كۆرۈش: 886|ئىنكاس: 1

توختى باقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
201082111942UFc70207182001253882805[1].jpg
توختى باقى ئارتىشى، 1922-يىلى ئاتۇشتا تۇغۇلغان.شىنجاڭ ئۆلكىلىك پىداگوگىكا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. باسمىخانىدا ھەرپ تىزغۇچى، پىراكتىكانت مۇھەررىر، مۇھەررىر، كاتىپ قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. مەركىزى مىللەتلەر كومىتىتى، مىللەتلەر نەشرياتى، شىنجاڭ گېزىتى، شىنجاڭ خەلق نەشرياتى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. جۇڭگو تەرجىمانلار جەمىئىيىتى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمىئىيىتىنىڭ  ھەيئىتى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سىياسى كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تەرجىمانلار جەمىئىيىتىنىڭ پەخرى باشلىقى. ئالى تەرجىمان.

    ئۇ 1944-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1985-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن: «تۈن يانغاندا»، «پولات قورغان»،«بورانلىق يامغۇر»، «باھار پىلىسى»، «لۇشۈن ئەسەرلىرى»(سەككىز توم) قاتارلىق تەرجىمە ئەسەرلىرى، «لۈشۈن ئەسەرلىرى شىنجاڭدا»، «لۇشۈن ـ تەرجىمە ھەققىدە»، «تەرجىمە تەجىربىلىرىم ھەققىدە سۆھبەت» قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى بار.

     ئۇ تۇنجى نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات ـ سەنئەت مۇكاپاتى» قاتارلىق كۆپ خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كۈرەش بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2012-4-5 02:07:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش