تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
كۆرۈش: 338|ئىنكاس: 14

يېڭى شېئىرلار ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-2 21:45:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شېئىريىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆۋەندىكى سوئاللارغا ئەستايىدىل جاۋاب بەرسەڭلار:

1. سىز ھازىرقى شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن رازىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ يېڭى شېئىرلارغا بولغان چۈشەنچىڭىز قانداق؟

2. ئەنئەنىۋى شېئىرلار بىلەن يېڭى شېئىرلاردا ساقلانغان مەسىلە نېمە؟

3. سىز يېڭى شېئىرلارنى ياخشى كۆرەمسىز، ئەنئەنىۋىي شېئىرلارنىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

4. قانداق شېئىرنى ئەڭ ياخشى شېئىر دەپ قارايسىز؟

5. يېڭى شېئىرلار قانداق ئەھۋالدا ئوقۇرمەنلەرنى رازى قىلالىشى مۇمكىن؟

6. يېڭى شېئىرلار قانداق قىلغاندا كىلاسسىك شېئىرلارغا ئايلىنالايدۇ؟

7. يېڭى شېئىرلارغا پايدىلىق قانداق پىكىرلىرىڭىز بار؟


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-3 00:07  

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 00:42:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4. قانداق شېئىرنى ئەڭ ياخشى شېئىر دەپ قارايسىز؟

تىلى ئىنتايىن يىنىك، يىنىك تىلغا ماس بولغان قويۇق رىتىمغا ئىگە، ئىچكى ھىسياتنى نەپىس ئىماگلار بىلەن دەل جايىدا ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان شېئىرلار مېنىڭ نەزىرىمدە ياخشى شېئىرلار ھېسابلىنىدۇ. بۇخىل ئالاھىدىلىك ئادىل تۇنىياز شېئىرلىرىدا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ «تۈگىمەس ناخشا»، ئابدۇللا ئارىپوفنىڭ «سەن باھارنى سېغىنمىدىڭمۇ؟»، ياش شائىر ئابدۇراخمان ئابدۇكىرىمنىڭ «سەھرالىق بالا»، سېرگىي يېسىنىننىڭ «سەكىنە، سەكىنە مېنىڭ ئامرىقىم» قاتارلىق شېئىرلىرى مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكنى نامايەن قىلغان ئۈلگىلىك شېئىرلار ھېسابلىنىدۇ.

باشقا سۇئاللار ئۈستىدە ئەتىگىچە يەنە قارىشىمنى بايان قىلىمەن!

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 02:13:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           1. مەن ھازىرقى شېئىريىتىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن ئانچە رازى ئەمەس. سەۋەبى ، شېئىريەت ساھەيمىز سەل قالايمىقانلىشىپ قالدى. بەزىلەر ئەدەبىيات سەنئەت جەھەتتە بېرىلگەن ئەركىنلىكىنى ئالا-جوقا توۋلاش بىلەن بىھۇدە خورىتىپ ئىسراپ قىلىۋاتىدۇ. (بۇنىڭغا ئاز بىر قىسىم كىشىلەر ئاشكارە ئىتراز بىلدۈرۈپ، كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىز سۈكۈت قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.)
يەنە بىر سەۋەپ شېئىريىتىمىز ھەرقانچە تەرەققى قىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، كەمتەرلىك ھەم ئىجتىھات نوقتىسىنى چىقىش قىلغان ئاساستا پىكىر يۈرگۈزۈپ ئاسانلىقچە قانائەتلەنمەسلىكمىز ئەقەللىي ئىش.
           يېىڭىچە شېئىرلار باشقىلارنىڭكىنى ئۆز ئەينى كۆچۈرۈپ كىلىش ئەمەس، ( بۇ خۇددى دۆلىتىمىز دەسلەپتە جۇڭگۇچە سوتسىيالىزىم يولىغا ماڭماي سوۋېتچە سوتسىيالىزىم يولىغا ماڭغاندەكلا ئىش. ئەگەر باشقىلارنىڭكىنى مىخانىك ھالدا كۆچۈرۈپ كەلسەك ، بۇنداق قىلىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھامان بىر كۈنى ھېس قىلىمىز. بىز يەكۈنلەشكە ئۈلگۈرمىسەك ئەۋلادلىرىمىز بولسىمۇ يەكۈنلەپ چىقىدۇ بۇ خاتالىقمىزنى.) يېڭىچە شېئىرلار ئالا - جوقا توۋلاپ يەككە ھالدا ئۆزىگە چۇڭقۇرلاش، ئۆزىنىلا مەركەز قىلىۋېلىش ئەمەس. شائىر ھامان ئۆزى ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ غېدىقلىشىدىن ئايرىلمىغان ھالدا ئۆزىگە چۇڭقۇرلىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا بىر تەرپتىن ئوقۇرمەنلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىشرەك پاجىئەدىن ئامان قالساق، يەنە بىر تەرەپتىن شېئىردىكى مىللىي پۇراقنى قويۇقلاشتۇرۇپ،ئۆز ئاۋازىمىزنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىش مەقسىتىگە يېتەلىشىمىز مۇمكىن.
       يېڭىچە شېئىرلار ئۆز ئەھۋالمىزغا ئۇيغۇنلاشقان، ئەنئەنىنىڭ ساقلاپ قىلىشقا تېگىشلىك جايلىرىنى ساقلاپ قالغان، باشقىلارنىڭ قوبول قىلىشقا بولمايدىغان تەرەپلىرنى دادىل ھالدا ئۆزىدىن يۇيۇپ تاشلىغان ھالەتتە مەيدانغا كىلىشى كېرەك.
         2.مەيلى ئەنئەنىۋى شېئىرلاردا بولسۇن ياكى يېڭىچە شېئىرلاردا بولسۇن، شېئىريەت ساھاسىگە يېڭىدىن قەدەم باسقان بەزى ھەۋەسكارلار شېئىرنى پەقەت شەكلەن چۈشىنىپ ھەقىقىي ماھىيىتىگە يىتەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئەنئەنىۋى شېئىرلارنى قاپىيەلىك سۆزلەر تىزمىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش، مىسرالارنىڭ نەپىسلىكىگە،  (شېئىرىي)سۆز-جۈملىلەرنىڭ ئوبرازلىق بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك؛ يېڭىچە شېئىر ھەۋەسكارلىرىدا بولسا ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان بىر نەرسىلەرنى يېڭىلىق ياراتتىم دەپ كۆتۈرۈپ چىقىش مەسىلىسى ساقلانماقتا. ( چۈشىنىكسىز نەرسىلەرنى يېزىش  شېئىردا خېلى پىشقان دەپ قارالغان بەزى كىشىلەردىمۇ مودىغا ئايلىنىۋاتقاندەك قىلىدۇ.)
       3.مەن مەيلى يېڭىچە شېئىرلار بولسۇن ياكى ئەنئەنىۋى شېئىرلار بولسۇن ياخشى يېزىلغانلىرى بولسىلا ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.  چۈنكى ھەر ئككىلى خىل ئۇسلۇپتىكى شېئىرلارنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ھەم كەمچىلىكى بار.
         4.ئۆزىدە مىللىي پۇراقنى ساقلىغان، ھېسسىيات چىنلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن، بەدىيلىك بىلەن شېئىرىي پىكىرنىڭ مۇناسىۋىېتى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنغان، يېڭى سۆز بىرىكمىلىرى ياكى يېڭى جۈملىلەر ئۇچراپ تۇرىدىغان ، تىلى نەپىس، ئوبرازلىق شېئىرلارنى ياقتۇرىمەن.
         5. يېڭىچە شېئىرلار ئەنئەنىدىن قان ئالغاندا،يېڭىچە شېئىرلارنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرۈپ قالايمىقان  جۆيلۈپ، ئوقۇرمەنلەرنى يېڭىچە شېئىر توغرىسىدا خاتا چۈشەنچىگە كەلتۈرۈپ قويىۋاتقانلارنى ئۆز قوشۇنىدىن تازلاپ چىقىرىۋېتەلىگەندە ، يېڭىچە شېئىر ئوبزورچىلىقىنى ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدۇرالىغاندا ئاندىن ئوقۇرمەنلەرنى رازى قىلالىشى مۇمكىن.
         6.يېڭىچە شېئىرلار مىللىي خاسلىق يارىتالىغاندىلا ئاندىن كلاسسىك شېئىرلارغا ئايلىنالىشى مۇمكىن.
          7.يۇقىردا دەپ ئۆتكەنلىرىمنىڭ ھەممىسىنى يېڭىچە شېئىرلارغا پايدىلىق پىكىر دەپ قارايمەن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 03:25:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.سۇئالغا :  ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھېچقانداق بىر دەۋردە بۈگۈنكىدەك رەڭدارلىشىپ باقمىغان ،تىما دائىرسى كەڭ ،بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولۇپ باقمىغان ،قىزغىنلىق كۈچلۈك.سەۋىيە يارىتىلدى،شائىرلارنىڭ ئېستىتىك سەۋىيسى ئۆستى   ھەم دۇنياۋى ژورناللاردا شېئىرلار ئېلان قلىندى ،بۇ جەھەتتىن نەزەر سالغىنىمدا ئۇيغۇر شېئىرىيتى تەرەققى قىلدى. مەن رازى .
ئەمما دۇنيا شېئىرىيگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇيغۇر شېئىريىدە يەنىلا چوڭقۇرلۇق كەم ،شېئىر ئارقىلىق مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنى قېزىش ،ئۆزنى ئىپادىلەش بەك ئاجىز .بۇ جەھەتتىن ئۇيغۇر شېئىريىتى  يىتىم ئارالغا ئوخشايدۇ .

2.سۇئالغا: بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى شېئىرىيتى قانداق شېئىر ؟ يېڭىچە شېئىرىيتى قانداق شېئىر دېگەننى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش كىرەك . ئۇيغۇرلاردا ئومۇمەن پىكىر ئوچۇق ،تۈز يېزىلغان شېئىر ئەنئەنىۋىي شېئىر .گۇڭگاراق . شەكىلى ئەركىنرەك بولغان شېئىرلار يېڭىچە شېئىر  دەپ قارىلىدۇ .
مەن باشقىچە قاراشتا . ئەنئەنە ئۆزگىرىپ ماڭىدىغان نەرسە . يىراق قەدىمكى زاماندىن ئىسلاملىشىش دەۋرىگىچە بولغان شېئىرلار بىر ئەنئەنە (بەلكىم بىر نەچچە بولىشىمۇ مۇمكىن ). ئەرەپ،پارىس شېئىرىيتىنىڭ ،ئىسلام ئىدىيسىنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن شېئىرلار بىر ئەنئەنە ( تەسەۋۋۇپ شېئىرلىرى ). يېقىنقى زاماندىكى ئابدۇخالىقتىن (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخىدىكى شېئىرى تىلدا ئىنقىلاپ ئېلىپ بارغان تۇنجى ئىسلاھاتچى )ئازاتلىق مەزگىلىگىچە بولغان شېئىرىيەت بىر ئەنئەنە( ئىنقىلابى ،دىمكىراتىك شېئىرلار) . ئازاتلىقتىن 80-يىلغىچە بولغان شېئىرلار بىر ئەنئەنە ( يېڭى دەۋرگە بولغان مەدھىيە ،سىياسى شېئىر) 80-يىللاردىن ھازىرغىچە بولغان ئىلگىرىكىلەرگە ھەر خىل ئۇسۇلدا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بىر ئەنئەنە . 86-يىلدىكى يېڭىچە شېئىرىيەت ئېقىمىدىكەر تۇتقان يول بىر ئەنئەنە . ( چۈنكى ئۇلار ئۈچ ئەۋلادنى باشتىن كەچۇردى)  ئۇيغۇر شېئىرىيتىدە ئەنئەنۋىي شېئىرلار بىلەن يېڭىچە شېئىرلارنىڭ چەك چىگىرىسى يوق . چوقۇم جاۋاب بېرىش توغرا كەلسە ئۇلارنىڭ پەرىقى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش كىرەك . باتۇر روزى يازغان بىر قىسىم  غەزەللەر يېڭىچە شېئىر ،بىر قىسىم ئەركىن شېئىرلار ئەنئەنىۋى شېئىر بولۇشتىن مۇستەسنا ئەمەس .
شۇڭا بۇ سۇئالغا يۇقارقى مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرماي جاۋاب بەرگىلى بولمايدۇ

3.سۇئالغا: مەن يېڭىچە   شېئىرلارنى كۆپرەك ئوقۇيمەن ، شېئىر ئوقۇرمەنگە ئاپئاشكارا نەسىھەت قىلماسلىقى ،ئوقۇرمەن ئالدىدا بىلەرمەنلىك قىلماسلىقى ،ھەممە ئادەم بىلىدىغان تۇرمۇش ،ھايات تەجرىبىلىرىنى قاپىيەگە سېلىپ تەكرارلاپ بەرمەسلىكى .ئۆزىنىڭ چوڭقۇر مەنىسى ،سېھرى كۈچى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەررنى بىلىندۈرمەي قوينىغا ئېلىپ كىرىشى كىرەك .  يېڭىچە شېئىرلار  بۇنىڭ ھۆددىسىن ئاز-تولا چىقالايدۇ . شۇڭا يېڭىچە شېئىرلارنى بەكرەك ياقتۇرسام كىرەك .

4.سۇئالغا : مەن شېئىرىي تىلدا يېڭىلىق بولغان كىشىنى ھاياجانغان سالالايدىغان ، چوڭقۇرلۇققا ئىگە ،بەردەشلىق بېرىش كۈچى بار ،شېئىر  پىكىر ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن مۇكەممەللىك تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان شېئىرلارنى ياقتۇرىمەن .

5.سۇئالغا:يېڭىچە  شېئىر  مۇشۇ پېتى ماڭسا مەڭگۈ ئوقۇرمەننى رازى قىلىپ بولالمايدۇ . پەقەت ئوقۇرمەننىڭ سەۋىيسنى ئۆستۈرگەندىلا  ،ئوقۇرمەنلەرنى  ئېستېتىك تەربىيگە ئىگە قىلغاندىلا  ئۇلار ئۆزى رازى بولىدۇ . بۇنىڭ يولى قانداق ؟
يېڭىچە شېئىرنىڭ يېڭىچە شېئىر دەپ ئاتىلىشىدا ئۆزىگە  خاس بەدىئى ئالاھىدىلىكى،ئىجادىيەت خاسلىقى بار ، مۇشۇ ئالاھىدىلىكنى ئوقۇرمەنلەرگە ھېس قىلدۇرۇش كىرەك .
ھەر بىر شېئىرنى تۇتقا قىلغان ئاساستا كۆنكىرىت تەھللىلەرنى ئېلىپ بېرىش ئوقۇرمەنلەرنى شېئىرغا يېقىنلاشتۇرالايدۇ .
شېئىرغا قانداق كىرىش ،قانداق ھوزۇرلىنىشنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ دەپ قارايمەن

6.سۇئالغا : يېڭىچە شېئىرنىڭ ئەمەس ھەر قانداق ئەدەبىياتنىڭ كىلاسسىك ئەسەرگە ئايلىنىش ئايلىنالماسلىقى شۇ ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلىرىگە باغلىق .ئوقۇرمەنلەرنىڭ سەۋىيسى يۇقىرى بولسا يۇقىرى سەۋىيلىك ئەسەر كىلاسسىك بولالايدۇ ،تۆۋەن بولسە تۆۋەن سەۋىيلىك ئەسەرمۇ كىلاسسىك بوپ قالىدۇ . ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەلىپىدىن ئۆتمىگەن شېئىر كىلاسسىك شېئىر بولالمايدۇ .
ئەمما  تارىختىن بۇيان مىللەتنىڭ تەقدىرى ، تارىخى ،مەدەنىيتى ، مەۋجۇت رىئاللقى ،پاجىئەلىرىنى ئىپادىلەش مەزمۇنى قىلغان ، ئۇسۇل جەھەتتىن  زىيادە ماھارەتكە بېرىلمىگەن، ئەمما ئىپادىلەش ماھارىرىتى ،سەنئەتلىكى يۇقىرى بولغان  ئەسەرلەر كىلاسسىك ئەسەر بولالىغان .مېنىڭچە  شەكىل چوڭ مەسىلە ئەمەس .  

7.سۇئالغا :يېڭىچە شېئىرلار يەنى ئۇيغۇر يېڭىچە شېئىرلىرى دۇنيادىكى پەلسەپە، پىسخولۇگىيە ،مەدەنىيەتشۇناسلىق ، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق ، تىلشۇناسلىق ، ئېستىتىكا ...قاتارلىق پەنلەرنىڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى قوبۇل قىلىشى ،ئۆزلەشتۈرىشى كىرەك . بۇ يېڭى شېئىرىيەتكە كۈچلۈك تىرەك ھەم يېڭى قان بولالايدۇ ، بۇ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنى يېڭى تەپەككۇر ،يېڭى مىتود بىلەن قۇرالللاندۇرۇشقا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ .

يەنە بىر جەھەتتىن شېئىر ئىجادىيەت ئەمەلىيتى بىلەن شېئىرىيەت نەزىريىسىنى بىرلەشتۈرۈپ مېڭىش  ، ئەڭ ئاچقۇچلىقى شائىرلار ئۆزنىڭ ئىجادىيىنى يېڭىلاش بىلەن بىرگە ئوقۇرمەنلەرنى يىتەكلىشى كىرەك . شائىرلار ھەر قانچە ئىسىل شېئىرنى يازغان بىلەن ئوقۇرمەنلەر تەرەققى قىلمىسا ،كاللىسى ئىپتىدائىي سەۋىيدە ساقلىنىپ قالسا بۇ ئەدەبىيات ،بۇ شېئىرىيەت تەرەققى قىلغان شېئىرىيەت ئەمەس .بىر مىللەر ئەدەبىياتىنىڭ سەۋىيسىنى مېنىڭچە شۇ توپقا تەۋە كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي ئىېتىتىك ساپاسىدىن،ئەسەردىن زوق ئېلىش سەۋىيسىدىن ئايرىش كىرەك

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hazratali ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-3 04:43  

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 03:32:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا ئاممىباب  شېئىرلار بەكرەك ياقىدۇ .تۇرسۇنجان ئۇكىمىز نىڭ ئېيتقىنىدەك مەنمۇ ھازىرقى شېئىرىيەت ساھاسىنى بەك قالايمىقانلىشىپ كەتتى دەپ قاراپ قالدىم .يەنىلا ئاممىباب چۈشىنىشلىك تىلى يىنىڭ چىقسا دەيمەن .
قۇرۇپ كەتكەن دەريا قىنى ئۆز ئۆتمۈشىگە ھەرگىز رەخمەت ئېيتمايدۇ.
                          تاگور

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 14:09:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   1 .«ھازىرقى شىئېرىيىتىمىزنىڭ ئەھۋالى» نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،مەن شىئېرىيىتىمىزدە تېمىنىڭ كۆپ خىل بولۇشى،پىكىر ۋە ئىدىيىدە ئەركىن بولۇش،ئادەمنىڭ ئۆز قەلبىگە ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە يېقىن بولۇش ،تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقىمىزنىڭ بارغانسىرى چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرىلىشكە قاراپ يۈزلىنىشى قاتارلىق تەرەپلەردىن رازى.
يېڭى شىئېرلارنى يازغۇچىلار يېڭى ئادەملەر بولغىنى ئۈچۈن ئىجات قىلغان ئەسەرلىرىمۇ يېڭىلىق بىلەن تولۇش كىرەككى ھەرگىزمۇ ئەنئەنىنىڭ تەقلىدچىلىرىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كىرەك.ناۋايى،مەشرەپ ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى،تىيىپچان ... قاتارلىقلار  يېڭى شىئېرىيەتنىڭ ئىلھامبەخىش قوزغاتقۇچى پىشىۋالىرىكى ،ھەرگىزمۇ چوقۇنىدىغان بۇتى ئەمەس.
  2 .ئەنئەنىۋى شىئېرلاردا ساقلانغان مەسىلىلەرنى يېڭى شىئېرىيەتنىڭ خىلى كۆپ باشلامچىلىرى ئوتتۇرغا قويۇپ بولغان بولۇپ،بۇنى بۇيەردە تەكرارلاپ ئولتۇرساق ،ئۇلار «شۇئارۋازلىق،مەدىھىيەۋازلىق،قىلىپبازلىق،تېما نامراتلىقى ،قەلىب تۇيغۇلىرىغا ياكى ھېسيات چوڭۇرلىقلىرىغا شۇڭغۇماستىن يۈزەكى قەۋەتتە تەسىرات يۈزىدە توختاپ قىلىش...»  دېگەندەك .ئەلۋەتتە ،بۇ نۇقتىدىكى بايان «ئىشىكنى ئېچىۋېتىش»تىن ئىبارەت يېڭى دەۋىر باشلانغۇچى بولغان 30 يىللىق شىئېرىيەتنىڭ ئەھۋالى بولۇپ ،بىراق يەنە بۇ دەۋىرلەردە كىلاسسىك ئەسەرلەر دەرىجىسىگە كۆتۈرگىلى بولىدىغان بىر بۆلەك ئەسەرلەرنىڭ مەۋجۇتلىغىمۇ ھەقىقەت.
  يېڭىچە شىئېرلاردا ساقلانغان مەسىلىلەر دېگەندە ،بەزى يېڭى شىئېرلارنىڭ بايان قىلىنىش ياكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى، ياكى بۇ يېڭى شىئېرلاردىكى سىمۋول ،ئىماگلار نىڭ مەنە قاتلىمى ياكى تىل قۇرۇلمىسى شۇ قەدەر مۇرەككەپكى ئادەمنى توم،توم كىتاپ ئوقۇغاندىكىدىنمۇ بەكىراق ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىپ (ياكى مۇزىكىلق تۇيغۇلارنى قەلب بىلەن ئاڭلاش شەكلىدەبولسىمۇ)ئاقىۋەتتە بىزگە ھېچنەرسە بەرمەيدۇ ياكى مەلۇم تۇيغۇ-سىزىملەرگە ئېرىشەلمەيمىز؛خۇددى«توخۇ بۇرۇنمۇ تۇخۇممۇ»دېگەن جاۋابىنى تاپقىلى بولمايدىغان تىپىشماققا ئوخشاپ قالغان.مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە يېڭى شىئېرلىرىمىزنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە تۈرۈتكىلىك رول ئوينىغان چەتئەل شائىرىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى سىمۋول ۋە ئىماگلار مەلۇم پىكىر ،قاراشنى ياكى ھۆكۈمنى يۇشۇرۇن ئىپادىلەپ كىتاپخانىلارنى ئويلاندۇرۇشنى مەقسەد  قىلماستىن ،بەلكى كىرىشتۈرمە ئوبراز يارىتىش ئارقىلىق مۇزىكىلىك تۇيغۇ-سىزىم ئۈنۈمى يەتكۈزۈشنى مەقسەد قىلغان.ئەلۋەتتە ،مېنىڭ بۇ چۈشەنچەم يۈزەكى ياكى قىسمەنلىك بولۇشى مۇمكىن.كېيىنكى سىمۋولىزم شىئېرىيىتىنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپىغا ئېرىشكەن شائىرى سان جون پېرىسنىڭ «ئاناباز(ئىستىلا)»،«ماياكلار»دېگەن ئەسەرلىرىنى نەچچە ئون قېتىم ئوقۇدۇم ،بىراق بۇ ئەسەرلەردىن ھەر قېتىمدا ماڭا ھېچنەرسە «يۇقمىدى» ياكى ھېچقانداق مۇزىكىلىق ئۈنۈمنى ھېس قىلالمىدىم.مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە بەزى يېڭى شائىرلىرىمىزنىڭ يېڭىچە شىئېرلىرىنىڭ تىل قۇرۇلمىسى سان جون پېرىسنىڭ ئەسەرلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ.سىمۋول،ئىماگلار ئادىل تۇنىياز ،غوجىمۇھاممەت مۇھاممەت،قەيسەر تۇرسۇن ،چىمەنگۈل ئاۋۇت ،تاھىر ھامۇت ،ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم...قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ بار،بۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مەلۇم ئوي-پىكىر ،يېڭىچە قاراشلارغا ئېرىشىش ياكى بولمىسا تۇيغۇدىكى مەلۇم مۇزىكىنى ئاڭلاش مەقسىتىدە ئوقۇسام ئارزۇ قىلغىنىمغا ئېرىشەلەيمەن.ئۇنداقتا بەزى يېڭى شىئېرلاردىن ئۇنداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمەسلىكىمدىكى سەۋەپ نېمە؟مېنىڭچە بۇ مەن قوبۇل قىلالمىغان(ياكى مەلۇم بىر پىكىرنى سېزەلمىگەن،ياكى مەلۇم بىر تۇيغۇنى ھېس قىلالمىغان)شىئېرلاردىكى تىل قۇرۇلمىىسى ،سىمۋول ۋە ئىماگلارنىڭ تۇيغۇ قاتلىمى مېنىڭ (ئۇيغۇر مەدەنىيەت،كۇلتۇرىغا مەنسۇپ بىر ئادەمنىڭ )ئۆزۈم تەۋە بولغان كوللىكتىپ ئىچىدىكى مەۋجۇتلۇق ئېڭىمغا -يەنى ئۆزۈمنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ۋە ئۇچۇر تارقىتىش ھەمدە بۇلارغا ئادەتلەنگەن ئۇسۇلۇمغا ،مەن ئۈگۈنىۋاتقان ئانا تىلىمنىڭ مەن ئادەتلەنگەن تەسەۋۇر قىلىپ يېتەلەيدىغان مەنە ئىپادىلەش قۇرۇلمىسىغا-ماس كەلمىگەنلىكتىنمۇ ياكى بۇنىڭدىن ھالقىپ كەتكەنلىكتىنمۇ ؟ياكى بولمىسا مېنىڭ بۇ ئەسەرلەرنى چۈشۈنىش ئىقتىدارىم تۆۋەنمۇ؟...
  ئەلۋەتتە ،مەن بۇيەردە مەن چۇشىنەلمىگەن ئۇ ئەسەرلەرنى ناچار دەپ تەنقىد قىلىۋاتقىنىم يوق.بىر ئادەمنىڭ قارىشى ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ئەسەرنىڭ قىممىتىنىڭ قانداقلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
  3 .ئەنئەنىۋى شىئېرلار ئىچىدە مەن ياقتۇرىدىغان ئەسەرلەرمۇ كۆپ ،لېكىن مەن يەنىلا يېڭى شىئېرلارنى ياخشى كۆرۈمەن.چۈنكى مېنىڭ ئەڭ قىزىقىدىغىنىم ،ئەڭ بىلىشنى ئىستەيدىغىنىم،ئەڭ ساقلاپ قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغىنىم، ھەممىدىن بەك   باشقىلارغا يەتكۈزۈشنى ئويلايدىغىنىم «ئۆزۈم»دۇر.يېڭى شىئېرلاردىن كۆرۈپ يېتىدىغىنىممۇ مۇرەككەپ بىر دەۋىردە ياشاۋاتقان ،ھېس-تۇيغۇ ۋە ئوي -پىكىر جەھەتتە مۇرەككەپلىكىنى ھېس قىلىدىغان «ئۆزۈم» دۇر .مەن ئالدى بىلەن مۇشۇنداق قىلىپ «ئۆزۈم»بولمىسام ،ئەجداد(ئەنئەنە)لىرىمى بىلىش ئىستىكىدە ۋە ئەۋلادلىرىمنى ئويلاش ئىستىكىدە بولالمايمەن؛يېڭى شىئېرلار مېنىڭ ئۆزۈم بولۇشنى خالايدىغان «ئۆزۈم»نى ماڭا ھېس قىلدۇرالغانلىقى ئۈچۈن يېڭى شىئېرلارنى ياخشى كۆرۈمەن.
  4.مەن يېڭىلىق بولغان -يەنى تىلىدا ،قۇرۇلمىسىدا ياكى ئوي-پىكىرىدە باشقىلار قوللىنىپ باقمىغان ھەم ئېيتىپ باقمىغان ئۇسۇل ۋە مەنەلەر بولغان -شىئېرلارنى ،شۇنداقلا ئادەمنىڭ چوڭقۇر ھەم مۇرەككەپ بولغان ھېس-تۇيغۇلىرىنى راۋان ھەم تەبىئىي،نازۇك ۋە چوڭقۇر ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان مۇزىكىنىڭ كۈچىدەك تەسىر پەيدا قىلالايدىغان شىئېرلارنى ئەڭ ياخشى شىئېر دەپ قارايمەن.
  5 -يېڭى شىئېرلار «ئۆزىمىز»نى چوڭقۇر،گۈزەل ئىپادىلىسە ،بۇ چوڭقۇرلۇق كۆز يەتكۈزگىسىز قاراڭغۇ ھاڭغا ئايلىنىپ قالمىسا ،ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقى ھېسياتلىرىمىزنى ساقلاپ قالالسا ۋە يۈز يىلدىن كېيىنمۇ بىز بۇ شىئېرلار ئارقىلىق «ئۆزىمىز» نى  كۆرۈپ خۇشاللىقتىن كۆز يېشىمىزنى تۇتىۋالالمىساق ئوقۇرمەننى-«ئۆزىمىز»نى-رازى قىلالىشىمىز مۇمكىن.
   6 .كىلاسسىك شىئېرلاردىن ئۆزىنى كۆرۈپ يېتەلگەن يېڭى شىئېرلار كىلاسسىك شىئېرغا ئايلىنالايدۇ.
  7 .يۇقۇردىكى ئالتە بۆلەكتە ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلىرىم يېڭى شىئېرلارغا پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.  

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 14:25:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نەچچە يىل مۇقەددەم كىشىلەرنىڭ قاتناش قورالى ـ بايلارنىڭ موتىسىكىلىت، يوقسۇللارنىڭ ئېشەك ھارۋىسى ئىدى.
ھازىرغا كەلگەندە بولسا كىشىلەر ماشىنا بىلەن مەنزىل تامان يۈرىيدىغان بولۇپ  كەتتى. دېمەك ماشىننى شۇ چاغلاردىكى ئېشەك ھارۋىسى ئاساسىدا تەرەققى قىلغان ھەمدە كىشىلەرنىڭ ئېڭى ۋە ئىستىمال سەۋىيسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئارىمىزدا ئوموملىشىشقا باشلىغان تۆمۈر جانىۋار دىيىشكە بولىدۇ.
ئەنئەنىۋى شېئىرلار بىلەن يېڭىچە شېئىرلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە كەلسەك، ئەنئەنىۋى شېئىر شېئىرنىڭ دەسلەپكى شەكلى دېسەك، يېڭىچە شېئىرىيەتنى ئۇنىڭ تەرەققى تاپقان ھەمدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجى بويىنچە مەيدانغا كەلگەن يېڭى نۇسخىسى دىيىشكە بولىدۇ. . ھازىرقى كىشىلەر ئارىسىدا ئەنئەنىۋى شېئىر بىلەن يېڭىچە شېئىرىيەت ئوتتۇرىسىغا پۈتمەس-تۈگىمەس بىر مۇرەككەپ زىددىيەتنى سۆرەپ كىرىۋالىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. مېنىڭچە بولغاندا شېئىر شەكلىنىڭ قانداق بولىشى ئانچە مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى تۇيغۇنى قانداق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش.
لېكىن ئارىمىزدىكى بەزىلەر تىراكتوردا ئاغدۇرغىلى بولمايدىغان يەرگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان دېھقانچىلىق قورالىنىڭ ساپان بىلەن ئېشەك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ موتىسىكىلتنى ساپانغا چېتىپ «ئېتىز» دا ھەيدەپ يۈرىيدۇ. مېنىڭچە بولغاندا ساپان ئېشەككە چېتىلىشى، موتىسىكلىت يولدا مېڭىشى كېرەك...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ساباھى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-3 14:26  

مەن ئاللىقاچان بىر بارسە كەلمەس يولغا كىرىپ قالدىم..... it s A Long Road...  第一滴血

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-3 22:31:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسقەر ياسىن ئەپەندىمۇ ئۆز كۆز قارىشىنى دەپ باقسا، ئۇمۇ باشلامچى شائىرلارنىڭ بىرىغۇ.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 11:40:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى مەنبە قىلىدىغان شېئىرىيەت ئوخشاشلا ئىجتىمائىيلىقنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولغان ئادەملەر ئۈچۈن يېزىلىشى كېرەك. چۈشىنىش قۇبۇل قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمى، ئەستە قېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. چۈشىنىشلىشتىن مەھرۇم قالغان شېئىرىيەت ئەستە ساقلانمايدۇ، نەتىجە: چۈشىنىلمىگەن يېڭىچە شېئىرىيەتنىڭ كلاسسىك شېئىرىيەتكە ئايلىنىشى ھېچكىمنىڭ كۈندۈزدىكى چۈشى ئىچىدىكى ھېچنېمە، خالاس.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 16:29:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. سىز ھازىرقى شېئىرىيىتىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن رازىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟ يېڭى شېئىرلارغا بولغان چۈشەنچىڭىز قانداق؟

ھازىرقى شېئىرىيىتىمىز( يېڭىچە شېئىرىيەت) باشقا ھەرقانداق ژانىرلارغا قارىغاندا، زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى. يېڭىلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش، يېڭىچە ئىپادىلەش قوللىنىش، دادىللىق بىلەن سىناق ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنى تاۋلاش قاتارلىق جەھەتلەردە ياش شائىرلارنىڭ ئويناۋاتقان رولى ئىجابىي يۈزلىنىشتە كېتىۋاتىدۇ. شوڭا مەن شېئىرىيىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىدىن رازى.
يېڭى شېئىرلار يەنىلا شۇ كىلاسسىك شېئىرلار ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن. بىر قىسىم كىشلەر يېڭى شېئىرلارنى، كىلاسسىك شېئىرلاردىن بىراقلا يۈز ئۆرۈگەن دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ پۈتۈنلەي بىر تەرەپلىمە قاراش. يېڭى شېئىرلار كىلاسسىك شېئىرلاردىكى شەكىلدىن قۇتۇلۇشنى ئىستىگە بولسىمۇ، قاپىيىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. يېڭىلانغىنى بولسا، قىسمەن شەكىل ۋە ئىپادىلەش خالاس. مەسىلەن: ئادىل تۇنىياز، چىمەنگۈل ئاۋۇت، ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىم، غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد قاتارلىقلارنىڭ شېئىرلىرى بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ.
ئاز بىر قىسىم يېڭى شېئىرلاردا شەكىل يېڭلىنىشى ئېلىپ بېرىلىپ بەلگىلىك ئۈنۈم قازىنىلدى. بۇ يەنىلا كىلاسسىك شېئىرلاردىن يۈز ئۈرىگەنلىك بولمايدۇ. چۈنكى، شۇ يېڭىلىقنى ئېلىپ بارغۇچىمۇ كىلاسسىك شېئىرلارنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلغانلار، ھەمدە شۇنى بېيىتىپ ئاخىرىدا تەرەققىياتقا ئىرىشكەنلەر. يەنى، يېڭى شېئىرلارمۇ كىلاسسىك شېئىرلارنىڭ داۋامى دېگەن گەپ.

2. ئەنئەنىۋى شېئىرلار بىلەن يېڭى شېئىرلاردا ساقلانغان مەسىلە نېمە؟

مېنىڭچە، ئوقۇرمەن مەسىلىسى دىيىش مۇۋاپىق... ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىككى قۇتۇپلىشىش ھادىسىسى زىدىيەت ھالىتىدە تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. ئەنئەنىۋى شېئىرلارنىڭ ئوقۇرمىنى، يېڭىچە شېئىرلارنىڭ ئوقۇرمىنى دەپ ئاتاش سەل بىمەنلىكتەك تۇيۇلىدۇ. شۇندىمۇ بۇنداق بىمەنلىكنى ئىتىراپ قىلماسلىققا ئامالىمىز يوق. نىمىشقا دېگەندە، ئەنئەنىۋى شېئىرلار چۈشىنىشلىك، ئاددى، ئاسان ھەزىم قىلىغىلى بولىدىغان يېزىلىدۇ. ئەمما، يېڭىچە شېئىرلار بولسا، ئەسلىدىنلا چۈشىنىش قىيىن بولغان ئىچكى تۇيغۇنى تۆكۈپ تۇرۇپ، شائىرنىڭ يۇشۇرۇن ئاڭ قاتلىمىدىكى مۈجىمەل توقۇنۇشلارنى ئىماگلارغا يۈكلەپ ئىپادىلەپ چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق خىرە توقۇنۇشلارنىڭ ئۆزىنى لوگىكىلىق تەپەككۈرگە ئايلاندۇرۇپ چۈشىنىش ھاسىل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.  ئۇنى پەقەت ھىس قىلىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: ئەسئەت سۇلايمان ئۆزلۈك ۋە كىملىك ناملىق كىتابىدا قايسى بىر شائىرنىڭ «ھەر كۈنى سەھەر/ئۇۋىسىدىن چىقىدۇ يوللار/ ئوۋلاشقا مېنى/// مەغلۇقمەن يۇچۇن/ ماڭغان ئىزىمدىن سۇئال ئۈنەر» دېگەن شېئىرىنى يادىغا ئالغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. بۇ شېئىرمۇ تىپىك يېڭىچە شېئىرغا تەۋە بولۇپ، «ئۇۋىسى بار يول»، «سۇئال ئۈنىۋاتقان ئىز» دېگەنلەرنىدىن ئېنىق بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما، ئۇنى شۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا ھىس قىلىش تامامەن مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭىچە شېئىرلارنى ئوقۇپ ھىس قىلىش ئۈچۈنمۇ بەلگىلىك سەۋىيە تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ خىل سەۋىيە ئۇزۇن مۇددەت شۇ خىلدىكى شېئىرلارنى ئوقۇش، شېئىرى چوڭقۇرلۇققا شۇڭغۇشقا جۈرئەت قىلىش ئارقىلىق ئاندىن يىتىلىدۇ.
ئومۇمەن،  ئەنئەنىۋى شېئىرلارنىڭ ئوقۇرمىنى ۋە يېڭىچە شېئىرلارنىڭ ئوقۇرمىنى دېگەن بۇ «بىمەنلىك» ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئاللىقاچان يىلتىز تارتىپ قالدى. ئىنچىكە ئويلاپ كۆرىدىغان بولساق، بۇ ئۆز- ئارا چەتكە قېقىشتىن باشقا گەپ ئەمەس. مەيلى ئەنئەنىۋى شېئىرلار بولسۇن ياكى يېڭىچە شېئىرلار بولسۇن ھەممىسنىڭلا ئۆزىگە خاس تەرەپلىرى بولىدۇ. شوڭا «ئىككى تەرەپ» بولۇش مەسىلىسى ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ئىش.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 16:58:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3. سىز يېڭى شېئىرلارنى ياخشى كۆرەمسىز، ئەنئەنىۋىي شېئىرلارنىمۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟

مەن ھەر ئىككىلىسىنى ياخشى كۆرىمەن. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك، مەيلى ئەنئەنىۋى شېئىرلار بولسۇن ياكى يېڭىچە شېئىرلار بولسۇن ھەممىسىلا  خاسلىققا ئىگە. ئەنئەنىۋى شېئىرلىرىمىزدىن، تېيىپجان ئېلىيوفنىڭ «تۈگىمەس ناخشا»، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ «ئويغان»، لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «يىللارغا جاۋاپ» ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» قاتارلىق شېئىرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيمەن(ھازىرغىچە تېخى بىرەر ئۇيغۇر ئوقۇرمەننىڭ بۇ شېئىرلارنى ناچار شېئىرلار دەپ باققانلىقىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىدىم). بۇ شېئىرلار خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن شېئىرلاردۇر. يېڭىچە شېئىرلاردىن بولسا، «مۇمكىنسىز ئولجا»(ئايتۇغدى)، «ھېچكىم»(ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئان)، «ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟» (چىمەنگۈل ئاۋۇت)، «ئۇبۇلقاسىمنىڭ يەرلىرى» (ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىم)، »تاك، تاك، تاك مەن كەلدىم» (غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد)، «كۆممە قوناقنىڭ تويى» (دىلمۇھەممەد جەفەر)، «يامغۇرلار ئېيتىدۇ لىرىك بىر داستان» (ئابدۇرېشىت ئېلى)، «فانىيىنىڭ خاتىرلىرى» (مۇتەللىپ مەڭسۇر ئوۋچى)، «سەھرالىق بالا» (ئابدۇراخمان ئابدۇكىرىم)... قاتارلىق شېئىرلار مېنى ھاياجانغا سالغان شېئىرلار. بۇ شېئىرلارمۇ ئۆزگىچە بىر ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، مۇۋاپىقىيەت قازانغان شېئىرلاردۇر.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 17:06:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئوقۇپ چۈشەنگىلى بولىدىغان، ئەمما چۈشەندۈرۈرۈپ بەرگىلى بولمايدىغان، قۇيۇق ھىسيات سىڭدۈرۈلگەن، شەكىل جەھەتتىن بىرقەدەر ئەركىن،  مەلۇم روھىي چوڭقۇرلۇق ھازىرلىغان، يۈزەكىيلىكتىن خالى، تىل ئىشلىتىش جەھەتتە ئەركىن بولغان شېئىرلارنى ياقتۇرىمەن.  ھەقىقىي شېئىر سۆز تىزمىسى ئەمەس، ھەقىقىي شائىر قاپىيىچى ئەمەس.
  كىتاپخاننىڭ ساپاسى ئەدەبىياتقا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۆتمە نامەرت كۆۋرۈكىدىن سۇ

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 17:14:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5. يېڭى شېئىرلار قانداق ئەھۋالدا ئوقۇرمەنلەرنى رازى قىلالىشى مۇمكىن؟

مېنىڭچە، يېڭىچە شېئىرلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ مايىللىقىنى قوزغاش ئۈچۈن سېستىملىق تەتقىقاتقا مۇھتاجدەك تۇرىدۇ. سېستىملىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، بىر گوروپپا تەشكىللەش ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە مۇشۇ ھەقتە بىر تەكلىپ بىرىپ، مەخسۇس شېئىرىيەت ئوبزورچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «يېڭىچە شېئىرلار تەتقىقات گوروپپىسى» دېگەندەك بىرەر گوروپپا قۇرۇش زۆرۈر. ئاندىن ھەرقايسى ژورناللار مۇشۇ گوروپپىنىڭ تەتقىقات ماقالىلىرىغا بەلگىلىك سالۇن ئاجىراتسا ئۇ چاغدا مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولۇشى مۇمكىن.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 17:17:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6-7- سۇئاللارغا بولغان قارىشىم ھەزىرەتئەلىنىڭىكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولغاچقا ئايرىم توختالمىدىم.

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 17:24:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردىكى قالدۇرۇلغان سۇئاللار ھەم دوستلارنىڭ سۇئاللارغا  ناھايىتى قىزغىنلىقتا بەرگەن جاۋاپلىرى قالتىس بوپتۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:

ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网 ( ICP经营许可证编号:新ICP备10200746号 )

GMT+8, 2012-4-16 03:32 , Processed in 0.093041 second(s), 11 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش