ئايشەم ئەخمەت، 1942-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان. 1958-يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى،«قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1963-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1994-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:«ئۆچمەس ئىزلار»، «قارا چامادان»، «يولدا»، «مېھرىبانۇ چىنۋاڭ»، «ئېلزات مۇئەللىم»، «كۆلەڭگە»، «ئارىتام»، «ئالتۇن قازغۇچى»، «ياچىۋەك»، «تۇيۇق يول» قاتارلىق تارىخى رومان، ھېكايە ـ پوۋېستلار توپلىمى ۋە تارىخى دىراممىلىرى بار. ئەسەرلىرى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 2-3-4-5-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپات»غا ۋە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسى تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.