مەمتىمىن ھوشۇر «ئەزىم دەريا»رومانى ئۈچۈن تۇرمۇش ئۈگەندى
يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئىككى قىسىملىق«ئەزىم دەريا»(ۋاقىتلىق ئىسىم)ناملىق رومانىنى يېزىپ بولدى.ھازىر ئاخىرقى يەنى 3-قېتىملىق ئۆزگەرتىش بىلەن مەشخۇل بولماقتا.رومان يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن مەمتىمىن ھوشۇر كىتاپنىڭ كوپىيەسىنى ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر،پىشقەدەم مۇھەررىرلەر،ھەتتا غۇلجىدىكى ئۆزى زىيارەت قىلغان پىشقەدەم سالچىلارغىچە ئەۋەتىپ كەڭ ـ كۆلەمدە پىكىر ئالدى.تۆۋەنگە چۈشۈپ قايتا – قايتا تۇرمۇش ئۈگەندى.شۇ ئاساستا ئىككى قېتىم ئەسىرىنى قايتىدىن ئىشلىدى. يازغۇچىمىزنىڭ ئۆز ئەسىرىگە بولغان بۇنداق مەسئۇلىيەتچان روھى ــ ھەممىمىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىگىدەك روھتۇر.
تۆۋەندىكىلەر مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ رومانى ۋە تۇرمۇش ئۈگىنىش جەريانلىرى ھەققىدە ماڭا ئېيتقانلىرى:
«ئىلى دەرياسىدىكى سالچىلار تۇرمۇشىغا بېغىشلانغان‹ئەزىم دەريا›(ۋاقىتلىق ئىسىم) دىگەن رومانىم ئۈچۈن مەن ئالدىنقى يىللاردىن باشلاپ ماتىريال يىققان ئىدىم. ئىلى دەرياسىدا سال ھەيدىگەن سالچىلارنىڭ كۆپىنچىسى دىگۈدەك ئازاتلىقتىن ئىلگىرى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا قاتارلىق يۇرتلىرىدىن مۇزداۋان ئاتلاپ ئىلىغا چىققان ئادەملەر.ئەينى يىللاردا جەنۇبى شىنجاڭ بىلەن ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىردىنبىر يول، ئەشۇ مۇزلۇق چوققىلار، خەتەرلىك جىرالارنى بېسىپ ئۆتىدىغان مۇزداۋان يولى ئىدى.قانچىلىغان ئادەملەر بۇ خەتەرلىك يولدىن ئۆتكىچە توڭلاپ ئۆلگەن ياكى تىك قىيالاردىن غۇلاپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. سالچىلارنىڭ شۇ يىللاردىكى جاپا ـ مۇشەققىتىنى تولۇق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، يولباشلىغۇچى ۋە بىر قىسىم ھەمراھلارنى ئېلىپ، جەنۇپ ۋە شىمال تەرەپلەردىن قەدىمي يوللارنى بويلاپ مېڭىپ تاكى مۇزداۋاننىڭ مۇزلۇق چوققىلىرىغىچە يېتىپ باردىم.
بۇ قېتىم 2011-يىل 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە يەنە تۆۋەندە بولدۇم.پىشقەدەم سالچى ئىبراھىمجان ۋە ئورمان مەسئۇللىرىنىڭ ھەمرالىقىدا ئىلى دەرياسى ئېقىنىنى بويلاپ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قاراكۆل، ئاغيار قاتارلىق جايلىرىدىن باشلاپ تېكەس، توققۇزتارا،غۇلجا ناھىيەلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ تاكى غۇلجا شەھىرىگىچە بولغان نەچچە يۈز كېلۇمېتىر يولنى نەچچە باستىم. بۇ ئەينى يىللىرى سالچىلارنىڭ ئىلى دەرياسىدا سال ئېقىتىپ ماڭغان يولى ئىدى.بىز ماشىنا ماڭالىغىدەك يەرلەردە ماشىنا بىلەن ماڭدۇق.بەزى يەرلەرنى ئاتلىق ۋە پىيادە باستۇق.دەريا ئېقىنىدىكى ئەينى يىللاردا سالچىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ سالغان دەھشەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ئەگمە، قورام تاشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق.
ھازىر ئىلى دەرياسىدا سال مېڭىشتىن توختىغىلى 30 يىلچە بولۇپ قالدى.ئىلگىركى پىشقەدەم سالچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ساناقلىقلا ئادەملەر ھايات ياشاپ تۇرۇپتۇ، ئۇلارمۇ پىنسىيەلەرگە چىقىپ، تەرەپ – تەرەپكە تاراپ كېتىشكەن ئىدى.بۇ قېتىم ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ 20 گە يېقىن سالچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردىم. قىممەتلىك خاتىرىلەرنى قالدۇردۇم.بۇ ئىزدىنىشلەر جەريانىدا يېڭى – يېڭى ئىلھام،يېڭى – يېڭى تەسىراتلارنى ئالدىم.ئەلگە، تۇرمۇشقا يېقىن بولۇشنىڭ ئەمىلى ئۈنۈمىنى كۆردۈم.»
بۇ روماننىڭ 2012-يىلى 5-ئايلاردا نەشردىن چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر تۇرمۇش ئۈگىنىش جەريانىدىكى مەمتىمىن ھوشۇر:
ئىلى دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا
غەربىي تەڭرىتاغ ئورمان ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىللە
خاتىرە قالدۇرۇش
سال بۇ يەرلەردىن ئۆتكەن
پىشقەدەم سالچى بىلەن بىللە
توققۇزتارا چاچى يايلىقىدا
ئاقسۇ باي ۋە ئىلى موڭغۇلكۈرەلەردىن مۇزداۋانغا سەپەر