يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 570|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

پ.غ. غەيۇرانى: يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ ئومۇمىي ئەسەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-10-31 07:52 PM  

مەرھۇم يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ ئومۇمىي  ئەسەرلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە

پولات غەنىزات غەيۇرانى


ھەر شەنبە كۈنى كىتاب جازىسىدىكى كىتابلىرىمدىن ئوقۇپ بولوغانلىرىمنى قولۇمغا ئېلىپ بەلگە قىلىپ قويغان يەرلىرىنى يەنە قايتا ئوقۇيدىغان ئادىتىم بولغاچقا، بۈگۈن تولىمۇ خۇشال ھالدا داڭلىق يازغۇچى مەرھۇم خېۋىر تۆمۈر ئاكىنىڭ «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»، «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» قاتارلىق ئۈچ تەۋەرۈك ئەسەرنى قولۇمغا ئېلىپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم، ئەسەرگە بەلگە قىلىپ قويغان جايلارنى قايتا ئوقۇم ئۆز زامانىسىدا مىللەتنى روناق تاپقۇزۇشقا يېتەكلەش جەھەتتە خەلقنى مەرىپەت يولىغا يېتەكلەيمەن دەپ قۇرمابان بولغان ئۈچ مەشھۇر شەخسنىڭ ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان جاسارەتلىك قىياپىتى كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇپ، مەرھۇم يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر ئاكىنى ئەسلەپ قالدىم. مەرھۇم يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر ئاكا ئارىمىزدىن كەتكىلى 21 يىل بوپتۇ. بۇ مۆھتىرەم يازغۇچىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ ئۈچ رومانىنى قانچە قېتىم ۋاراقلىغانلىقىمنى دەپ بېرەلمىسەممۇ ئەمما يازغۇچىنىڭ مەن ئوقۇغان  پۈتۈن ئەسەرلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگۈم كېلىپ قالدە-دە، قولۇمغا ئىككىلەمەيلا قەلەم ئالدىم: مېنىڭ نەزەرىمدە مەرھۇم يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر ئاكا يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ، «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»، «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» قاتارلىق تارىخىي رومانلىرى بىلەن ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.                                                         
گەرچە بۇ ئەسەرلەر ئېلان قىلىنغىلى 11 يىل بولغان بولسىمۇ خەلقىمىز يەنىلا قولىدىن چۈشۈرمەي ئەتىۋارلاپ ئوقۇپ كەلمەكتە. سەۋەبى ئۇ خەلقىمىز
كۆڭلىدىكىنى يازالىدى.                                    
يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر ئىجادىيەت ھاياتىدا نۇرغۇن دەرت-ئەلەملەرنى تارتقان بولسىمۇ قولىدىن قەلەمنى چۈشۈرمەي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ مەردانە ياشىغان يازغۇچىدۇر. ئۇ ھاياتنى سۆيۈپلا قالماي، پۈتۈن تىرىشچانلىقى بىلەن تۇرمۇشقا، كېلىچەككە ئۈمىد بىلەن بېقىپ «ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ بولسا ،ئون بەشى يۇرۇق » دېگەن ئەقىدە بىلەن نۇرغۇن جاپا-مۇشاقەتلەرنى يېڭىپ، ھاياتىنى ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۈمىدلىك ياشىغان يازغۇچىدۇر. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاددىي ئىشلاردىن ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش روھى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بولسىمۇ خەلقىمىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ، ئۈچ تارىخىي روماننى  خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىپ ئۈن-تۈنسىز كەتتى. ئۇ رومانچىلىقتىلا ئەمەس، قىسقا ھېكايە يېزىقچىلىقىدىمۇ ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئۇسلوبىغا ئىگە خېلى قېتىققان يازغۇچى ئىدى. بۇ جەھەتتىكى تالانتىنىڭ بىر نامايەندىسى «بىر قاپاق ئالتۇن»، «ئالتۇن ئەقىل»، «ئەخمەقنىڭ مۆجىزىسى»قاتارلىق ھېكايىلىرى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى بولالايدۇ.چۈنكى، بۇ ھېكايىلەردىن تەركىب تاپقان 2000-يىلى 12- ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «خېۋىر تۆمۈر ھېكايىلىرىدىن تاللانما» نەشر قىلىنىپ  خەلقىمىز تەرىپىدىن سۆيۈلۈپ داۋاملىق ئوقۇلۇپ كەلمەكتە. بۇ ھېكايىلەردە تەسۋىرلەنگىنى شۇ ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىكى كۈلكىلىك ۋەقەلىك بولۇپ، ھەر بىر ھېكايىدە يارىتىلغان ئىجابىي ۋە سەلبىي پېرسوناژلار تولىمۇ يۇمۇرىستىك ياشىغان، زامان ئۆتىچىلىرىگە بويسۇنمىغان،ھەر خىل تىپتىكى ئادەملەر ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى تولىمۇ قىزىقتۇرىدۇ. مەسىلەن: يازغۇچىنىڭ كىتابىدىكى ھېكايىسىدىن «ئەخمەقنىڭ مۆجىزىسى» دېگەن ھېكايىسىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، بۇ ھېكايە ئاز ئەمما تولىمۇ ساز يېزىلغان ھېكايىدۇر. ھېكايە ئېلان قىلىنغان مەزگىللەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەسخىرە ۋە يۇمۇرلۇق تۈس ئالغان ئەسەرلەر يوق دېيەرلىك ھالەتتە بولغاچقا، دەل بۇ ھېكايە ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ چاڭقىغان دىللىرىغا زەمزەم بولغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئوقۇرمەندە ھېچقانداق ئېستېتىك زوق قوزغىيالمىغان ، يەنە كېلىپ ئۇزۇندىن –ئۇزۇن سوزۇلغان زېرىكىشلىك ئەسەرلەر بىلەن بەت سانىنى كۆپەيتىپ، كىشىلەرنى رومان، پوۋېست ئوقۇشتىن بىزار قىلىۋەتكەن بىر قىسىم ئەسەرلەردىن «ئەخمەقنىڭ مۆجىزىسى» دەك ئۇتۇقلۇق يېزىلغان كومىدىيىلىك تۈس قويۇق ، تەبىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭ قىسقا ھېكايە مىڭ ئەۋزەل. بۇ ھېكايىدىكى تىپىك پېرسوناژ تولىمۇ قىزىقارلىق يارىتىلغان بولۇپ، خاراكتېرىدىكى ئۆزگىرىشچان ھالەت جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم تۇتۇرۇقسىز كىشىلەرنىڭ چوڭ ئىشلارنى قىلالمايدىغان، ئاددىي، كىچىك ئىشلارنى ياراتمايدىغان، كەسىپتە ئۇتۇق قازانغانلارنى بولسا كۆرەلمەستىن بوھتان چاپلاپ كەينىدىن غەيۋەت قىلىدىغان بىر ناكەستىنىڭ ئوبرازىنى تولىمۇ تەبىئىي ياراتقان بولۇپ، ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەننى جەمئىيەتتىكى ئورنىدىن پايدىلىنىپ چامىنىڭ يېتىشىچە تىرىكچىلىك قىلىپ ھالال ياشاشقا،باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ رىزىقىغا ئولتۇرماسلىققا ئۈندەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالسا تۇرمۇشنىڭ، بولۇپمۇ كىشىلىك ھاياتنىڭ تولىمۇ مەنىىىز بولىدىغانلىقىنى، تولىمۇ يارقىن تەسۋىرلىگەن.                           
قىسقىسى، كىتابتىكى ھەربىر ھېكايىنىڭ تېمىسى سەرخىل، مەزمۇنى ساغلام، تىلى ئاممىباب تىلدا يېزىلغان ئۆرنەك ئەسەرلەر بولۇپ، ھەربىر ۋەقەلىك تۇرمۇشقا يېقىن، تولىمۇ قىزىقارلىق توقۇلغان. ھېكايىلەردىكى ئىپادىلەنگەن سەلبىي، ئىجابىي پېرسوناژلار بىر قارىسىڭىز ئەتراپىڭىزدا بەردەك، بىرقارىسىڭىز يوقتەك تۇيغۇ بېرىدۇ، بۇ بەلكىم ئەسەرنىڭ ئۇتۇقلۇق يېزىلغانلىقىدىن بولسا كېرەك.                                                            
مېنىڭچە، يازغۇچىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالغىنى يەنىلا ۋەكىل خاراكتىرلىك ئۈچ تارىخىي رومانىدۇر. بۇ رومانلار ئېلان قىلىنغى ئون نەچچە يىل بولغان بولىسىمۇ، ھەرقانداق بىر كىتابخانىغا بېرىپ سېتىۋالاي دېسىڭىز تاپالمايسىز. ئوقۇرمەنلىرىمىز قۇلىدا بار بۇ ئۈچ تارىخىي روماننى ئوقۇرمەنلىرىمىز قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب، يازغۇچى بۇ ئۇچ تارىخىي روماننى يازغۇچى ئاتىلىپ نام چىقىرىش ئۈچۈنلا يازمىغان، بەلكى يېقىنقى زامان شىنجاڭ تارىخىنى جۈملىدىن قەشقەر تارىخىنى، تۇرپان تارىخىنى خەلقە بىلدۈرۈش،بولۇپمۇ كېيىنكى ئەۋلاتلارغا بىلدۈرۈش نۇقتىسىدىن يېزىپ چىققان، مانا بۇ يازغۇچىنىڭ خەلقە مەسئۇل بولۇشى، كەلگۈسىگە ئۈمىد بىلەن نەزەر سېلىشى، ئاۋامنىڭ تەقدىرىنى ئويلىشى. چۈنكى، «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»، «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» ناملىق رومانلىرىدا شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن، رېئال مەشھۇر تارىخىي شەخسلەرنى، ئۇلارنىڭ ئەل ئارىسىدا تارالغان ئۈلگىلىك ئىش-ئىزلىرىنى بەدىئىي تۈستە قەلەمگە ئېلىپ، ئەدەبىياتلاشتۇرۇپ، بىر قارىسا تارىخ، بىرقارىسا ھېكايە تۈسىدە تولىمۇ قىزىقارلىق قىلىپ يازغاچقا، خەلق قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ كەلمەكتە. مانا بۇ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئۇتۇقى. كىتابخانىلارغا كىرىپ كىتاب سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، بىر قىسىم يازغۇچى، شائىرلارنىڭ توم-توم كىتابلىرىنىڭ توپا بېسىم پۇكەيلەردە تولىمۇ بىچارە ھالەتتە بوينىنى قىسىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئەپسۇسلىنىپ قالىسىز، بۇ ئۈچ كىتابنى سېتىۋالاي دېسىڭىز ھېچقانداق كىتابخانىدىن تاپالمايسىز. بۇ سېلىشتۇرما يەنىلا يازغۇچىنىڭ ۋىجدانىغا باغلىق بولۇپ، نېمىنى يۇزىش، نېمىنى يازماسلىقىغا بېرىپ تاقىلىدىغان تولىمۇ نازۇك مەسىلىدۇر.            
يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر ئاكىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى1940- يىللىرىدا باشلانغان بولۇپ، ئۇ مەزگىللەردە ئېلان قىلىنىپ كىتابخانىلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان ئەسەرلىرىدىن «بالا»، «ئالدانغان چولپان»، «تىنچلىق»، داستانلىرى ۋە «يولۋاس ئۇخلاپ ياتتى» قاتارلىق ھېكايىلىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. (بۇ مەلۇماتلارنى مەن2013- يىلى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىدىكى يازغۇچىلار ئارخىپىدىن خاتىرەمگە كۆچۈرۈۋالغانىدىم ،شۇڭا بۇيەردە قىستۇرما قىلدىم.)ھاياتىدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بۇ يازغۇچى ئامان ئىسەن ھالدا 1980-يىلى باشلانغان يېڭى زامان  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، ئارقا –ئارقىدىن «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»، «ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە قىسسە»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» قاتارلىق يىرىك تارىخىي رومانلارنى يېزىپ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىپ، خەلقىمىز تەرىپىدىن زور ئالقىشلاندى.                                          
يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر ئاكىنىڭ ئىجادىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغىنى، شۇنداقلا دەۋرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكىنى يەنىلا مۇشۇ ئۈچ تارىخىي رومانى بولۇپ، بۇ رامانلارنىڭ يېزىلىش ئۇسلوبى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ئىجادىي ئۆرنەك ئېلىپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يۇقىرى ماھارەت بىلەن خەلق تىلىدىن ھېكايە ئاڭلاۋاتقاندەك تۈستە تولىمۇ يەڭگىل تىلدا مۇۋەپپىيەقىيەتلىك يېزىپ چىققان  تارىخىي روماندۇر. گەرچە بۇ رومانلارنى ئوقۇسىڭىز روماندا تەسۋىرلەنگەن چىن ۋەقە، چىن ئادەملەرگە قاراپ كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدان ژانىر تەزكىرىگە ئوخشاپراق قالىدىغان ھالەتنى ھېس قىلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما تازا زەن سېلىپ ئوقۇسىڭىز بۇ رومان ھەرگىزمۇ تەزكىرە ياكى قىسسە ئەمەس، ھەقىيقىي تارىخىي روماندۇر. يەنە كېلىپ ئۇتۇقلۇق يېزىلغان تارىخىي روماندۇر. يازغۇچى بۇ رومانىدا ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن تارىخىي رومانچىلىقتا ئۆزگىچە ئۇسلۇپ شەكىللەندۈرۈپ كىلاسسىك ئەندىزىلەردىن مېغىزىنى ئايرىپ شاكىلىنى تاشلىۋېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، خەلق تىلىدا يېزىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، بىر ئوقۇسىڭىز تەزكىرىگە ياكى قىسسەگە ئوخشاپ كەتسىمۇ ھەرگىز تەزكىرە ياقى قىسسە ئەمەس. مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان تارىخىي روماندۇر.                             
مېنىڭچە، مەرھۇم يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر ئاكا تارىخىي رومانلىرىنىڭ ئېلان قىلىنماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ «قىسسە» دېگەن سۆزنى ئەسەر تېمىسىغا قوشۇپ قويغان بولۇشىمۇ مىۇمكىن، چۈنكى «قىسسە»دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ رېئاللىقتىكى چىن ۋەقەلىك ئەمەس. بۇنى ئوقۇرمەنلىرىمىز ئوبدان بىلسە كېرەك. مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، «قىسسە» دېگەن رىۋايەت ئۇسلوبىدا  ئاغزاكىي توقۇلغان ھېكايە سۆزلەش ئارقىلىق خىيالىي تەسەۋۋۇرلار ئارقىلىق يارىتىلغان ۋەقەلەر توقۇلمىسىدىن بارلىققا كەلگەن ۋەقەلەر بايان قىلىنىدۇ. مەسىلەن: مىڭبىر كېچىدىكى «قىسسە شۇ يەرگە كەلگەندە تاڭ ئاتتى، شەھرىزات سېكايىسىنى توختاتتى» دېگەندەك. تەزكىرىگە كەلسەك، «تەزكىرە» دېگەن مەلۇم تارىخىي شارائىتتىكى مۇھىم شەخلەرنىڭ تەرجىمىھالى ۋە مەلۇم جايدا يۈز بەرگەن مۇھىم ۋەقە، ھادىسىلەر خاتىرلەنگەن ئەسەر. شۇنداق ئىكەن بۇ ئۈچ تارىخىي رومان ھەرگىز قىسسە ياكى تەزكىرە ئەمەس، ئۇتۇقلۇق يېزىلغان تارىخىي روماندۇر.                                                  
مىسال ئۈچۈن يېقىندا، داڭلىق شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان ئىمىن ئەخمىدى ئاكا خەنزۇچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2008-يىلى نەشر قىلغان داڭلىق يازغۇچى جياڭ رۇڭ ئەپەندىنىڭ «بۆرە توتېمى» ناملىق رومانىنى ئوقۇسىڭىز روماننىڭ يېزىلىش ئۇسلوبى يازغۇچى خېۋىرتۆمۈرنىڭ «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە» رومانىڭ يېزىلىش ئوسلوبىغا ئوخشاپراق كېتىدۇ. بىر ئەدەبىي ئۇسلوپ بىر يازغۇچىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ تومتاقلا ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ تارىخىي رومانچىلىق ئۇسلوبى ئۇزاق مۇددەت ھارماي-تالماي ئىجاد قىلىش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن. بۇ تارىخىي روماننى پۈتۈنلەي خەلق تىلىدا يازغاچقا، بىز ئۇنى چىنلىقىغا قاراپ تەزكىرىگە، تىلىنىڭ گۈزەللىكىگە قاراپ رىۋايەتلەرگە ئوخشىتىۋالدۇق. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈچ تارىخىي رومان مېنىڭچە تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلان تارىخىي روماندۇر.« بۆرە توتېمى» رومانىنى ھېچكىم بىزدەك بىرەر چۆچەك ياكى تەزكىرىگە ئوخشىتىۋالماستىن ناھايىتى يۇقىرى باھالارنى بەردى. ئەسەرنىڭ بەدىئىي قىممىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى ناھايىتى يۇقىرى باھالىدى. بىزمۇ ھېچ بولمىغاندا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەسەر باھالاشتىكى يېڭىچە قاراشلىرنى تۇرمۇشىمىزغا، ئەدەبىياتىمىزغا، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قاراپ، كونا قاراشلىرىمىزنى يېڭىلاپ، دۇنيا يېڭىلىقلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىدىيىنى يېڭىلاپ، ھازىرقى دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ  يېڭى نامايەندىلىرىدىن ئۆزىمىزگە تېگىشلىكلىرىنى ئىجادىي قوبۇل قىلىپ، ئوبزورچىلىقتا قاتماللىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، نۇرغۇن كونا شەيئىلەر يوقۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى  خىلمۇ خىل يېڭى شەيئى ئىگەللەۋاتقان ئەھۋالدا قىلچىمۇ ئادراقسانلىق قىلماي، يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىگە باھا بەرگەندە، ئۇتۇقلىرى بىلەن يېتەرسىزلىكلىرىنى تەڭ كۆرسىتىپ بىرىشكە تىرىشىشىمىز كېرەك. بۇ دەۋرنىڭ تەلىپى، ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ تەلىپى بولسا كېرەك.                                 
     يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»، «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»،« بالدۇر ئويغانغان ئادەم»  رومانىنى  مىسال قىلىدىغان بولساق،بۇ ئۈچ روماندا تەسۋىرلەنگەن ۋەقە شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن رېئال تارىخىي شەخلەرنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەل كۆڭلىدە ساقلىنىپ قالغان ساۋابلىق ئىش-ئىزلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بېغىشلىغان. «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە» رومانىدىكى تىپىك پېرسوناژ،19-ئەسىردە تۇرپاننىڭ لۈكچۈندىكى باغرا يېزىسىدا تۇغۇلغان كىشى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئاممىنى كۈلدۈرۈپ ھۆكۈمىران رەزىل  ھاكىمىيەتنى، بۇ ھاكىمىيەت ئۈچۈن كەتمەن چېپىپ ئۆزىنىڭ كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، پۇقرالارنى بوزەك قىلغان بىر قىسىم دىنىي تونغا ئورنىۋالغان پەتىۋاچى،خوراپىي موللا-ئىشانلارنى قاتتىق مەسخىرە قىلىپ، ئۇلارنى ئەخمەق قىلىدىغان يۇمۇرلارنى سۆزلەپ، ئاۋامنى كۈلدۈرۈشىدىكى مەقسەتمۇ جاھان تەڭسىزلىكىگە بولغان نارازىلىقى بولۇپ، خەلقنى ئويغىنىپ ئادالەتنى ياقلايدىغان بىر ھەققانىي ھاكىمىيەتنىڭ بولۇشۇنى ئارزۇ قىلىپ، خەلقنىڭ ھەرگىز بۇ ھىلگەر تۈلكىلەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتمەي، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشنى ئارزۇ قىلىشتەك ئىسيانكار روھى ھەربىر قىزىقارلىق ھەرىكىتى، يۇمۇرىستىك كۈلدۈرگىلىرىدە ئەكس ئىتىپ، ئاۋامنى كۈلدۈرسە قانخور زالىملار، زوراۋان ھاكىمىيەت ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلارنىڭ جېنىغا تىگىپ كېتىپ، قاتتىق غەزىبىنى كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ قىزىقچىلىقى بىلەن ئاۋامنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە سازاۋەر بولۇپ، تۇرپان، كورلا، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا تىرىكچىلىك قىلغان  پائالىيىتى تولىمۇ يمۇرىستىك يارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قىزىقچىلىقى پۈتۈن شىنجاڭغا پۇر كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن رەزىل كۈچلەرنىڭ نەزىرىدە موللا زەيدىن كۆزىگە قادالغان مىق بولۇپ، چوقۇم يوقىتىش كېرەك بولغان شەخسكە ئايلىنىپ قالىدۇ. مانا بۇ «مۇللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە» ناملىق تارىخىي روماندا  يۇرۇتۇلغان تۈپ ئىدىيە.                                    
    «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە» ناملىق تارىخىي روماندا بولسا، روماندىكى تىپىك پېرسوناژ ئابدۇقادىر داموللا مىلادىيە 1862-يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدا تۇغۇلغان. قەشقەر، بۇخارا قاتارلىق جايلاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان. مىلادىيە 1924- يىلى ئاۋغۇستا قەشقەردە سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. رېئال تارىخمىزدا ئۆتكەن ئادەمدۇر. بۇ ئىسىل زات پۈتۈن ئۆمرىنى قەشقەردە يېڭى مەكتەپ ئېچىش، بالىلارنى يېڭى پەننىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، ئۇلارنى دۇيا يېڭىلىقلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرپ، ئىدىيە ئۆزگەرتىش، ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، كونا خوراپىي قاراشلارنىڭ ئەمدى ئەزقاتمايدىغانلىقىنى پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت  ئۇلۇغ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان  گىگنت شەخس ئىدى. ئەپسۇس ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمايلا تۇرۇپ مەلۇم بىر مۇناپىقنىڭ   قەتلى قىلىشى بىلەن ئۇدۇنياغا كېتىپ قالىدۇ. ئامما بۇ مەشھۇر زاتنىڭ ئالىي جاناب پەزىلىتى، كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى ھازىرغىچە مەرىپەت سۆيەر خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە ساقلىنىپ كەلمەكتە. چۈنكى روماندا تەسۋىرلەنگەن بۇ مەرىپەتپەرۋە بۇيۈك زات بىرتۈركۈم دىنىي تونغا ئورنىۋالغان تولىمۇ خۇراپىي مەنئۇنلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچراشتەك ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى ناھايىتى جانلىق تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ئىلىم ئۆگىنىش بىلەن ئىلىم ئۆگەنمەسلىكنىڭ ئىنسانغا ئېلىپ كېلىدىغان پايدا-زىيىنىنى ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ئىپادىلەپ، روماننى ئوقۇغان ھەرقانداق ئوقۇرمەنلەرنى شۇۋاقىتتىكى  قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقغا باشلاپ كىرىپ، بىر تۈركۈم نادان مۇخلىسلارنىڭ خەلقىمىزنى نادانلىقتا قالدۇرۇپ، ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتەك رېزىل قىلمىشلىرىغا قەتتىق غەزەبلىنىدۇ.«بالدۇر ئويغانغان ئادەم» رومانىدا بولسا، 1901- يىلى تۇرپان يېڭىشەدە تۇغۇلغان، يېڭى مەكتەپ ئېچىپ، مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ، خەلقنى ئويغىتىپ، نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى ئايرىپ، دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەردەك ئەركىن، ھۆر ياشاش يولىدا زالىملارنىڭ ئۈستىسدىن ئىسيان كۆتۈرۈشنىڭ تولىمۇ يوللۇق ئىكەنلىكىنى خەلققە بىلدۈرۈپ، چىرىك ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداپ، كىشىلىك ھاياتنى قەدىرلەپ، ئىزىش، ئىزىلىش بولمىغان بىر ھەققانىي ھاكىمىيەتنى قۇرۇشنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى خەلقە بىلدۈرۈپ، ئادالەتنى ياقلاپ خەلقنى بىر خاتىرجەم تۇرمۇش كۆچۈرۈكە نىيەت قىلىپ، شۇ ۋاقىتتىكى خەلق قوزغىلاڭچىلىرىغا ئۆزى بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. بۇ بۇيۇك ھەققانىي كۈرەشنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ قېلىشىدىن قاتتىق قورقۇپ، كېچىسى ئوخلىيالماي قىينىلىۋاتقان شىڭ شىيەي قانچىلىك ئالتۇن-كۆمىش كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر  ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرۈشتەك رەزىل پىلانىنى ئىشقا سېلىپ، ئاخىرى مال-دۇنياغا تويمايدىغان بىر ئۇچۇم مىللىي مۇناپىقلارنىڭ ئەقىل كۆرسىتىشى بىلەن مىلادىيە 1933- يىلى مارتتا        ئابدۇخالىق ئۇيغۇر چېپىپ تاشلىنىدۇ. بۇ رېئالىق روماندا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ، روماننى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەننىڭ قەلبىدە ئۇيغۇرنىڭ ئىلىم سۆيەر ئالىي جاناب پەزىتى نامايان بولىدۇ. روماندىكى ماكان ئاساسلىق پېرسوناژ تىرىكچىلىك قىلغان زامانغا تولىمۇ ماس كېلىپ روماندا كىشىنى زىرىكتۈرۈپ قويىدىغان ھەرقايسى پېرسوناژلارغا مۇناسىۋەتسىز قۇرۇقتىن قۇرۇق مۇھىت تەسۋىرلىرى كۆرۈنمەيدۇ، ھازىرقى رومانچىلىقتا بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىز مۇشۇ نۇقتىدىن كەتكۈزۈپ قويىۋاتىدۇ. بۇ خاسلىك خېۋىر تۆمۇر ئاكىنىڭ ئۈچ رومانىدا ناھايىتى ئۇتۇقلۇق يارىتىلغان.                                 
    دېمەك، يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر بۇ ئۈچ روماندا تۈپ مەقسەت يەنىلا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ھېچ بولمىغاندا يېقىنقى زامان، ھازىرقى زامان يۇرت تارىخىنى بىلىشنىڭ تولى زۆرۈرلۈكىنى نەزەردە تۇتقان. بۇ يازغۇچىنىڭ يېراقنى كۆرەرلىكى بولۇپ، يازغۇچى ئويلىغاندەك، بۇ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنى يېڭى ئەۋلاتلار قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇۋاتىدۇ.                     تالانتلىق يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر ئاكا ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ راھەتلىك تۇرمۇش كۆچۈرۈپ باقمىغان. دائىم تەشۋىش ئىچىدە ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ، كەلگۈسى جەمئىيەتتىن، مىللەتتىن ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىغان. مەن بۇ بۇيۇك زاتنى ئۆمرۈمدە ئىككى قېتىم چوڭ ئۆيدە، مەرھۇم دادام غەنىزات غەيۇرانى بىلەن مۇڭدۇشۇپ ئولتۇرغاندا يەنى 1983- يىلى كۈز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى كۆرگەن، تۇرىقىدىن تولىمۇ ئاددىي –ساددا، دېھقان سۈپەت كىشى ئىدى. ئۇ چاغلاردا بۇ ئاددىي زاتنىڭ مىللەتنىڭ بىر تارىخىي رومان يازغۇچىسى ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلەي. تۇرىقىغا قاراپ ياۋاش، مۇنايىم، بىر تۇرپانلىق دېھقان ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن. مانا بۇ بۇيۇك زاتنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ماڭا بەرگەن  تەسىرى.                                                   
يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر ئۆز رومانلىرىدا تەسۋىرلەش ئوبيېكتى قىلىنغان ئوبرازلار شۇ ۋاقىتتىكى زۇلۇمغا، مۇستەبىتلىككە، جاھالەتكە، خوراپاتلىق-نادانلىققا قارشى تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەركىنلىكى، ئازادلىقى ، بەخت-سائىدىتى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان كىشىەر بولۇپ، يازغۇچى رومانلىرىدا بىر تەرەپتىن بۇ قەھرىمان شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ مىللەتنى، خەلقىنى سۈيەرلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك، ئەركىپەرۋەرلىك،  ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى قىزغىن مەدھىيلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئەزگۈچى سىنىپلارنىڭ زورلۇقلۇقى ۋە زۇلۇم-سىتەملىرىنى، مۇتەئەسسىپ دىنىي كۈچلەرنىڭ خۇراپاتلىق-بىئەتلىكلىرىنى قاتتىق پاش قىلغان.
مىسال ئۈچۈن يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»، «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» قاتارلىق ئۈچ رومانىدا تەسۋىرلەنگەن ۋەقە شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ۋە ھازىرقى زامان تارىخدا ياشاپ ئۆتكەن  رېئال تارىخىي شەخسلەرنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەل كۆڭلىدە ساقلىنىپ قالغان ئۈلگىلىك ئىش-ئىزلىرىنى  ئەكس ئەتتۈرۈشكە بېغىشلىغان. چۈنكى، «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە» رومانىدا تەسۋىرلەنگەن تىپىك پېرسوناژ موللا زەيدىن 19- ئەسىردە تۇرپاننىڭ لۈكچۈندىكى باغرا يېزىسىدا تۇغۇلغان. مىلادىيە 19- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى  ئالەمدىن ئۆتكەن، ئەلگە تەربىيىۋى ئۈگۈت بولۇپ كەلگەن  قىزىقچىلىقى  خەلق ئارىسىدا داستان بولۇپ،  ھازىرغىچە تەرىپلىنىپ كەلگەن، تارىختا ئۆتكەن رېئال شەخس. روماندا بولسا موللا زەيدىننىڭ تۇرپان، كورلا، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىكى   پائالىيەتلىرىدە شۇيەردىكى خەلقنىڭ ئىدىيىسىگە تەسىر قىلغان كۈچلۈك يۇمۇرىستىك تۈسكە ئىگە  قىزىقچىلىقى ۋە   تەسىرلىك  ئىش-ئىزلىرى ھازىرغىچە خەلقىمىز  تىلىدا داستان بولۇپ كەلمەكتە.  روماندا بولسا تېخىمۇ ۋايىغا يىتىپ بۇ شەخسنىڭ ئالىي جاناب پەزىلىتى يۇقىرى بەدىئىي ماھارەتتە يۇرۇتۇپ بىرىلگەچكە ، ياش ئەۋلاتلار قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ كەلمەكتە.                                                   
«ئابدۇقادىر داموللا ھەقىدە قىسسە» رومانىنى مىسالغا ئالىدىغان بولساق، بۇ روماندىكى تىپىك پېرسوناژ ئابدۇقادىر داموللا مىلادى 1862- يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدا تۇغۇلغان. قەشقەر، بۇخارا قاتارلىق جايلاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان. مىلادىيە 1924-يىلى  ئاۋغۇستا قەشقەردە سۈيقەست  بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن. روماندا ئابدۇقادىر داموللا پۈتۈن ئۆمرىنى قەشقەردە يېڭى مەكتەپ ئېچىش، بالىلارنى يېڭى مەكتەپتە ئوقۇتۇش، ئوقۇتۇش ئىسلىھاتى ئېلىپ بېرىپ، بالىلارنى دۇنيادا بارلىققا كېلىۋاتقان يېڭىلىقلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭىچە بىلىم ئىگەللەپ، دۇنيا يېڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، يېڭىچە كۆز قاراشتا پەن-تېخنىكىغا تايىنىپ،  ئىلغار كىشىلىك  دۇنيا قاراش، ئىلغار كىشىلىك تۇرمۇش قاراشى بىلەن تىرىكچىلىك قىلشنى، دۇنيا يېڭىلىقلىرىدىن ۋاقىدا خەۋەردار بولۇپ، ئەركىن، ھۆر ئىنساندەك ياشاشقا يېتەكلىگەن ئىش-ئىزلىرى تەسۋىرلىنىپ، شۇ ۋاقىتتىكى بىر تۈركۈم دىنىي تونغا ئورنىۋالغان تولىمۇ خوراپىي مەلئۇنلارنىڭ  مىللەتنى نابۇت قىلىپ، مەڭگۈ نادانلىقلتا قالدۇرۇشتەك  رەزىل قىلمىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان،  يەنە كېلىپ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ  بىرتۈركۈم خوراپىي دىنىي كۈچلەرنىڭ  قارشىلىقىغا ئۇچراشتەك ئېچىنىشلىق دەقدىرى ناھايىتى  تەسىرلىك تەسۋىرلىنىپپ، ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پايدىسى بىلەن ئىلىم ئۆگەنمەسلىكنىڭ زىيىنىنى سېلىشتۇرما قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆزلىرىنى ياشلايدۇ.                                    
    «بالدۇر ئويغانغان ئادەم » رومانىدا بولسا، 1901- يىلى تۇرپان يېڭىشەھەردە تۇغۇلغان. يېڭى مەكتەپ ئېچىپ، مەرىپەتچىلىك بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ، خەلقنى ئويغىتىپ، زالىملار ئۈستىدىن ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئىنسانىي ھوقۇقنى، ئىنسانىي ھاياتنى قەدىرلەپ، ھەقىقىي بىر ئادالەتلىك يولنى تۇتقان ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ، خەلقىنى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان بىر جەمئىيەتنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىپ، تۇرپاندىكى خەلق قوزغىلاڭلىرىغا قاتنىشىپ، ئۆزى يېتەكچىلىك قىلغان. بۇ يىراقنى كۆرەرلىك مىللەت سۆيەر يىگىتنىڭ ئىنقىلابىي جاسارىتىدىن، ئىنقىلابىي غايىسىندىن قورقۇپ كەتكەن شېڭ شېسەي كېچىلىرى ئۇخلىيالماي، بارلىق مال-مۈلكىنى بىرتۈركۈم ئاچكۆز مىللىي مۇناپىقلارغا خەجلەپ، رەزىل شېڭ شىسەينىڭ  پىلانلىشى بىلەن 1933- يىلى مارتتا ۋەھشىيلەرچە چېپىپىپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ رېئال تارىخىي شەخس ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ھايات سەرگۈزەشتلىرى ناھايىتى تەسىرلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.  دېمەك ،يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر بۇ روماندا كۆزدە تۇتقىنى بۇنىڭدىن كېيىكى ئەۋلادلارنىڭ مۇشۇنداق قورقماس مىللىي قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئۈلگىلىك ئىش-ئىزلىرىنى بىلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ تۈننى كۈنگە ئۇلاپ قاتتىق چىدام غەيرەت بىلەن  بۇ روماننى يازغان.                                   
   بۇ ئۈچ تارىخىي روماندا يازغۇچى روماندىكى تۈپ ئىدىيە يەنىلا بۇ روماننى ئوقۇغان ئۇقۇرمەنلەرنى شىنجاڭنىڭ يېقكىنقى زامان تارىخى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىنى بىلىشكە ئۈندىگەن. مەسىلەن:  «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە» رومادنىنى مىسالغا ئالىىدىغان بولساق، موللا زەيدىن يالغۇز ئادەتتىكى بىر قىزىقچىلا ئەمەس، ئۇ ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئەقىل-پاراسىتى ۋە زېرەكلىكىگە تايىنىپ، ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەنىلىك، ئۆتكۈر ساتىرىك چاقچاقلىرى ۋە يۇمۇرىستىك قوشاق-بېيىتلىرى ئارقىلىق ۋاڭ، بەگ- خوجىلارنىڭ خەلق ئاممىسىغا سالغان دەھشەتلىك زۇلۇملىرىنى، ئۇلارغا قىلغان زورلۇق-شۇملۇقلىرى، مۇتەئەسسىپ-خوراپىي كۈچلەرنىڭ ۋاڭ-خوجىلارغا يانتاياق بولۇپ، خەلق ئاممىسىغا كەلتۈرگەن ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ئۈستىدىن مەسخىرىلىك شىكايەت قىلىدۇ. بولۇپمۇ دىنىي تونغا ئورنىۋالغان جانباقتى ئاچكۆز قازىلارنى ئەپچىللىك بىلەن قاتتىق بابلاپ، خەلقنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ.
  قىسقىسى، «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە» رومانىدا تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىك تولىمۇ رېئال بولۇپ، موللا زەيدىننىڭ ئەلسۆيەر خەلقپەرۋەرلىكىنى  ئەمەلىي ئىشلار ئارقىلىق ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلىگەچكە، پېرسوناژ موللا زەيدىن شۇۋاقىتتىكى ماكانغا، زامانغا، تۇرمۇشقا، ئۆرپ –ئادەتكە ئۇيغۇن ھالدا تېخىمۇ تىپىك يارىتىلغان ئىجابىي ئوبرازدۇر.
مەسىلەن: موللا زەيدىننىڭ خەلق سۆيەرلىكى ۋە ئەل كۆيەرلىكى ئۇنىڭ ۋاڭنىڭ چۈشۈرگەن ئېرىق چېپىش يارلىقىدىن پايدىلىنىپ، خەلقنى قورقۇتۇپ،  بېسىم ئىشلىتىپ، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىپ، قاۋاندەك سەمرىمەكچى بولغان ۋەلىخان بەگ ۋە مەتىم دوغىنى ئۇستىلىق بىلەن دەرىگە تۇتۇپ بېرىپ، جازالىتىشى، ۋاڭنى يۈزىچىلا «سوپى –ئىشانلار بىر قوشۇق، ۋاڭ  بىر قوشۇق                                                                     دەپ مەسخىرە  قىلىشلىرى، ۋاڭنى كولدىرلىتىپ بىگۇنا ھالدا  زىندانغا تاشلانغان سېتىۋالدى،  ياقاڭ ، ئامور سۇلتان، قوغۇنچى بوۋاي قاتارلىق ئون نەچچە گۇناھكارنى زىنداندىن قويدۇرۇۋېتىشى، تۇل ئايالنى ئۆلتۈرۈپ، پۇل-ماللىرىنى ئۆزى ئوغىرلىۋېلپ، يۇرت خەلقىنى قىيىن –قىستاققا ئېلىۋاتقان خوجا ھاپىزبەگنى خەلقىئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىپ بېرىشى، ماھىيەتتە رەزىل قارا نىيەت كۈچلەرنىڭ ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان ياۋۇز ئەپتى بېشىرىسىنى ئېچىپ تاشلايدۇ. ماھىيەتتە نادان ئاممىنىڭ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى دۇئا ئوقۇپ قويۇش بەدىلىگە ئۆز نىكاھىغا ئېلىۋالىدىغان چېكىدىن ئاشقان ئەخلاقسىز ئىشان داموللىنى پەم بىلەن قاتتىق بابلاپ، بۇ شەھۋەتپەرەس قېرىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا قاتتىق رەسۋا قىلىشلىرى، شۇنداقلا تۇرپان خەلقىنىڭ بېيجىڭغا خاقانىغا يازغان بىر قاتار ۋەقەلىكلەر ھەم ھەر خىل تەپسىلاتلار ئەسەردە ئىنتايىن جانلىق ۋە ناھايىتى تەسىرلىك يېزىلغان.                                                  
      «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە» رومانىدا بولسا، يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەردىكى خەلقنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئويغىنىش، يېڭىلىققا يۈزلىنىش، مەرىپەت ئۆگىنىش، تۇرمۇشتا ئەزقاتىدىغان ھۈنەرنى ئۆگىنىش، خەلقنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئەينى دەۋردىكى سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشىگە قىلچىمۇ پىسەنت قىلماي، دىنىي مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ يېڭىچە پەننىي مائارىپقا چىش-تىرنىقىغىچە قارشى تۇرۇشىغا ۋە جان-جەھلى بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشلىرى ھەم بۇزغۇنچىلىق قىلىشلىرىغا، چەت ئەل مۇخالىيەتچىلىرىنىڭ پۇتلىكاشاڭلىرىغا قارىماي كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، يېڭىچە مەكتەپ ئېچىپ، تەلىم ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئاقارتىش، مەرىپەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن كەڭ شۇغۇللىنىپ، خەلقنى روھىي قۇللۇقتىن ئازات قىلىش، مىللەتنى تەرەققىيات يولىغا باشلاپ، دۇنيا يېڭىلىقلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ئىلىم-پەننىڭ قۇدرىتىنى تونىتىپ، ئىنتايىن خۇراپىي دىنىي مەھكۇملۇقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئاتىغان ۋە مۇشۇ يولدا جېنىنى پىدا قىلغان ۋەتەنپەرۋەر، ئىسلىھاتچى، ئالىم، بۇيۇك ئابدۇقادىر داموللىنىڭ ئەل ئىچىگە كەڭ تارالغان تىللادا داستان بولۇپ كېلىۋاتقان ئالىي جاناب پەزىلىتىنى روماندا ۋەقەلەشتۈرۈپ، بۇ بۇيۈك زاتنىڭ ئەل ئۈچۈن سۇنماس ئىرادىلىك ئوبرازىنى تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك، چىن يارىتىپ، ئۇنى قىزغىن مەدھىيىلىگەن. روماندا خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىدە بار ئەمما ئىپادىلىيەلمىگەن گەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەل قەلبىنى رام قىلىۋالغاچقا، بۇ ئەسەر خەلقىمىزنىڭ كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. ئەسەر1990 - يىلى نەشر قىلىنغان بولسىمۇ، خەلقىمىز قولىدىن چۈشۈرمەي، ئەتىۋارلاپ ئوقۇپ كەلمەكتە. ھەرقانداق كىتابخانىغا كىرسىڭىز ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ئۈچ كىتابنى سېتىۋالاي دەپ كىرسە تاپالماي قۇرۇق قول چىقىپ كېتىۋاتقانلىقنى كۆرۈسىز. (بۇ مەن كىتابخانىلاردا يولۇقتۇرغان ئەھۋاللارنىڭ بىر قىسمى، خاتىرە دەپتىرىمدىن) ئەمما بىر قىسىم كىتابلارنىڭ پۇكەيلەردە توپا بېسىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ  قاتتىق ئەپسۇسلىنىپ قالىسىز. دېمەك، بۇ تارىخىي روماندا يازغۇچى تولىمۇ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن شۇۋاقىتتىكى ئەمەلىي ئىشلارنى خەلقىمىزنىڭ ئويلىغانلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ ماكان، زامانغا ماس ھالدا تولىمۇ ئاشۇرۇۋەتمەي، كەممۇ قويماي ئەدەبىي قانۇنىيەت بويىچە ئىپدىلەپ، خەلقنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىپ ئوتتۇرىغا قويغاچقا، بۇ كىتاب خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولۇپلا قالماي، كېيىكى ئىزباسارلارنىڭمۇ قىزىقىپ ئوقۇشىغا سازاۋە بولۇپ كەلمەكتە. روماندىكى تىپىك پېرسوناژ(ئابدۇقادىر داموللا) تۈگەپ كەتكىلى 90 يىل بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر خەلقىمىز قەلبىدە ھايات. يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر رومانىدا  بۇ تارىخىي شەخسنى ناھايىتى تىپىك ھالەتتە ياراتقاچقا،بۇ ئەسەرلەرنى خەلقىمىز قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ كەلمەكتە.                                                           
مېنىڭچە، يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ ئىجادىي ھاياتىنى مۇنداق ئۈچ دەۋرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.
بىرنچى باسقۇچى، 1940- يىلىدىن 1950- يىلىغىچە بولغان باسقۇچ. بۇ مەزگىللەردە ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «بالا»، «ئالدانغان چولپان»، «تىنچلىق» قاتارلىق شېئىرىي داستانلىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ھەم «يولۋاس ئۇخلاپ ياتاتتى»، قاتارلىق ھېكايىلەرنى كۆرسىتىشكە تورا كېلىدۇ. مۇشۇ يەرگە كەلگەندە بۇ مەرھۇم يازغۇچىنىڭ مۇنداق بىر مۇھىم ئىشىنى قىستۇرۇپ قويۇشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ. مەرھۇم دادام غەنىزات غەيۇرانىنىڭ خېۋىر تۆمۈرنىڭ ئىجادىيىتى ھەققىدە مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگىنى ھازىرقىدەك ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. يەنى ئەينى زاماندا تۇرپان تارىخىدا يۈز بەرگەن ئىنانچىخانلىقىنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى يەنە كېلىپ تۇرپاندا ئىنانچىخانلىقىنىڭ ئاخىرقى ۋارىسلىرىدىن بولغان مامۇت خوجا ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەجىلىل«زور» ئاناتۇرخان قاتارلىق شەخسلەر، شۇ تارىخىي ۋەقەلەرنى قوراشتۇرۇپ ئىككى قىسىملىق بىر رومان يازغان. ئەمما تەقدىرى كاچ بۇ يازغۇچى، بۇ روماننى شۇ ۋاقىتتا نەشر قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، پۇرسەت كەلگەندە نەشر قىلدۇرىمەن دېگەن ئوي بىلەن ساخلاپ قويغان. ئەمما مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۆي ئاختۇرۇش ئەۋج ئېلىپ كەتكەچكە، خاتىرجەم بولالماي، بۇ روماننى بىر خالتىغا سېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى بىر ساقچى ئاغىينىسىنىڭ ئۆيىگە كۆتۈرۈپ چىقىپ شۇنىڭغا ساقلاپ بىرىشنى ھاۋالە قىلغان. «ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ» دېگەندەك، بۇ ساقچى ئاغاينىسى بۇ ئەسەرنى تېخىمۇ بىخەتەر ساقلاپ بىرىش ئۈچۈن، بىر كىچىك  ياغاچ  يەشىككە سېلىپ، ئايدىڭ كېچىسى دەرۋازىسىنىڭ بوسىغىسىنى بىر مېتىر كولاپ شۇ يەرگە كۆمۈپ قويغان، قېيىشقاندەك، 1970 –يىلى يول ياسايمىز دەپ ئۇلارنىڭ ئۆيىنى چېقىۋەتكەن، ئەمما يەشىكنى كۆمۈپ قويغان كىشىلەر بۇ يەشىكنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالغان. ئېسىگە كەلگندە بولسا ئۇ يەرنىڭ ئىزىنىمۇ تاپالمىغان، شۇيەردە قۇرۇلۇش قىلغانلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ باققان بولسىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغان. 1979-يىلى يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ نامى ئەسلىگە كېلىپ، ئەمدى ياغان رومانىمنى بىر يۇرۇقلۇقچا چىقىرا دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۇ ساقچىنىڭ يېنىغا بارسا ئۇ ساقچى تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا بۇ ئىشنى دېگەن، بۇنىڭ بىلەن خېۋىر تۆمۈر ئۇلۇغ بىر تىنىپ قويۇپ گەپ-سۆز قىلماي چىقىپ كەتكەن. مانا بۇ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىنىڭ ئاخىرلىشىشى.  بۇ ئىشنى 1983- يىلى كۈزدە مەرھۇم دادام غەنىزات غەيۇرانى ماڭ سۆزلەپ بەرگەنىدى. (خەتىرە دەپتىرىمدىن ئېلىندى) مەن «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسە» رومانىنى ئوقۇغىنىمدا بۇ كىشىگە بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشقانىدى. «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»، «بالدۇر ئويغانغان ئادام» قاتارلىق رومانلىرىنى ئوقۇغىنىمدا بۇ ئىرادىلىك يازغۇچىنىڭ ئۆزىنى ئەدەبىياتقا بېغىشلاش جاسارىتىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنىدىم. گەرچە ئىلگىرى يازغان رومانى نەشىر قىلىنمىغان بولسىمۇ، يېزىقچىلىق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ ماڭغاچقا، يەنە كېلىپ ئۇنىڭدىنمۇ ئېسىل تارىخىي رومانلارنى يېزىشقا كۆزى يەتكەچكە، ياشىنىوپ قالغىنىغا قارىماي كەينى-كەينىدىن بۇ يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان شىنجاڭ تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۈچ شەخسنىڭ ئىنقىلابىي ئىشلىرى تەسۋىرلەنگەن «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە»، «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» قاتارلىق تارىخىي رومانلارنى يېزىپ خەلقىمىزىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
دېمەك، يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى 1979-يىلىدىن 1992- يىلىغىچە ( 1992- يىلى 1- ئاينىڭ 29-كۈنى تۈگەپكەتكەن.خاتىرە دەپتىرىمدىن)بولغان مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
يىغىنچاقلىغاندا، مەرھۇم تالانتلىق يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر ھازىرقى بىر قىسىم يازغۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا رومان يېزىپ يازغۇچى ئاتىلىش تاماسىدا ئەمەس، يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى زامان  شىنجاڭ تارىخىنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا بىلدۈرۈش نۇقتىسىدىن قولىغا قەلەم ئېلىپ بۇ ئېسىل تارىخىي ئۈچ روماننى يازغان. يازغۇچى قىلچىمۇ ئىككىلەنمەستىن يېزىشمۇ تەس بولغان، ھۆددىسىدىن چىقىشمۇ تەس بولغان بۇ ئۈچ تارىخىي روماننى ناھايىتى مۇۋەپپىيەتلىك يېزىپ چىققان بولۇپ، ھازىرقى زامان تارىخىي روماچىلىقىمىزغا ئۆزىگە خاس يولتۇتۇپ، ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان يىتۈك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تامامەن ھەقلىق بىز.
2013- يىلى 10- ئاينىڭ 1-،2-،3- كۈنلىرى يېزىلدى. 11- ئاينىڭ 17- كۈنى قىسقارتىلىپ تەھرىرلەندى.
ئادرېسىم: شىنجاڭ گېزىتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈم ئىجتىمائىي خەۋەرلەر گۇرۇپپىسى. مۇدىر مۇھەررىر(كاندىدات ئالىي مۇھەررىر)
ھۆرمەتلىك مۇھەرىرلەر خاپا بولماي ماقالەمنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىنى ياكى ئىشلىتىلمەيدىغانلىقىنى ماڭا ئۇقتۇرۇپ قويغان بولسڭلار، ھۆرمەت بىلەن ئاپتوردىن. 13659978711 ئىشخانا 5593339


ھەمبەھرىلەش:  QQ دوست ۋە توپQQ دوست ۋە توپ QQ ھويلىسىQQ ھويلىسى تېڭشۈن مىكروبلوگىتېڭشۈن مىكروبلوگى تېڭشۈن دوستلارتېڭشۈن دوستلار
ساقلاشساقلاش ياقتۇردۇمياقتۇردۇم ياقتۇرمىدىمياقتۇرمىدىم
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

2-قەۋەت
ۋاقتى: 2016-10-31 19:07:52 | ئايرىم كۆرۈش
   پولات ئەپەندى بىر ياخشى ئشقا تۇتۇنۇپسىز،بۇنىڭدىن خۇش بولدۇم،سىزگە ئۇتۇق تېلەيمەن.

3-قەۋەت
ۋاقتى: 2016-10-31 21:47:01 | ئايرىم كۆرۈش
پولات ئەپەندى ئەسىرىڭىزدىن بەك سۆيۈندۈم. مەن كەمتەر، پەزىلەتلىك يازغۇچى خېۋىر تۆمۈر ئاكىنىڭ كىتابلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقىغان ھەم ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتىمەن.  قەلىمىڭىز تېخىمۇ  بەركەتلىك بولسۇن قېرىندىشىم...

4-قەۋەت
ۋاقتى: 2016-10-31 22:11:38 يانفوندا يوللانغان | ئايرىم كۆرۈش
تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن!

5-قەۋەت
ۋاقتى: 2016-11-1 10:56:18 | ئايرىم كۆرۈش
مەرھۇم خېۋىر تۆمۈر ئەپەندى ھازىرقى زامان تەزكىرە ئەدەبياتىغا ئاساس سالغۇچى مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ بىرى سۈپىتىدە مەڭگۈ ئۇلۇغلانغۇسى !

6-قەۋەت
ۋاقتى: 2016-11-1 12:21:10 | ئايرىم كۆرۈش
ماۋزۇنى  «يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا» دېگەن بولسىلا تېخىمۇ ئىخچام بولار ئىدى.

7-قەۋەت
ۋاقتى: 2016-11-1 13:13:02 | ئايرىم كۆرۈش



      دوستۇمنىڭ ھېلىمۇ يۇقۇرىقى قەۋەتتىكى تەۋسىيەنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. يەنى

     «يازغۇچى خېۋىر تۆمۈرنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا» دېگەن ماۋزۇنى.

8-قەۋەت
ۋاقتى: 2016-11-1 13:41:05 | ئايرىم كۆرۈش
ھارمىغايسىز. قىممەتلىك ئەجرىڭىزدىن مەرھۇمنىڭ روھى تېخىمۇ خوشال بولۇپ قالغۇدەك.

9-قەۋەت
ۋاقتى: 7 كۈن بۇرۇن | ئايرىم كۆرۈش
پوئاتكامنىڭ ئىزدىنىشلىرى تېرەنلەپ بارماقتا!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش