ياشاۋاتىمەن دېمەك
ئەزىز نەسىن
ئەنسىرەۋاتىمەن ئۆزۈمدىن
بېىشىمغا بىر قازا كەلدىمۇ
ئۆلدۈممۇ ۋە ياكى ھاياتمۇ
ھېچ خەۋەر يوق ئۆزۈمدىن
بۇ سەھەر ئىشىكىمنى چەكتىم
ئىشىكنى ئاچقان ئۆزۈم
بىر ھازا ئۆزۈمگە باقتىم
بۇ كۈلگۈنچەك يۈز مەندىم
ئېھ، نېمە دېگەن گۈزەل بىر سەھەر
بۈگۈنمۇ ياشاۋاتىمەن دېمەك
ئۆزۈمدىن باشقا يوق ھېچكىمىم
مېنىڭ غېمىمنى يېگۈدەك.
ئۆلۈمگە تىز پۈكمەك
ئۇخلىغىلى ئەمەس
چۈشلىرىمگە كېتىۋاتىمەن
ئۇيەردە ياشايمەن خالىغىنىمچە
ئويغاقلىقىمدا ھېچ ياشىيالمىغانىدىم
ھەممىسى ياش ئىدى گۈزەلدى
سۆيدۈم سۆيۈلدۈم دەپ ئالدىنىپ
ئاخىرىدا كۆرگىنىم ئۇلار بولىدۇ
بۇنچە يىلدۇر سۆيگۈگە
بەرداشلىق بېرەلمىگەنىدىم
ئۆلۈمگە ئەمەس
چەكسىزلىككە كېتىۋاتىمەن
ئۇيەردە ئارام ئالىمەن خالىغانچە
ھاياتىمدا ھېچبىر
ئارام ئالالمىغانىدىم
قەلىمىم يەنە قولۇمدا
قەغەزلىرىممۇ ئالدىمدا
ئاخىرقى ئۇيقىسىغا ئېگىلەر بېشىم
نورمال چېغىمدا ھېچ ئەگمىگەنىدىم.
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: يۈسۈپجان مۇھەممەد شاھزاد
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شاھزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-25 13:34