يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 8810|ئىنكاس: 11

بەرقى شېئىرلىرىدىن تاللانما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


سۇ چېقىنلىرى



            ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى



       1

شۇنچىلىك گۈزەل ۋە مۇلايىم،

بىر قۇتا ئىچىدە ئۇخلاپ ياتار جىم.

باشلىرىنى قويغۇڭ كېلىدۇ سىلاپ،

بىر تەلۋە تۇيغۇنىڭ دەردىگە چىداپ.



نېمە دەپ تەرىپلەي سۈزۈكلۈكىنى،

سۈزۈكتىن ئۆتە تۈزۈكلىكىنى...



سىلىدىم ،سىلىدىم،

بىر گەۋدە بولدى ئۇنىڭ بىلەن ئالقىنىم.

قارىدىم ،قارىدىم،

مەن ئۇنىڭ تېنى،

ئۇ مېنىڭ تېرەمدۇر بەلكىم.



ئىچىمدە ئاجايىپ قانماس بىر چاڭقاش،

شۇ چاڭقاش ئىچىدە ئاقىدۇ قېنىم.

چاڭقاشنىڭ ئىچىدە ئېغىر بىر قاناش،

قاناشنىڭ دەردىدە قىينىلار جېنىم.



ئالدىمدا بىر گەۋدە،

شەكىلسىزلىك ئۇنى قىلغان پەيۋەندە .

رەڭگى ئۈنلەيدۇ بولۇپ بىر كەپتەر،

تەمى

تاتلىق ئەمەس،

ئاچچىق ئەمەس.

دەپ بەرگىلى بولماس بىر تەم،

ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن تارقىتار خەۋەر.

مەن ئۈچۈن بەلكىم ،

ئۇ بىر يېرىم كېچە،

ياكى بىر سەھەر.



تېرەم بىلەن  مۇڭدىشار،

دەپ بەرگىلى بولماس بىر تىلدا.

باغرىم بىلەن  ئوينىشار،

كۆڭلۈم بىلەن بويلىشار،

مۇقەددەس بىر ئاھاڭ،

                           ئاھ بۈگۈن دىلدا!

              2

ئاسماندىن تۆكۈلەر پەرىشتىلەر،

چېچىمدا ئۇچرىشار  گويا ئىككى چۆل.

بىر-بىرىگە چەكسىز يېقىنلىشار،

قانماس جۈپ كۆڭۈل....

            3

شامال ياپراقلارنىڭ كۆيۈك قەلبىنى،

سوۋۇتۇشقا ئۇرىنار،

                            ۋۇجۇدى بىلەن.

لېكىن ياپراق كۆيەر،

يامغۇرنىڭ سۆيۈشى

ئۇنى سۆيۈپ ،سۆيۈپ تۈگىتەر.

ئاھ بۇ سۆيۈك دەرتلىك نەقەدەر...!

           4

بەزىدە قاتتىق....

                      قاتتىقلىقى ئوخشايدۇ تاشقا .

ياقساڭ لېكىن قەلبىڭنى

                                    سۈزۈكلۈك ۋە پاكىزلىق بىلەن،

تاش ئېرىپ،

              ئايلىنىدۇ بىر تامچە ياشقا .

تىلەيمەن رەببىمدىن ئەمما،

تاش بولۇشنى يولاتما باشقا.

                5

ئامراقلىقىمدىن

                        يۇتۇۋەتكۈم كېلىدۇ قانماي...

نازۇكلىقىدىن

قارايمەن سائەتلەپ،

                              كۆزۈمنى ئالماي.

رەڭگى كۆك ياكى يېشىلغا

                                            يېقىنلاشقاندا،

تۈگەيدۇ تاقەت بۇ ئاجىز جاندا.

ئۇندىن ئۆزگە نەپىسلىك قالماس جاھاندا.

ۋەسلىگە يەتسىمۇ لېكىن قانالماي،

رىغبەت يوق ئالدىغا مېڭىشقا ،

ياكى يانالماي

يۈرەك پارە-پارە بولار ئارماندا.

     6

نەچچە مىڭ يىل ئۇسسۇزلۇق ئازابىدا،

باغرى كاۋاپ بولغان تەكلىماكان.

سىموۋۇلى قەلبىمنىڭ بۈگۈن.

باشلاپ كەلسە دېڭىزنى

تەكلىماكان قانار.

                        قەلبىم قانماس.

باشلانغاندەك ئەمدى ئۇسسۇزلىقى.



                          2010-يىلى 7-دېكابىر بېيجىڭ

قايتىش



قايتىپ كەلدىم يۇرتۇمغا ئاخىر،

سېغىنىشنىڭ باغرىنى يېرىپ.

قانىتىمغا ئۇرۇلۇپ بۇلۇت،

توزغاق كەبى كەتتى چېچىلىپ.

كۆزلىرىمنىڭ باياۋىنىدا ،

تونۇش سىما گۈل بوپ ئېچىلىپ.



ئۇچۇۋاتقان مەن ،ئۇچقۇ ئەمەس،

يىراقلاردا قالماقتا ۋاقىت.

تېنىم تېخى كۆكنىڭ قەھرىدە،

لېكىن ئۇچقۇر يۈرىگىم ھازىر،

بۇلبۇل بولۇپ ئۈنلەيدۇ غېرىپ.

مەنزىلىگە بولغاندەك بېرىپ.



سالام! سوغۇق سۆيدى لېۋىمنى،

بىر ئىللىقلىق لېكىن ئەپتىدە.

چىلىق چىلىق تەرلىدىم ھەتتا،

ئاپپاق قارنىڭ تۆككەن تەپتىدە.

تەكلىپ قىلار مېنى ئۇسۇلغا،

كۆپ-كۆك مۇزلار ئاۋات رەستىدە.

دەرۋازىدا بىر تۈپ چوڭ دەرەخ،

سېغىنىشتا بولۇپ مەس –مەلەغ،

پىچىرلىدى ئۆز تىلىدا ئۇ،

سۆيۈشكەندەك ئۆز تىلىدا سۇ.



ئالىپ بۈگۈن گويا بىر دېڭىز،

كۆك ئاسماندۇر باغرىم ئىلتەرىش.

قايتىپ كەلدىم ئۆيۈمگە ئاخىر،

ئۈنلىگەندە باھار بولۇپ قىش.

                       2011-يىلى 4-يانۋار كەچ ،ئۈرۈمچى
بۇلۇت



1

ئارىلىقىمىز شۇنچىلىك يىراق ،

كۆز ئالدىمدا تۇرىسەن بىراق.



ئېسىمدە ،

خىيالدەكلا نازۇك باغرىڭغا

ئۇچۇپ كېلىپ ئۇرۇلغىنىمدا

بىر گۈل كەبى تۇزۇپ كەتكىنىڭ.

بۇلۇتلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدا

مۇشۇ ۋىسال بولۇشى مۈمكىن.

ياكى بۇلۇت ئۆزگە تىلسىمات،

ۋىسال نېمە بىلمەيدۇ بەلكىم.



بەزىدە سۈكۈتنى ئاۋازىم بىلىپ،

توۋلايمەن :بۇلۇت،بۇلۇت!

سادا كېلەر ئاسماندىن :

-ئۇنۇت ،ئۇنۇت!

لېكىن تەستۇر ئۇنتۇماق،

ئۇنتۇشقا ئۇرۇنغانسىرى ،

ئېغىر كېلەر ئادەمگە پىراق.



جىسمى خىيالدىن يەڭگىل،

خىيالى

ئالەمدىن ئېغىر

كۆكۈمدىكى ئەي ئاپپاق بۇلۇت،

سېنى ئويلاپ قان بولدى بېغىر،

سېنى ئويلاپ خىيالىم يېغىر.

     2

گۈلگە قاراپ بولىمەن خىجىل،

نەقەدەر ئاجىز ھە ئىنساندىكى تىل.

دېگەن گەپلىرىم چالىدۇر دائىم،

ئەمما ئۆز تىلىدا شۇنچە بەھۇزۇر،

قېنىپ –قېنىپ مۇڭدىشىدۇ گۈل.



چىقماس ئاۋازى ،

تىلى ئۇنىڭ جىمجىتلىق.

بولۇپ لاۋۇلدىغان ئوت،

گۈلى ئۇنىڭ جىمجىتلىق.



ئەي ئاق بۇلۇت ئاسماننڭ گۈلى،

ئەي ئاق بۇلۇت سۆيگۈنىڭ كۈلى.

   3

ئۇچۇپ ئۆتتۈم بۈگۈن يېنىڭدىن،

ھوزۇر ئېلىپ يەنە جېنىڭدىن.

پەرۋاز قىلار بەھۇزۇر ئۇچقۇ،

قاراقلىرىم پاتتى باغرىڭغا ،

مەن ئۈچۈن بۇلۇتقا

ئايلانغان ئەي سۇ!

   2010-يىلى دېكابىر

2011-يىلى مارت بېيجىڭ
ماناس دەرياسى





ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺩﻩﺭﻳﺎ ،
ﻗﺎﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺗﺎﺭ ﻛﯚﻣﯜﻟﯜﭖ.
ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻛﻪﺑﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻼﻥ،
ﺳﯘﺋﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﭽﻪ ﺧﺎﻣﺎﻥ.

ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺩﻩﺭﻳﺎ،
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺷﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﻰ ﻛﻪﺑﻰ
ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﮬﻪﺳﺮﯨﺘﻰ ﻛﻪﺑﻰ
ﺋﯧﻘﯩﭗ=ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻗﯘﺭﯨﻐﺎﻥ ﮔﻮﻳﺎ.

ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺩﻩﺭﻳﺎ ،
ﺑﯧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ،
ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ،
ﺩﻭﻟﻘﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ.

ﻛﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺩﻩﺭﻳﺎ ،
ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﻛﻪﺑﻰ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﯗﻕ ،ﺗﻪﻧﮭﺎ.
ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﮔﻮﻳﺎ ﺋﻪﺟﺪﯨﺮﮬﺎ،
ﻏﻪﻣﻜﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ...
1999-ﻳﯩﻞ 13-ﻓﯧﺒﺮﺍﻝ



ئابلېكىم  ئابدۇلئەھەد

  (ئوقۇغۇچۇم ،شائىر ئابلېكىم ئابدۇلئەھەدكە مەرسىيە )



شائىرلىق كوچىسىدا بىر دانە جېنى،

يېرىلغان ئاناردەك بولدى مىڭ دانە.

ئۆلۈمنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئۇرۇپ ،

ھاياتقا ئۆلۈمدىن ئىزدىدى مەنە.

ئۆزى كەتتى ،قالغان سۆزلىرى،

پارلايدۇ ۋە لېكىن مىسرا تۈۋىدە.

كەتتى دېمەڭ مۈمكىن ئۇچرىشىش،

مەنەلەر باغرىدا قايتىدىن يەنە.

يازغان شېئىرلىرىدىن يازمىغىنى كۆپ،

دەپتىرىدە ئاخىرى ئۆزى،

قېتىپ قالدى بىر شېئىر  بولۇپ.

                              





ھايات نوپۇسنىڭ تېلىپون نومۇرى

(ئوقۇغۇچۇم ،شائىر ھاياتنوپۇسقا مەرسىيە )



ئۆچۈرۋېتەي دېسەم ھەي تېخى،

ئۆچۈرۋەتمەي دېسەم ھەي تېخى.

تېڭىرقاشتىمەن ،

قىينىلار يۈرەك،

بەدىنىمدە ئاجىز بىر تىترەك.

گويا بۈگۈن ئەتە ئىچىدە

تېلىپونۇم تۇيۇقسىز جىرىڭلاپ،

ھايات سوراپ قالىدىغاندەك،

-مۇئەللىم سىز نەدە؟



ئۆچۈرۋەتسەم تېل نومۇرىنى

بىزدىن مەڭگۈ ئايرىلغان ھايات،

ئۆچۈپ كېتىدىغاندەك نومۇر بىلەن تەڭ.

ئۆچۈرۋەتمىسەم

ھەر كۆرگەندە بۇ نومۇر ،

ئازابىمغا ئاچار يېڭى جەڭ.

تېلىپونۇمۇر دەپتىرىمدىكى

ئۇ دۇنياغا كېتىپ قالغان،

نۇرغۇن دوستۇم ،يېقىنىم بىلەن.



ھايات ئوقۇغۇچۇم ئىدى تۈنۈگۈن،

ئۇنىڭ ئۆلىمى ئالدىدا ،

ئوقۇغۇچى بولدۇممەن بۈگۈن.

ئۆلۈمنىڭ ئالدىدا ئاجىزكەن ھەممە،

جېنىمىز تۇترۇقكەن ئۆلۈملەر ئۈچۈن.

ئالەمنىڭ كۆكسىدە ئېچىلغان گۈلكەن،

بىزگە مەنسۇپ دەملەر

ئەتە ۋە ئۆگۈن.



ئەلۋىدا ،ئەلۋىدا ،ئەلۋىدا ھايات،

تېلىپون نومۇرى ئىچىدە

بىر قۇش كەبى قېقىپ تۇرغان قانات.



2011-يىل نويابىر بېيجىڭ

پاشا قەسىدىسى

   بەرقى





ياتىقىمدا بىر پاشا،

خامان بولدى بەدىنىم ئاڭا.

خالىسا چاقىدۇ ،خالىمىسا

قۇلىقىم تۈۋىدە ئېيتىدۇ ناخشا.

قاچقۇم كېلەر تېرەمدىن چىقىپ ،

ماڭا قىيىن،ئاڭا تاماششا.

بۇنىڭدىن سەت ئاۋاز ،

                      ناچار لىرىكا ،

بىلمىدىم بارمىدۇ يەنە دۇنيادا؟



قوغلىسام قاچىدۇ،

قاناتلىرى بار،

توختىسام شۇھامان كېلىدۇ قايتىپ.

ئۇرساممۇ شۇنچىلىك ،چەنلەپ ئاۋايلاپ،

شاپىلىقىم ئاستىدىن بولىدۇ غايىپ.

چاقسىمۇ مەيلىتى ،

چىقماي ئاۋازى،

بەدەننىڭ دەردىگە بېرەتتىم بەرداش.

ۋە لېكىن ناخشىسى تەسۋىرلىمەك تەس،

مۈمكىنمۇ ئاڭلىماق ،مۈمكىنمۇ چىداش؟



بۇ ئاۋاز ھەممە يەردە ،

تارقالماق بولار ھەممە يەرگە.

ھەتتا كىرمەك بولار ،

بۆسۈپ قەلبىمگە.

ھالىتىم بىچارە،

ئامالسىزلىق دەشتىدە ،

مەن بولدۇم رەسۋا،

ئاڭلاش سەزگۈمگە بولالماي ئېگە.



بۇ ئاۋاز ھەممە يەردە ،

تارقالماق بولار ھەممە يەرگە.

سەت دەي دېسەم،

خىجىل بوپ قالىدۇ سەت دېگەن سۈپەت.

يېقىمسىز دەي دېسەم،

يېقىمسىزلىق ئۇنىڭ ئالدىدا،

بىباھا يېقىملىق،

راھەتتۇر راھەت!



ئېغىزى ئېچىلسا

ئاڭلىماسلىق ئىختىيار ئەمەس.

ئۇچار قۇلىقىڭ يېنىدىن ئايلىنىپ.

سەزگۈڭ تېكەنلىشىپ ،

زۇلۇمغا ئايلىنار ،

سەن ئالغان نەپەس.

قۇلاقنى ئەتسەڭمۇ

تېرەڭ ئارقىلىق كېلىدۇ كىرىپ.

سەرگۈڭنى گويا

بىر گال  پىچاقتا كېسىپ ۋە يىرتىپ .



قۇلىقىم تۈۋىدە بىر پاشا،

قىينالغان ھالىمنى قىلار تاماششا .

ئاۋازى

مەن ئۈچۈن دەججالنىڭ بۇرغىسى گويا،

ئۇ خوشال ۋە لېكىن ،

شۇنچىلىك پەرۋاسىز ئېيىتىدۇ ناخشا.

تىڭشايمەن،

تار كېلىپ تېرەم.

تىڭشايمەن،

قۇلىقىمدىن ۋاز كەچكۈم كېلىپ.



          2011-يىلى 22 -سىنتەبىر بېيجىڭ .لۈشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتى

بۈگۈن كىتاب ئىشكابىمنى ئاقتۇرىۋاتسام قولۇمغا 17-18 ياش ۋاقتىمدا يازغان بىر قىسىم شېئىرلىرىم ئۇچراپ قالدى.ئارىدىن 22 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىپتۇ.ئەشۇ شېئىرلار ھاياتىمنىڭ بىر خاتىرىسى سۈپىتىدە بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ قاپتۇ.كۆرۈپ بېقىشىڭلار ئۈچۈن سۇندۇم!





خەيرى ،18 باھار





قېنىغا پاتماستىن ئاققان بىر دەريا ،

كەپ قالدى دولقۇنلۇق دېڭىز ئالدىغا .

بىر چىنار پەلەككە قاراپ سوزدى بوي،

كۆرۈنۈپ بارغانچە گۈزەل بۇ دۇنيا.

...............................

مىنۇتلار ئۆتمەكتە... تۇرىمەن سېزىپ.

بىلىمەن ئۇ مەڭگۈ قالماس تىرىلىپ.

يۈرىكىم چۈشمەكتە ياش بولۇپ ئېقىپ...



كۆمۈلدى بىر چىچەك يەرنىڭ ئاستىغا ،

كۆمۈلدى بىر يالقۇن تەكتىگە يىلتىز.

خوشلاشتى بىر دەريا ناخشىسى بىلەن،

باغاشلاپ دولقۇنلاپ تۇرغان كۆك دېڭىز ...

  1989-يىلى 23-ئاۋغۇسىت لوپ ناھىيە سامپۇل يېزىسى



ئۆزۈم ياسىغان يەرشارى



دولقۇنلار تىنماستىن تۇرار ئۆركەشلەپ،

كۈمۈشرەڭ چاچقۇدا ھاياتنى بىزەپ.



تاغلارنىڭ رېتىملىق تىنىشلىرىدىن،

يۈرىكىم سىرلارنى قىلار تەرجىمە.

كۈندۈزنىڭ يۇلتۇزى گۈزەل ئاققۇلار،

جاھانغا پاتمىغان خىيالىم-ئەركە.



بۇ يەردە بەزەن داۋاملىشار قىش،

خياللار تەكتىدىن چىققۇچە تىۋىش.

جاھاننى پۈركۈگەن قار چىچەكلىرى،

چۈشىىدۇر باھارنىڭ ئاپپاق ،پاكىزە.



ئەنە بىر چۈمىلە،

                 ئىشچان ،بەك ئىشچان،

ھايات داستانىمغا قويدى  بىر تال خىش...

            1989-يىلى 20-ئاۋغۇست لوپ ناھىيە سامپۇل يېزىسى



قىش شەپىسى



دالىلاردا ھۇۋلايدۇ شامال،

سارغايماقتا شاخلاردا ياپراق.

ئېتىزلاردا ئۇخلايدۇ مايسا،

بوشلۇقلاردا تىنەيدۇ توزغاق.



تاۋلانماقتا جۇدۇندا گىياھ،

زىمىستانغا ئېچىپ كەڭ ئېتەك.

ئەتىكى ئۇز ،يېڭى باھاردىن

قىش شەپىسى بەرمەكتە دېرەك.

                   1988-يىلى 17-ئۆكتەبىر لوپ 1-ئوتتۇرا مەكتەپ

(بۇ شېئىر <<يېڭى قاشتېشى >>ژورنىلىنىڭ  1989-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان)



ئاي تۇتۇلغان ئاخشىمى



ئاي تۇتۇلدى بۇلۇتسىز ئاخشام،

شۇنچە خۇنۈك ،قاتىل يۈزىدەك.

جىمىرلىشار يۇلتۇزلار سوغۇق،

ئالەم تىمتاس ئۆلۈك كۆزىدەك.



باغچىسىغا نازۇك كۆڭۈلنىڭ،

بايۋانلار كېلىدۇ دەۋرەپ.

سۇنۇق دەرەخ شېخىدا بىر گۈل،

ئاجىزغىنە تۇرغاندەك تىترەپ.



بىر مېھماندۇر چاقىرىلمىغان،

تومۇرلاردا ئەگىگەن تەشۋىش.

ئاي تۇتۇلغان بۇسوغۇق ئاخشام،

روھىيەتتە ھۆكۈم سۈردى قىش...

  1989-يىلى 21-فېۋرال لوپ

پارچە





قايرىما دېمە،

قايرىلسا قوللىرىڭ

تال شېخىدەك بولۇپ ئەۋرىشىم ،

گىرە سالار بوينۇمغا .

         1989-يىلى 5-يانۋار لوپ
يالغانچى



چۈشكە تۇزاق قۇرۇپ پىنھاندا ،

روھلارغا ئۇ قىلدى خوشامەت.

يۇلتۇزلارغا بەردى ھەم سوۋغا،

نۇرلىرىنى ئالدى ئارىيەت.

          1989-يىلى 1-ماي سامپۇل
گۇم



تىنىمسىز بىر خىل شاقىرار ئازما،

قىرغاققا تەكرار ئۇرۇلار دولقۇن.

ئىنسان چۈشەنمەس گۈزەل بىر تىلدا،

سۆزلىشەر تىنماي،

                          سۇ بىلەن زىمىن.



قاينار بۇژغۇنلار ياساپ كەڭرى گۇم،

سۈزۈك مارجانلار ئۇرۇلار ھەريان.

بەلكىم بىر چۆچەك ،بەلكىم بىر تارىخ،

قىلىپ بارىدۇ بۇ يەردە داۋام.



گۇمغا قارايمەن،ئەجەپقىنا ھال،

يۈرەك تىنىچسىز ،چېچىلار خىيال...

                 1988-يىلى 10-ئۆكتەبىر سامپۇل
بىر ئېشەككە تېز سىزما

                   (ھەجۋىي)

چاڭرىشى يوق مۇستەقىل پەقەت،

باشقىلارغا جۈر بولۇپ ھاڭرار.

خيالى يوق تەنھا ھەتتاكى ،

دەپ بولمايدۇ شەخسىي پىكرى بار.



يەم يىسە گەر يېنىدا بىرسى ،

ئۇمۇ دەرھال يەمگە يېپىشار.

خۇددى بىر تال سايىدۇر جىسمى،

باشقىلارنى دوراشقا تەييار.



ئۆلدى ئاچ قېپ ئاخىرى ئېشەك،

ئۆزى قالغاچ ئېغىلدا تەنھا .

چۈنكى ھىچكىم نەرسە يىمىسە،

بولمايدۇدە ئۇ يىسە توغرا.

1989-يىلى 14-يانۋار شەنبە سامپۇل
ئىشەنمەيمەن ئادەملەرگە ھىچ

            (بىر قۇش تىلىدىن)



قولىدا دان چاقىرار ھارماي،

مېنىڭ ئۈچۈن بولۇپ پاي-پېتەك.

پەرۋازىمغا باقار زوقلىنىپ،

قونسۇن ئۇ دەپ ئېچىپ كەڭ ئىتەك.



لېكىن كۈلەر ئەجەپمۇ سىرلىق،

بىر كۆز ئوينار كۆزى ئىچىدە.

بىر يۈز باردۇر يۈزى ئىچىدە،

سۆز بار يەنە سۆزى ئىچىدە.

كۆرىنىدۇ توزاق سايىسى

كۆزىدىكى قارا كېچىدە...

1988-يىل 26-سېنتەبىر  لوپ
بالىلىق يالدامىسى



قوي باققان بالا ئىدىم،

سوۋغا بولغان قويلاردىن قوي كۆز.

سوۋغا بولغان بۇلاقلاردىن،

سۈزۈك بىر قەلب.



سوۋغا بولغان جاڭگالدىن،

قاراقچىغا ئوخشاش بىر مىجەز.

سوۋغا بولغان تىكەنلەردىن ،

تاپىنىمغا جەسۇرلۇق.



قوي باققان بالا ئىدىم،

باقماقتىمەن ھازىر

سۆيگۈنىڭ قويلىرىنى

ئوتلىتىپ

مىسرالارنىڭ جاڭگاللىرىدا ...

1989-يىلى 10-فېۋرال لوپ
چىچەك قەسىدىسى



قىسقا دېمەڭ چىچەك ئۆمرىنى ،

ئېىچىلىپلا كەتسە تۆكۈلۈپ.

ئۆمرى قىسقا ئۇنىڭ سۆيگۈدەك.



قىسقا دېمەك چىچەك ئۆمرىنى ،

ئىزى ئۇنىڭ ئۆمرىدىن ئۇزۇن.

ئىزى ئۇزۇن ئۇنىڭ سۆيگۈدەك.



قىسقا دېمەڭ چىچەك ئۆمرىنى ،

چىچەك گويا ئاقار يۇلتۇزدەك،

بىرلا چاقناپ ئۆچكەن بىر يۈرەك.



قىسقا دېمەڭ چىچەك ئۆمرىنى ،

ئەڭ مۇقەددەس ئاخىرلىشىشتۇر،

سۆيگۈ ئۈچۈن باشلىنىش دېمەك.

1989-يىلى 3-ئاپرىل دۈشەنبە لوپ
گە

ئۆلگىنىمدە تۆكمە يېشىڭنى ،

تامدۇرمىغىن لەۋلىرىمگە سۇ.

مۇسىبەتتە ئەگمە بېشىڭنى ،

تۇتۇلمىسۇن گۈلدەك يۈزۈڭمۇ.



چىقىپ مىسكىن تۇپراق بېشىمغا

كۈي-كۈيلىگىن ئاداققى بىر رەت.

يېزىپ قويغىن قەبرە تېشىمغا ،

ئىشقىم ئۈچۈن ئۆلگەن دەپ پەقەت.

1990-يىلى فېۋرال لوپ
ئۈرۈمچى كېچىسى



مەجنۇنتال شاخىلىرى تەۋرىنىدۇ سۇس،

دىلىڭغا سېھىرى تۇيغۇلار بېرىپ.

سىمىنۇت يول ياڭرىتار رېتىملىق ئاھاڭ ،

خىلۋەتلەر سۈر ئىچرە ياتار يېيىلىپ.



خىلۋەتلەر سۈر ئىچرە ،يۇلتۇزلۇق كېچە،

شىرىن ھىس ئىلكىدە ئىڭرايدۇ جاھان.

ئاستىلاپ ماڭماقتا تارتىنچاق يىگىت،

كېچىلەر بولسۇن دەپ ئۇزۇن ۋە ئامان.

                  1989-يىل 21-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى

بۇ شېئىرىم تۇنجى قېتىم تارىم ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان.



باھار



چىچەكلەر چىتەندىن قارىسا ماراپ،

كەينىدىن خوشپۇراق چىقىدۇ تاراپئ



لەيلەيسەن پەي كەبى تەنلىرىڭ يىنىك،

نۇر تۆكەر زىمىنغا قۇياش بېقىپ تىك.



ئەڭ خىلۋەت جايلاردا قېتىپ قالغان مۇز،

تامچىلاپ-تامچىلاپ تۈگىدى ئېرىپ.

كىم دەيدۇ تۈگىدى دەپ ئەشۇ مۇزنى،

يۇمران بىخ ،ياپراققا قالدى ئايلىنىپ.

ھەقىقەت شۇدۇركى قار-قارمۇزمۇ ھەتتا،

ئايلىنار زىمىننىڭ پەرۋانىسىگە ،

باھارنىڭ سائىتى كەلگەن يېتىپ.

                2009-يىلى 17-ئاپرىل ئۈرۈمچى
     يامغۇر



سۆيۈپ مەڭزىنى

سىڭىپ كىرىپ تال-تال چاچلىرى قېتىىغا

ئېقىپ كىرىپ نازۇك بوينىغا

ئۆرلىتىپ باغرىدىن

ئەتىرنى ھەسرەتتە قويار بىر ھىدنى

ياغماقتا يامغۇر



ھاياتلىق قۇترىدى

ئەكچىگەن ئۇرۇقلار يېرىلدى قات-چاك-چاك

ئۇرۇلدى تەكرار

زىمىن باغرىغا

نەچچە ئەسىردىن بۇيان قالغان قاغجىراق





ھازىر ھىچكىم مۇزىكىغا ئەمەستۇر تەشنا

يامغۇرنىڭ شىۋىرلىشى

بولۇپ قالدى ئەڭ گۈزەل مۇزىكا

تومۇر-تومۇرلىرىغا تاراپ

تومۇرلار ئىچىدە ئەركىلىپ يايراپ

زىمىننى

ھاياجان بىلەن بەزىدە قىسىپ ۋە قاساپ

دۇنيا بۇ دەپ ئەڭ گۈزەل ئازاپ

ياغماقتا يامغۇر



يامغۇر ئەجەپ بىر تىل

تەرجىمىگە يوقتۇر ھاجەت

يامغۇر ئەجەپ بىر دىل

ئازاپ قۇچىقىغا چۈشكەن تامچىلاپ

يامغۇر بۇلبۇل

كۆز ياش شەكلىدە يۈرگەن سايراپ

باياۋاننىڭ ھەسرىتى ئىچرە

تەبىئەتكە ئەركىلىپ يايراپ



.......

ياغماقتا يامغۇر

2009-يىلى 7-ماي ئۈرۈمچى                                          

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +127 يىغىش سەۋەبى
كۆھتام + 127

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-3 18:01:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆھتىرەم ئۇستاز شائىر ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى ئەپەندىگە كەمىنە ئابدۇلئەھەد قادىرىدىن سېغىنىپ دۇئايىسالام!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-6 22:15:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھەدى ئاكا ،ئەسلى ئۇستاز سىز !
مەن سىزنىڭ شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ چوڭ بولغان .بۇ گەپلىرىڭىزنى كۆرۈپ خىجىل بولۇپ قالدىم.
ھۆرمەت بىلەن بەرقى

ۋاقتى: 2014-11-21 07:25:03 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرقى ئۇستازنىڭ كونا-يېڭى ئەسەرلىرىدىن خوپ بەھىر ئالدىم.سالامەت بولغايلا.

ۋاقتى: 2014-11-21 11:21:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ئابدۇرېشىت بەرقىنىڭ بۇنىڭدىن 20يىل بۇرۇن يازغان شېئىرلىرى بەكرەك تېتىملىق بىلىندى. ئەپسۇس ...!ئەشۇ ھاياجانلىق چاغلىرىمىزغا ھېچقايسىمىز قايتالمايمىز....

ۋاقتى: 2014-11-21 13:54:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭدىن تۆكۈلەر  قەلىبنىڭ بەرگى،
چاقناپ تۇر ھەر زامان پىداگوگ بەرقى...

ۋاقتى: 2014-11-21 17:10:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، تېنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەتلەر تىلەيمەن

ۋاقتى: 2014-11-22 13:07:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل شېئرلىرڭىزنى ھوزۇرمىزغا سۇنغىنڭىزغا رەخمەت  مۇئەللىم

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-22 16:21:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىككە رەھمەت!

ۋاقتى: 2014-11-23 12:30:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلئەھەت ئابدۇرىشىت بەرقىنىڭ ھەر بىر يازمىسىنى ئوقۇغۇنۇمدا بىر قېتىم ھاياجانلىنىمەن. ئۇنىڭ ئۆزگىچە كۈزۈتۈش ئىقتىدارى،  تىمىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن تاللىغان ئەڭ نەمۇنە شەكىل، يۇقۇرى بەدىئىي دىت ۋە ئوقۇرمەنگە يېڭىدىن -يېڭى تۇيغۇ ئاتا قىلالايدىغان تىل ماھارىتىگە قاراپ كۆپ قىرلىق ئەدىپ بولماق ماڭا ئىنساننىڭ ئۆز خاھىشىچە بولمايدىغان ئىشتەكلا بىلىنىدۇ.
دوكتۇر، شائىر، يازغۇچى، ئىژتىماىي تەتقىقاتچى، يىتىشكەن تەرجمان ئابدۇلئەھەت ئابدۇرېشىت بەرقىگە نىسىپ ئېتىلگەن ئۇ خىل كۆپ قىرلىق ئەدىپلىكتىن زوقلىنىمەن، سۆيۈنۈمەن! ئەدىپكە ئەمىنلىك، ساقلىق تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2014-11-23 22:18:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر تامچە-بىر ۋولقان،ئۇلغايغان يالقۇن،
يىلتىزى زېمىندىن سۈمۈرگەن ئوزۇق.
كۆزلەرنىڭ ئېچىدە سىرلىق بىر كۆز بار،
مىسرالار قارچۇقتا گويا بىر-قوزۇق...!



تەشەككۈر بەرقى...يازمىلىرى بەئەينى ئانا تۇپراق باغرىنى قاماللاپ تۇرغان مەزمۇت قوزۇقتەك،كىشىگە ئىشەنچ ۋە ئىرادە ئاتا قىلىدىكەن...ئاپىرىن...!

ۋاقتى: 2014-11-23 23:24:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇلئەھەت ئابدۇرىشىت بەرقىنىڭ تىنىگە ساقلىق، ئىجادىيىتىگە بەركەت تىلەيمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش