ئابدۇراخمان قاھار، 1935-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1953-يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل _ ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتۈرگەن. ئۈرۈمچى پىداگوگىكا مەكتىپى، ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەتتە بولغان. 1953-يىلىدىن باشلاپ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1983-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن <<ئىلى دولقۇنلىرى>>(ئىككى قىسىم)، <<ھايات سىرى>>، <<يىراقتىكى كىشىلەر>>، <<ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى>>، <<كۆڭۈل>> قاتارلىق رومانلىرى، ئۇنىڭدىن باشقا 30 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايىلىرى، 10 پارچىدىن ئارتۇق پوۋېستى ئېلان قىلىنغان.
ئۇنىڭ <<ئىلى دولقۇنلىرى>> رومانى 1991-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، <<ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى>>ناملىق رومانى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە 6-نۆۋەتلىك <<تۇلپار>> مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.