كۆرۈش: 2392|ئىنكاس: 0

ئابدۇرېشىت ئېلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
untitled.bmp
ئابدۇرېشىت ئېلى1973- يىلى 6- ئاينىڭ 27- كۈنى خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1996- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خوتەن ئالىي پېداگوگىكا مەكتىپىدىكى تىل-ئەدەبىيات سىنىپىدا ئوقۇغان.مەخسۇس كۇرس مەلۇماتىغا ئىگە. ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومدا تىل-ئەدەبىيات، يېزىقچىلىق ۋە كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى، ژۇرناللاردا مۇھەررىر، كوررېكتور بولۇپ ئىشلىگەن.

      ئابدۇرېشىت ئېلىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1992- يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان » بىر يۈرۈش شېئىرلىرى بىلەن باشلانغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ گېزىتى»... قاتارلىق 20 خىلدىن ئارتۇق گېزىت-ژۇرنالدا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى؛ 40 پارچىغا يېقىن ھېكايە-نەسرلىرى ؛ 50 پارچىغا يېقىن ماقالىلىرى ۋە ئاخبارات ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 10 نەچچە پارچە شېئىرى ۋە ھېكايىسى ھەر خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «شېئىر بىر كېسەلدۇر ماڭا چاپلاشقان»، «ئىلاھى دەرەخ»، «مۇنچا ۋە باشقىلار»، «بۈگۈنكى زامان ئادىمى»، «چېچەك پەسلى» قاتارلىق شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىغا؛ «ئىچىمدىكى قەشقەر»، «ئۆلۈم» قاتارلىق بەش پارچە شېئىرى ئەرەب تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.

      50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى «قەشقەردىكى يەر شارى»، «سالغا تېشى» (خەنزۇچە كىتاب)، «يۇرۇڭقاش ئۈنچىلىرى»... قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 2007-يىلى قازاقىستاندا چىقىدىغان «مەرىپەت» ناملىق سىلاۋيانچە گېزىتتە 10 نەچچە پارچە شېئىرى بىلەن تونۇشتۇرۇلغان.

       ئابدۇرېشىت ئېلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش