كۆرۈش: 769|ئىنكاس: 4

رەيھانگۈل داگى: ئەلۋىدا ئۇستا، نامىڭىز مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەلۋىدا ئۇستاز , نامىڭىز مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ

(مەرھۇم ھۈسەيىن ئىمىن ھاجى ئاكىنى ئەسلەپ )
رەيھانگۈل داگى


دىيارىمىز ،قەدىمى مەدەنيەت ئاستانىسى كۈسەننىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى تارىخى ئۈستىدە بىر ئۆمۈر ئىزدەنگەن تەتقىقاتچى ،تەزكىرىچى ،ۋەقەشۇناس ،شائىر ھۈسەيىن ئىمىنھاجى 2012- يىلى 15- ئۆكتەبىر (دۈشەنبە)كەچ سائەت سەككىزدە سەكتە بولۇپ پانىي ئالەمدىن باقىي ئالەمگە رىھلەت قىلدى  .
دەرىخا ،كۈسەن ئاسمىنىدىن مەرىپەتنىڭ بىر نۇرلۇق يۇلتۇزى ئۆچتى .
1942-يىلى كۇچا كونا شەھەر پاختا بازىرى مەھەللىسىدە ئاتاقلىق دىنى زات ،كۇچا مەھكىمە شەرئىينىڭ قازىسى ئىمىن قازىھاجى ئائىلىسىدە تەۋەللۇت قىلغان ھۈسەيىن ئىمىنھاجى بالىلىقىدىلا ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ ،1958- يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «تاڭ سەھەر»ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات كوچىسىغا كىرىپ كەلگەن .
ھۈسەيىن ئىمىنھاجى 1958- يىلىدىن 1962- يىلىغىچە شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتىنىڭ كۇچادا تۇرۇشلۇق گىولوگىيە چارلاش 705- ئەترىتىدە ئىشلىگەن .كېيىن خادىملارنى قىسقارتىشتا ئىلىغا چىقىپ كېتىپ بىر مەزگىل جاھاندارچىلىق قىلغان .كۇچاغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ،دۆلەت ۋە خەلىققە مىسلىسىز بالايى ئاپەت كەلتۈرگەن «مەدىنيەت ئىنقىلاۋى »دا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە يېزىقچىلىق ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان  .1980-يىلىدىن كېيىن قەلىمىنى قايتىدىن قولىغا ئېلىپ ھازىرغا قەدەر «شىنجاڭ گېزىتى »،«تارىم »،«شىنجاڭ مەدەنيىتى »،«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى »،«تەڭرىتاغ »،«قەشقەر ئەدەبىياتى »،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى »،«ئاقسۇ گېزىتى»،«كىرورەن »،«كۆسەن مەدەنىيىتى »قاتارلىق نەشىرى ئەپكارلاردا 150 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، روبائىي ئەقىليەلىرى ،«جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى »،«شىنجاڭ تەزكىرچىلىكى »،«شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى »،«ئويغۇر تىبابەتچىلىكى »،«كۇچا تارىخ ماتېرياللىرى »قاتارلىق نەشرى ئەپكارلاردا يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان كۇچا تارىخى ،مەدەنىيىتى ،دىنىي ۋە پەننىي مائارىپى تىبابەتچىلىگى ،مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ،يول- ئۆتەڭلىرى ،كۇچا تارىخدىكى زور ۋەقەلەر ئاساسى تېما قىلىنغان كۆپلىگەن ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان .بىر قىسىم ماقالىلىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . بىر قىسىم روبائىلىرى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرىسلىگىگە كىرگۈزۈلگەن .
ھۈسەيىن ئىمىنھاجى يۇقىرقىدەك ئەدەبىي ،ئىلمىي ئەمگەكلىرى شەرىپىگە جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر قەلەمكەشلىك جەمئيتى ،شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئيتى ،شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئويغۇر تىبابىتى ئىلمىي جەمئيتى ،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئيتى  ،كۇچا ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئيتىنىڭ ئەزاسى «كۆسەن مەدەنىيىتى »ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى بولغان .نام ـ شەرپى «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر مۇتەخەسىسلىرى قامۇسى »غا كىرگۈزۈلگەن .
ھۈسەيىن ئىمىنھاجىنىڭ ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ،بولۇپمۇ كۇچانىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخى ،مەدەنىيىتى ،دىنىي ۋە پەننىي مائارىپى ،تىبابەتچىلىگى ،ئاسارە- ئەتىقىلىرى ،يەر – جاي ناملىرى ،ئۇنتۇلماس تارىخى ۋەقە -ھادىساتلىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئىلمىي ماقالىلىرى ئۆزگىچە خاسلىققا ،پۇختا ماتىريال ئاساسىغا ،قايىل قىلارلىق ئىلمىيلىككە ئىگە بولۇپ ،دىيارىمىز كۈسەننىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنى ئاپتۇنۇم رايۇن ،دۆلەت ھەتتا چەتئەللەرگە تۇنۇتۇپلا قالماي ،ياش ئەۋلاتلىرىمىزغا بىر دانىشمەن ۋە مىھرىبان ئاتىغا خاس ئەقىل –سەزگۈ بىلەن بىلمىگنىنى بىلدۈرۈپ ،ئۇنتۇغاننى ئېسىگە سېلىپ ،ئۇلارنىڭ ئەقىل كۆزىنى ئېچىپ ئۆتتى . بىز مەلۇم مەنىدىن خىلۋەتتىكى بۇ ئۇستازنى دىيارىمىز كۇچانىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنىڭ ئاچقۇچىنى قولىغا ئالغان تارىخ ۋە تەزكىرە تەتقىقاتچىسى دىيىشكە ھەقلىقمىز .مىسالەن ئۇنىڭ «كۇچادىكى مەدرىسەلەر »،«كۇچا قىغ دۆڭ جامەسىنىڭ تەسىرى ۋە رىمۇنت قىلىنىش جەريانى »،«تەلەمەت ھاشىرى »،«يىپەك يولىدىكى كۇچا ئۆتەڭلىرى »،«كۇچا ناھىيىسىدە يۈز يىلنىڭ ئالدى –كەينىدىكى شەھەر قىياپىتى ۋە بىر قىسىم يەر –جاي ناملىرىدىن خەلقىمىزنىڭ تىرىكچىلىگىگە نەزەر » ،«شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى كۇچا گېئولوگىيەلىك چارلاش 705- ئەترىتى »،«كۇچادىكى داڭلىق تېڭىقچى روزى ئىبراھىم»،« كۇچادىكى ئۆمۈر چولپىنى باقى روزى »،«كۆل قىرغىزلىرى »بۇ پىكرىمىزگە بىر دەلىلدۇر .
ھۈسەيىن ئىمىن ھاجى جاپالىق ئەمما مەنىىلىك  ئۆتكۈز
ەەن يەنى ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە دورىگەرلىك ،خۇسۇسىي دوختۇرلۇق ۋە يېزىقچىلىق بىلەن ئۆتكۈزگەن .ھاياتلىق ئۆمرىدە بىھىساپ رىيازەت ،رەنىچ – مۇشەققەت چەككەن بولسىمۇ زارلانمىغان ، ئۈمۈتۋار ياشىغان . غۇرۇرلۇقلىقى ،ھەق – ناھەق ئالدىدا مۇرەسسەسىزلىكى ،توغرا كىسەرلىكى ،راست سۆزلۈكلىكى مىننەت – تەمەسىزلىكى بىلەن ياشىغان چىن ئىنسان ئىدى . ئۇ پۈتكۈل ئۆمرىنى دىيارىمىز كۇچانىڭ تارىخى ،مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشقا ئاتاپ ،مۈشكۈللەردە تاۋلانغان بىر جاپاكەش شائىرنىڭ ،ۋىجدان -ۋۇجۇدى ئويغاق ،راست سۆزلۈك ،ئىمانى ئەركەك بىر تارىخىچىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ مەڭگۈ ئېسىدە قالغۇدەك بىر تەزكىرچىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەپ يۈزى يورۇق ھالدا بىز بىلەن ۋىدالاشتى .
ھۈسەيىن ئىمنھاجى ئىككى يۈزلىمە ، خوشامەتچى ،كۆتۈرمىكەشلەرگە ئىنتايىن ئۆچ، ناھەقچىلىككە زەربىلىك ھەق سۆزلۈك كەسكىن كىشى بولسىمۇ ،ئۆز پىكىرداشلىرىغا ئىنتايىن ئۇچۇق چىراي ،خۇش پىئېل ،باغرى يۇمشاق ،كەمتەر ،خۇشچاقچاق ،تولىمۇ يۇمۇرلۇق ئىدى .ئۇلۇغ مۇتەپپەكۇر ئەدىپ لۇشۇننىڭ «غەزەپ بىلەن ھومۇيمەن قەبىھ زالىملارغا ،كالا بولۇپ باش ئېگىمەن سەبى بالىلارغا »دىگەن ئۆلمەس شېئىرى ئۇنىڭغا تولىمۇ باب كېلەتتى .ماڭا نىسبەتەن ئەدەبىيات مەيدانىدا ئۇستاز ،ياش جەھەتتە ئاتا ، چوڭ دادا يوللۇق بۇ زاتنىڭ ئاپتۇنۇم رايون ۋە ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدە پىكىرداش دوسلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى .بىز نامىنى ھۆرمەت –سۈيۈنۈش بىلەن تىلغا ئالدىغان ئاتاقلىق شائىر –يازغۇچى تارىخچى ،ژورنالىست –نەشىرياتچىلار كۇچاغا كەلسە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ تار ئەمما مېھرى ئىسسىق كۈلبىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلماي ،دىدارى مۇلاقەت بولماي ئۆتمەيتى .ئۇ ۋە ئۇنىڭ تولىمۇ مېھماندوست ،ئوچۇقچىراي ئايالى زورەم داستىخنىدا بارىنى ئايىماي تۈكۈپ كۈتەتتى .مەنمۇ بىر نەچچە قېتىم بۇنداق دىدارى مۇلاقەتكە نىسىپ بولغان ئىدىم .
شائىر ۋاپات بولۇشتىن ئۈچ ئاي بۇرۇن ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلسەم شۇنداق خۇش بولۇپ كەتتى ۋە «سىڭلىم ،مەيەرگە كەلسىلە سىلىگە كۆرسىتىدىغان نەرسىلەر بار » دىگنىچە تاشقىرقى ئۆينىڭ غول تېمىدىكى قوش قاناتلىق ئىشكاپنى ئاچتى .ئۇ ئىشكاپتىن يازغىلى ئۇزاق بولغان ،قەغەزلىرى كونىراپ سارغايغان نۇرغۇن شېئىر -روبائىسىنى ئوقۇپ بەردى .مەن قىزىقىپ «نىمىشقا شۇنداق ئېسىل شېئىر-روبائىلارنى مەتبۇئاتلارغا بەرمەيلا ؟ »دەپ سورىسام :ــ«سىڭلىم ،شېئىر يېزىشىم ھەرگىزمۇ ئېلان قىلدۇرۇپ نام – ئاتاق ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس ،بەلكى كۆڭۈل سىرلىرىمنى ئىزھار قىلىش »دېگەندى .شۇنداقلا «شېئىر ـــ روھنىڭ پارتىلىشى »، «شېئىر يازمىقىم ھەۋەستىن ئەمەس ،شېئىر ئىشى ـــ ۋىجدان ئىشى بەس ! »دىگەندەك نۇرغۇن ھىكمەتلەرنى ئېيتقان ئىدى . مەندەك .ەدەبىيات كوچىسىغا ئەمدىلا قەدەم ئالغان بىر ھەۋەسكارنى ئۆزۈم ۋە ئەدەبىيات ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا باشلاپ كىرگەن ئىدى .
چاچلىرى پۈتۈنلەي ئاقارغان يېشى يەتمىشتىن ھالقىغان بۇ مويسىپىت شائىر ،تەتقىقاتچىنىڭ شېئىر دىكىلماتسىيە قىلغان ئاجايىپ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ،ھالىتى پەقەت ئېسىمدىن چىقمايدۇ . مەنىلىك سۆھبەتتىن كۈننىڭ كەچ بولۇپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي ئولتۇرۇپ كېتىپتىمەن .خوشلۇشۇش ئالدىدا ئۇستاز ھۈسەيىن ئىمىنھاجىغا «بۈگۈن سىلە بىلەن پاراڭلىشىپ كۆڭلۈم شۇنداق ئېچىلىپ قالدى .سىلىدىن نۇرغۇن بىلىم ۋە تەجىربە –ساۋاققا ئىگگ بولدۇم .بىر كۈنلەردە سىلىدىن ئايرىلىپ قالغاندا بۇ ئۆي ،بۇ كىتاپ ئىشكاپى ،ئوقۇپ بەرگەن شېئىر –روبائىلىرىنى قانداقمۇ ئۇنتارمەن!؟... دەپتىمەن .ئاغزىمدىن سائەت چىقىپ كەتكەندەك ،ھۈسەيىن ئىمنھاجى ئاكا كۈلۈپ كېتىپ ـــ ھاياتىمدىكى بىردىن – بىر خۇشاللىقىم مۇشۇ يازمىللىرىم .تۇرمۇشىمدىكى ئەڭ بەخىتلىك ئۆتكەن كۈنلىرىم يېزىقچىلىق ھاياتىم .ئىچىم پۇشقان ۋاقىتتا مۇشۇ كىتاپلىرىمنى كۆرسەم جىمى خاپىلىقنى ئۇنتۇپ كېتىمەن »دىگەن ئىدى .ئەپسۇس ، بۇ بىزنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق كۆرۈشىشىمىز  بولۇپ قېلىشىمنى كىم بىلسۇن.
«ئەل رەھمىتى خۇدا رەھمىتى »،«خەلىقنىڭ رەھمىتى ھەممە مەڭگۈلۈك شان – شەرەپنىڭ يىلتىزى ،خەلىق كىمنى ئەزىزلەپ ،كىمنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈشنى ئوبدان بىلىدۇ . 2011- يىلى 30- دېكابىر كۇچا «خانكۆۋرۈك »مىللى رېستۇرانىدا كۇچا ناھىيىلىك پارتىكۇم تەشۋىقات بۈلۈمى ،ناھىيىلىك ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ،كۇچا كۆل قىرغىز قېرىنداشلارنىڭ ۋەكىللىرى ،ھۈسەيىن ئىمىنھاجىنىڭ «كۆل قىرغىزلىرى»ناملىق ماقالىسى ئارقىلىق ،كۇچا كۆل قىرغىزلىرىنى خەلقئالەمگە تۇنۇتقانلىقىدىن ئىنتايىن خۇش بولۇپ،مىننەتدارلىغىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن  ئۇنىڭغا تون كىيدۈرگەندى .ھۈسەيىن ئىمىنھاجى بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشتىن شۇنداق خۇش بولۇپ خېلە ئۇزۇنغىچە ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي يۈرگەن ئىدى . ھۈسەيىن ئىمىنھاجىنىڭ يەتتە نەزىرىنى بەرگەن كۈنى يەنە  كۆلدىكى قىرغىزلارنىڭ ۋەكىللىرى نەزىرگە: «ھۈسەيىن ئىمىنھاجى قىرغىز خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات »دىگەن خەت يېزىلغان لەۋھەنى ئېلىپ كېلىپ ،مەرھۇمنىڭ روھىغا دۇئا قىلدى .
ھۈسەيىن ئىمىنھاجى گەرچە يەتمىش ياشقا كىرگەن بولسىمۇ روھى نەۋقىران يىگىتلەردەك كۆتۈرەڭگۈ ، ،جۇشقۇن ، قىزغىن ئىدى . يۇرتىمىز تارىخى ، مەدەنىيىتى،تەزكىرىسى خۇسۇسىدا ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ، تېخى قىلىپ بولالمىغان ،تەتقىق قىلىدىغان نۇرغۇن تېمىللىرى ،ئەمەلگە ئاشمىغان نۇرغۇن ئارزۇ –ئارمانلىرى بار ئىدى .ھازىرغىچە ئامما بىلەن يۈز كۆرۈشمىگەن ئەسەرلىرىنى توپلام قىلىپ چىقارماقچى بولغان كىتابى ،يېزىپ قويۇپ تېخى رەتلەشكە ئۈلگۈمىگەن  ھەرخىل ژانىردىكى يازمىللىرى  شۇ پېتىچە قالدى .چالىسى چالا پېتى قالدى .ئەپسۇس ئۇنىڭ ئارزۇسىغا بويلىشالماي قالدى .
ھۈسەيىن ئىمىنھاجى بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلغان مۇشۇ كۈنلەردە شۇنى ھىس قىلىپ يەتتىمكى ،ھايات ـــ ئۆزىنىڭ ھايات ئىكەنلىگى بىلەن قىممەتلىق ئەمەس ،ــ بەلكى ئۆزىنى سۆيگگن ئىشقا ھاياتىنى بېغىشلاش بىلەن قىممەتلىك ئىكەن ..ھۈسەيىن ئىمىنھاجى پۈتۈن ۋۇجۇدىنى يېزىقچىلىققا بەردى .كۇچا تارىخى ئۈچۈن قان – تەر ئاققۇزدى .يىللار ئۆتكەنسىرى ئۇنىڭ قەدىر- قىممىتىنى يەنىمۇ تۇنۇپ يېتىمىز .
ئەلۋىدا ئۇستاز! ...





ئاپتۇر : كۇچا تەڭرىتاغ تاشيول ئىدارىسى شامالباغ ئاياللار گۇرۇپپىسىدا .
2012—يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنى
كۈسەن مەدەنىيىتى ژورنىلىدا ئېلان بولغان

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-5-29 19:03  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-3-14 03:22:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۈسەيىن ئىمىنھاجىكامنىڭ ۋاپاتى كۇچا تارىخ-تەزكىرە تەتقىقاتى ئۈچۈن چوڭ يوقىتىش!!!!

ۋاقتى: 2013-5-8 12:00:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كۆسەن مەدەنىيىتىدە ئېلا ن قىلىنغىنىنى بىلمەپتىمەن

ۋاقتى: 2015-5-29 18:50:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەھمىيەتلىك تېمىنى كېچىكىپ كۆرگەنلىكىمىدىن خىجىلمەن .رەيھانگۈلنىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن .

ۋاقتى: 2015-5-29 19:06:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
              ياخشىلار ئۇ ئالەمگە كەتسىمۇ ، ياخشى نامى بۇ  ئالەمدە چاقناپ تۇرىدۇ !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش