يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 425|ئىنكاس: 7

ئەلتۇغ:رەسسام تۈلكە(شېئىرىي چۆچەك)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

رەسسام تۈلكە

(شېئىرىي چۆچەك)

دەپ بولغۇچە چۆچىكىمنىڭ نامىنى تۈلكە،
چېھرىڭىزدە پەيدا بولدى چوقۇمكى كۈلكە.

قىپ يۈرمەسمەن تۇيغۇڭىزغا ئەسلا خىيانەت،
بوپتۇ باشلاي چۆچىكىمنى بېرىڭ ئىجازەت:

سايازلىقتا مەككار تۈلكە ياشاركەن ئاقسا،
ئۇنى ئالداپ،بۇنى قويۇپ بولۇپتۇ پاخشا.

قوغلىنىپتۇ سايازلىقتىن بولۇپ شەرمەندە،
ئىلاجى  يوق غەم-غۇسسىگە بولۇپ پەيۋەندە.

تۇتالماستىن ئەسلا بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى،
تۈگەشمەكچى بوپتۇ تاشقا ئۇرۇپ بېشىنى.

كىمنىڭ كارى بۇ دەم ئۇنىڭ ئاھۇ-زارىغا؟!
مەلھەم بارمۇ ئۈزۈلگەن شۇ كۆڭۈل تارىغا!؟

ئويلا-ئويلا تۇرغىنىدا باشلىرى قېتىپ،
تۇيۇقسىزدىن بىر ئىش دەرھال يادىغا يېتىپ.

ئويناقلاپتۇ ئۇچرىغاندەك گويا جاۋاھىر،
كۆز ئالدىدا پارلاق نىشان بولۇپتۇ زاھىر!

كۆزلىرىنى ئوينىتىپتۇ قىلىپ ھەييارلىق،
دەپتۇ:‹‹-بۇ دەم رەسساملىققا قىلاي تەييارلىق!

مەن ئۇلاردىن قىساسىمنى ئالاي ئاجايىپ،
ھەيران قالسۇن جىمى جانلىق، بارچە خالايىق!››

تېز كۇرستا ئوقۇپتۇ ئۇ ئون كۈنچە چىداپ،
ئۆگىنىپتۇ ئانچە-مۇنچە شەكىلنى سىجاپ!

ئالداپ-سىلاپ بىر دېپلومنىڭ بولۇپ ئىگىسى،
باشلىنىپتۇ ئۇنىڭ يەنە يېڭى ھىيلىسى!

چاچلىرىنى گەدەنگىچە ئۆستۈرۈپ پۇزۇر،
كىيىۋاپتۇ كالتە ئىشتان،يوقكەن ھېچ قۇسۇر!

ئون يانچۇقلۇق جىلىتكە ۋە قىزىل گالىستۇك،
پاھ، تۇرقىغا فوتۇ ئاپپارات يارىشىپتۇ خوپ!

سومكىسىغا ساپتۇ لىپ لىق  ھەر خىل رەڭ بوياق،
قەغەز،پەلكۈچ،رەخت دېگەن لازىملىق ياراق!

دۈمبىسىگە ئېسىپ بۇ دەم رەسىم تاختىسى،
ھايال ئۆتمەي ياڭراپتۇ پاھ،شادلىق ناخشىسى!

كۆلگە قاراپ باقسا بۇ دەم سىنچى كۆز بىلەن،
ئوخشاپتۇ زەپ رەسسامغىلا، تۇرقى بەك بەلەن!

شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورمانغا يول ئاپتۇ دەرھال،
مېڭىشىدا شوخ سالاپەت، ئاجايىپ بىر ھال!

تەپ تارتماستىن داڭلاپتۇ ئۇ ئۆزىنى ئۆزى،
(ساختىپەزنىڭ قىزارماسكەن ئەزەلدىن يۈزى!)

پو ئېتىپتۇ:‹‹-رەسساملىقتا يېتىشتىم چەككە،
ماھارىتىم ئالەم ئارا يىگانە -يەككە!

ماي بوياقتا رەسىم سىزسام گويا شەپەقتەك،
بەكمۇ ئېسىل چىقار گويا فوتۇ سۈرەتتەك!

يۈز يىلغىچە رەڭگى ئۆڭمەس مەن سىزغان رەسىم،
مىڭ يىلغىچە ساقلاشقىمۇ قىلىمەن جەزىم.

قالسا مىراس رەسىمىڭلار ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد،
تۆرگە ئېسىپ ئەتىۋارلاپ ئېتىشمەمدۇ ياد؟!

چۈشەنمەيدۇ ھېچكىم مەندەك كەسىپ ئەھلىنى،
چاچار ماڭا ساختىپەز دەپ شۇ زەھىرىنى!

قويمىسىمۇ تەبىئىتىم بىرەر چاتاققا،
بولۇپ قالدىم بەكمۇ يېقىن يامان ئاتاققا.

خىيالىم يوق توخۇلارنى يېيىشتىن ئەسلى،
ئىچ-باغرىنى كۆرۈپ باقاي دەيمەنغۇ، بەللى!

قاغىنىمۇ سىزاي دېگەن ئەسلى چىرايلىق،
شۇ يۈتتۈرگەن لوقمىسىغا بوپ قالدىم شېرىك.

نېيىتىمدۇر ئەسلى خالىس: تېتىسام گۆشنى،
ئەينەن چىقار سىزساممۇ گەر يانپاش،تال، تۆشنى!

سالدۇرمىسام توخۇلارنىڭ پېيىنى يۇلۇپ،
رېئاللىققا قانداقلارچە كىرەلەي چۆكۈپ؟

ھەممە ماڭا تۆھمەت قىلار ئۆگەنسەم تۇرمۇش،
قورساق ئۈچۈن ياشاش دېگەن مەن ئۈچۈن نومۇس!

بولىۋېرەر ناشتىلىققا يېسەممۇ ھاۋا،
ھېچ بولمىسا ئىت ئۈزۈمى چىشىمغا داۋا!

ياتالايمەن مەنمۇ ئەسكى تاملىقتا غەمسىز،
لالما ئىتتەك گاھ لاغايلاپ ئىشىقسىز، پەمسىز!

ياكى يۈرسەم  چوشقا كەبىي قىغقا مىلىنىپ،
ياكى سېسىق ئۆردەك كەبىي لايغا چىلىشىپ!

بۇ يەردە گەپ قورساق ئەمەس بىلسەڭ خالايىق،
نەپسى ئۈچۈن ياشىغانلار ئىشقا نالايىق!

ۋۇجۇدۇمدا ۋىجدان پەۋەس، يۈرىكىمدە چوغ،
مېھنەت بىلەن ياشىمىسام ئاپتىپىممۇ سوغ!

ئىجاد بىلەن ئۆتمىگەن كۈن ھاياتمۇ؟-بەرباد!
توختام سۇدىن نېمە پەرقى؟ ئۇياتتۇر ئۇيات! ››

يۇم-يۇم يىغلاپ يۈرىكىنى بولۇپتۇ يارماق،
ئۇ بىر بېلىق، باشقىلارغا تاشلاپتۇ قارماق!

‹‹بەرھەق!-دەپتۇ ھايۋاناتلار لىڭشىتىپتۇ باش،
-بىز تۈلكىنى چۈشەنمەيلا يۈرۈپتىمىز، راست!

بىزمۇ ئۇنى بىرەر نۆۋەت قويايلى قوللاپ،
سىزدۇرايلى رەسىم مەيلى بىرەردىن زورلاپ!

ئەجەب ئەمەس توغرا يولغا قالسا گەر مېڭىپ
ئۇمۇ بىر جان قالمىسۇنمۇ جاننى جان ئېتىپ...›

بەس-بەس بىلەن كەپتۇ ھەممە قىپ ئاڭا ھەۋەس،
رەسىمىنى سىزدۇرۇشقا بولۇپ ھەمنەپەس.

ھەر بىر ھايۋان بوپتۇ ئاڭا ئۈچ كۈندىن مودېل،
سىزىۋاپتۇ تۈلكە دەرھال ئېلىپتۇ شەكىل.

ئالدىن ئاڭا بېرىشىپتۇ ئاقچا-زاكالەت،
ساق پۈتۈشكە رەسىم ئۈچۈن قىلىپ كاپالەت!

زېرىكمەستىن تۈلكە رەسىم سىزىۋېرىپتۇ،
پۇل بەرگەننى دەپتىرىگە يېزىۋېرىپتۇ.

بوپتۇ ئۇنىڭ ئۆيى گويا كۆرگەزمىخانا،
تولۇپ رەسىم-جاھازلارمۇ رەت-رەتكەن مانا.

ھېچقايسىغا بەرمەپتۇ ئۇ رەسىمنى پەقەت،
مەقسىتىكەن بىر كۆرگەزمە قىلايمەن قەۋەت!

تارقىتىپتۇ باغاق رەسسام-رەققاسقا جىقلا،
(مەقسەت شۇغۇ:باھا ئالماق تۆت ئېغىز لىللا!)

ھە شۇندىلا كۆرگەزمىمۇ تاپىدۇ شۆھرەت،
رەسسام دېگەن ئاتاق بىلەن تاپمامدۇ ئىززەت؟!)

شۇنداق قىلىپ كۈتكەن كۈنمۇ كەپتۇغۇ يېتىپ،
تۈلكە نۇرغۇن پۇل تاپماقچى رەسىمنى سېتىپ.

كەڭ دالىغا رەسىملەرنى تىزىپتۇ رەت-رەت،
ئىسىم، يىل، ئاي... كارتوچكىلار چاپلىنىپ رەت-رەت.

كېلىشىپتۇ ھايۋاناتلار تەرەپ-تەرەپتىن،
زوقلانماقچى بوپتۇ تۈلكە قۇچقان شەرەپتىن.

ئالدى بىلەن رىياسەتچى سۆزلەپتۇ نۇتۇق،
تۈزەشتۈرۈپ تۈلكىنى پاھ،تىلەپتۇ ئۇتۇق.

بۆرە،مۈشۈك،يىلپىز،چاشقان، قاقىرا،مولۇن،
گۈلچەمبىرەك ئېسىپ ئاڭا كىيگۈزۈپتۇ تون!

باشلىنىپتۇ كۆرگەزمىمۇ قىزغىن تەرىزدە،
ھەممە جۇشقۇن قىپ تاماشا تۇرۇپ پەرىزدە.

خاتىرىگە يېزىشىپتۇ باھا-تەسىرات،
خامىلىيون قىلماقچىكەن مەخسۇس تەتقىقات!

كۆزەينەكلىك مايمۇن ئاپتۇ دەرھال ئىجازەت،
قىلماقچىكەن تۈلكىجاننى مەخسۇس زىيارەت!

ئۇنىڭ بىلەن چۈشەيلى دەپ ئايرىم سۈرەتكە،
ھايۋاناتلار تارتىپ قىزغىن تەرەپ-تەرەپكە.

تۇرغىنىدا ھەممەيلەننى قالدۇرۇپ ھاڭ تاڭ،
بوران چىقىپ، ئالەم-جاھان بولۇپ توپا چاڭ!

تۇيۇقسىزدىن چېقىپ چاقماق، گۈلدۈرلەپ ھاۋا،
يېغىپتۇ پاھ،يامغۇر دېگەن شارقىراپ تازا.

ئېقىپ بوياق،ھېچنېمە يوق قەغەزلەر مەينەت،
قېنى يۈز يىل ساقلىغىلى بولغىنى، ھەيرەت؟!

يېتەلمەستىن بۇ ئىشنىڭ ھېچ ئەسلا تېگىگە،
قارىشىپتۇ ھايۋاناتلار بىرى-بىرىگە!

شۈبھە بىلەن تىكىلىپتۇ تۈلكىگە بۇ دەم،
قۇۋ تۈلكىنىڭ يۈرىكىنى بېىسىۋاپتۇ غەم!

گەپنىڭ راستى: تۇتۇپ ئۇنىڭ شۇ كونا خۇيى،
پىلان مەخپىي: پۇلنى چىقىم قىلماسلىق ئويى!

ئىشلىتىلگەن قەغەز، بوياق، پەلكۈچ ۋە قەلەم،
چىقىم بولغان پۇلنى تېجەپ ئىشلەتمەكچى پەم!

شۇڭا يانچۇق تومپايتىشنىڭ بولۇپ قەستىدە،
يوپۇرماقنى ئېزىپ سۇنى قۇيۇپ ئەسلىدە.

ئۇسلۇب دېسە بۇ گالۋاڭلار چۈشىنەمتى، خوپ!
ماي بوياق دەپ سىزىپ رەسىم قۇتۇلماقچى بوپ!

كۆرگەزمىدە تۇتقۇزسىلا خەقنىڭ قولىغا،
ماڭماقچىكەن غىپلا قىلىپ ئۆزنىڭ يولىغا.

مانا، مانا يۈز بەرمەكچى ئەمدى بىر خەتەر،
ئەگىپ يۈرەر باشلىرىدا بىر مۇدھىش ئەجەل!

ئاۋۇ مەغرۇر تۇرقتىن ئەسلا قالماپتۇ ئەسەر،
تۈلكە دەرھال غىپلا قىلىپ قېچىپتۇ بەدەر!

ئالدىنىشقان ھايۋاناتلار ئاچچىق غەزەپتن،
تاشلىنىپتۇ شۇم تۈلكىگە تەرەپ-تەرەپتىن!

چىشلەپ-تېپىپ ئۇنى راسا  قىلىپتۇ پايخان،
شۇم تۈلكىگە كەپتۇ ئەجەل، توشۇپتۇ پەيمان!

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى.يەكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-11 12:45  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-11 17:50:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىيلىگەر تۈلكىنىڭ رەزىل ئەپتى بەشىرىسىنى بۇ شېرىي چۆچەك بىلەن ياخشى ئېچىپ بېرىپسىز.

ۋاقتى: 2013-1-12 11:42:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاكا مۇبارەك!ياخشى  چىقىپتۇ.ئابدۇۋايىت  مەتنىياز دىن  ئاڭلىسام  ئەمەلداركەنسىز.بالىلار  ئەسەرلىرىڭىز  ياخشى چىقىۋاتىدۇ.خەلق نەشىرىياتىدا  بالىلارشېئىرلار توپلىمىڭىزنى كۆرۇپ بەك خۇش  بولدۇم!ئابدۇراخمان ئەبەيگەخېرىدارلىقىڭىرنى  قىلىپ  قويدۇم.يېقىندا  چىقىپ قالار!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 11:42  


ۋاقتى: 2013-1-12 12:31:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز يازمىغان توخۇ ، توشقان ، ئىتلار قالمىدى ،
چۈشۈپ قاپسىز  تۈلكىنىڭمۇ پېيىگە .
تۈگەپ كەتسە «ئەركەك » جانلار يېزىلىپ ،
چۈشەرسىزمۇ «مېكىيان»نىڭ كەينىگە ...

ۋاقتى: 2016-3-16 18:02:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز، تۈلكە تىمىسىدىكى بۇ شېئىرىي چۆچەكنى ئۇقۇپ ھەقىقەتەن سۈيۈندۈم، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر......

باھا سۆز

سۈيۈندۈم-سۆيۈندۈم، تىمىسىدىكى -تېمىسىدىكى...  ۋاقتى: 2016-3-17 03:11 PM
ۋاقتى: 2016-3-17 23:21:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشەكلەرنىغۇ يېزىپ تىتىۋەتتى ئەلتۇغكام...

ۋاقتى: 2016-3-29 13:05:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغ ئىنىمغا بارىكاللا...مۇشۇنداق تېمىلار ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى يەنە نۇرغۇن سەلبىلىكلەرنى
يۇمۇرىستىك،ھەم ھەجۋى تىللىرىڭىز بىلەن قامچىلاپ،شۇ خىل خاراكتىردىكى جانلىقلارنىڭ يورۇق نىشانىنى يورۇتۇپ بېرەلەيدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن......!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش