جالالىدىن بەھرام، 1942-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1962-يىلىدىن باشلاپ خوتەندە ئوقۇتقۇچى، مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ خىزمەتچىسى، شىنجاڭ خەلق نەشرياتىنىڭ مۇھەررىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. 2007-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.
ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «ئايگۈزەل»، «قەبرە بېشىدىكى چۈش»، «قاچقۇن»، «مېھرىگىياھ»، «ئۇچىرىشىش»، «كۆمۈرچى بالا»، «ئامەت ۋە ئاپەت» قاتارلىق رومان، پوۋېست، ھېكايىلەر توپلاملىرى بار. ئۇنىڭ «مېھرىگىياھ» ناملىق رومانى يېڭى دەۋىردىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، ئايرىم ئەسەرلىرى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.