كۆرۈش: 6879|ئىنكاس: 9

مەمتىمىن ھوشۇر

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
213045553r28dtrc3d5q2d.jpg

مەمتىمىن ھوشۇر، 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. غۇلجا شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى ئىدارىسىدا خىزمەتچى، ئىلى ئوبلاستلىق ئەدەبىيات _ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، كەسپىي يازغۇچى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىئىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتى 5-نۆۋەتلىك ھەيئەت رىياسەت ئەزاسى، 6-نۆۋەتلىك رىياسەت ئەزاسى،7-نۆۋەتلىك پەخرى ھەيئەت  بولۇپ ئىشلىگەن.


         مەمتىمىن ھوشۇر،  1965-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1985-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئۇنىڭ «قۇم باسقان شەھەر»، «نەي ئاۋازى»، «كونا ـ يېڭى ئىشلار»، «ئۆلۈككە خەت»، «سالام ھېسام ئاكا»، «ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى»، «ئوت كەتكەن دەريا»، «قىرلىق ئىستاكان»، «بۇرۇت ماجىراسى»،«بۇ چۈش ئەمەس»،«نۇزۇگۇم»،«يىللار شۇنداق ئۆتكەن»،«ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخى بايانى»،«قىرلىق ئىستاكان»،«ئايخان» (16پارچە)قاتارلىق رومان، پوۋېست، ھېكايىلار توپلاملىرى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق تىللىرىدا نەشر قىلىنغان. «بۇ چۈش ئەمەس» ناملىق ھېكايىلار  توپلىمى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. «ساۋاقداشلار»، «بۇرۇت ماجىراسى»، «خەيرىلىك سەھەر»، «مۇساپىرلار قاۋىقىدا»، «كۈز يامغۇرى»، «ئۆلۈككە خەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شىنجاڭدىكى تۇرلۇك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +48 يىغىش سەۋەبى
نازلى + 48

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-3 21:49:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قىرلىق ئىستاكان»، «بۇرۇت ماجىراسى»_ ئوقۇغانسىرى ئوقۇغۇسى كېلىدىغان ئەسەرلەر بۇ.
«قىرلىق ئىستاكان»بۇ ھېكايىلەر توپلىمىنى نەچچە قېتىم ئوقۇدۇم.

ۋاقتى: 2012-4-3 22:34:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2012-4-4 06:33:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tasadduk يوللىغان ۋاقتى  2012-4-3 22:34
ئۇستازنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغاي! ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ بۇ تۇۋ ...

ئۈرۈمچىگە كەلسىڭىز مېنىڭ ئىزدەڭ! ئۇ بەكمۇ تەكەللۇپسىز ئادەم، ئۇ ئارزۇنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ.

ۋاقتى: 2012-4-4 06:47:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىمىن ھوشۇر «ئەزىم دەريا»رومانى ئۈچۈن تۇرمۇش ئۈگەندى

     يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئىككى قىسىملىق«ئەزىم دەريا»(ۋاقىتلىق ئىسىم)ناملىق رومانىنى يېزىپ بولدى.ھازىر ئاخىرقى يەنى 3-قېتىملىق ئۆزگەرتىش بىلەن مەشخۇل بولماقتا.رومان يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن مەمتىمىن ھوشۇر كىتاپنىڭ كوپىيەسىنى ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر،پىشقەدەم مۇھەررىرلەر،ھەتتا غۇلجىدىكى ئۆزى زىيارەت قىلغان پىشقەدەم سالچىلارغىچە ئەۋەتىپ كەڭ ـ كۆلەمدە پىكىر ئالدى.تۆۋەنگە چۈشۈپ قايتا – قايتا تۇرمۇش ئۈگەندى.شۇ ئاساستا ئىككى قېتىم ئەسىرىنى قايتىدىن ئىشلىدى. يازغۇچىمىزنىڭ ئۆز ئەسىرىگە بولغان بۇنداق مەسئۇلىيەتچان روھى ــ  ھەممىمىزنىڭ ئۈگىنىشىمىزگە ئەرزىگىدەك روھتۇر.

    تۆۋەندىكىلەر مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ رومانى ۋە تۇرمۇش ئۈگىنىش جەريانلىرى ھەققىدە ماڭا ئېيتقانلىرى:

    «ئىلى دەرياسىدىكى سالچىلار تۇرمۇشىغا بېغىشلانغان‹ئەزىم دەريا›(ۋاقىتلىق ئىسىم) دىگەن رومانىم ئۈچۈن مەن ئالدىنقى يىللاردىن باشلاپ ماتىريال يىققان ئىدىم. ئىلى دەرياسىدا سال ھەيدىگەن سالچىلارنىڭ كۆپىنچىسى دىگۈدەك ئازاتلىقتىن ئىلگىرى جەنۇبى شىنجاڭنىڭ قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا قاتارلىق يۇرتلىرىدىن مۇزداۋان ئاتلاپ ئىلىغا چىققان ئادەملەر.ئەينى يىللاردا جەنۇبى شىنجاڭ بىلەن ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىردىنبىر يول،  ئەشۇ مۇزلۇق چوققىلار، خەتەرلىك جىرالارنى بېسىپ ئۆتىدىغان مۇزداۋان يولى ئىدى.قانچىلىغان ئادەملەر بۇ خەتەرلىك يولدىن ئۆتكىچە توڭلاپ ئۆلگەن ياكى تىك قىيالاردىن غۇلاپ كېتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان. سالچىلارنىڭ شۇ يىللاردىكى جاپا ـ مۇشەققىتىنى تولۇق يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، يولباشلىغۇچى ۋە بىر قىسىم ھەمراھلارنى ئېلىپ، جەنۇپ ۋە شىمال تەرەپلەردىن قەدىمي يوللارنى بويلاپ مېڭىپ تاكى مۇزداۋاننىڭ مۇزلۇق چوققىلىرىغىچە يېتىپ باردىم.
   بۇ قېتىم 2011-يىل 5-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە يەنە تۆۋەندە بولدۇم.پىشقەدەم سالچى ئىبراھىمجان ۋە ئورمان مەسئۇللىرىنىڭ ھەمرالىقىدا ئىلى دەرياسى ئېقىنىنى بويلاپ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ قاراكۆل، ئاغيار قاتارلىق جايلىرىدىن باشلاپ تېكەس، توققۇزتارا،غۇلجا ناھىيەلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ تاكى غۇلجا شەھىرىگىچە بولغان نەچچە يۈز كېلۇمېتىر يولنى نەچچە باستىم. بۇ ئەينى يىللىرى سالچىلارنىڭ ئىلى دەرياسىدا سال ئېقىتىپ ماڭغان يولى ئىدى.بىز ماشىنا ماڭالىغىدەك يەرلەردە ماشىنا بىلەن ماڭدۇق.بەزى يەرلەرنى ئاتلىق ۋە پىيادە باستۇق.دەريا ئېقىنىدىكى ئەينى يىللاردا سالچىلارنىڭ ھاياتىغا خەۋىپ سالغان دەھشەتلىك ئېقىن، خەتەرلىك ئەگمە، قورام تاشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق.
ھازىر ئىلى دەرياسىدا سال مېڭىشتىن توختىغىلى 30 يىلچە بولۇپ قالدى.ئىلگىركى پىشقەدەم سالچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ساناقلىقلا ئادەملەر ھايات ياشاپ تۇرۇپتۇ، ئۇلارمۇ پىنسىيەلەرگە چىقىپ، تەرەپ – تەرەپكە تاراپ كېتىشكەن ئىدى.بۇ قېتىم ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ 20 گە يېقىن سالچى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردىم. قىممەتلىك خاتىرىلەرنى قالدۇردۇم.بۇ ئىزدىنىشلەر جەريانىدا يېڭى – يېڭى ئىلھام،يېڭى – يېڭى تەسىراتلارنى ئالدىم.ئەلگە، تۇرمۇشقا يېقىن بولۇشنىڭ ئەمىلى ئۈنۈمىنى كۆردۈم.»

بۇ روماننىڭ 2012-يىلى 5-ئايلاردا نەشردىن چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

    تۆۋەندىكى سۈرەتلەر تۇرمۇش ئۈگىنىش جەريانىدىكى مەمتىمىن ھوشۇر:

ئىلى دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا

غەربىي تەڭرىتاغ ئورمان ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بىللە

خاتىرە قالدۇرۇش

سال بۇ يەرلەردىن ئۆتكەن

پىشقەدەم سالچى بىلەن بىللە

توققۇزتارا چاچى يايلىقىدا

ئاقسۇ باي ۋە ئىلى موڭغۇلكۈرەلەردىن مۇزداۋانغا سەپەر

ۋاقتى: 2012-4-4 06:51:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەرھات ئىلياسنىڭ كونا مۇنبەردىكى ئىنكاس يازمىسى ۋە يوللىغان سۈرىتى:

مەن مەمتىمىن ھوشۇر ئاكا بىلەن مۇز داۋان سەپىرىدە بىللە بولالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن. بۇ قېتىملىق سەپەر مەن ئۈچۈن ئىنتايىن جانلىق بىر دەرس بولۇپ قالدى. مەمتىمىنكامنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىشتىكى ئەستايىدىللىقى، كەمتەرلىكى، چىقىشقاق، خۇشچاقچاق مىجەزى مەنىۋىيىتىمدە كۈچلۈك سىلكىنىش پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ قەلبىمدە پەيدا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىغا، ئۇنىڭ بىلەن سەپەرداش بولۇش جەريانىدىكى قايىللىىم بىرلىشىپ مەمتىمىن ھوشۇر ئاكا ئىجادىيىتىنىڭ قىممىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم. قىسقىسى، بۇ ئۇستاز كالاننىڭ مەيلى ئىجادىيەتتە تۇتقان خاس يولى ياكى ئادىمىيلىك پەزىلىتى جەھەتتە بولسۇن بىز ياشلار ئۆگىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئېسىل تەرەپلىرىنى ھېس قىلدىم. ئۇستازغا بولغان ھۆرمىتىمنى ئىپادىلەش ۋەجىدىن شۇ چاغدا تارتىلغان رەسىملەردىن بىرنەچچىنى يوللاپ قويدۇم:

مەمتىمىن ھوشۇر ئاكا بايدىكى بىر قىسىم ئاپتورلار بىلەن بىللە






ۋاقتى: 2012-4-4 06:52:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پەرھات ئىلياسنىڭ كونا مۇنبەردىكى يوللىغان سۈرىتى:





موڭغۇلكۈرە ئارشاڭغا مېڭىش يولىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە ئويۇلغان خاتىرە تاشنى كۆرمەكتە.


خان يايلاقتا (ئوڭدىن سولغا پەرھات ئىلياس، مەمتىمىن ھوشۇر، موڭغۇلكۈرە شوتا يېزىسىدا تۇرۇشلۇق پېشقەدەم داۋانچى رەھىمجان ئاكا)


توغراسۇ بويىدا


خادا مۇزداۋان بويىدىكى شىپالىقتا


مۇزارت قىنىدا


مۇزارت قىنىدا


قونالغۇ




ۋاقتى: 2012-4-4 06:58:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ يېڭى رومانى «سالچىلار» دىگەن نام بىلەن بۇ يىل شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرياتىدىن چىقىدىغان بولدى، بۇمۇ 2012-يىلىدىكى ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر خاسىيەتلىك ئىش بولۇپ قالغۇسى!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +600 يىغىش سەۋەبى
ئايشەم1 + 600 --------

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2012-4-4 12:00:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەمتىمىن ھۇشۇر ئاكىنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ،ئىجادىيەتلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق ، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-4-5 16:27:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
95-يىلى مەن بۇيازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن تۇنۇشقان ئىدىم، ۋە بىراقلا« مەمتىمىن ھۇشۇر» جىنى چاپلىشىپ، مەمتىمىن ھۇشۇر ئەسەرلىرگە سەۋدا بولدۇم، شۇئاساستا بىرقىسىم يۇمۇرستىكىلىققائىگە، ۋەقەلىكى جەھەتتىنمۇ بۇيازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنى دوراپ بىربۈلۈك ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدىم ۋە بەزى «خېلى بۇلىدىكەن» دېگەن گەپلەرگە ئىرىشتىم. 16يىل ئۈگۈنۈپتىمەن، 16يىل مەمتىمىن ھۇشۇرئۈستىدە ئىزلىنىپتىمەن، ئەڭ ئاخىرداچىقارغان يەكۈنىم شۇبوپتۇكى، ئىككىنجى مەمتىمىن ھۇشۇر ئىنتايىن تەستە چىقىدىغان ئوخشايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ سالامەت بۇلۇڭ مەمتىمىن ھۇشۇركا.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش