بوغدا ئابدۇللا، 1941-يىلى تۇغۇلغان، 1965-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات پاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ 1956-يىلىدىن باشلاپ ئەسەر ئېلان قىلىشقا باشلىغان. 1982-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «يەلكەن»، «چۈش كۆرىدۇ بىر توپ ئانارگۈل»، «قىز قەلئەسى»، «سالغا تېشى»، «كومزەك كۆتەرگەن قىز»، «يېزىقچىلىق بىلىمى»(ئىلمىي ئەسەر)، « يېزىقچىلىق ماھارىتى»(ئىلمىي ئەسەر) قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ ئايرىم ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى بويىچە «تۇلپار مۇكاپاتى»غا، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات ـ سەنئەت مۇكاپاتى»غا ۋە شىنجاڭدىكى باشقا ئەدەبىيات مۇكاپاتلىرىغا نائىل بولغان.