قەشقەر كوچىلىرىغا ساياھەت
يى ئاجۈ (پۇمى مىللىتى)
-پەرھات تۇرسۇنغا بېغىشلايمەن
مەكتەپ فورمىسى كېيگەن بىر قىزچاق، پىژغىرىم ئىسسىقتا
سەكرىگىنىچە چىقىپ كەلدى بىر تار كوچىدىن
گويا بىز تۈزگەن روھ سېپىدىكى
سەپنى بۇزۇپ جازالانغان كىچىك بالىدەك، چۈنكى نۇرغۇن قېتىم مەنمۇ
ئۆلگەن ئىدىم سەپنىڭ رەتلىكلىكى ۋەجىدىن.
كىشىلەرنى قىزدۇرىۋاتقان كۆيدۈرگۈچ قۇياش
ۋۇجۇدۇمدا ئېلىپ يۈرگەن ئالۋاستىنىڭ
ئاستا – ئاستا ئايان قىلدى ئەپتى بەشىرىسىنى.
مەن بۇ ناتونۇش جايدا
ھېلىلا ئۇنى كىرگۈزىۋالدىم سۈرەت ئىچىگە
ئۇ بەئەينى مۇكەممەل روھتەك
تارتىنىش بىلەن : ئىسمىڭىز نېمە؟ دەپ سورايتتى مەندىن...
2008-يىل 2-11
ئازاد تەرجىمىسى
|