋە نەزىرىۋى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.

     <<غەزەللەر>>،<<زۇغۇيلار پەلسەپىسى>>،<<شېئىرلار>> ،<<تۈنەيدۇ شائىرنىڭ بېشىدا ئالقىش>> قاتارلىق تۆت گۇرۇپپا شېئىرى،<<كۆيگەن ئەقىدە>>ناملىق ھېكايىسى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى سىلىشتۇرۇپ باھالاشتا مۇكاپاتلانغان. 1994-يىللىق 4- سان «تارىم»ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «ئىلھامغاباي كېچىلەر» ماۋزۇسىدىكى بىرگۇرۇپپا شېئىرى 6-قېتىملىق،<<يېڭى قاشتېشى>> ژۇرنىلىنىڭ 2006- يىللىق 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان <<ئەقىدە ئىگىلسە، يۈرىكىم كۆيۈك>> ماۋزۇسىدىكى بىر گۇرۇپپا شېئىرى 15-قېتىملىق <<شىنجاڭ خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئىرىشىپ مۇكاپاتلانغان. «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2002- يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان«ئەھمەتشاھ قاراقاشى بىلەن نەزەر مۇفتىنىڭ دوستلۇقى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» ناملىق ئىلمىي ماقالىسى ئەخمەتجان ئابدۇللا نامىدىكى «تارىم دولقۇنلىرى»ناملىق ئەدەبىي مۇكاپاتقا،<<يېڭى قاشتېشى>> ژۇرنىلىنىڭ 2002- يىللىق 5- سانىغا بېسىلغان<<دارنى ئاستىم قەلبىمگە مىڭ رەت>> ماۋزۇسى ئاستىدىكى بىر گۇرۇپپا شېئىرى كېرەم ئىمىن نامىدىكى«قاشتېشى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا،<<يېڭى قاشتېشى>> ژۇرنىلىنىڭ2007-يىللىق 5- سانىغا بېسىلغان<<ئەپسۇسلىنىش>> ناملىق فىليەتونى ئالىمجان سادىق نامىدىكى <<فىليەتون ئىجادىيىتى>> مۇكاپاتىغا ئىرشكەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 14:39  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش