كۆرۈش: 1576|ئىنكاس: 0

ئابدۇللا ساۋۇت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    2010729171342UFa70368010001253881526[1].jpg    

ئابدۇللا ساۋۇت 1950-يىلى4-ئايدا، ئاقتۇ ناھىيە ئۈجمە يىزا جايتېرەك كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلسىدە تۇغۇلغان.1956-يىلدىن 1966-يىلغىچە جايتېرەك باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئاقتۇ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1972-يىلدىن 1974-يىلغىچە قىزىلسۇ ئوبلاستلىق دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇغان. 1974-يىلى خىزمەتكە قاتناشقان ۋە شۇ يىلى پارتىيگە كىرگەن، 1985-يىلى ئاپتۇنۇن رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 1986-يىلى قىزىلسۇ ئوبلاسىتىلىق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ دائىمى ئەزاسى، يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ موئاۋىن باشلىقى، 1989-يىلى جۇڭگۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمى جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ، 1990-يىلى شىنجاڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى ، 2002-يىلى جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1991-يىلى 2-دەرىجىلىك ئەدەبى ئىجادىيەتچى(مۇئاۋىن پىراففىسور) ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن.
1974-يىلىدىن 1989-يىلغىچە ئاقتۇ ناھيىلىك ناھىيىلىك مەدەنىيەت-مائارىپ بۆلۈمىدە، پارتىكوم ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدا كاتىپ، رادىئۇ ئۇزىلىنىڭ موئاۋىن باشلىقى، رادىيو- تىلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى، ناھيىلىك سىياسىي كىڭەش ئىشخانسىنىڭ موئاۋىن مودىرى،قاتارلىق خىزمەتلەردە بولغان. 1989-يىلدىن 1995-يىلغىچە «شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيتى» نىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1995-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە ئاقتۇ ناھىيىلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىغى، كىيىنچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى بولۇپ ئىشلەپ دەم ئېلىشقا چىققان.
1988-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ئۇنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى«شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى لوغىتى»، «جۇڭگۇ ھازىرقى زامان  ياش يازغۇچىلار قامۇسى»،«شەر*قى دىيار تالانىتلىقلار لوغىتى»، «خەلقئارا مەشھۇر زاتلار قامۇسى(جۇڭگۇ قىسمى) »  قاتارلىق لوغەت قامۇسلارغا كىرگۈزۈلگەن. ئۈچ پارچە شېئىرى، ئۈچ پارچە ھېكايىسى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.  
ئۇ 1973-يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت سىپىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى تۈرلۈك گىزىت-ژۇرناللار، توپلام، مەجمۇئەلەردە 1000پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئەسەرلىرى ئىلان قىلىنغان.
ئۇنىڭ ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا، ئېلان قىلىنغان ھېكايە پوۋستلىرىدىن باشقا 1983-يىلى  بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتىدا «يۇرتۇمدا توي» (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە) ناملىق شېئىرلار توپلىمى، «قانلىق قىرغاق»، «ماڭا ئىجازەت بېرىڭلار»، «دات باسماس قىلىچ»، «مۇھەببەت قارىغۇ ئەمەس»، «قارا كۆز» قاتارلىق پوۋېستلا توپلاملىرى، «تاش بوران»،«سىر يىشىلگەندە» قاتارلىق ھېكايە توپلاملىرى، «چاقماق»، «پۈتمەس سەتىرلەر»، «يۇلتۇز ئەپسانىسى»، «ھاياتلىق زەنجىرى»، «شاراپ بالاسى» قاتارلىق رومانلىرى نەشىر قىلىنغان. «شىراق»،«ئارسلان قۇترايدۇ»،«تەڭرىنىڭ ئوغلى1،2»، «ئەۋلىيا ئوت4،1،2،3»، «كىچىدىكى نەي ئاۋازى»، «ئارسلان قۇترايدۇ»،«ئۇپۇقتا قېتىپ قالغان كۈن»،«تۇمارىس»،«ئۈششۈك ماڭغان كېچە»  قاتارلىق ھىكايە ۋە پوۋسىتلىرى، ۋە «توك كېتىدۇ» ناملىق ساتىرىك شېئىرى  كەڭ جامائەتچىلىك ئىچىدە زور تەسىر قوزغاپ ئوبزۇر ۋە تەقرىزلەر ئېلان قىلىنغان. «شىراق» ناملىق تارىخى ھېكايىسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات يېڭى دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. «پۈتمەس سەتىرلەر» ناملىق رومانى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 3-نۆۋەتلىك كىتاپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ يۇقارقىدەك مول ئىجادىيەت سەمەرىلىرى يېقىندا «ئابدۇللا ساۋۇت ئەسەرلىرى» نامىدا ئون توملۇق ئەسەر بولۇپ نەشىر قىلىندى.يېقىندا ئۇ سالامەتلىك ئەھۋالى ياخشى بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ئوتتەك ئىجادىيەت قىزغىنلىغى بىلەن «ئۈچىنچى يۈز» ناملىق رومانىنى يېزىپ تاماملىدى.
ئۇ 1985-يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن«مۇنەۋۋەر كەسپى تىخنىكا خىزمەتچىسى» بولۇپ باھالىنىپ، 3-دەرىجىلىك موكاپاتقا ئىرىشكەن.
1999-يىلى قىزىلسۇ ئوبلاسىتلىق تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ئوبلاسىتلىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «مۇنەۋۋەر يازغۇچى»  بولۇپ باھالىنىپ، مۇكاپاتلانغان. 2008-يىلى «خانتەڭرى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك دەۋرى چوڭ ئانىسى شەرۋان بۈۋىنىڭ تەربىيسىدە ئۆتكەن. ئۇ ساۋاتلىق، ئۇقۇمۇشلۇق چوڭ ئانىسىنىڭ ۋاستىسى بىلەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ تۈرلۈك ژانىرلىرى ھەمدە كىلاسسىك ئەدەبىيات نامايەندىللىرىدىن ئەلشىر نەۋائى،مەشرەپ،قۇل خوجا ئەخمەت،ھۆۋەيدا،خوجا ھاپىز شىرازى قاتارلىق مەشھۇر كىلاسسىك ئەسەرلەر بىلەن تونۇشقان. شۇ جەرياندا ئاتا ئانىسى ئۇنى بىر ئۇقۇمۇشلۇق موللىدا ئوقۇتقان.  نەتىجىدە  ئابدۇللا ساۋۇت ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تونۇشۇپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى  پىششىق ئۆگەنگەن. بۇ ھال ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ كىيىنكى ئىجادىيەت مۇساپىسىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىن باشلاپلا قوشاق، شىېئر يېزىش مەشقىگە كىرىشكەن بولۇپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا تام گېزىتلىرىدە شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
ئابدۇللا ساۋۇت تالانتلىق شائىر، مول ھوسۇللۇق يازغۇچى بولۇپ ئەسەرلىرىنىڭ تىما دائىرسى كەڭ، مەزمۇنى ساغلام، شەكلى كۆپ خىل ۋە ئۆزگىچە. مەيلى ئۇنىڭ تارىخى تىمىلاردىكى ئەسەرلىرى، يېڭى دەۋىر تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن ئەسەرلىرى ياكى لىرىك ۋە ئىپىك ئەسەرلىرى بولسۇن ئومۇمەن ۋەتەنپەرۋەرلىك، پاك مۇھەببەت، چىن ئىنسانى دوسلۇق ئاساسى تىما قىلىنغان. چاكىنا ناچار ئىللەتلەر قامچىلىنىپ گۈزەللىك ئۇلۇغلانغان.
خەلقىمىز ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ ئىجادى ئەمگەكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، تەقدىم قىلغان مەنىۋى تۆھپىسىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىش يۈزسىدىن 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ناھىيىمىزدە ئۇنىڭ 50يېشىنى، ئىجادى ھاياتىنىڭ 30يىللىقىنى قۇتلۇقلاپ تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچىلار ۋە سەنئەتكارلار قاتناشتى.  بۇ كۈندىكى تەسىرلىك كۆرۈنۈش يازغۇچىغا بولغان ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام  يىغىن قاتناشچىللىرىنى چەكسىز ھاياجانلاندۇردى. بۇنىڭدىن خەلق بىلەن ھەمنەپەس بولۇپ بارلىقىنى ۋەتەن-خەلققە تەقدىم قىلغان شائىر يازغۇچىلارنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى، ئۇلارنىڭ ئەل قەلبىدىكى ئورنىنىڭ يۈكسەكلىگىنى كۆرىۋالغىنى بولىدۇ.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش