كۆرۈش: 912|ئىنكاس: 0

ئوسمانجان ئۆمەر كارىزچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئوسمانجان ئۆمەر كارىزچى 1976-يىلى پىچان ناھىيىسىدە توغۇلغان. 1999-يىلى شىنجاڭ پىداگوكىكا ئونىۋېرسىتىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان. ھازىرمۇ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شوغۇللىنىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، نەسىر، خەۋەر- ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ «قايىللىق كۈلكە» ناملىق ھېكايىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بويىچە 2- نۆۋەتلىك مۇنەۋۋەر بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاشتا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا،  «بىر تال باشاق» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونوم رايۇن بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن «غۇنچە مۇكاپاتى» ماقالە-ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقاتىغا دائىر «تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىنى ساپا مائارىپىغا يۈزلەندۈرۈشتە ساقلىنۋاتقان بىر قانچە مەسلىلەر» ناملىق ماقالىسى ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى ۋە ساپا مائارىپى» ناملىق ماقالىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقاتى مەركىزى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھان ئۆتكىلى ياردەمچىسى»، «دەرستىن كىيىنكى مەشىقلەرنىڭ پايدىلىنىش جاۋابلىرى» ، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «تىل-ئەدەبىيات، ماس قەدەملىك ئۆگىنىش ۋە سىناق سوئاللىرى» ناملىق بىر يۈرۈش ماتىرىيالنىڭ تاللىما دەرس1،2،3،5 لىرىنى تۈزگەن (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە). شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2009-يىلى نەشر قىلىنغان «ئادەتتكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن تىل –ئەدەبىيات دەرس ئۆلچىمى (تەجرىبە نۇسخا) » نى تۈزىتىش ، تولۇقلاش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىگە قاتناشقان. 2012-يىلى 8-ئايدا ئۇنىڭ «ئېھ، گۈلۈم» ناملىق شېئىر، ھېكايىلەر توپلىمى شىنجاڭ ئونۋېرسېتىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
ئاپتور شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتىىنىڭ كېڭەش ئەزاسى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش