ximal
ئىگىسى: zeperi

خۇشخەۋەر: ئەدىھەم ئىبراھىمنىڭ «لاي قونچاق» ناملىق كىتابى چىقتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 302
تۆھپە : 0
توردا: 27
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-30 11:44:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاقچاقنامە
(شائىر ئابلىكىم ھەسەننىڭ ئەدىھەم ئىبراھىمغا يوللىغان مەكتۈپى)
ئابلىكىم ھەسەن

ئەر يېتىپتۇ ئەدىھەمگە،
لايدا ئويناپ لاي قونچاق.
قونچاقلىرى چوڭ بوپتۇ،
ئايرىپ چىقىپ ئۆي-ئوچاق.
ئەدىھەمگە بولۇپ خوتۇن،
ھېرىپ كەتتى سىڭىلچاق.
تېپىۋەردى ئوغۇلنى ،
ئۆيدە ئىككى‹بۇقىچاق›.
ياڭيولىرى توپىدا ،
ئېتىپ بىرىدۇ قورداق.
ئەتكەن چايلىرى تەييار،
پېتىر مانتا،بوغۇرساق.
دەستىخانلىق تارانچى،
ئىشتىھالىق كەڭ قورساق.
كىتابىنى ئەۋەتتىم،
ئېلىپ بارىدۇ ئاۋاق(1)
سۆيۈنچىگە مال سويسۇن،
بىر تۇياق،ئىككى بۇراق.
دۇئا بەرسۇن شاۋكىتى(2)
(توخۇلار قاچسۇن يىراق)
ئاسىم ئىچسۇن شورپىنى(3)
خال بىگىمگە ئاق ھاراق.(4)
يۈسۈپجان قىمىز دەيدۇ،(5)
ئاق يەردىن توقۇپ قوشاق.
ماختاشسۇنلەر:‹‹بۇ كەبى-
ئەسەر چىقمىغان مۇنداق.
مۆجىزىدۇر بىلسەڭلار ،
كاتتا ئەسەر‹لاي قونچاق›!››
دىيىشىدۇ بىرلىرى :
‹‹كىتاپ ئىسىمى غەيرىراق.
بىزنىڭ ئەدىھەم ئاغىنە،
ئەمەستۇر-ھە،بىر قانداق؟
كۈلۈشلىرى گۇمانلىق،
قاشلىرى ئەجەپ ئويناق...
پەرھات دەيدۇ قاراڭلار(6)،
مېڭىش ھالىتى قانداق؟
ئوسما كۆلدە يۈرگىدەك،
كالپۇكقا سۈرۈپ بوياق.
قولىغا قويۇپ خېنە ،
بوينىغا ئېسىپ مۇنچاق...››
داڭگال دەيدۇ:‹‹ھەي ساقام (7)
بۇنداق دىمىسەڭ قانداق.
بىز خەققۇ قۇرۇق شاختىن،
چىقىرىمىز ھۆل پۇتاق .
‹قونچاق›ئويناي دىگىنى،
تۇيۇلدىغۇ بىرقانداق...››
خال بەگ دەيدۇ:‹ئەدىھەمگە
سوغ كەلدى بەرگەن باغاق.
ئەۋەتمىدى يىغىنغا،
باشلىقى پى-پى تۇماق...››
ئەنە شۇنداق تەرىزدە،
دوستلار جەملىسە بىرۋاق.
بېشىغا تەڭلىشىپ مالخاي،
تون كەيگۈزسە ھەم بەلۋاغ.
يۆتۈلۈپ خالغا يۈسۈپ،
ئىشنى بۇزمىسا ئۇنداق،
سورۇنلار قىزىپ كەتسە،
بالىلار بولۇپ ‹نايناق...›
(1) ئەسەت ئابدۇرىشىت(2) شاۋكەت ئىبراھىم(3) ئاسىمجان ئوبۇلقاسىم(4) خالمىرات قىيۇمبەگ(5)يۈسۈپجان قىيۇم(6)پەرھات جامال(7)ئابدۇرۇسۇل سېيىت.   2012-يىل ئىيۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش