كۆرۈش: 1076|ئىنكاس: 5

تەسەۋۋۇپتا نەپىسنىڭ دەرىجىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
         تەسەۋۋۇپتا ئىنسان نەپسىنى تەرك ئېتىشى ، نەپسى چىرايلىق كۆرسەتكەن نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇپ قەلبىنى پاكلاپ ، ئاللاغا يېقىنلىشىش كېرەك دەپ قارايدۇ . قۇرئاننى ۋە تەسەۋۋۇپنى ئۈگەنگەن ۋە ئۈگىنىۋاتقان كىشىلەر ئاستا – ئاستا نەپسىدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ مىجەز خۇلقىدا ، ئىش ھەركەتلىرىدە بارا –بارا ئۆزگۈرۈش بولۇپ ، ئۆزىنى تەبىئىيلا يامانلىقتىن تارتىدىغان بولىدۇ .
        تەسەۋۋۇپتا ئىنساننىڭ نەپسىنى بىرقانچە دەرىجىلەرگە ئايرىغان بولۇپ ، تۆۋەندە بۇ دەرىجىلەرنى ئايرىم – ئايرىم شەرىھلەپ ئۆتمەكچىمەن .
1. نەفىسى ئەممارە
2. نەفىسى لەۋۋامە
3. نەفسى مۈلھىمە
4. نەفىسى مۇتمائىننە
5. نەفسى رازىييە
6. نەفسى مارزىييە
7. نەفسى كامىلە

1. نەفسى ئەممارە – ئەمارە ئەرەپچە ئالامەت ، نەپىس – مەن، مەنلىك دېگەن مەنىدە بولۇپ ، نەفىسى ئەممارە مەندىكى ئالامەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .بۇ تەسەۋۋۇپتا بۇيرۇق بەرگۈچى ، بۇيرۇق قىلغۇچى نەپىس دېيىلىدۇ . يەنى بۇ ئىنساننىڭ پۈتۈن ئەمىلىنىڭ نەپسىنىڭ قولىدا بولىشى ، نەپسنىڭ قۇلىغا ئايلانغان ، شەيتاننىڭ قۇلىغا ئايلانغان ئىنسانلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ . نەفسى ئەممارەدىكى كىشىلەر ھېچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ ، باشقىلارنىڭ دېگىنىنىڭ ئەكسىنى قىلىدۇ . ئىنساندىكى بارلىق يامانلىقلار نەفىس ئەممارەگە مۇجەسسەملەنگەن ،بۇ پۈتۈن مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ جاھىل ئىنسانلارنىڭ نەپسىدۇر. بۇ نەپسنىڭ ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە بىر نەچچە تۈرگە ئايرىلغان .
⑴ ئاچكۆزلۈك ، تەمەخورلۇق
⑵ نادانلىق ، بىلىمسىزلىك
⑶ يامانلىق ، جىدەلخورلۇق ، ئۇرۇشقاقلىق
⑷ ھەسەت
⑸ ئاچچىقلىنىش ، غەزىپىنى بېسىۋالالماسلىق
⑹ پىخسىقلىق ، جازانىخورلۇق

2. نەفسى لەۋۋامە – بۇ نەفىس قىينىغۇچى نەفىس دېيىلىدۇ . بۇنىڭدىكى كىشىلەر كۈفۈر ۋە ئاللاغا شەك كەلتۈرۈش بىلەن تېزلا نەپس ئەممارە ھالىغا چۈشۈپ قالىدۇ . بۇ خىلدىكى كىشىلەر خاتالىقىنى تونۇيدۇ ، خاتالىق ئۆتكۈزۈپ بولۇپ پۇشايمان قىلىدۇ . ئەمما ھەممىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى يامانلىقلاردىن تارتالمايدۇ ، نەپىسنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ نەپىس ئەممارە ھالىدا بولمىسىمۇ ئەمما ئازراقلا دېققەتسىزلىك قىلسا يەنە شۇ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ . بۇنىڭ ئىپادىلىرى :
⑴ فىسك (گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىش )
⑵ جاھىللىق ، ئەممارەدىكى نادانلىق ، جاھىللىق ، بىلىمسىزلىك بىلەن ئوخشاش .
⑶ ئۇجۈب – مەغرۇرلىنىش ، پەخىرلىنىش ، ھاكاۋۇرلۇق
⑷ ئۇيقۇغا ئامراقلىق ، كۆپ ئۇخلاش
⑸ يېمەك – ئىچمەككە ھېرىسمەنلىك ، ئۇششاق – چۈششەك يېمەك – ئىچمەككە ئامراقلىق
⑹ ئاچكۆزلۈك ۋە تەمەخورلۇق
⑺ غەزەپ
⑻ كىيىم – كېچەك ۋە زىبۇ – زىننەتكە ھېرىسمەنلىك
⑼ بەتخەجلىك

3. نەپسى مۈلھىمە – ئىلھام بەرگۈچى نەپىس . يەنى بۇ خىلدىكى كىشىلەر ۋاقتى كەلگەندە ئاللاتائالانىڭ ھەقلىقىگە ئىمان كەلتۈرۈپ ، خاتالىق ، يامانلىقلاردىن يىراقلىشىشقا ئۇرىنىدىغان ، دىننى ئۈگۈنىشكە نىيەت باغلىغان ، بىلىملىك ،قانائەتچان ، ئاق كۆڭۈل بولۇشقا تىرىشىدىغان ، ھەرئىشنىڭ ئاۋۋال ياخشى تەرىپىنى ئويلايدىغان كىشىلەردۇر. نەپسى مۈلھىمەنىڭ ئىپادىلىرى :
⑴ ئىلىم ( ئاخىرەتتە ئۆزىگە پايدا يەتكۈزىدىغان ئىلىم )
⑵ تەۋەززۇ ( كىبىرنىڭ ئەكسى يەنى كەمتەرلىك ، ئاللا بۇلارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئەمىلىگەقاراپ ئۆستۈرىدۇ )
⑶ تەۋبە (ئۆتمۈشتىكى ۋە ھازىرقى ، بىلىپ ياكى بىلمەي قىلغان بارلىق گۇناھلىرىغا تۆۋە قىلىپ ئاللادىن گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشىنى تىلەش ۋە يەنە قايتا گۇناھ قىلماسلىققا تىرىشىش )
⑷ سەبىر ( ئۆزىگە كەلگەن ياخشىلىق ، يامانلىق ، ئازاپ ، خوشاللىق ، كېسەللىك ۋەھاكازالارغا يولۇققاندا كۈفۈر سۆزلىمەي ھەممىسىگە سەبىر قىلىش )
⑸ كۆپ شۈكۈر قىلىش
⑹ مەرتلىك
⑺ قانائەت
⑻ تەھەممۇل ( زىيادە سەبىر ، تاقەت )

4. مۇتمائىننە – خاتىرجەملىك ،ئىشىنىش ، كۆڭلى تىنىش ، ھوزۇر ، ئاللاھتىن رازى بولۇش دېگەندەك مەنىلەردە بولۇپ ، تەسەۋۋۇپتا نەپسىنى يامانلىقلاردىن تارتالىغان ، ئاللاتەرەپتىن كەلگەن ھەرنەرسىگە رازى بولىدىغان دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
       بۇ خىلدىكى كىشىلەر مال – دۇنيا ، شۆھرەتلەرنىڭ پېيىدا يۈرمەيدۇ ، ھەر ئىشتا سەبىر قانائەتچان بولىدۇ ، باشقىلارنىڭ ماختاپ ئۇچۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلمايدۇ ۋە باشقىلاردىن بۇلارنى كۈتمەيدۇ . ئۇلار بۇ دۇنيادىكى ھەرنەرسىگە كۆزى بىلەن ئەمەس ، كۆڭۈل كۆزى بىلەن قارايدۇ . ئۇلار گۈزەللىك ، مەرتىۋە ، شۆھرەت ، نام ئابروي ، دۇنيا تونىغا ئورىنىۋالغانلارنى كۆڭۈل كۆزى بىلەن پەرىق ئېتەلەيدۇ . بۇ خىلدىكى كىشىلەر نەپسىنى كونتۇرۇل قىلالايدۇ ، بىلىملىكلەر تونىغا ئورىنىۋالغان نادانلارنىڭ سۆزلىرىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كەتمەيدۇ . نەپسىمۇتمائىننەنىڭ ئىپادىلىرى :
⑴ مەرتلىك
⑵ تەۋەككۈلچىلىك ( ئاللاغا تەۋەككۈل قىلىش )
⑶ سەبىر
⑷ شۈكۈرقىلىش
⑸ ھىلم (مۇلايىملىق ، ئەخلاقلىق ، ئېغىربېسىقلىق ، ئەقىللىقلىق ، نەپسىنى كونتۇرۇل قىلىش)
⑹ تەسلىمىيەت ( تەسلىم بولۇش ، قۇبۇل قىلىش )
⑺ رىزا ( خوش بۇلۇش ، مەمنۇن بولۇش ، قوبۇل قىلىش ، تاللاش ، ،ئاللانىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇش ، تەقدىرگە تەن بېرىش . رىزا ئىككى تۈرلۈك - ① ئاللانىڭ قۇلىدىن ( بەندىلىرىدىن ) رازى بولۇشى ② قۇلىنىڭ ( بەندىلىرىنىڭ ) ئاللادىن رازى بولىشى
⑻ سىدىق ( توغرا ، دۇرۇسلۇق )
⑼ ئىبادەت
⑽ رفىق ( مۇلايىملىق ، ياخشى مۇئامىلە ،يۇمۇشاقلىق  )
⑾ خۇشخۇيلۇق
⑿ ھوزۇر ئىچىدە بولۇش
⒀ چوڭلارنى ھۆرمەتلەش
⒁ قەلبى مۇھەببەتكە تولغان بولۇش
⒂ يۇمۇشاق شېرىن سۆزلۈك بولۇش
⒃ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ياپىدىغان بولۇش ( باشقىلارنىڭ ئەيىپىنى ئاچماسلىق )
⒄ كەڭ قورساقلىق
⒅ قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننەتلىرىگە تولۇق رىئايە قىلىش

5. نەفسى رازىييە – بويۇن ئەگكەن ، رازى بولغان ، ئىخلاسمەن ، زىكىر قىلغۇچى ئاللانىڭ پۈتۈن ئىمتىھان ۋە ئىبادەتلىرىگە ساداقەت كۆستەرگۈچى ، ئاللا تەرىپىدىن كەلگەن ۋە كەلمەكچى بولغان ھەر نەرسىگە رازى بولغان ،پۈتۈن غەيرىتى بىلەن ئاللاغا يېقىنلاشماقچى بولغان دېگەن مەنىلەردە .نەپسى رازىييەنىڭ ئىپادىلىرى :
⑴ ۋەرا ( تەقۋا ، قوغدىنىش ، گۇناھتىن قېچىش ، گۇناھ ئىش قىلىشتىن قورقۇش ، دىنغا رىئايە قىلىش ، ھارامدىن قېچىش، شەك بولغان ، گۇمان قىلغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرۇش ، ھارامغا سەۋەب بولىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش .
⑵ ئىخلاس
⑶ مۇھەببەت
⑷ دوستلۇق
⑸ رىزا
⑹ ئەزىيەتلەرگە سەبىر قىلىش
⑺ خەلقى ئېرشاد ( خەلىقنى توغرا  يولغا باشلىغۇچى ، توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى )
نەپسى رازىييەدىكى كىشىلەرنىڭ دۇئالىرى رەت قىلىنمايدۇ ، خەلىق ئارىسىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇپ مەرتىۋىلىك بولىدۇ .

6. نەفسى مارزىييە  ( نەفسى ماردىييە ) – ئاللا رازى بولغان نەپىستۇر. بۇنىڭ ئىپادىلىرى :
ئاللا ۋە رەسۇلىللانىڭ ئەخلاقى بىلەن ئەخلاقلانغان ، خاتالىقلارنى كۈچۈرۈپ ، باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى ياپقان ، ھەممە ئادەمگە شەپقەت كۆرسىتىدىغا ، باشقىلارنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىدىغان ، باشقىلارغا ئىچ ئاغىرتىدىغان ، ھەرئىشتا ئوتتۇرىھال يولدا ماڭىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ .

7. نەفسى كامىلە ( نەفسى سافىيە ) – ھەقىقى ئىمان ئېيتقان كىشلەر . بۇ تۈردىكى كىشىلەر ھەقنى بىلىدۇ ، نېمە لازىم بولسا پەقەت ئاللادىن تىلەيدۇ ، ئاللادىن باشقىسىنى تونىمايدۇ . ئۇلار ھەقىقەتنىڭ ، ھەقنىڭ قۇلى ، ئاللا بىلدۈرمىگۈچە ئىنساننىڭ ھېچنىمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ ،ئاللادىن باشقىسىغا مۇھتاج بولمايدۇ ، بۇلار قۇرئان كەرىمدە ئېيتىلغان سائادەتمەنلەردىندۇر.

ئەقىل بىر قوزا ، نەپىس بىر بۆرە ، ئىمان بولسا بىر چوپاندۇر. ئىمان كۈچلۈك ( قۇۋۋەتلىك ) بولمىسا ، نەپىس ئەقىلنى يەر.

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ رەتلىگۈچى : نىگاران
مەنبە :  Sozluk.ihya.org  ، sorular.com ، Imandanihsana.com ، Altinoluk.com ، Sorularlaismiyet.com ، Mumsema.com ، Antoloji.com، Dergi.altinoluk.com ، Masonlar.org ، Fturka.com ، Hakikat.com

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +66 يىغىش سەۋەبى
otluk + 66

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-18 11:08:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا لازىملىق ماتىرىيالكەن بۇ، رەھمەت سىزگە!

ۋاقتى: 2013-1-18 14:15:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىدىكى تەسەۋۇپ چۈشەنچىلىرىنى ھۆرمەتجان ئابدۇراخمان فىكرەتنىڭ «تەسەۋۇپ پەلسەپىسى»ناملىق كىتابىدىكى چۈشەنچىلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۈگىنىلسە، تېخىمۇ ياخشى بولغىدەك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-1-21 22:03:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيار ئەپەندى ، ماڭا رەنجىمەي ھۆرمەتجان ئابدۇراخمان فىكرەتنىڭ  ‹‹تەسەۋۇپ پەلسەپىسى ›› ناملىق كىتابىنىڭ پ د ف نۇسخسىنى ئەۋەتىپ بىرەمسىز؟

ۋاقتى: 2013-10-30 16:58:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىگاران ...خانىم ...تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسى دىگەن بۇ كىتابنڭنە ئېلكىتاب نۇسخسى يوق....

ۋاقتى: 2013-10-30 17:44:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتجان ئابدۇراخمان فىكرەتنىڭ  ‹‹تەسەۋۇپ پەلسەپىسى ›› ناملىق كىتابىدىمۇ  يۇقارقى پىكىرلەرنىڭ يانداشمىلىرى ئۇچرايدۇ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-30 17:46  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش