كۆرۈش: 3916|ئىنكاس: 0

پاشاگۈل ئىسمايىل

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   
扫描我我我.jpg

پاشاگۈل ئىسمايىل تۇردى ھاجى قىزى 1974-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى كۇچادا مەرىپەتپەرۋەر مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.2001-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستوتى جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن. ھازىر كۇچا ناھىيە ئوچا ئوتتۇرا مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىمەكتە.
پاشاگۈل ئىسمايىل تۇردى ھاجى قىزى مائارىپ كەسپىنى قىزغىن سۈيۈپ، مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ ئىشلەش بىلەن بىرگە، چىن ئىخلاس بىلەن بېرىلگەن ئەدەبىي- ئىجادىيەت يولىدىمۇ زور شان- شەرەپلەرگە ئېرىشتى.تۇنجى ئەسىرى   1990-يىللىق ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››ژورنىلى8-9-سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹تاتلىق ھېسلار››، ‹‹زورلىما››،‹‹مۇھاببەت››، ‹‹شاماللار›› قاتارلىق شېئىرلىرى بىلەن ئەدىبى-ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ھازىرغىچە ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››، ‹‹تەڭرىتاغ››، ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى››، ‹‹تارىم››،‹‹شىنجاڭ ئىشچىلار ھەركىتى››ژورنىلى، ‹‹تۇرپان›› ئەدەبىياتى، ‹‹قەشقەر ئەدەبىياتى››، ‹‹ئىلى دەرياسى››، ‹‹تارىم غۇنچىلىرى››،«شىنجاڭ سەنئېتى » ژورنىلى، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››،‹‹ئۈرۈمچى كەچلىك ››گېزىتى،‹‹شىنجاڭ ئىقتىساد» گېزىتى ، « ئاقسۇ گېزىتى » ، « كۈسەن مەدەنىيىتى » قاتارلىق گېزىت- ژورناللارغا 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، 100 پارچىدىن ئارتۇق نەسىر، ھېكايە ۋە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. «گۈلدەستە»،«تارىم ناۋاسى»، ئويغۇرچە- خەنزۇچە توپلام « قەشقەردىكى يەر شارى»،‹‹تارىم باھارى››،  « زېمىننىڭ چۈشى» قاتارلىق توپلاملارغا ئەسەرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. جەمىيەت ۋە قىز- ئاياللار ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلىرىدىن ئىككى پارچىسى «شىنجاڭ ئاياللىرى » ژورنلىرى تەرىپىدىن 1- ۋە 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن. ‹‹ ئاقسۇ ئەدەبىياتى ››ژورنىلى تەرىپىدىن ‹‹قىز يۈرىگى ›› ناملىق ھىكايىسى ۋىلايەت بۇيىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹يىگىتلەر،سىلەر كىم؟بۇ قەيەر؟››ناملىق ماقالىسىغا كۆپلىگەن ئوبزورلار يېزىلىپ،ئېلان قىلىنىپ، جەمىيەتتە كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلغان.يەنە شۇ ژورنالدا ئېلان قىلىنغان ‹‹تەنھا قالغان سۆيگۈ››ناملىق ھېكايىسىغىمۇ ئوبزور ئېلان قىلىنغان.  ‹‹تاتلىق ھېسلار››ناملىق شېئىرى قازاقىستاندا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنغان. ‹‹ ئاپا،ساڭا سۆزۈم بار›› ناملىق نەسىرى تولۇقسىز 2-يىللىق« ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات تەتىل تاپشۇرۇقى» قوللانمىسىغا تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
پاشاگۈل ئىسمايىل تۇردى ھاجى قىزى 1997- يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە كۇچا ناھىيىلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاشاگۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 11:42  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +99 يىغىش سەۋەبى
gulbeden + 99 ئېسىل!

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش