يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1119|ئىنكاس: 4

شىجاڭ پىروزىچىلىقىدىكى نەسىرىدىن ئەپەندى روھى ( ئەرتۇغ تەرجىمىسى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
شىنجاڭ پىروزىچىلىقىدىكى نەسىرىدىن ئەپەندىم روھى
دىڭ زىرېن

(زوردۇن سابىرنىڭ پىروزا ئىجادىيىتى ھەققىدە)

يۈسۈپجان مۇھەممەد ئەرتۇغ تەرجىمىسى


دىڭ زىرېن:ئەر،خەنزۇ،1933-يىلى خۇنەن لىنخۇدا تۇغۇلغان،جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىـ ـ ـنىڭ ئەزاسى،پىراففىسسور،1950-يىلى ھەربىي سەپكە قاتناشقان،1960-يىلى بېيجىڭ   پىداگوگىكا ئونۋېرىستېتىنىڭ خەنزۇتىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن.شىنجاڭ پىداگوگىكا ئونۋېرىســ ـتېتىدا ئىشلەپ 1994-پىنسىيگە چىققان.دۇنيا خەنزۇتىللىق يازغۇچىلار جەمئىيىتنىڭ،جوڭـ ـگۇ ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى.شىنجاڭ بۈگۈنـ ـكى زامان ئەدەبىيات تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىيسى.

  
  زوردۇن سابىر(1998 ~1937) شىنجاڭدا"پىروزا دۇنياسىنىڭ نەسىرىدىن ئەپەندىمى"دېگەن
چىرايلىق نامى بار داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچىسى.نەسىرىدىن ئەپەندى ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىــ ـدىكى زېرەك،يۇمۇرستىك،قىزىقچىلىق خاراكتىرىگە ئىگە،ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا باي،بەزىـ ـدەتەۋەككۈلچى،ئەپسانىۋى شەخىس .ئۇ ئېشىكىنى مىنىپ ھەممە يەرنى ساياھەت قىلىدۇ، نەگە بارسا كۈلكىسىنى بىللە ئېلىپ بارىدۇ. ئەپەندىمنىڭ ھېكايىـسى شىنجاڭدىلا ئەمەس،ھەتــتا ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ كەڭ تارقىلىپ، خەلقنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپلا قالمـاستىن،شىنـجاڭدىكى ئازسانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە،بــۇلــۇپمۇ پــىروزا ئىجادىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. زوردۇن سابىر بىر ئەپەندىمچە قىزىقچىلق خارەكـ ـ ـتىرىگە ئىگە يازغۇچى. ئۇنىڭ ئىسمى" زوردۇن " ئۇيغۇر تىلىدا "خۇشال-خۇرام" دېگەن مەنىدە . ئۇنىڭ ھەمىشە ئەپەندىمدەك ئاشۇنداق خۇشال-خۇرام ھالدا سەنئەتنى ۋە تۇر-مۇشنى قۇچاقلاپ، ئەپەندىم ھېكايلىرىدىكى ئىدىيۋى سەنئەت جەۋھەرلىرىنى ئۇيغۇر بۈگۈنـ ـ ـكى زامان تۇرمۇشى بىلەن مۇۋەپپەقيەتلىك بىرلەشتۈرۈپ، تەدرىجى ھالدا پىروزىچىلىقتــــا ئۆزىگە خاس  ئۇسلۇب يىتىلدۈرۈپ ،"ئەپەندىم روھى"نىڭ سەنئەتلىك ھاياتى كۈچىـنى ۋە سەنئەتلىك نۇرىنى تېخىمۇ چاقناتتى. دەل زوردۇن سابىرنىڭ پىروزا ئىجاىىيىتى كۈنســـىرى پىشىپ يېتىلىۋاتــقاندا، كېسەل بىلەن تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۈتۈپ، قەلبلەردە چوڭقۇر يــارا قالدۇردى. بۇ ماقالەمدە دەل ئاشۇنداق بىرخىل ئېچىنىش ھېسسىياتى بىلەن ماكرو جەھەتـ ـ ـتىن چىقىپ تۇرۇرۇپ، بۇ پىروزا يازغۇچىسىنىڭ ئىجادىيىتى ئۈستىدە بىرقىسـىم تەھلىللەر-نى ئېىلپ بـــارىمەن.
      زوردۇن سابىرنىڭ پىروزا ئىجادىيىتى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا باشلانغان.غەربى-شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنى  پۈتتۈرۈپ شۇ مەكتەپتە قېلىپ ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان زوردۇن سابىر " تۆتنى تازلاش " ھەرىكىتى تۈپەيلى خورلىنىپ يۇرتى غۇلجىغا قايتىپ،بىر ئوتتـــۇرا مەكـتەپتە ئۇقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئىككى يىلدىن كېيىنكى "مەدەنىيەت زور ئىنقــىلابى" ئۇ-نى يەنە چەت يېزىغا پالىغان. ئەينى چاغدا ئۇ يېزىدا ئۆي-ئۇچاقلىق بۇلۇپ،ئۆمۈر بويى دېھقان بولۇشنى ئويلىغان ـــ بۇمۇ يامان ئىش ئەمەس-دە، شۇڭا،1971 -يىلىتـــاغ كەينىگە ئۆتكۈچە ناملىق ھېكايىسى ئېلان قىلىنغاندا، ئۇنىڭ تۇرمۇش ئامبـــــىرىدىكى جۇغلانمىلار خېلىلا مـول ئېدى.تاغ كەينىگە ئۆتكۈچە دىن باشلاپ 1980-يىلى ئېــلان  قىلىنغان《دولان ياشلىرى 》غىچە زوردۇن سابىرنىڭ 20 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى دۇنياغا كۆز ئاچتى. يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىشـ ـقا باشلىدى. 1980-يىلى ئۇنىڭ ئۇيغۇرتىلىدىكى تۇنجى توپلىمى《شەبنەم》نەشــــــىر قىلىندى، ھەم تۇنجى رومانى《ئاۋرال شاماللىرى》نى يازدى.《ئەدەبىيات-سەنئەت گېزىـ ـ ـتى》نىڭ 1980-يىللىق12-سانىــــنىڭ " ئەدەبىياتتىكى يېڭى كۈچ " سەھىپىسىدە، زوردۇن سابىر" نەتىجىسى پەۋقۇلـــئادە گەۋدىلىك يېڭى كۈچ " دەپ تۇنۇشتۇرۇلدى . بۇ چاغدا ئۇمۇ غۇلجىىدن ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ خىزمـەت قىلىۋاتقان ئېدى.
     زوردۇن سابىرنىڭ بىرىنچى ئون يىلدىكى ئەسەرلىرى ئۇمۇمەن ئىككىگە چوڭ تۈرگە بۆلۈ-نىدۇ.بىرىنچى تۈردىكى ئەسەرلىرىدە يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ يېڭىچە ئىش-پائالىيەتــلىرى يېزىلغان. ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ قۇيۇق پۇرىقى بار بۇلۇپ، سەنئەتتە ئەپەنـــــدىم ھېكايىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلقى گەۋدىنىشكە باشلىغان. ھېكايىلىرىدىكى پىرســۇناژلار-نىڭ خارەكتىرىدىكى بىرقىسىم تەرەپلەر خېلىلا جانلىق سىزىلغان. مەسلەن《بـاھــار بو- ۋاي》دىكى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان باھار،《تــۆھـ ـ ـپە》دىكى باش چۆكۈرۈپ تەتقىقات ئېلىپ بارىــدىغان،نام-شەرەپ بىلەن كــارى يوق تېخنىك ئالىمجان،《ئورمانچى》دىكى پىرىنسىپچى جاپپار قاتارلىقلار. يەنە بىر تۈردىــكى ئـەسەرلىرى بولسا "تۆت كىشىلىك گۇرۇھ" نىڭ ئەكسىيەتچىلىكى ۋە "سول" چىلـــلارنىڭ خـاتــا سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىغا ئېلىپ كەلگەن ئاپەت خارەكتىرىلىك تەسىرى ئەكـس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەردۇر.《چۈشىنىش》،《قەرزدار》،《دولان ياشلىرى》بۇنىڭ ياخــشى مىسالى.《قەرزدار》دا بىر مەسئۇلىيەتچان،جاپالىق قان-تەرى ئارقىلىق نـومـۇرغا ئېرىشىـ ـ ـدىغان پۇقرا تۇرغاننىڭ ئون يىللىق قالايمىقانچىلىقتا قاتمۇ-قات قەرزگە بۇغۇلۇپ ، ئــەڭ ئاخىرىدا نامراتلىق ئىچىدە كېسەل بۇلۇپ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىدەك تىراگىدىيەلىــــك ۋەقە بــايان قىلىنغان. ھېكاينىڭ ۋەقەلىك چىنلىقىدا تۇرۇپ "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" ئۈستىـدىن قىلـغان ئۆتكۈر شىكايىتى ئەينى چاغدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان.《دولان ياشلىرى》دابولسا ياشلارنىڭ ھېكايىسى يېزىلغان .باش پېرسۇناژ كەنجى بىر "سول"چىل ئىددىيەنىڭ چەكلىـ ـمىسىگە ئۇچرىغان نادان ياش. ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق"دولان ئۇسسۇلى" ماكانىدىكى ئاق كۆڭۈل، ئىخلاسمەن ياش كەنجى قىز-ئۇغۇل دوستلىرى ئارىسىدا نېمە دېگەن يالغۇز ھـەم نېمە دېگەن بىچارە. ھېكايە قالتىس نەپىس ۋەقەلىك ۋە قۇيۇق ئەپەندىمچە مىلـلىي ئۆرپ-ئادەتنى تەسۋىرلەش ئارقىلق، قېرى مىجەز، كۆرەڭ يىگىت كەنجىنى قايناق ئۆرپ-ئـــادەت قوينىغا سۆرەپ كىرگەن. كەنجى ئاخىرى دەۋر  بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، مۇتەسسىپ،قاتمال ئىددىيەدىن قۇتۇلۇپ، ياشلىقىنىڭ ھاياتى كۈچىگە قايتىپ،ئۇسسۇلغا ماھىر"دولان يىگىتى"گە ئــايلىنىدۇ ھەم مۇھەببەتكە ئېرىشىدۇ. بۇ ھېكايە بىر خارەكتىرى”سىنىپى كۈرەش“ ئىد-دىيسىدە بۇرمىلانـغان ياشنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىكى "سول"چىللىقنىڭ زەھىرىــگە زەربە بەرگەن، بۇ كەسكىن باش تېما ئەپەندىمچە كومىدىيەلىك ئە-دەبىي ئۇسلۇبنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ياردەمدە بولغان.《دولان ياشلىرى》زوردۇن سابىر- نىڭ يېڭى دەۋردىكى پىروزا ئىجادىيىتىنىڭڭ ئەڭ ياخشىسى بۇلۇش سالاھىتى بىلەن .1981-يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلاشـ ـ ـتا بىرىنجى دەرىـجىلىك ھېكايە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
     1980-يىلى 7-ئايدا،زوردۇن سابىر مەملىكەتلىك تۇنجى قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەتــ ـلەر ئەدەبىي ئىجادىيىتى يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن ،جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئــۇ-يۇشتۇرغان يېزىقچىلىقنى ئۆگىنىش سىنىپنىڭ 6-قارارلىق سىنىپىدا ئۆگىنىشتە بولدى. نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى،ئىددىيۋى ۋە ئەدەبىي تەربىيلىنىش زوردۇن سـابىر ئىجادىيتىـــــگە يېڭى ھاياتى كۈچ ئاتا قىلغان. قەلبىدە جۇغلانغان ئۇزاق مەزگىللىك ئۇيغۇر خەلقنـىڭ تۇر-مۇش تەقـدىرى، بىر خىل يېڭى ھېسسىي غەمخورلۇقنىڭ يۈكسەلدۈرىشىگە ئېرىشىپ، "ئە-پەندىم روھى" خۇددى سەنئەت ئېچىتقۇسىدەك، يازغۇچىنىڭ ھاياتىدىكى پاراكەندىچىلىـ ـ ـكنى قەلەم ئۇچىغا توختىماي ئاققۇزغان. 80-يىللاردىن تارتىپ 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىـ ـ ـغىچە، ئۇنىڭ ئىجادىيەت مېۋىسى مول بۇلۇپ،ئېسىل ئەسەرلىرى كەينى-كەينىدىن مەيـ ـدانغا كەلگەن.《ئاۋرال شاماللـــــىرى》دىن كېيىن، 1984-يىلى ئىككنـــىچى رومانى《ئىزدىنىش》(بىرىنچى قىسىمى) يېزىلـدى. ھەم 1985-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىككىنــچى نۆ-ۋەتلىك مەملىكەتلىك ئازسانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا مۇكاپاتقا ئېرىشـ ــ ـتى.ئارقىدىنلا ئۈچىنچى رومانى《ئاتا》نەشىردىن چىقتى ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتـۇنۇم رايونى قۇرۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى نادىر ئەدەبىي ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ھېكايە-پو-ۋىسىت ئىجادىيىتىدە بولسا،《شەبــنەم》دىن كېيىن،《ساداقەت 》(1983-يىلى)《ئار-چا ياپرىقى》(1984-يىلى) 《جىگـدىلەر پىچىرلايدۇ》(1987-يىلى)《ئۇنتۇمايمەن،گۈلـ ـسارە 》(1989-يىلى) قاتارلىق توپـلاملىرى نەشىر قىلىندى.بۇنىڭ ئىچىدە،《جىگدىلەر پىچىرلايدۇ》ناملىق پوۋىستى زوردۇن سابىرنى يەنە ئۈچىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئـــاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىـنى باھالاشتا مۇكاپاتقا ئېرىشـــتۈرۈپ، شان- شەرەپ كەلتۈردى. ئۇنىڭ بىر قىسىم ئېسىل ئــەسەرلىرى 80-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ئەدەبىي ژۇرناللار-دا ئېلان قىلىنشقا باشلىغان.1990-يىلى خەنزۇ تىلدا《زوردۇن سابىر ھېكايىلىرىدىن تالـ ـ ـلانما》نەشىر قىلىنغان، ھەم شۇ يىلى《ئىزدىنىــش》نىڭ بىرىنچى قىسمـىنىڭ خەنزۇچە نەشىرى ئۇقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۈرۈشتى. زوردۇن سابىر ۋاپات بۇلۇشتىن بىر نەچچە يــــىل ئىلگىرى،《خىرە دەرىزە》،《قۇياش ۋەھىمىسى》قاتارلىق ھېكايە-پوۋىستلىرىنى ۋە《ئىز-دىنىش》رومانىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى يېزىپ تامامـلىدى. ۋە ئۇنىڭدىن سىرىت تــــۆت تومــلۇق رومانى《زىمىن مۇھەببىتى》ئۈچۈن كۈچىدى، ئەپسۇسلىنارلىـقى يېزىپ تاماملىـ ـ ـيالمىدى، (ئاپتۇر بۇ ماقالىسىنى يېزىۋاتقاندا《ئانا يۇرت》نىڭ داغدۇغىسى قۇلىقىـــــغا يېتىپ بارالمىغان بولسا كېرەك_تەرجىماندىن).2001-يىلى ئۇنىڭ يەنە بىرخەنزۇچە توپلىـ ـ ـمى《ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە 》نەشىردىن چىقتى، ھىسابتا بۇ زېمىننىڭ (خۇدانىڭ-تەر-جىماندىن) شىنجاڭ پىروزىچىلىقى دۇنياسىنىڭ”ئەپەندىمى“ىنىڭ كۆڭلىنى ياسىشى بولــــۇپ قالدى-دە.
     《ئىزدىنىش》رومانىدا بىر ئۇيغۇر زىيالى ياشنىڭ تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن بۇلۇپ،بىئو-گىرافك تۈسىنى ئالغان.بىرىنچى قىسمىدا ئەلى ئىسىملىك بىر ياشنىڭ 50-يىللاردا غۇلــ ـ ـجىنىڭ يېزىسىدىن چىقىپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ،ئۈرۈمچىدىن يەنە غەربىي-شىمال مىـللەتلەر ئونۋېرىستېتىغا كىلىپ ئىزدىنش جەريانىدىكى ۋەقەلىك بايان قىلىنغان بۇلۇپ،بۈگۈنكى زاـ مان ئۇيغۇر زىيالى ياشلىرىنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىش، ئىزدىنىش جەريانىدىكى ئۆزىگە خاس ئۆگىـ ـ ـنىـش يولىدىكى ئەگرى-توقايلىقلار خېلى تەپسىلى بايان قىلنغان. ئىككىنچى قىسىمنـىڭ دەۋر ئارقا كۆرۈنىشى بولسا”مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى“دىكى ئالاھىدە ئاي-يىللار بۇلــۇپ، پىرسۇناژنىڭ دۇچ كەلگەن قار-بورانلىق تەقدىرى، ئىزدىنىش يولىدا ئۇنى تېخــــىمۇ كۆپ قىيىنـچىلىق ۋە سىناقلارغا دۇچ كەلتۈرگەنلىكدىن ئىبارەت بىر جەريان.رومان 50-يىللاردىن70-يللارغىچە دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي رايونىدىكى كۆپ مىللەتلىك قىياپىتىنى،بۇلۇپمۇ ئاشۇ دە-ۋرنىڭ جەمئىيەت سىياسىتى بورىنىنىڭ ياشلارغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى، شۇ سەۋەبتــىن بىر ئەۋلاد ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ دەۋر دولقۇنىنىڭ ھۇجۇمى ۋە تاۋلىشى ئاستىدىكى مۇ-رەككەپ ئىزدىنىش جەريانىنى ئەتراپلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ تەسىرلىك بىر سىمفونىيەنى ئو-رۇنلىغان. ئەسەردىكى ئەلىنىڭ دوستى ھاشىر باشقا بىر خارەكتىردىكى ياشلارنىڭ تىپى بو- لۇپ،ئۇنىڭدا ياشلىق ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىدۇ،ئىزدىنىدۇ، لېكىن ئۇ دەۋر-دىكى "سول"چىل پىكىر ئېقىمى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ،خارەكتىرىدە مەلۇم دەرىــ ـجىدە بۇرۇلۇش پەيدا قىلغان. ئۇنىڭ ئۆگىنىشى،"ئىزدىنىش"ى ئەلىنىڭكــــىدىن پەرقلىق بــۇلۇپ،شۇ دەۋر ياشلىرىغا تەۋە ساددا غايىۋىزىم تۈسى بار ئىدى.ئۇندىن باشقا،كۈندىن-كۈنگە چاكىنلاشقان قىز گۈزەلئاي،ئۆزىنى نىقابلاشقا ئۇستا،قارا نىيەت ياش رەقىپ،ھەم قېرى زىيالى ساۋۇت قاتارلىقلار ئالاھىدە خارەكتىرگە ئىگە كىشىلەرنىڭ ئوبرازى.بىر رومـان بۇلۇش سۈپىتى بىـــلەن، ۋەقەلىكىنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن پىرسۇناژلار خــارەكتىرىنىڭ راۋاجلىنىشـ ـ ـچانلىقىنىڭ زىچ بىرلىشىشى ئۆز ئارا نەپكە ئېرىشكەن. پىرسۇناژلارنىڭ مۇرەككـەپ تۇر-مۇش زىددىيىتى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە قۇيۇپ سۈرەتلىنىشى، خىلمۇ-خىل زەربە ئىچىدىـ ـ ـكى ياشلارنىڭ ئۆتكۈر تۇيغۇ دۇنياسىنى  يېتەرلىك ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە جەزىبىدارلىققا ئىگە تۇرمۇش تەسۋىرىرلىرى  ۋە ئەپەندىمچە يۇمۇرسىتىك بايانلار،ئەسەرنى كۈچلۈك سەنئەتلىك جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلىپ،ئۇقۇرمەنلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇر-غان.
   بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە قەلب تارىخىنى ئەكىس ئەتتۈر-گەن ئەسەرلەردىن ،زوردۇن سابىرنىڭ يەنە دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان《سۈبىـــھى》ۋە 《سەھەردىكى چۈش》قاتارلىق پوۋىسىتلىرى بار.《ئىزدىنىش》تىن بۇرۇن يېزىلغان《سۈبىـ ـ ـھى》(1983-يىلى) ئاگرونوم ئەسئەتنىڭ ئەگرى-توقاي، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدە ئۆتكەن يېــرىم ئۆمۈرلۈك كەچۈرمىشى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن 20 يىلىدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەسەردە زىيالىيلارغا خاس پەزىلەت ۋە زىيالىيلارغا خاس تۆھپە يارىتىش روھىغا ئاپـ ـ ـرىن ئوقۇشتىن ئىبارەت چوڭقۇر ھېسسىيات ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.ئۇلارنىڭ ئاشۇ بـــىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن يىللاردا ئۇچرىغان ناھەقچىلىكلىرى،ھەسرەتلىرى قاتارلىقــــلار ئەينى چاغدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھېسسىداشىلقىنى قوزغىغان.بۇ ئەسەر 80-يىلارنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر پىروزىــ ـ ـچىلىقىدا زىيالىيلارنىڭ تەقدىرىگە ۋە ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلگەن،زىيالىىيلار ئۈچۈن چۇقــان سالغان  سالمىقى بار بىر ئەسەر.بىر پوۋىسىت بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ۋەقەلىك ۋە ئەسەر پۈ-تۈنــلىكىنى قوغلاشماي،ئەكىسچە باش پىرسۇناژ ئەسئەتنىڭ 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىــ ــدىكى ۋەكىللىك سەرگۈزەشتىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ،پىرسۇناژلار ھېسسىيات ئېقىنىنى مەركەز قىلىپ،پىروزىنىڭ ئەنئەنىۋى قۇرۇلمىسى ۋە ئەنئەنىۋى بايان قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ۋاقىت بوشلۇق چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان، شۇنىڭ بىلەن پىرسوناژلارنىڭ تەقدىرىنى كــــۆپ تەرەپ، كۆپ قاتلامدىن، كۆرسىتىپ بەرگەن.پىرسۇناژلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا مەدھىيە ئـو-قۇغان.يازغۇچى ئەسەرگە يەنە ئۇزۇن خەت-چەك شەكلىنى سىناق قىلىپ كىرگۈزگەن،ئۇ- زۇن خــەت شەكلى بىر بابنى تەشكىل قىلىپ(《سۈبىھى》،《گۇمان》دېگەن بابلار)،سەنـ ـئەت قۇرۇلمىــسىغا يېڭىچە جانلىنىش ئېلىپ كەلگەن.پىرسوناژلارنى يارىتىشتا ھەم  پىرسۇ-ناژلارنىڭ سۇبىيكتىپ تەسىراتىنىڭ بايانىدىن ياكى ئىچكى مونۇلوگىدىن،ھەم ئوبىيىكتىپ تەپسىلى باياننىڭ سەنئەتلىك ئالاھىدىلىگىنى يېتەرلىك قوللىنىش،يەنە پات-پات گەپتىن-گەپ چىقىــرىپ باھا–تەنقىدلەرنى قىستۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنپ، بــىر دەۋر ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئىزدىنىشنىڭ شادلىقى ۋە ئازابى،كۈچلۈكلەرنىڭ ئىچ-پۇ-شۇقى ۋە ئاجىزلارنىڭ چىدامچانلقىنىڭ بۈگۈنكى دەۋر زىيالىيلىرىنىڭ كىشىلـــىك تۇرمۇش مىلودىيىسى …نى شۇنداق كۈچەپ  ئىپادىلەنگەن.
     《سەھەردىكى چۈش》سەنئەتتە تېخىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىككە ئىگە.ئۇنىڭدا يېزا ئىگىــ ـلىك ماشىنلىرى ئىنژېنىرى ئۆمەرجان "راستتەكلا ناھايتى قىزىقارلىق چۈش" كۆرۈپ،ناھىــ ـيەنىڭ ھاكىملىقىغا كۆسىتىلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۆمەرجان"باشلىق بۇلۇش"خىيالىدىن قۇ-تۇلالمايدۇ.چۈشنى ئاڭلىغان ئازادەمۇ "ياخشى چۈش"نىڭ ئوڭغا مېڭىپ ئېرىنىڭ ئەمـەلدار بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.بۇ گەپ ئازادەنىڭ ئاغزى بىلەن ئەتراپقا تارقىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھېكايىدە ناھىيە ھاكىمىنى تاللاش مەسلىسىنى چۆرىدەپ، قىزىقارلىق ۋەقەلەر كەينى-كەينىدىن چىقىدۇ،ھەرخىل پىرسۇناژلار ئۆز خارەكتېرى بىلەن كەينى-كەينىدىن پەيدا بو-لىدۇ،ئۆمەرجان بىلەن ئازادەدىن باشقا،خۇشامەتچى،ھاكىملىق ئورنىنى بۇرۇنــــدىن تەمە قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشخانا مۇدىرى ئىمام،پېنسىيىگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان شۇنداقلا يېڭى ھاكىمنى تاللاش ئىشى ئۈچۈن غەم يەۋاتقان كونا ھاكىم ھەسەن،يەنە زاۋۇت بوغالتىرى خە-مىت چاققان،ئاداۋەت ساقلاپ ئۆمەرجانغا تۆھمەت قىلغان ئاخۇنباي قاتارلىقلار.مۇرەككەپ  ئىنسان تەبىئىتى ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى گۈزەللىك ۋە خۇنىكلىك،سەمىمــىيەتلىك ۋە ئالـدامچىلىق،ئالىيجانابلىق ۋە پەسكەشلىكلەر خۇددى ئەپەدىم ھېكايىلىرىدىكىدەك تەرەققى   قىلىپ،بەزىدە ئۇقۇرمەننى كۈلكىسىنى باسالماي كۈلۈۋېتىشكە زورلىسا،بەزىدە ئوقۇرمەننى تەشۋىشتە ئويلاندۇرىدۇ.ئەسەردە يېڭى دەۋر ۋە شارائىتتىكى زىيالىيلارنىڭ پۇرسەت ۋە بۇرچلىــ ـرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، ھەم كادىرلار تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى،ئىختىساسلىقلار چۈشەنچىـ ـ ـسىنىڭ  يېڭىلىنىشىدىكى بىر قاتار زىددىيەت تۇقۇنى…قاتارلىقلارغا چېتىلغان،” ئۈمىدۋار چۈشلەر“  ”رېئالىققا ئايلانغۇسى“_____ھېكايە مانا مۇشۇنداق ئاخىرلىشىدۇ.
     بەلكىم،زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرى ئىچىدىكى تەرىپلەشكە ئەڭ ئەرزىيدىغانلىرى بولسا ئاشۇ ”ئەپەندىم“ ئالاھىدىلىكىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ئۆزگەرگەن قىياپىتىنى ئەكىسس ئەتتۈرگەن ئەسەرلىر بولسا كېرەك.《ئارچا ياپرىقى》،《قوشنىلار》،《تۆمۈر تا- پان》، ئىھ ، توپىلىق يول،ئايدىڭ كېچە،چايخورلار،جىگدىلەر پىچىرلايدۇ،ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە》(يەنە"ئەلۋىدا گۈلسارە دەپمۇ تەرجىمە قىلىنغان") قاتارلىق نادىر  ئەسەرلىرى دەل ئاشۇنداق ئەسەرلەردۇر.بۇ ئەسەرلەر كۈنسىرى ئۆزگىرىۋاتقان رەڭگارەڭ، مۇ- رەكـكەپ زىددىيەتلەرگە تولغان ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ بىر پارچە تۇرمۇش كارتىنىسىنى،خـىلمۇ-خىل جانلىق پىرسۇناژلارنىڭ يېزا،شەھەرلەرنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋىي مـەدەنىيەت قۇرۇلىشىغا ئېيىتقان جانلىق ھەم سالماق ناخشىلىرى ئارقىلىق سىزىپ چىققان.
    بۇرۇن يېزىلغان پوۋېسىتى《بۇيلۇق خاتىرىلىرى》(《خەيرلىك ئىش》پوۋىستى خەنزۇ-چىغا شۇنداق تەرجىمە قىلىنغان_تەرجىماندىن)،دېھقان ھەمدۇل بۇۋاينىڭ ئۆيىدە بېشىدىن كەچۈرگەن بىر مەيدان بوران-چاپقۇنلىرى تەسۋىرلەنگەن.ھەمدۇل بوۋاي "يەر دېگەن دېھقانـ ــنىڭ ھاياتلىق  يىلتىزى ۋە بايلىقى"،"دېھقاننىڭ ئەخلاقى ئېتىىزدىن يىتىلىپ چىقىدۇ" دېــگەنگە قاتتىق ئىشىنىدۇ ، ئوغلى مەنسۇر بولسا قېرىشقاندەك يەرنى كۆزگە ئىلماي ناتوغرا يولداماڭىدۇ.تىراگىدىيە مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.دەل بىر قىسىم يازغۇچىلار ئۇزۇن تەسۋىرلەر ئارقىلىق دېھقانلار ئەمگەك بىلەن بېيىدى،ئەقىلىگە تاينىپ خۇتۇن ئالدى دېگەندەك پارتىـيە-نىڭ 11-نۆۋەتلىك ئۈچىنچى ئۇمۇمىي يىغىندىن كېيىنكى يېزا ئىسلاھاتىنىڭ دېھقانلار تۇر-مۇشىغا ئېلىپ كەلگەن يېڭىچە ئۆزگىرىشنى كۈيلەۋاتقاندا،زوردۇن سابىرنىڭ تەكىــتلىگىنى بولسا بۇ خىل تارىخى ئېقىمدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت.بىر تەرەپتىن، پارتىيەنىڭ خەلىقىنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ تۈرىتكىسى ئاستىدا،ئاشۇ "ئىدىقۇت قەدىمى شەھىرىدىكى كېسەكلەر" ئۆز ئالدىغا ئىشلەپچىقىرىپ، قان-تەرى بىلەن تۇپراقتىن كۆپ ھەقكە ئېرىشپ بېيىش يو- لىغا ماڭسا، يەنە بىر تەرەپتىن،ئون يىللىق قالايمىقانچىلىقتىن قېلىپ قالغان ئىجتىــمائى زەھەر ۋە ئۆز نەپسىگىلا چوغ تارتىش كېسىلى،يېزا سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ يو-قالماقتا يوق،ئەكىسچە،پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ كېڭىيىپ،يامراپ ،كارىز سۈيىنى "بۇلغىـ ـ ـدى".ھەمدۇل بوۋاينىڭ ئوغلى مەنسۇر"بۇلغانغان"كارىز سۈيىدە "يېڭى بەگ" كە ئايـــ ـ ـلىنىدۇ.ئاتا بولغان ئادەمگە ئايان،بۇنداق ھارامنىڭ يولى 1970-يىلى باشلانغان.پە- قەت يالغان گەپـلا چوڭ ئىش ھېسابلىنىدىغان ئاشۇ يىللاردا ئوغلى باشقىلارنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن يـولدىن ئازدى.بۈگۈنكى كۈندە كونا كېسىلى قوزغىلىپ،ئالدامچىلىق بىلەن نۇرغۇن پۇل تاپـقان بولسىمۇ، بۇۋايغا بۇنىڭ ناتوغرا يول ئىكەنلىكى ناھايتى ئېنىق. ئاخىرىدا بۇ " ئاچكۆز قېرى چاشقان"___رۇسۇل "قىسماققا" چۈشۈپ، ۋەيران بۇلۇپ رەسۋايى چىـــقىپ قايتىپ كېلىدۇ.ھېكايە ئەپەندىمچە ئۇسلۇبتا ئاخىرلاشقان: رۇسۇل ۋەيران بۇلۇپ ئۆيگـــــە قايتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقــچى بۇلۇپ،چۈنچە ئاستىغا كىرىپ يىغلايدۇ،ئەسەر مۇنداق بىر جۈملە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ: يىغلىما،چۈنچىگە قاراپ كۈل!《بۇيلۇق خاتىرىلىرى》دا پەقەت دېھقان ئائىلىدىكى ئاتا-بالا،ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇش يېزىلغان بۇلۇپ،پەقـەتلا جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىش دولــقۇنىنىڭ كىچىككىنە"بۇژغۇنى"،بىر تۇتام"پارچە-پۇراتلىرى"،لېكىن تۇرمۇش قانۇنىيىتىــنىڭ مۇقەررەرلىكىگە ئالاقىداردۇر.مانا بۇ يازغۇچىنىڭ دانالىـقى ۋە كەسكىنلىكىدۇر.
    شۇندىن كېيىنلا يازغان ھېكايىسى《چايخورلار》دىكى بۇتيامۇ گەرچە ناتوغرا كەسىپ   بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ،لېكىن رۇسۇلدەك نەس باسمايدۇ."بۇتيا دېگەن تەلەيلىك،كۈ-چىگە تاينىپ پۇل تاپتى".چايخورلار ھەۋەس قىلغىنىچە شۇنداق دېيىشىدۇ.دەرۋەقە،بۇتيا كۈچىگە تاينىپ چېلىشتا مەيدىسىگە مۇشتلاپ،مۇتتەھەملىك،ئالدامچىلىق قىلىپ "بېيىپ" چايخانىدا زورلۇق-زومبۇرلۇق قىلىدىغان كىشىگە ئايلىنىدۇ.شۇنداقتىمۇ،"جازا"يەنىلا كېلىدۇ .بىر قېتىملىق چېلىشتا ئويلىمىغان يەردىن ئەزەلدى كۆزگە ئىلمىغان"خوتەك"تىن يېڭــىلىپ  "ئۆيىدە قۇپالماي يېتىپ قالىدۇ".بۇ "ئەتىدىن كەچكىچە داڭق چىقىرىشنى ئويلايدىغــان ئادەم،بۇ قېتىم راستلا نام چىقىرىپ،نامى يىراقلارغا تاقىلىدۇ".ھېكايە يەنە بىر ئەپەندىمچە سۇئالنى كۆتۈرۈپ چىققان:بۇتيا ھاياتمۇ ياكى ئۆلۈكلمۇ؟چايخورلارنىڭ زوقلانغىنچە دېيىشـ ـ ـكەن ئىككى بىسلىق جاۋابىمۇ ئەپەندىمچە بۇلۇپ:"بۇتيا ھايات.ھەم ئۆلدى!"،”ئۇنىڭ روھى ئۆلدى، بۇرۇنقى ئاچكۆز بۇتيا ئۆلدى،بىر يۈرەك قانائەتلەندى،قەلبى پاك يېڭى بۇتيا ھايات“.”ئۇ يەنە چايخانىغا كېلىپ چايخورلار ئالدىدا پو ئېتىشقا پېتىنالمايدۇ،كىتابخانىدا باش چۆكۈرۈپ كىتاب ئوقۇۋاتىدۇ!”
      تۇرمۇشنى ماكرو ۋە تارىخىيلىق نوقتىسىدىن تۇرۇپ تەتقىق قىلىش زوردۇن سابىرغا بىرجۈپ بۈگۈنكى زامان جەمئىيەتشۇناسلىرىغا خاس كۆز بەرگەن.ئۇ كۆزەتكەن ،ئىزدىـــگـەن، نەزىرى چۈشكەن ئۆزگىرىشچان جەمئىيەتنىڭ تۇرمۇش ھادىسىسىنى تەھلىل قىلغان ئەپەندىـ ـ ـمچە كۆزىتىش،تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئارقىلىق كۆپلىگەن سەنئەت ئوبيېكتىلىرىنى.ئاشـــۇ ئەمگەك،پۇل،ئەخلاق،دوستلۇق،مۇھەببەت،نىكاھ،”ئىنقىلابىي ۋەزىپە“،”رەھبەرلىك ئىستىـ ـ ـلى“،”دىموكراتىك تاللاش“قاتارلىق خىلمۇخىل تۇرمۇش رېتىمىنى سۈرەتلىـگەن.بۈگۈنكى زامان يېزا ۋە شەھەر تۇرمۇشىدىن تۇتقا قىلغىنى پەقەتلا سىياسىي ئەخلاق-ئەھكام ئىچىدىـ ـ ـكى كىشىلىك تۇرمۇش مۇناسىۋىتى بولماستىن،مۇھىمى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت.شۇڭا،ئۇ-نىڭ  پىروزا ئىجادىيىتى سۈرەتكە ئالغاندا ئاپپاراتى بەزىدە يېشىل بارگاھنىڭ بىر پارچىسىـ ـدىكى ئۈزۈمزارلىققا،بەزىدە شاۋقۇن سۈرەنلىك قايناق يېزابازىرىدىكى كارخانا-زاۋۇتقا،بە-زىدە مول-ھوسوللۇق بۇغداي تەجرىبە ئېتىزىغا توغرىلىنىدۇ.بەزىدە چاڭ-توزانلار ئۇچۇپ تۇرغان يېزا يوللىرىغا توغرىلانسا،بەزىدە پاشا،پاقىلارنىڭ دۇنياسى بولغان شورلۇق يەرگە يۆتكـ ـىلىدۇ…ئەلۋەتتە زوردۇن سابىر ئاشۇ نامراتلىقتا ۋاقتىنچە تاشلىنىپ تۇرغان دېھقان ئۆيلىرىگىـ ـمۇ سەل قارىمايدۇ.《خەيرى-خوش،گۈلسارە》(ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە_ت)دە يازغۇچى شە-ھەردىن قايتىپ كەلگەن نىجاتجاننىڭ ھېسسىياتىدىن پايدىلىنپ چوڭقۇر مۇھەببەتلىك،ئا-دەمنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان مۇنداق بىر ئابزاس گەپنى يازىدۇ:
   « ئىھ، قانائەتچان دېھقان،تۇرمۇشنى بىرلا خاتىرجەملىك دەپ قارايدىغان ساددا ئادەم،بۇ دۇنيانىڭ ئىنسان بەھرىمەن بۇلۇشقا تېگىشلىك راھەت پاراغىتىنىڭ تۈرلىرى نەچچە مىڭ،نەچچە مىڭ،سېنىڭ مۇنۇ پاكار جىگدىلەر ئارقىسىدا مۇســاپىر مومايدەك مۈكچىـيىپ تۇرغان پاكار قاراڭغۇ ئۆيۈڭگە نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ خىلىنىڭ بىرەرى يولاپ قويمـــايدۇ...؟»
  جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولمايدۇ،تەقدىر ئەزەلدىن ئادىل بولبايدۇ.ئەلۋەتتە، بۇ نامرات بالىلارنىڭ مەسلىسى نىجاتجان ھەربىرىگە بىر كويلۇق پۇلدىن بېرىپ” ساغلام ئۆ-سۈپ يىتىلىڭلار،بالىلار!“ دېگىنىدە ئەمەس،ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىشى يەنىــلا تەس  ۋە ئاستا.
       ئۇمۇمەن،زوردۇن سابىرنىڭ بۇخىل ھېكايىلىرى شۈبىھسىزلا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر يېــ ـزىلىنىڭ كۆپ قىرلىق ئەينىكى بولالايدۇ.بۇلارنىڭ ئىچىدە قانداقسىگە سەنئەت ئارقىلىق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن يېڭىچە ئەپەندىم ھېكايىلىرى بولمىسۇن!
   زوردۇن سابىر ھېكايىلىرىدىكى پىرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەم ئۆزىگە خاس خاسلىقى بار،ھەم ”ئەپەندىم روھى“نىڭ سايىسىنى مەيلى قۇيۇق، مەيلى سۇس بولســۇن،بەزىدە ئېنىق بەزىدە يۇشۇرۇن داۋاملاشتۇرغان. بۇ نوقتا ئۇ ناھايتى ياقتۇرىدىغان”مويسىپىت“ ئوبرازىدا دېگۈدەك ئىپادىلەنگەن.بۇ بىر نەچچە ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان باھار بوۋاي، قەرز-دار تۇرغان،بۇيلۇقتىكى ھەمدۇل بوۋاي قاتارلىق كونا دېھقانلارنـىڭ ئوبرازىدىن باشقا،يەنە كونا ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بەسىر، "بارلىقىنى ۋەتەنگە  بېغىشلىغان" ئالدىنـ ـ ـقى سەپ شۇجىسى ساتار،"تۆمۈر خوراز" روزەك،قىزى ھەدىيەنىڭ تويىنى " ئەمەلدارلىق مېلى " قىلغان قۇناخۇن ،بالدۇر باي بولغان بولسىمۇ ،مۇتتەھەملىك قىلىپ ئوغلىنىـــــڭ سۆيگىنىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ياچېيكا شۇجىسى جامال،"50 يىل بىللە ياشىغان ساداقەتمــــەن بېغى"غا كۆڭۈل بەرگەن ئىسراپىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خارەكتىرى سەنئەتتە چوڭقـۇر- لىقى بار ئوبرازلار. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كۆز قارشىدا، مويسېپىتلەر ھەر دائىم ھۆرمەتلىنىـ ــدۇ. مويسېپىتلەر،بۇلۇپمۇ دېھقانلارنىڭ ئۆيىدىكى مويسېپىتلەر مىللەت پىسخولوگىيسىنىڭ جۇغـــلانمىسى. ئىشچانلىق،ئاق كۆڭۈللۈك، جاپاغا چىـداش،تىز پۈكمەس قاتارلىقلار ئۇيـــ ــغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەڭ ئەنئەنىۋىي ساپالىرىدىندۇر.تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلار تۈ-پەيلىدىن، ئۇلار يەنە داۋاملىشىپ كەلگەن روھى يۈكنى ئۈستىگە ئالغان،دىن،تەقدىر قاتــار-لىق كۆز قاراشلار ئۇلارنىڭ خارەكتىرىگە چوڭقۇر ئۇيۇلغان.پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنــىڭ چولتىلىقى، كىچىك تىپـتىكى ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇش شەكلى ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىســىنى چەكلەپ قويغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە،ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكىتىدە ئەپەندىمچە"قىزىقارلىق ئىش"لار بۇلۇپ تۇرىدۇ. مۇنداق مويسېپىتلەرنىڭ ئوبرازىنى كىشىلەر ئەسەردىن بىلىدۇ،لېكــىـــن زوردۇن سابىرنىڭ قەلىمى پىرسوناژلارنىڭ مىللى خاسلىقى ۋە تارىخى جۇغلانمىسىدا توختاپ قالمىغان، ئەكىسچە جەمئىيەت ئىسلاھاتى ئەمىلىيىتىنىڭ ھېكايە پىرسۇناژلىرىنىڭ مىــللىــي روھى، ۋە مىللىي خارەكتېرىدە غىدىقلاش ۋە ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىدىغانيېڭىچە توقـۇ- نۇش ۋە يېڭىچە ئېلىمىنىتلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
   مەسلەن:《شورلۇق يەردىكى شەبنەم》دىكى بەسىر. بۇ "تۇغان"دەپ چىرايلىق لەقىــمى بار ئىشلەپـــچىقىرىش ئەترىتىنىڭ باشلىقى تۇساتتىن باشقىلار تەرىپىدىن سىقىپ سەھنىدىن چۈشۈرىۋېتىلىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بەسىر ئارانلا بىر پارچە شورلۇق يەرگە ئىگە بولالايدۇ. بـــۇ "تـۇغان" بولسا كەتمەن بىلەن، ئۆزىنىڭ ئەقلى ۋە قان-تەرى بىلەن شورلۇق يەرگە تاۋۇز تېـرىپ مول-ھوسول ئالىدۇ.ھېكايىنىڭ چوڭقۇر مەنىسى ئاخىرىدىكى ۋەقەلىكتە: بەســـىرنى توزاققا دەسسىتىپ زىيانغا ئۇچراتقان رازاق بۇ كونا ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ باشلىقىدىن ياردەم سورايدۇ.بەسىر بۇرۇنقى ئىشلار بىلەن ھېسابلاشماي ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ تۇرۇپ، را-زاقنىڭ قىيىچىلىقتىن قۇتۇلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.رازاق كەتكەندىن كېــيىن،بەسىرىنىڭ ھەمرا-ھى ئاچچىقلاپ:"سەن نېمىشقا بۇنـداق ئادەملەرگە ياخــشىلىق قىلىسەن،سەن ئۇنىڭدىن تاياق يېگەنغۇ ؟"دېگەندە،بەسىر:''بولدى،خوتۇن!ئۇنداق بىمەنە گەپلەرنى دېيىشمەيلى" دەيدۇ.چۈنكى توختامغا ئەمەل قىلىش كېرەك،بەسىرنىڭ يەنە" ئەمەن ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىلەن بەش بالىنى باققۇسى" يوق.ئەنئەنىۋىي ئەخلاق تەربىيىسىگە  ئىگە بۇ مويسىپىت دېھقانـ ـ ـنىڭ خارەكتىرىدە بىر خىل دەۋر روھـى ئالاھېدىلىكىگە ئىگە ئالىيجانابلىقنى مۇجەسسەمـــ ــلىگەن: ئەپەندىمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاشۇنداق ئالىيجاناب بۇلۇپ،ئــــۆز رەقىبى》گە،يەنى《سىنپى قېرىندىشى》غا ياردەم قولىنى سوزۇشنى ماقۇل كۆرگەن ھەم شۇنداق قىلاىىـ ـ ـغان.
     《ئايدىڭ كېچە》دىكى ساتار ۋە《ئىھ،توپىلىق يول》دىكى روزەكلەر قوش بىسلىق خارەكتىرى بىلەن ئۇقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى مىللىي خا-رەكتىرنىڭ مۇرەكككەپلىكىگە ئوخشىمايدۇ.ساتار پەرىشان،ھەمىشە ئاچچىقلايدۇ،تەرســـا،چۈنكى ئۇ”بۇ زامان نېمە بولۇپ كەتتى“دېگەننى چۈشەنمەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يە-نە  ئاشۇ پەرىشانلىق،ئاچچىقلىنىش، جاھىللىق ۋە ئازابلىرى ئىچىدە ھېكايە پىرسۇناژلارنى بۇ”زاماننىڭ سىرلىرى“ دىن قەدەممۇ-قەدەم ئاجرىتىپ، ئاخىرىدا پېرسۇناژلار قەلبىنـــــىڭ چوڭــقۇر جايلىرىدىكى ”كونا نەرسىلەرنى تاشلاپ! قالايمىقان، مەقسەتسىز،باش-ئاخــىرى يوق،ئېگىــز-پەسـلىكتىن قۇتۇلۇپ“، ئىچ-باغرىنى تۆكۈپ، ”كونا دوست" بىلەن ئايدىڭـ ـ ـدا قالتىس مۇڭدىشىپ ”كۆڭۈل ئىزھار“ قىلىدۇ. ساتارنىڭ خارەكتىرىنىڭ مۇرەككەپلىـ ـ ـكىگە بولسا “زامان” ھۆكۆمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنداق”زامان“غا ماس كەلمەيدىغان ئالاقىزا-دىلىك بولسا تارىخنىڭ بۇرۇلۇش مەزگىلىدىكى مەلۇم بىرخىل جەمئىيەت پىسخولوگىيىسىنىڭ تىپىك ھالىتىنىڭ ئىپادىلىنىشدۇر.كىشىلەر”تۆمۈر خوراز“دەپ ئاتىۋالغان روزەك ئەقىلسىز،ساد-دا، يېڭى ئالغان ئۆزىدىن كۆپ كىچىك گۈلئايشەمنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشەنمەي،بىر يېڭى ئائىلىنىڭ تىراگىدىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.لېكىن ھېكايىدە پىرسۇناژلارنىڭ ساددا،نادانـ ـ ـلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەندە يەنە ئەمىلىي تۇرمۇش پوزىتىسىيەسىۋە كىــشىلەرگە كەڭ قور-ساق بولۇشتەك گۈزەل ئەخلاقنى ئىپادىلەشكىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئايالـنىڭ سەۋەنلىـكىنى كەچۈرىۋەتتى.ساتار بىلەن روزەكنىڭ خارەكتىرىدىكى ئاشۇ تەرىپلەشكە ئەرزىمەيدىغان تەرەپـ ـلەر،تـەبئىيكى ئىنسانلاردىكى ئاجىزلىق،بۇ ئاجىزلىقلار مىللەت تارىخىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ بىرقىىسم چەكلىملىرىـنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. لېكىن زوردۇن سابىرنىڭ قەلىمى پىرسۇناژلار خا-رەكتىرىنىڭ چەكلىــمىلىكىدە چەكلىنىپ قالمىغان،ئەكىسچە يېڭىچە جەمئىيەت تەرىپىـدىن يۇرۇتۇلغان خاسلىقنــىڭ”يارقىن نوقتىسى“ نى تىرىشىپ قازغان.مەيلى《جىگدىلەر پىچىر-لايدۇ》دىكى قۇنــاخۇن بولسۇن،مەيلى《خىرە دەرىزە》دىكى ئىسراپىل بولسۇن،مەيلــــى《ئۇنتۇمايمەن گۈلسارە》دىكى جامال بولسۇن، بۇ ”مويسېپىتلەر“ يا ئەمەلدار، ياكـى بەك باي، ۋە ياكى بۇ ھەر ئىككىلىسىنى تەڭ تۇتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئەنئەنە بىلەن رېئالـــلىق پىرسۇناژلارنىڭ خارەكـتىرىدىكى قاتمۇقات زىددىيەتلەرنى تاۋلاپ چىقىدۇ.پىـروزا ئەسەرلىرى قەلەمدە كەمــسىتىش يولى ئارقىلىق ھەرخىل نوقتىلاردىن،ھەرخىل قاتلاملاردىن پىرسۇناژلار خارەكتىرىدىكى ”يىرگىنىشلىك تەرەپلەر“نى تەھلىل قىلىدۇ،ھەمدە سۆكىدۇ ۋە تەنقىدلەيدۇ؛شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا يەنە تۇرمۇش لوگىكىسىنى دەستەك قىلىپ ،ئۇلارنى ۋىجدانىي ئەيىـــبكە بۇيرۇپ،خىجىل قىلىدۇ،ھەتتا ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق سەۋەنلىكنى تولدۇرغۇزىدۇ…بــۇلار پەقەتلا ئەنئەنىنىڭ مىللىي خارەكتېرلىك كاتوگېرىيەسىدىلا توختاپ قالماستىن، بۈگۈنـــكى ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ دەۋر چەمبىرىكىگە كىرىدۇ.
     ھەممىگە ئايان،مىللىيلىك مەسلىسى تەتقىقات قىىشقا ئەرزىيدىغان تېما،ھەم پىروزىچىلار ئىجادىيەت جەريانىدا ئۆزىنى(مەنىۋىيتىنى-تەرجىمان) سۇغۇرىدىغان سەنئەت تېمىسى.زور-دۇن سابىرنى بۇ جەھەتتە ناھايتى زور مۇۋەپپەقىيەت قازاندى دېيىشكە بولىدۇ.ئۇنىڭ ئەسەر-لىرىدىكى خىلمۇخىل پىرسۇناژلار،ئاشۇ ” ئەپەندىم روھى “ نى داۋاملاشتۇرغان ئەر-ئايال،قېرى-ياشلارنىڭ ھەممىسىگە ئەنئەنە ۋە دەۋردىن ئىبارەت قوش بىسلىق شەرەپ تامغىـــسى بېسىلغان.پىرسۇناژلار خارەكتىرىدە ئىپادىلەنگەن ۋە پىرسۇناژلارنىڭ خارەكتىرى ئۆز ئىچىــگە ئالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېڭى دەۋرگە باسقان قەدىمىنىڭ تىۋىشى، تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشىـ ـ ـنىڭ سەنئەتلىك يېشىمى، ئۇيغۇر پىروزىچىلىقىدىكى پېرسۇناژ گالېرىيەسىنىڭ مىللىي خارەكـ ـ ـتېرىنىڭ زور دەرىجىدە بېيىتىلىشى دېيىلىشى كېرەك.
     گەپكە ئۇستىلىق بولسا ئەپەندىمنىڭ”قابىليىتى“.زوردۇن سابىرمۇ بوش ئەمەس.ئۇنـىڭ ئەسەرلىرى ماقال-تەمسىل،شېۋىلەرنىڭ نىقابىغا تاينىپ قىزىقچىلىق قىلىپ ئەمــەس،بەلكى بايان تىلى بىلەن پىرسۇناژلار دىئالوگىغا تاينىپ ئۇقۇرمەننى بارىكاللا ئېيىتقۇزىدۇ.
      قىزىقارلىق،تەنە سۆزلەر بىلەن ياكى چاقچاق ئارقىلىق،يۇمۇرستىك پۇراقنى تەبىئىي رە-ۋىشتە پەيدا قىلىشنى كىلشىلەر دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدۇ.زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇنـ ـداق مىساللار تەبئىيلا سان-ساناقسىز.كىىشلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئاگرانوم ئەسئەتـ ـ ـنىڭ تەقدىرى يېزىلغان ھېكايە《سۈبھى》دە،ئوماق تالىپچاق راھەت،تۇرمۇشتا نېــــمە ئىشلار بولــغىننىى چۈشىنەلمەيدۇ،ئاپتۇر ھەمىشە پىرسۇناژلارنى: ”تۇرمۇش مېنـــى ئەخمەق قىلىۋاتامدۇ،ياكى مەن تۇرمۇشنى ئەخمەق قىلىۋاتامدىمەن!“ دېگەن گۇمانغا سېلىپ، ناھايـ ـ ـتى تۈز ھەم ئاددى ئىككى جۈملە بىلەن ئۆزىنى مازاق قىلدۇرۇپ، يۇمۇر تارىســـىدىكى چوڭقۇر ھەم ھەسرەت-نادامەتلىك كۈينى چالغۇزىدۇ.
  زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىدە بەزىدە كىنايىدىن پايدىلىنىلماي، راست سۆزلەردىن پايدىلىـ ـ ـنىلغان بۇلۇپ، ئارتۇقچە ماختاشلاردىن خالىي بولۇپ،پەقەت پىرسۇناژلارنى،تۇرمۇشتىكى يۇشۇرۇن تىراگىدىيەلىك ئامىللارنى ئازراق ئۆزگەرتىپ،كۈچەيىتىپ ئۇقۇرمەنگە ئاشۇ يېزىقىلار- نىڭ كەينىدىكى بايقىــغىلى بولىدىغان ۋە بولمايدىغان يۇمۇرىستىك پۇراقنى پۇراتـقان .«تۆمۈر تاپان»ھېكايىسىنىڭ بېشىدىكى ناھىيە ھاكىمى ھەسەننىڭ مەيدانغا چىقىشىغا قاراپ باقايلى:
  ناھىيە ھاكىمى ھەسەن ئېغىر گەۋدىسىنى تەسلىكتە كۆتۈرۈپ،دەسسىگەن يېرىدىن خۇددى سوقما تاش ئۇرۇلغاندەك،تترەڭگۈ ئاۋاز چىقىرىپ،مۇدىر ئىشخانىسىغا ئۇتتۇر كىرىپ كەلدى.كىرگەن پېتى سالام-سائەتسىزلا،يۇمشاق دىۋانغا تاشلاندى-دە،ئۈستەلگە ئېڭىشىپ دىققەت بىلەن ماتىرىيال كۆرۈۋاتقان قىزىل دۇخاۋا بۆكلۈك،چار بۇرۇت ئادەمگە ئېغىر ۋە گۆشلۈك قا-پاقلىرى ئاستىدىكى توشقاننىڭكىدەك پۇلتۇيۇپ تۇرىدىغان سۈرلۈك كۆزلىرى بىلەن چەكچىـ ـ ـيىپ قاراپ قويدى.شۇنىڭدى كېيىن،دىۋان پۇرژۇنلىرىنى غىچىرلىتىپ تــــەستە قىمىرلىدى-دە،مىس تاماكا قۇتىسىنى،كېىسلگەن كۈلرەڭ قەغەزلىرىنى تىزىغا قۇيىۋېلىپ،كــــىچىكرەك ھېسىپتەك كۈرۈنىدىغان قىسقا بارماقلىرى بىلەن تاماكا بۇرىدى.ئۇ تاماكا بۇراشقا ئېڭىشكەنـ ـدە،قۇۋۇز گۆشلىرى خۇددى قىزىق تۇنۇردىن چۈشۈپ كېيىۋاتقان پومناندەك كۆۋجۈپ ساڭـ ـ ـگىلاپ تۇراتتى .تېخى ئاق سانجىمىغان بۇرۇتلىرى،خۇددى يوغان بۇرنى ئاستىغا كىچىكـ ـكىنە ئايق چوتكىسى چاپلاپ قويغاندەك،غەلىتە كۆرۈنۈش پەيدا قىلغان ئېدى.
     ئىنچىكە،ھەقىقى،جانلىق،تىلى ئاددى پىرسۇناژلارنىڭ بۇ يۇمۇرىستىك تەسۋىرىدە نەچـ ـ ـچە خىل ھەيكىلى(پىروتوپى ــ تەرجىماندىن)بار. ھەسەن ھاكىم ئەسەردە ئىسلاھاتنىڭ توساقلىرىنىڭ رولىنى ئالغان بۇلۇپ،باشلىنىشتىكى بۇ ئابزاستىن باشلاپلا كىتابخانلارغا ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ.
    يەنە«چايخورلار»دىكى بۇتيانى“تۈگەشتۈرىۋەتكەن” ۋىجىك، “تەلۋە” “خوتـــــەك” نى بۇتيانىڭ كۆزگە ئىلماي ئەيىبلىگەندىكى“تەلەپپۇز”ىنى ئاڭلاپ باقايلى:
    -ماۋۇ خوتەكىنىڭ گېپىنى،ۋاي خوتەك،سەن قانچىلىك نېمىدىڭ،خوتۇنۇڭ خەقنىڭ ئۆيىـ ـدە ئوسما قويىدۇ.ھەر ھېيىتتا مېنىڭ جاينىمىزىمدا ناماز ئۇقۇيسەن،بازارغا بارساڭ ۋەجىڭــ ـنى مېنىڭ ھارۋامغا سېلىۋالىسەن،مېنىڭ كۆلۈمدىن سۇ توشۇپ لاي چىلاپ كېســـــــەك قۇيدۇڭ،پۇل تۆلىدىڭمۇ خوتەك؟نۇپۇسىڭنى ماڭا ئۆتكۈزمىگىنىڭ قالدى شۇ.يوغان گېپىنى تېـ ـخى بۇنىڭ،مە،ماۋۇ يېرىم ناننى يە خوتەك،قاچانغىچە زاغرا كۆشەيىتتىكىن!؟   
    كەسكىن،ئۆتكۈر قەلەم،يىغلاپ كۈلەلەيدىغان“قوش ئۈنۈملۈك”يۇمۇرىستىك نەتىجىنى پۈ-تۈنـلەي ھاسىل قىلالايدۇ.كىتابخان بۇنىڭدىن يېزىق ئارقىىسدىكى قالدۇق تەمنى تېتىيالايـ ـدۇ.دەرۋەقە،ھېكايىنى ئۇقۇپ ئاخىرقى قىسمىدىكى خوتەكنىڭ ئۆزى خالاپ مەيدانغا چۈ-شۈپ بۇتيا بىلەن كۈچ سىناشقان يېرىگە كەلگەندە،ئەسەرنىڭ بايان تىلى ئادەمگە بىرخىل  ئەپەندىمـچە پۇراقىنى پۇرىتىدۇ.بۇتيا خوتەكنى تۇتىۋالماقچى بۇلۇپ بىر نەچچە تۇتالمىغانـ ـ ـدا:
  ــــ خوتەك!-دەپ ھۆركىرىدى ئۇ غەزىپى بىلەن.بۇتيا رەقىبىگە غەزەپ بىلەن تاشلاندى،لېكىن قولىغا ھېچنىمە چىقماي يەنە دەلدۈكشىپ-مۈدۈرۈپ قۇمغا تاينىپ توختىدى.ئەمــ ـ ـدى ئۇ چالا ئوق تەگكەن شىردەك غالجىرلاشتى.…ئۇنىڭ قوللىرى يەر تاينىپ قالدى.پۇتــ ـلىرى كالۋالاشتى.
      ئەڭ ئاخىرىدا بۇتيا قورسىقى بىلەن يەرگە يىقىلغان خوتەكنى بېسىۋالدى:
      تۇيۇقسىز «خوتەك» ئۇنى شۇنداق پىرقىراتتكى،كىچىكىدە دادىسى ئەركىلىتىپمۇ ئۇنى بۇنچىلىك پىرقىراتمىغانىدى.ئۇ بېشى قېيىپ يەرگە قانداق چۈشكىننى سەزمىدى.ئەتسى ئۇ ئۆيىدە ئارانلا مىدىرلىغۇدەك ھالغا كەلدى.شۇنداقتىمۇ بوينىنى مىــدىرلىتالمىـدى.
     شۇنداق دېيىشكە بۇلىدۇكى،«چايخورلار»دىكى بۇتيانىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى پۈتۈنلـ ـ ـەي يېڭى ئەپەندىم ھېكايىلىرىدۇر.
     يەنە بىر مىسال كەلتۈرسەك.بۇ «خىرە دېرىزە» پوۋېستىدىكى 76 ياشلىق ئىسراپىلنىڭ ئاغزاكى قالدۇرغان ۋەسىيىتىنىڭ بىر بۆلىكى:
    ماڭا بۇ دۇنيا ئۇ دۇنيامۇ قاراڭغۇ.قېرىغىنمدا نەدىن كەلگەن غەم-غۇسسە بۇ؟ مەنمۇ ھەسەن زاسۈيپەزدەك باشقىلارنىڭ سۆزىنىلا تەكرارلاشنى نېمىشقا ئۆگىنىۋالمىغاندىمە.ئەقىلسىز،ۋىژدانسىزنىڭ غېمى ئاز بولدىغان ئوخشايدۇ.ئۆكۈزنى سويغىلى ماڭساممۇ،بوغۇزغا ئېلىپ ماڭـ ـساممۇ پۇشۇلداپ مېڭىۋەرگەنگە ئوخشاش،مەنمۇ يېتلەككە ئۆگەنگەن بولسام،بەلكى غەمــ ـسىز،يۈرىكىم پۈتۈن بولارمىدىكىن؟ئەمما لېكىن بۇنداق ئادەم بولغىنىمدىن ھايۋان بۇلۇپ قالغىنىم ياخشى –دە.ئادەم دۇنياغا ئەقلى بىلەن يارىتىلىدۇ،بەدەن ھايۋاننىڭ،ئەقىل ئادەمـ ـنىڭ.بەدەن بىر ھارۋا،ئەقىل ئات.ئەقىل بەدەننى سۆرەپ ماڭىدۇ،مەن ئەمدى يولسىز،نىـ ـشانسىز كېتىۋاتقان بىر ئات قۇشۇلغان ھارۋا،ئات يول ئىزدىمەكتە،كاتاڭلاردىن ئــاۋايلاپ ئۆتمەكتە.لېكىن نەگە كېتىپ بارغىنىنى بىلمەيدۇ...
   كوتۇلداشلار ھەسرەت-نادامەت ۋە ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىشلارغا تولغان بۇلۇپ، ئــا-دەمنى پىرسۇناژلارنىڭ ئاشۇ چاغدىكى روھى ھالىتىنى يۇشۇرۇن كۆزەتكۈزىشى بۇلۇپلا قالـ ـ ـماستىن، يـېزىـقنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان قارا يۇمۇردىكى ئەپەندىمچە روھنىڭ ئويغىنىشى ئەمەسمۇ؟
    «ئەپەندىم ھېكايىلىرى»نىڭ «كاللىسى»غا بىرخىل «ئەقىل» تۇلۇپ تۇرىدۇ.ئەپەنـــ ـ ـدىم: “ئەقىلنىڭ ھەممىسى باشقىلارنىڭ كاللىسىدا ساقلاندى” دەيدۇ،بەلكىم،ئەپــەندىمنـ ـىڭ ئەقلىمۇ زوردۇن سابىرنىڭ “كاللىسى”دا ساقلانغان،ھەمدە “ئەپەندىم روھىنى” قــــۇيۇپ قويغاندەكلا “چۈجىدىن چىقارغان”. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ ئاللىبۇرۇن بەندىچىـــــــلىك قىلدى.ئۇ قالدۇرغان ئەسەرلەر بولـ ـسا “ئەپەندىم ئەقىل-پاراسىتى” نىڭ سەنئەتلىك يۈكـ ـ ـسىلىشى،“ئەپەندى روھى”نىڭ ئــۇقۇرمەنلەرنىڭ بەھرىمەن بولىشى ۋە ئالىمـــــلارنىڭ تەتقىق قىلىشى ئۈچۈن قالدۇرۇلغان يـېــزىق كىرىستالى.                                                                                                                                                                                      (2002-يىلى)                        
(خەنزۇچە«غەربىي دىيار ئەدەبىياتىنىڭ ئىزى»ناملىق توپلامدىن)
                                                              
                           « تەڭرىتاغ » ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 6-سانىدىن .


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-14 04:41:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن سابىر ئاكىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرىمەن. ھەممىدىنمۇ بەكرەك ئانا يۇرت  نى

ۋاقتى: 2013-1-14 19:11:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىلمىي ئەمگەكلىرىڭىزدىن سۆيىنىمەن دوستۇم!

ۋاقتى: 2013-1-14 20:21:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك!
مەن بۇ تەرجىمىڭىزنى كىتاپخانىدا تۇنجى بولۇپ ئوقۇغان ئىدىم! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 20:21  


ۋاقتى: 2013-1-15 11:27:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەمگەككە رەھمەت.
ئەپسۇسكى، ‹‹ئەلى›› ئەمەس ‹‹ئەلا››

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش