ئىسلامجان شېرىپ بەشكېرەمى1946-يىلى قەشقەر بەشكېرەمدە بىر ئۆلىمائائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1967-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىنىپۈتتۈرۈپ، يەكەن ۋە قەشقەردە ئىلمىي ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەردە بولغان.1987-يىلى قەشقەر ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1980-يىلىدىن 1989-يىلىغىچە قەشقەرئۇيغۇر نەشرىياتىدا مۇئاۋىن باش تەھرىربولۇپ ئىشلىگەن. 1989-يىلىدى باشلاپ «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش تەھرىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭ «ئەقىل ۋە پەزىلەت» «ئادەم ۋە ئىقتىدار»، « كىرىزىس ۋە بەرپاچىلىق»، «تالانتشۇناسلىق»، «ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا»، «تالانت بوسۇغىسى»، «ياشاش سەنئىتى»، «بىلىش ۋە ھەقىقەت» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى؛ «يىلتىز»، «باھار» قاتارلىق رومانلىرى(تەرجىمە) ؛ «غەربىي يۇرت مەدەنىيەت تارىخى»، «دۇنيانىڭ بەش مىڭ يىلى» قاتارلىق تارىخى ئەسەرلىرى (تەرجىمە) ؛ «پەن-تېخنىكا تالانتشۇناسلىقى»، «ئىختىراشۇناسلىق بوسۇغىسى» قاتارلىق تالانت ۋە ئىجادىيەتكە ئائىت تەرجىمە ئەسەرلىرى ھەرقايسى نەشرىياتلار تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان. « ئۆگلۈكنامە» ناملىق سەككىز توملۇق ئەسىرى شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرماقتا.