نۇرلارنىڭ چىكىگە يەتمەيدۇ ئاسمان
مېھرىبان نىياز چوغلۇق
يېراقتىكى سايە يېقىنلاپ كېلۇر،
يېقىندىكىسى كىتەر يېراققا.
بارلىق، يوقلۇقنىڭ دەرياسى ئىچىدە،
ئايلىنىپ كىتەر ئىنسان تارىخقا.
قەلىبنىڭ جىمجتلىقى سۆزلەيدۇ سۆيگۈ،
نۇرلارنىڭ چىكىگە يەتمەيدۇ ئاسمان.
تەنھالىق خازان بولۇپ توزۇپ كېتىدۇ،
ئۆزىگە ھەقىقىي قايىتقاندا ئىنسان.
دېڭىزنىڭ تۈۋرۈكى ياشايدۇ نەدە،
تاغلارنىڭ سۈلكىتى زاھىردۇر كىمدە؟
يامغۇرنىڭ جىلۋىسى ياپراقتا قالدى،
گۈزەللىك سۆزلەيدۇ كىمنىڭ كۆزىدە؟
قۇشلار گۇگۇمدا چالار مۇڭلۇق نەي،
تۈنەشنى ئىستەيدۇ قايسى ئىرەمدە؟
ئىزاھلاش مۇمكىنمۇ ساھىل مېھرىنى،
دېڭىزنىڭ ئىچىدە سۆيگەن دېڭىزنى.
قەلىبلەر بىر-بىرىگە قاراپ يول ئالار،
گۈللەرگە تولدۇرۇپ يازنىڭ چۈشىنى.
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 19-كۈنى
يېراقتا سىمىلداپ ياغار بىر پىراق
ئەينەككە قارىدىم ئۇزاقتىن-ئۇزاق،
كۆرەلمىدىم سېنىڭ سايەڭنى
ئىچىمدە ياشاپ كەلگەن.
كۆز قۇرۇپ كىتىۋاتاتتى
باياۋانغا يوللار ياسايتى،
قۇم دۆۋىلىرىدە تەنھا ئولتۇرۇپ
چۆچەك ئوقۇيتتى.
كۆز تەنھالىقنى سۆزلىدى چوڭقۇر،
بىر توپ سۆز ئۇچۇپ كەتتى ،
دەرەخ شاخلىرى سۇنۇپ كەتتى.
كېچىنىڭ لىۋىدە ئولتۇرۇپ
خىيال قىلدىم
دېڭىز بولۇپ سۆيگەنلىكىمنى
سۆيۈلمىگەنلىكىمنى.
بىر ئاسمان تەنھالىق ياغدى قەلبىمگە
كېچىنىڭ
ھۆل قىلدىم يۇلتۇزلىرىنى.
ئەينەككە قارىدىم ئۇزاقتىن ئۇزاق،
يېراقتا سىمىلداپ ياغار بىر پىراق.
2012-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى
تۇزىغان خىيال
چاچلىرىمنى ئۇچۇرار قارنىڭ شامىلى،
مايسىرەڭ شارپامغا يازماقتا شېئر.
ئۆتمۈشلەر ئەسلىنەر قارلاردەك لەپ-لەپ،
ئالالماي يۈردۈم مەن تاشلاردىن مېھىر.
يۇلتۇزلار دەرەخكە سۆزلەيدۇ سۈكۈت،
ئاينىڭ چېھرىدىن كۈلكىلەر ئۆچتى.
تاش ئورۇندۇقتا قالغان سېغىنىش،
كۆللەرگە سىمىلداپ قۇشۇلۇپ كەتتى.
كاككۇكنىڭ سايرىشى، گۈللەرنىڭ چۈشى،
ئەسىرلىك يېراقتا قالغاندەك شۇ تاپ.
قارلارنىڭ ھىدىدە يىگانە ئۈمۈد،
قەلبىمگە ئەركىلەر ئاستا شىۋىرلاپ.
ئۇزىغان يوللاردا تۇزىغان خىيال،
ئۇپۇقتا ئاقىدۇ ھايات دەرياسى.
چاچلىرىم ئۆرۈلگەن ئەقىدەم بىلەن،
ئۆڭمەيدۇ سۆيگۈنىڭ يارىلىش پەسلى.
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چوغلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-14 21:19