يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 715|ئىنكاس: 5

ئۇجىننىڭ چىشى(تەرجىمە ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇجىننىڭ چىشى
ۋەنما سەيدەن(تىبەت)
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى


ئۇجىن باشلانغۇچتىكى ساۋاقدىشىم، بۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايان.ئۇجىن كېيىن گېگەن بولدى، بۇمۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايان.بۇ ئىشلار ئانچە مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى ئۇجىن 20 يېشىدا قازا قىلدى. كېيىنچە ئۇجىننىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا گەپ بولغاندا باشقىلار «گېگەن بولغان كىشىنى قازا قىلدى دېسەك بولمايدۇ، نېرۋاناغا يەتتى دەيمىز» دېيىشتى.
ئۇجىن مېنىڭ كىچىك چېغىمدىكى دوستۇم، باشلانغۇچتا بەش يىل بىرگە ئوقۇغان ساۋاقدېشىم ۋە پارتىدىشىم ئىدى. ئۇ مەن بىلەن تەڭتۇش بولغاچقا نېرۋاناغا يەتتى دېيىشكە تىلىم بارمىغانىدى. ئەمما ھەممەيلەن شۇنداق دېيىشەتتى. بولۇپمۇ ئاتا-ئانام مېنىڭ ئۇنى ئۆلۈپ كەتتى دېيىشىمگە قەتئىي قارشى ئىدى. ئۇنداق دېسەم تەڭرىنىڭ كۆزى چۈشكەن دانا كىشىگە ھۆرمەتسىزلىك بولارمىش.
ئاتا-ئانامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇنداق دېيىشتىن تېخىمۇ رايىم ياندى. ئۇجىن مەندىن تەلەيلىك، بۇنى ئېتىراپ قىلىمەن، چۈنكى ئۇ گېگەن بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا باش ئۇرىدىغان بولدى. بىر قېتىم ئانام-دادام مېنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ، سەجدە قىلىشمنى بۇيرىدى. راستىمنى ئېيتسام ئۇنىڭغا باش ئۇرۇشنى قەتئىي خالىمايتتىم. ئۇمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئالدىدىلا كۈلۈپ تۇرۇپ «بولدى سەن باش ئۇرمىساڭمۇ بولىدۇ»دېدى. شۇغىنىسى ئاتا-ئانام قەتئىي ئۇنىمىدى، تېخى مېنى مەسخىرە قىلىپ« مەن گېگەن بىلەن ساۋاقداش بولغاندىكىن سەجدە قىلمىساممۇ بولىدۇ دەپ قالدىڭمۇ؟» دېيىشتى.
ئاتا-ئانامنى ھەر قانچە قىلساممۇ گېپىمگە كۆندۈرەلمەيتتىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەينىمىزدە نۇرغۇن كىشى ئۆچىرەتتە تۇرغاچقا، ئۇجىنغا ئۈچ قېتىم سەجدە قىلدىم. ئۇجىنمۇ مېنى توسىمىدى. شۇ چاغدا راستىنلا سەل ئاچچىغىم كەلگەنىدى، ئەمما ئۇنىڭغا سەجدە قىلغىنىم ئۇنىڭ مەندىن تەلەيلىك ئىكەنلىكىگە ئىقرار بولغىنىم ئىدى. بولمىسا ئۇ ماڭا سەجدە قىلماي، مەن ئۇنىڭغا سەجدە قىلاتتىممۇ. بەزى ئىشلار شۇنداق بولىدۇ، تەن بەرمەي ئامال يوق، بۇنىڭغا باھانە-سەۋەب كەتمەيدۇ.
لېكىن ئۇجىننى مەندىن ئەقىللىق دېسە مەن قەتئىي رازى ئەمەس. چۈنكى باشلانغۇچتىكى بەش يىل جەريانىدا ئۇ ماتېماتىكىدا بىر قېتىممۇ لاياقەتلىك بولالىغان ئەمەس. ئۇ بىرىنچى يىللىقتىن باشلاپلا ماتېماتىكا تاپشۇرۇقنى پۈتۈنلەي مەندىن كۆچۈرەتتى. ئۇنداق دېسەم ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن. مۇبادا باشقىلار مۇشۇنداق دېسە مەنمۇ ئىشەنمەيتتىم. لېكىن ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى. مەن بۇددا دىنىنىڭ ئۈچ گۆھىرىنى شىپى كەلتۈرۈپ قەسەم قىلىپ بېرەلەيمەن. مۇئەللىم ھەر قېتىم ماتېماتىكىدىن تاپشۇرۇق بەرگەندە ئۇنىڭ قىلدىغان بىردىن بىر ئىشى مېنىڭ ئىشلەپ بولۇشۇمنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈش ئىدى. مەن ئىشلەپ بوللمىغۇچە ئۇ ئوينىغىلىمۇ چىقمايتتى. بۇ تەرىپىدىن مەن ئىنتايىن مىننەتدار ئىدىم. مۇبادا ئۇ ئوينىغىلى چىقىپ كەتسە كەيپىياتىمغا تەسىر يېتىپ تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالماسلىقىم مۇمكىن ئىدى. كېيىنچە ئاز تولا چۈشەنگەندەك بولدىمكى، ئۇمۇ ئەقىللىق ئىكەن، مۇبادا مەن ئىشلەپ بولالمىسام ئۇمۇ ئىشلەپ بولالمايدۇ ئەمەسمۇ. ئۇ تاپشۇرۇقنى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆچۈرەتتى، مېنىڭ يېىنىدا تۇرۇشۇمنىمۇ تەلەپ قىلمايتتى. مەن ئادەتتە تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولۇپلا تالاغا باشقا ساۋاقداشلىرىم بىلەن ئوينىغىلى چاپاتتىم. ئۇ تاپشۇرۇقنى پۈتۈن زېھنىنى قويۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن كۆچۈرەتتى. بەزىدە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز ئۇنى تاپشۇرۇقنى ناھايىتى رەتلىك ئىشلەپتۇ دەپ ماختايتتى. بۇنداق چاغدا مەن ئازراق خاپا بولۇپ قالاتتىم. ئىمتىھان ۋاقتىدا ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈم بولسىمۇ ئامالسىز ئىدىم. چۈنكى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز ناھايىتى قاتتىق قول ئىدى. كۆچۈرگەننى سېزىپلا قالسا كۆچۈرگۈچى بىلەن كۆچۈرگۈزگۈچىنىڭ ئىمتىھان قەغىزىنى يىرتىپ تاشلىۋېتىپ ھەر ئىككىسىگە نول نومۇر قوياتتى. شۇڭاا ئىمتىھان ۋاقتىدا ساختىلىق قىلىشقا ھەرگىز پېتىنالمايتتۇق. ئۇجىن قورقۇنچاق بولغاچقا تېخىمۇ پېتىنالمايتتى. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز 30 نەچچە ياشلاردىكى ئايال ئىدى. ئاڭلىساق ئۇ ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىپتۇ، بالىسىمۇ  يوقمىش. يەنە بەزىلەردىن ئاڭلىساق بالىسى ئۆلۈپ كەتكەنمىش. مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بۇنى ئۇنىڭ ئەسەبىيلىكىدىن كۆرىدۇ. ئىشقىلىپ، ئۇجىن باشلانغۇچتا ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىن بىر قېتىممۇ لاياقەتلىك بولالالىغان ئەمەس.
كېيىن مەن تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇدۇم. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن كىچىك بازاردا بىر خىزمەت تېپىپ ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم. ئۇجىن باشلانغۇچنى تۈگىتىپلا مەكتەپتىن يالتايدى، ئۇ يالغۇز پەرزەنت بولغاچقا، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنى سىرتقا چىقارغۇسى يوق ئىدى، ئۇمۇ ئوقۇيمەن دېمىدى. بىزنىڭ يۇرتلاردا تولۇقسىزنى ئوقۇش ئۈچۈن ناھىيە بازىرىغا بېرىشقا توغرا كېلەتتى، شۇڭا مەنمۇ باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ناھىيە بازىرىغا بېرىپ ئوقۇدۇم. دەسلەپتە ئۇجىن ئاتا-ئانام ئوقۇغىلى قويمىدى دېگەنىدى، مەنمۇ شۇنداق ئوخشايدۇ دەپ يۈرۈپتىمەن. بىر مەزگىللەردىن كېيىن ئۇ ئۆزىچىلا« مېنىڭ نېمىشقا داۋاملىق ئوقۇمىغانلىقمنى بىلگۈڭ بارمۇ؟» دەپ سوراپ قالدى.
_ بىلگۈم بار، _ دېدىم مەن.
_ ماتېماتىكىدىن قورققانلىقىم ئۈچۈن.
_ نېمىدىن قورقاتتىڭ، _ دېدىممەن كۈلۈپ، _ مەندىن كۆچۈرمەمسەن.
_ بەشىنچى يىللىققا چىققاندىن باشلاپ  ھەر قېتىم تاپشۇرۇقنى كۆچۈرسەم گۇناھ قىلۋاتقاندەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى، شۇ پېتى كېتىۋەرگۈم كەلمىدى.
شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ قەلبىدىكى سەمىمىيلىكنى ھېس قىلغان ئىدىم.
مەن تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن يىلى ئىككىلىمىز 18 ياشقا كىردۇق. بايا ئېيتقىنىمدەك مەن بىر خىزمەت تېپىپ ئىشلىدىم، ئۇ گېگەن بولدى. ئىككىنچى يىلى يازدا ئۆيگە قايتقىنىمدا ئۇجىن بىرەيلەننى ئەۋەتىپ مېنى ئىبادەتخاسىغا چاقىرتتى. ئىبادەتخانا كەنتىمىزگە يېقىنلا ئىدى. ئۇ ئەمدىلا بۇ ئىبادەتخانىنىڭ گېگەنى بولغان چاغدا بىز بىر قېتىم كۆرۈشكەنىدۇق. ئۇ بىزنىڭ بۇ ئەتراپتىكى چوڭ گېگەن ھېسابلىناتتى، نەچچە يۈز چاقىرىم دائىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ مۇخلىسى ئىدى. ئۇنىڭ گېگەنلىككە ئولتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى نۇرغۇن ئادەم كەلدى،ئۇنىڭغا سوۋغا تەقدىم قىلىشتى، باش قويۇپ چوقۇنۇشتى، شۇ چاغدا ئانام-دادام مېنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلغۇزغانىدى.
مەن خاداك دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ ئىبادەتخانىغا باردىم. بىر راھىب مېنى ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا باشلاپ كىردى. ئۇ ئېتىكاپتا ئولتۇرغان ئىكەن، ئەتراپىغا بۇددا نوملىرى ۋە باشقا دائىملىق بۇيۇملىرى قويۇلغانىدى. ئۇ راھىبقا چىقىپ كېتىشنى بۇيرىدى. ئۆي ئىچىدىكى كەيپىياتتىن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا راستىنلا ئارىلىق بارلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن ئېھتىرام بىلەن خاداكنى تەقدىم قىلدىم-يۇ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلايمۇ-قىلمايمۇ دەپ ئىككىلىنىپ قالدىم، دەل شۇ چاغدا ئۇ مېنى يېنىدا ئولتۇرۇشقا شەرەتلىدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن كىچىك چاغلىرىدىكى ئىپادىلەرنى كۆرۈپ ئوتتۇرىمىزدىكى ئارىلىق غايىپ بولغاندەك تۇيۇلدى.
_ ئۆتكەندە ئاتا-ئاناڭ سېنى ماڭا سەجدە قىلغۇزدى، سېنى تەڭلىكتە قويدۇم، _ دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
_ ھەممە كىشى ساڭا سەجدە قىلىدۇ، شۇڭا مەنمۇ سەجدە قىلىشىم كېرەك،_ دېدىم مەن تىلىمنى چايناپ.
_ ھازىر باشقا ئادەم بولمىغاندىكىن، ئۇنداق قورۇنۇپ كەتمىسەڭمۇ بولىدۇ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەن تېخىمۇ قورۇنۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ گەپنى باشقا تېمىغا يۆتكىدى:
_ سەن ماتېماتىكىدا شۇنداق ياخشى ئىدىڭ، نېمىشقا ئالى مەكتەپتە ئوقۇمايسەن؟
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماسلىقىمنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ ئىدى، لېكىن ئۇنىڭغا ئېيتقۇم كەلمىدى، شۇنىڭا چەك باسمايدىغان گەپنى  دەپلا بولدى قىلدىم.
_ ئاز-تولا ئاڭلىدىم، شۇغىنىسى بەك ئەپسۇسلۇق ئىش بوپتۇ، _ دېدى ئۇ.
مەن بارا-بارا كىچىك ۋاقتىمىزدىكىدەكلا ئازادىلىك ھېس قىلىشقا باشلىدىم ۋە ئەيمەنمەيلا چاقچاق قىلدىم:
_ سەن ماتېماتىكىدىن يەنە شۇنداق قورقامسەن؟
_ يەنىلا شۇنداق قورقىمەن، _ دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
_ ھازىر ھېچكىم سېنى ئۆزۈڭ خالىمايدىغان ئىشنى قىلىشقا زورلىيالمايدۇ، نېمە دېگەن ياخشى!
_ ئۇنداقمۇ ئەمەس، ھازىر ئۇستازىم ئىلمىي نوجۇم ئۆگىتىۋاتىدۇ، گەرچە ھېسابلاش بىلەن بولىدىغان سان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلىم بولسىمۇ، ماتېماتىكىدەك قىيىن ئەمەسكەن.
_ ئاڭلىشىمچە ئىلمىي نوجۇم ناھايىتى چۇڭقۇر ۋە سىرلىق ئىلممىش، بىز ئۆگەنگەن ماتېماتىكىدىن كۆپ تەستۇ.
_ ھەر ھالدا يامان ئەمەس، _ دېدى ئۇ كەمتەرلىك بىلەن.
_ گېگەن بولغاندىن كېيىن دىلىڭ يورۇپ، زېھنىڭ ئۆتكۈرلشىپ كەتتىمۇ نېمە؟ _ دېدىممەن ئۇنىڭغا يېڭىباشتىن سەپسېلىپ.
_ بۇرۇن ساڭىلا تاينىپ ئادەتلىنىپ قالغانكەنمەن_ دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.
مەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ ئولتۇردۇم. بىر دەمدىن كېيىن ئۇ يەنە سورىدى:
_ ئاڭلىسام بەزىلەر بىرگە بىرنى قوشسا ئۈچ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپتۇمىش، نېمىشقا شۇنداق بولىدىكىنە؟
_ بۇ بەكمۇ چۇڭقۇر ئىلىم، بۇنى ماتېماتىكا تالانت ئىگىلىرىدىن باشقىلار چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
گەرچە باشلانغۇچتىن تاكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ماتېماتىكىدا ئىزچىل ياخشى بولۇپ كەلگەن بولساممۇ، بۇ مەسىلە مېنىمۇ قايمۇقتۇرۇپ قويغانىدى، شۇڭا مۇجىمەل جاۋاب بېرىشكە مەجبۇر بولدۇم.
_ مەن پەقەت بىرگە بىرنى قوشسا ئىككى، ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت، ئۈچكە ئۈچنى قوشسا ئالتە، تۆتكە تۆتنى قوشسا سەككىز، بەشكە بەشنى قوشسا ئون، ئالتىگە ئالتىنى قوشسا ئون ئىككى، يەتتىگە يەتتىنى قوشسا ئون تۆت، سەككىزگە سەككىزنى قوشسا ئون ئالتە، توققۇزغا توققۇزنى قوشسا ئون سەككىز، ئونغا ئوننى قوشسا يىگىرمە بولىدىغانلىقىنىلا بىلىمەن.
مەن ئۇنىڭ داۋاملىق قوشۇۋېرىپ يۈزگە يۈزنى قوشسا ئىككى يۈز بولىدۇ دېگۈچە قوشۇشىدىن ئەنسىرىگەنىدىم، شۈكۈر، ھەرھالدا ئونغا كېلىپلا توختىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭ ئىلمىي نوجۇمنى قانداق ئۆگىنەلىگەنكىدىن گۇمان قىلىشقا باشلىدىم.
_ سەن ھازىر ھېسابنى ناھايىتى تېز ئىشلىيەلەيدىغان بولۇپ كېتىپسەن.
_ مەن شۇ بىرگە بىرنى قوشسا ئۈچ بولىدىغانلىقىنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم، _ دېدى ئۇ  سەل پەسكويغا چۈشۈپ.
ئۇجىن 20 يېشىدا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى، مەن بولسام تېخى ھايات، بۇنىڭدىن سەل گاڭگىراپ قالدىم. بۇندىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ ياش پەرقى بارغانسېرى چوڭىياتتى. ئۇجىننىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا «ئۆلۈم» سۆزىنى ئىشلەتمەسلىكىم كېرەك ئىدى، ئەمما شۇچاغدا «نېرۋاناغا يەتتى» دېگەن سۆز پەقەت ئاغزىمغا كەلمىدى، بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان دوستۇمنى  «نېرۋاناغا يەتتى» دېيىش تولىمۇ غەلىتە تۇيۇلدى. لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۇجىن ئۆلۈپ كەتتى، ئۇ قايتا تىرىلمەيتتى.
مەن ئۇجىن بىلەن ئاخىرقى قېتىم شۇ يىلى يېڭى يىلدا كۆرۈشكەنىدىم. شۇ يىلى ئىككىلىمىز يىگىرمە ياشقا كىرگەنىدۇق. مەن كىچىك بازاردا خىزمەت تاپقاندىن بېرى ئىشلىرىم تازا يۈرۈشمەيۋاتاتتى. كەنتىمىزدىكىلەر ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقسا ئۇجىندىن پاناھلىق تىلەيدىدىكەن. ئۇجىننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئىشلىرى يۈرۈشۈپ كېتىدىكەن. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ تازا ئىشەنگىم كەلمىگەن بولسىمۇ، ئىككى يىلدىن بېرى ئىشلىرىم يۈرۈشمەيۋاتقاچقا، يېڭى يىل باھانىسىدا ئۇجىننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىلتىپات تىلىدىم.
ئۇجىن گېگەن بولغاندىن كېيىن، كەنتىمىزدە «ئۇجىن تۇغۇلغاندا قىشتا مېۋە چېچەكلىگەنمىش، ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققانمىش، ئوچۇق ھاۋادا ھەسەن-ھۈسەن چىققانمىش» دېگەندەك سۆز-چۆچەكلەر تارقالدى. بۇلارغا ئىشىنىپمۇ كەتمەيتتىم، ئىشەنمەيمۇ قالمايتتىم. ئۇجىن بىلەن مۇناسىۋىتىم يېقىن بولغاچقا، بەزىلەر مەندىن ئۇنىڭ كىچىكىدىكى تىلسىماتلىق ئىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلغانمۇ بولدى. ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىن قەتئىي ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇنىڭدا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكمۇ يوق ئىدى، ئەمما بىر قېتىم ئۇجىننىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى بىر ئىشى ئېسىمدىن كەچتى.
شۇ ئىش ئۇنىڭ كىچىدىكىنلا ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. ئۇ باشلانغۇچ ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چېغىمىز ئىدى. بىز خۇاڭخې دەرياسى بويىغا ئوينىغىلى باردۇق، دەريا بويىدا يوغان بىر غەلىتە تاش بولۇپ، ئۇجىن بۇ تاشقا يامىشىپ ئويناشنى ياقتۇراتتى. رىۋايەت قىلىنىشىچە پەدمەسەمبەۋە ھەزرەت ئەينى ۋاقىتتا خۇاڭخې بۇ يەرگە كەلگەندە قاراڭغۇ چۈشۈپ قالغانمىش، شۇنىڭ بىلەن ئىككى توقىلى بىلەن مۇشۇ تاشقا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ تاڭ ئاتقۇزغانمىش. بۇ تاشتا ئۈچەيلەننىڭ دۈمبە ئىزى قالغانمىش، ئىككى تەرەپتىكىسى كىچىكرەكى ئىككى توقىلىنىڭ، ئوتتۇرىسىدىكى چوڭراقى پەدمەسەمبەۋە ھەزرەتنىڭ دۈمبە ئىزىمىش.
بۇ مۇقەددەس تاشنى نۇرغۇن كىشىلەر تاۋاپ قىلغىلى كېلەتتى. بۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ پەدمەسەمبەۋە ھەزرەت ياراتقان نىڭما مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىشىمۇ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ئۇجىن  پەدمەسەمبەۋە ھەزرەتبىلەن ئىسىمداش ئىدى.
ئۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇ يەردە تاۋاپ قىلغۇچىلار يوق بولۇپ بىز قانغۇچە ئويناپ ئاندىن ياندۇق. قايتىشىمىزدا قۇملۇقتا پىلتىڭلاپ ياتقان بىر بېلىقنى كۆرۈپ قالدۇق.
مۇنداق دېدىم:
_ ھەجەب چوڭ بېلىقكىنا، _ دېدىم مەن بۇ بېلىقنىڭ قانداق بولۇپ بۇ يەردە پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ ئويلىمايلا،_ بۇنى يول ياسايدىغانلارغا سېتىپ بېرەيلى، ئۇلار بېلىق يەيدۇ.
_ ياق، ئۇنى سۇغا قويۇپ بېرىمەن، _ دېدى ئۇجىن بېلىقنى قولىغا ئېلىپ. بېلىق ئۇنىڭ قولىدا پىلتىڭلاپ تۇراتتى.
_ ھەي، بولدى قىلغىنا، ئۇنى تىرىك پېتى دەرياغا قويۇپ بېرەلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس، يول بەك يىراق، يولدىلا ئۆلۈپ قالىدۇ.
_سەن قايتىۋەرگىن، ئۆزۈم دەرياغا ئاپىرىپ قويۇۋېتىمەن، _ دېدى ئۇ ۋە كەينىگە قاراپ يۈگۈردى. مەن سەل ئارىسالدى بولدۇم-يۇ يەنىلا ئۇنىڭغا ئەگىشتىم. يېرىم يولغا كەلگەندە بېلىق پىلتىڭلاشتىن توختىدى.
_ بولدى قىلايلى، ئۇ ئۆلدى، _ دېدىم مەن. لېكىن ئۇجىن مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى، ئۇ داۋاملىق يۈگۈرۈپ كېتىۋەردى.
دەريا بويىغا كەلگەندە ھاسىراپ-ھۆمىدەپ دېمىمىزنىمۇ ئالالماي قالدۇق. ئۇجىن بېلىقنى سۇغا ئاستاغىنە قويۇپ بەردى، بېلىق سۇدا لەيلەپ قالدى، ئۆلگەندەكلا قىلاتتى. ئۇجىن نەپسىنى توختىتىپ پۈتۈن دىققىتى بىلەن بېلىققا قاراپ تۇردى. شۇ ئارىدا بېلىق سۇدا بىر-ئىككى قېتىم پىلتىڭلىدى-دە، ئۈزۈپ كەتتى. مەن بۇ ئىشنى ئېيتىپ بەرسەم باشقىلار «بۇنداق كىشىدە چوقۇم باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان خىسلەت بولىدۇ» دېيىشكەنىدى.
ئۇجىن توغرىسىدىكى سۆز-چۆچەكلەر ۋە ئۆزۈمنىڭ ئېسىگە كەلگەن ئۇششاق ئىشلارنى ئويلاپ ئۇنىڭدا ھەقىقەتەن باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان يەرلەرنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم. شۇڭا ھېلىقى يىلى يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى خاداك ۋە سوۋغات تەييارلاپ ئۇجىننىڭ ئالدىغا باردىم. ئۇجىن مېنى بۇرۇنقىدەكلا قىزغىن كۈتۈۋالدى. شۇغىنىسى مەن ئۇنىڭدىن  سەل ھېيىقىۋاتاتتىم.
مەن ئىززەت ئىكرام بىلەن خاداك ۋە سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا سەجدە قىلماقچى بولدۇم. بۇ چاغدا ئۇجىن كۈلۈپ تۇرۇپ:
«بىز ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى» دېدى ۋە مېنى يېنىدا ئولتۇرۇشقا بۇيرىدى. لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭغا ئۈچ قېتىم سەجدە قىلدىم.
_ ئۇجىن، ياق، گېگەن، بۇ ئىككى يىلدىن بېرى ئىشلىرىم تازا يۈرۈشمەيۋاتىدۇ، ماڭا بىر ئىلتىپات كۆرسەتكەن بولساڭ.
_ سەن بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟
_ ئاڭلىسام سېنىڭ ئىلتىپاتىڭ بەك بەرىكەتلىككەن.
_ ۋاي دوستۇم،_ دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ،_ مەن سەندىن ئىلتىپات-مەرھىمىتىمنى ئايىمايمەن.
ئۇ بىر مۇنچە تىلاۋەت قىلدى، ئاندىن بۇت تەكچىسىدىكى مۇقەددەس سۇدىن ئازراق ئېلىپ ماڭا ئىچكۈزدى، ئاخىرىدا بىر قىزىل تىلتۇمارنى ماڭا سۇندى.
_ بۇنى دائىم يېنىڭدا ئېلىپ يۈرگىن.
مەن ئۇنىڭغا قايتا-قايتا رەھمەت ئېيتتىم.
_ ھەر راست، يېقىندا  كىمنى كۆرگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇ تۇيۇقسىزلا.
_ مەن نەدىن بىلەي؟
_ تېپىپ باقمامسەن، ئىككىلىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرى، _ دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ.
_ مەن راستىنلا بىلەلمىدىم.
_ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىمىز ئىبادەتخانىغا كەپتۇ، _ دېدى ئۇ ئاخىرى،_ مەن ۋارقىراپ تاشلىغىلى تاس قالدىم. باشلانغۇچنى پۈتتۈرگەندىن بېرى ئۇ مۇئەللىمنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم._ ئۇ مەندىن ئىلتىپات تىلەپ كەپتۇ.
_ ئىلتىپاتتىلەپ كەپتۇمۇ؟
_ شۇنداق، ئۇ توي قىپتۇ، بالىلىقمۇ بولۇپتۇ.
_ ئۇ كىچىك ۋاقتىمىزدىكى ئىشلارنى تىلغا ئالمىغاندۇ؟
_ ياق ئۇ توغرىلىق ئېغىز ئاچمىدى، مەن ماتېماتىكىدا ناچار ئىكەنلىكىمنى ئېيتىۋېدىم، ئۇ دېگىلى قويمىدى، گۇناھ بولىدۇ، دەيدۇ. _ ئۇ ماڭا ئۈچ رەت سەجدە قىلدى، بالىسىغا پاناھ بولۇشۇمنى تىلىدى.
_ سەن نېمە دېدىڭ؟
_ مەن ئۇلار ئۈچۈن دائىم دۇئا قىلىپ تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، ئۇ رەھمەت ئېيتىپ كېتىپ قالدى.
_ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشقۇ بۇ.
_ ئۇ ئانچە ئۆزگىرىپ كەتمەپتۇ، بۇرۇنقىدىن كۆپ سالماق بولۇپ قاپتۇ.
_ شۇ چاغلاردا ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەس بولغىيتتى.
_ ئۇنىڭدىن نېمىنى سورىغانلىقىمنى بىلەمسەن؟
_ نېمىنى سورىدىڭ؟
_ نېمە ئۈچۈن بىرگە بىرنى قوشسا ئۈچ بولىدۇ دەپ سورىدىم.
_ ئۇ نېمە دېدى؟
_ ئۇ مەن پەقەتلا بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى، بۇنداق قىيىن سوئالغا قانداقمۇ جاۋاب بېرەلەيمەن، دەيدۇ. بىرگە بىرنى قوشسا نېمە ئۈچۈن ئۈچ بولىدىغانلىقىنى چوقۇم ئېنىقلاپ چىقىمەن.
يېڭى يىلدىن كېيىن ئۇجىننىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم.
ھازىر گەرچە ئۇنى «نېرۋاناغا يەتتى»دەيدىغان بولدۇم، لېكىن بۇ مۇھىم ئەمەس، مۇھىمى ئۇجىن نېرۋاناغا يەتكەندىن كېيىن ئىبادەتخانىنىڭ راھىبلىرى ۋە ئەتراپتىكى مۇخلىسلار ئۇنىڭغا ئاتاپ بۇددا مۇنارى ياساپ، مۇنارغا ئۇجىننىڭ چىشىنى قويماقچى بولۇشتى. بۇددا مۇنارى ياسىسا نېمە بوپتۇ، نېرۋاناغا يەتكەن بىر گېگەن ئۈچۈن بۇددا مۇنارى ياساشمۇ ئەقەللىي ئىش ئەلۋەتتە.
ئەڭ مۇھىمى، مۇنارغا قويۇش ئۈچۈن يىغىلغان ئۇجىننىڭ چىشى 58 تال ئىدى. 58 تال چىش ئادەتتىكى ئادەم ئۈچۈنمۇ، ئەلۋەتتە بەك كۆپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇجىندەك ئەۋلىيا گېگەن ئۈچۈنمۇ ھەقىقەتەن جىق-تە.
راستىمنى ئېيتسام ئادەمنىڭ نەچچە تال چىش بولىدىغانلىقىنى تازا ئېنىق بىلىپ كەتمەيتتىم. شۇڭا بىر بوۋايدىن سورىدىم.
_  ئادەمنىڭ ئادەتتە نەچچە تال چىشى بولىدۇ؟
_ 34 تالغۇ دەيمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى بوۋاي سەل ئويلىنىۋېلىپ.
مەن ئۇنىڭ مۇجىمەل جاۋابىغا قانائەت قىلماي، يەنە بىر بوۋايدىن سورىدىم:
_  ئادەمنىڭ ئادەتتە نەچچە تال چىشى بولىدۇ؟
_ 32 تال، _ دېدى بوۋاي ئويلانمايلا.
بوۋاينىڭ قەتئىي سۆزىنى ئاڭلاپ توغرا ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم. ئاخىرى بۇ ساننىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن بىر تورخانىغا باردىم.
_ كىملىكىڭىزنى تىزىملايمىز، _ دېدى تورخانا باشقۇرغۇچىسى.
_ نېمىشقا؟
_ بۇ يۇقىرىنىڭ بەلگىلىمىسى.
_ مەن پەقەت بىر نەرسىنى ئىزدەپ تېپىۋالساملا بولدى، بىرنەچچە مىنۇتلا كېتىدۇ، تىزىملاتمىسام بولمامدۇ؟
_ ماڭىمۇ ئامال يوق، بۇ دېگەن بەلگىلىمە.
_ نېمىدېگەن ئاۋارىچىلىق بۇ.
_ مەن دېگەن نەچچە يۈز كويلا ئايلىق ئالىدىغان ئىشلەمچى، ماڭا دوق قىلغىنىڭىزنىڭ پايدىسى يوق، _ دېدى ئۇ خاپىلىغاندەك قىلىپ.
مەن تورخانىدا تورغا چىقىۋاتقانلارغا بىر قارىۋېتىپ كىملىكىمنى ئۇنىڭغا بەردىم.
_ قاراڭ، تورغا چىقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى تىزىملىتىدۇ،_ دېدى ئۇ كىملىكىمنى تىزىملىغاچ تىزىملاش دەپتىرىنى كۆرسىتىپ،_ بۇ يۇقىرىنىڭ بەلگىلىمىسى.
مەن ئۇنىڭغا ئېرەن قىلمىدىم، پەقەت كىملىكىمنى تېزرەك قايتۇرۇپ بېرىشىنىلا ئويلىدىم.
_ نېمىنى ئىزدىمەكچىتىڭىز؟ _ دېدى ئۇ تىزىملاپ بولغاندىن كېيىن .
_ ئادەمنىڭ زادى نەچچە تال چىشى بارلىقىنى.
_ شۇنىمۇ بىلمەمسىز؟ _ دېدى ئۇ كۈلۈپ.
_ ئئەمىسە دەڭە، ئادەمنىڭ زادى نەچچە تال چىشى بولىدۇ؟
_ بايا سىز ئېيتقاندا بۇنچىلىك ئەقەللىي ساۋاتنى بىلىمەنغۇ دەپ ئويلىغانتىم، دېدى ئۇ سەل ئويلىنىۋېلىپ خىجىل بولغان ھالدا،_ ئەمما زادى نەچچە تاللىقىغا ئېنىق بىر نېمە دېيەلمىگۈدەكمەن. يىگىرمە نەچچە تال بولغىيتتى؟
_ چىشىڭىزنى ئالدىرىماي ساناپ بېقىڭ، _ دېدىم مەن كۈلۈپ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇنغا جايلىشىۋېلىپ كەينىمگە قارىسام، باشقۇرغۇچى بارمىقىنى ئاغزىغا تىقىپ چىشىنى سانىغىلى تۇرۇپتۇ.
مەن بەيدۇ تورىغا كىرىپ «ئادەمنىڭ نەچچە تال چىشى بولىدۇ؟» دەپ كىرگۈزىۋېدىم، بىراقلا نەچچە يۈز بەت جاۋاب چىقتى. بىرىنى ئاچسام، نۇرغۇن كىشىنىڭ جاۋابى بار ئىكەن.
«بېيجىڭلىق ساھىپجامال چىش دوختۇرى»: «28» تال.
«ئۆچەكتىكى مۇمۇ» : 28+4 بولىدۇ، بەزىلەرگە ئەقىل چىشى چىقمايدۇ.
« سورىماي ئۆگەنگىلى بولماس»: چىشنىڭ ھەممىسى نورمال چىقسا 32 تال بولىدۇ، ئەقىل چىشىنىڭ ھەممىسى تولۇق چىقمايدىغان ئەھۋالمۇ بار، شۇڭا ئادەتتە 28 تالدىن 32تالىچە بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ چىشى يوق، مەسىلەن نومۇسسىزلارنىڭ①.
...
«كۈچلۈكمەن»: ئادەمدە ئۆمرىدە سۈت چىش ۋە ھەقىقىي چىش دەپ ئىككى خىل چىش چىقىدۇ. سۈت چىشى ئادەتتە بالا ئالتە ئايلىق بولغاندىن تارتىپ چىقىشقا باشلايدۇ، جەمئىي 20 تال بولىدۇ، ئىككى يېرىم ياش -----------------------
*       بۇ يەردە خەت ئويۇنى قىلىنغان بولۇپ، خەنزۇچىدىكى چىشى يوق دېگەندىكى 无齿 بىلەن نومۇسسىز دېگەندىكى 无耻 ئاھاڭداش-- تەرجىماندىن.
ئەتراپىدا ھەممىسى چىقىپ بولىدۇ. ھەقىقىىي چىش ئادەتتە ئالتە ياشتىن باشلاپ چىقىدۇ. سۈت چىشى ئالدى تەرەپتىن باشلاپ چۈشۈپ كېتىدۇ-دە ئورنىغا ھەقىقىي چىش چىقىدۇ، ئادەتتە 12 ياشقا بارغاندا پۈتۈنلەي ئالمىشىپ بولىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك چىشى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنى ياخشى ئاسراش كېرەك.
ھەر بىر ئادەمنىڭ 32 ھەقىقىي چىشى تال ، ھەقىقىي كارغا يارايدىغىنى 28 تال بولىدۇ. بىرەر ئىككى تال چىش چۈشۈپ كەتسە پۈتۈن ساغلاملىققا تەسىر يەتمەيدۇ، چىش چۈشۈۋېرىپ 20 تالدىن ئاز قالسا ئەزالىرىنىڭ فۇنكىتسىيەسىگە تەسىر يېتىدۇ. چۈنكى 20 تالدىن ئازىيىپ كەتسە يېمەكلىكنىڭ تولۇق چاينالمىغاچقا، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا تەسىر يېتىدۇ؛ گەپ قىلغاندا تاۋۇش تولۇق چىقمايدۇ، ئادەمنىڭ چىرايىمۇ قېرى چىرايىمۇ كۆرۈنۈپ قالىدۇ-دە، روھىي ھالىتىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇندىن باشقا چىش مۇھىم تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ ئەزا بولۇپ، نۇرغۇن جىسمانىي ئەمگەك ۋە ئەقلىي ئەمگەكلەر چىشىنى چىشلەش ھەرىكىتىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. چىش 20 تالدىن كەم بولغاندا ئادەمنىڭ تەڭپۇڭلۇقى تەسىرگە ئۇچراپ، ئاسانلا ھەرىكەتتە خاتالىشىش،  يىقىلىپ چۈشۈش قاتارلىق ھادىسىلەر كۆپ كۆرۈلىدۇ....
«كۈچلۈكمەن» قانچە ياشتا قانداق چىش پاستىسى ئىشلىتىشتىن تارتىپ تەپسىلىي يېزىپتۇ، بۇنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. بۇندىن كېيىن چىشىمنى ياخشى ئاسرىسام بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم.
بۇ 58 تال چىشنىڭ پۈتۈنلەي ئۇجىننىڭ ئەمەسلىكى، ئارسىغا باشقىلارنىڭ چىشىنىڭمۇ قېتىلىپ قالغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان.
راھىبلار بۇ چىشلارنى ئاق خاداكقا چىرايلىق ئوراپ ئۇجىننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تونۇپ بېرىشىگە ئاپاردى. ئۇجىننىڭ ئاتا-ئانىسى «ئۇجىنغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىبادەتخانىغا تاپشۇردۇق، ھەتتا كىچىك چېغىدا چۈشۈپ كەتكەندە ئۆگزىگە ۋە باشقا يەرلەرگە تاشلىۋەتكەن سۈت چىشىنىمۇ تاپشۇردۇق، بۇ چىشلارنىڭ قايسىسى ئۇجىننىڭ قايسىسى باشقىلارنىڭ ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمايمىز» دېيىشتى.
ئىبادەتخاندىكىلەر 58 تال چىشنىڭ ھەممىسىنى نوم دەستۇر ۋە باشقا بۇيۇملار بىلەن قوشۇپ مۇنار ئىچىگە قويۇشقا مەجبۇر بولدى.
مۇنار پۈتكەندىن كېيىن نۇرغۇن كىشىلەر تاۋاپقا كېلىپ تۇردى، مەنمۇ پات-پات باردىم. بۇ ئۇجىننى خاتىرلەش ئۈچۈنمۇ ياكى ئۇنىڭ روھىغا دۇئا قىلىش ئۈچۈنمۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دېيەلمەيمەن.
بىر قېتىم تاۋاپقا كېلىپ مۇنارنى ئايلىنىۋېتىپ كىچىك چېغىمدىكى بىر ئىش تۇيۇقسىز ئېسىمدىن كەچتى.
بىر قېتىم مەكتەپتىن قايتىپ ئۇجىننىڭ ئۆيىگە تاپشۇرۇق ئىشلىگىلى باردىم،  ئۆيگە بارغاندىن كېيىن ئۇ مېنىڭ ماتېماتىكا تاپشۇرۇق ئىشلىشىمگە قاراپ يېنىمدا ئولتۇردى. ئىشلەپ بولغاندىن كېيىن ئەستايدىللىق بىلەن كۆچۈرۈشكە باشلىدى.
تۇيۇقسىز ئىككى كۈن بۇرۇن لىڭشىپ قالغان چىشىم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى. ئاغرىققا  چىدىيالماي ۋارقىراپ كەتتىم.ئۇجىن دەرھال دادىسىنى چاقىرىپ كىردى.
_ بۇ چىشىڭنى ئېلىۋەتسەك بولغۇدەك،_ دېدى ئۇنىڭ دادىسى چىشىمنى كۆرۈپ ۋە بىر تال يىپنى چىشىمغا يۆگىگەچ، مەندىن ئۇنى-بۇنى سوراشقا  باشلىدى. مەن ئازراق ئاغرىقنى سەزگەن چېغىمدا قولىدىكى چىشنى ماڭا تەڭلىدى،_ بۇنى قوي يۇڭىغا ئوراپ تۇڭلۈكتىن ئۆگزىگە تاشلىۋەتكىن.
مەن چىشىمنى قوي يۇڭىغا ئوراپ تۇڭلۈكنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئېتىشقا تەمشەلدىم.
_ ئېتىشتىن بۇرۇن نېمە دېيىشنى بىلەمسەن؟ _ دېدى ئۇجىننىڭ دادىسى كۈلۈپ تۇرۇپ.
_ ئەلۋەتتە بىلىمەن، _ دېدىم مەن.
يۇتىمىزدىكى كىشىلەر « تۇڭلۈك تۈۋىدە بالىلارنىڭ چىشىنى باشقۇرىدىغان پەرىشتە بار، شۇ ئەپسۇننى ئوقۇسا چۈشۈپ كەتكەن چىشنىڭ ئورنىغا سەدەپتەك چىرايلىق چىش چىقىدۇدېيىشەتتى. مەن «ئىت چىشىڭنى ساڭا بېرەي، سەدەپ چىشىمنى ماڭا بەر » دېگەن ئەپسۇننى ئىككى قېتىم تەكرارلىغاندىن كېيىن يۇڭغا ئورالغان چىشىمنى تۇڭلۈككە قارىتىپ ئاتتىم، چىش قايتىپ چۈشمىدى. ئۇجىن بىلەن ئۇنىڭ دادىسى مېنى «دەل ئاتالىدىڭ» دەپ ماختىدى.
ئۇجىن گېگەن بولغاندىن كېيىن، بىر نەچچە راھىپ كەلدى، ئۇلار ئۇجىننىڭ ئاتا-ئانىسى بەرگەن نەرسىلەر ئىچىدە ئۇجىننىڭ بىر نەچچە تال چىشىنىڭ كەملىكىنى ئېيتتىۋە ئۆينىڭ ئىچى-تېشىنى ئاختۇرۇپ، ئۆگزىدىن بىر نەچچە تال سۈت چىشىنى تېپىۋېلىپ، گۆھەر تېپىۋالغاندەك خۇشالبولۇپ ئېلىپ كەتتى. شۇ چاغدا مېنىڭچىشىمنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، ھازىرئاشۇ چىشىم ئۇجىننىڭ بىباھا چىشلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۈمەنلىگەن مۇخلىسلارنىڭ چوقۇنۇشلىرىغا سازاۋەر بولماقتا.

«كۆكنۇر كۆلى» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.
«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Arghu تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-10 16:59  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-10 19:20:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ھىكايە ئىكەن،يىقىندىن مۇشۇ مۇڭغۇللارنىڭ،تىبەتلەرنىڭ،خۇيزۇلارنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن تولا ھۇزۇر ئالدىم،قىرىنداش مىللەتلەر ھىكايىلىرىنىڭ تەمى ئۆزگىچە بولىدىكەن.شۇ مىللەتكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولىدىكەنمىز.

ۋاقتى: 2013-1-10 19:46:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىسىل تەرجىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.....

ۋاقتى: 2013-1-10 20:20:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك  ياخشى ھېكايە، ئىلگىرى ئوقۇغاندىمۇ بەك ھاياجانلانغان ئىدىم .بۇئەسەريەنە«2011-يىللىق جۇڭگۇھېكايە شەرەپ تاخـتىسىدېمۇ »(خەنزۇچە)بار. ھازىر زاڭزۇ ئەدەبىياتى بەك تەرەققى قىلىپ كېتىپتۇ.ئالەي،سېرېن لوبۇ قاتارلىقلار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-10 20:20  


ۋاقتى: 2013-1-11 10:15:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-..80-يىللىرىدا تۇغۇلغان زاڭزۇ ياشلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بەك ئىسىلكەن زادى.

ۋاقتى: 2013-1-11 17:07:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىز بەركەتلىك بولسۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش