فاتىھە موچىد ماراكەشلىك شائىرە، 1958-يىلى تۇغۇلغان.
ئۆرلەش
خارابە ئاستىدىن كۆتۈرلىمەن
مەغرۇرلۇقۇمنى بويلاپ ياماشقانچە
ئۈستىگە چىقىمەن
ئازابنىڭ چوققىسىدا تۇرۇپ
ئەسلىمىلىرىمدىن
بىر قەلئە ياسايمەن
بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە
ئاسماندىن كەلگەن ئۈمۈد بىلەن
ئۆزۈمنى ئورايمەن
بۇ پۈتكۈل غۇلىشىمنى
داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىلگىرى.
ھايات سەن
دولقۇن
ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىنى چىقارغىنىدا
ئاچكۆز قۇم ئۈستىدە
تالاي قېتىم
ئۆلىمەن
ۋە شۇندىلا ھايات قالالايسەن
قانسىراش
روھىمدىن
قان ئاقماقتا
بىراق
قەلىمىمدە
قاندىن ئەسەر يوق
ئېيتىلمىغانلىرىدىن (تاللانما)
1
مۇھەببەت
ئاستا-ئاستا
ئۆلۈشنى
ئۆگىنىش
دېمەكتۇر
2
تالاي رەت
ۋاقىتنىڭ نوقۇللۇقىغا دەسسەپ
كېپىنەكتەك يېنىكلىك بىلەن
بىز كەلگۈسىدە
چۈشەيدىغان ئاشۇ كۆلەڭگىلەرگە
يوشۇرنۇپ
تەن خەرىتىسىنى
بويىغانىدۇق
3
مېنى
دۇنيانىڭ ئۇ تەرىپىگە ئېلىپ كەت
ئۇ يەردە
تاساددىبىيلىق ئۇچرىشىشقا ئايلىنار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-16 15:59