يازغۇچىلار تورى- يازغۇچى-قەلەمكەشلەرنىڭ ئۆز ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى ۋە تۈرلۈك ئۇچۇر-يېڭىلىقلىرىنى ئانا تىلىمىزنىڭ يېزىق شەكلى ۋاستىسى ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇشىدىغان مەنىۋىي پائالىيەت سورۇنى. يازغۇچى-قەلەمكەشلەر-ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئورتاق قوللۇنىۋاتقان تىل-يېزىققا نىسبەتەن ئەڭ مەسئۇلىيەتچان ھەم ئەڭ پىششىق، شۇ دەۋردىكى كىشىلەر ئارىسىدا بىلىم- ئىقتىدار ۋە باشقا جەھەتلەردە ئەڭ ئالدىدا تۇرۇشقا ھەم بۇ جەھەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشقا ئەڭ مۇناسىپ ھۆرمەت ۋە پەزىلەت پىشىۋالىرىدۇر. شۇنداق بولغاچقا، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۈيۈك تەۋەرۈكلىرىدىن بىرى بولغان ئانا تىلىمىزنى تور دۇنياسىدىن ئىبارەت بۇ خەلقئارالىق كۆزنەك سەھنىلەردە بولسىمۇ، توغرا قوللۇنۇشتا ھەربىر قەلەمكەشنىڭ خېلىلا زور بۇرچى ۋە ئەسلا باش تارتىپ بولماس مەجبۇرىيىتى بار.
يېقىنقى بىر-ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يازغۇچىلار مۇنبىرىمىزنىڭ باش مۇھەرىرى ئەيبۇ ياقۇپ ئەپەندىنىڭ ئەتراپلىق پىلانلاپ-يېتەكچىلىك قىلىشى، تىرىشچان، ئىجتىھادلىق قېرىندىشىمىز ئەزىز ئىمىر يانغىننىڭ مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى، جۈملىدىن، مۇنبىرىمىز ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد-چېچەكلىرىمىزنىڭ ئەدەبىي-ئىجادىيەت گۈلىستانىدا تېخىمۇ پورەكلەپ، خۇش ھىدلارنى چېچىشى ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، يېڭى مۇنبىرىمىزنىڭ مۇنبەرداشلىرىمىز ئۈچۈن تېزراق يۈز كۆرۈشۈشى ئۈچۈن كۆپلەپ خالىس تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، 1-ئاپرىلدىن باشلاپ، يېڭى مۇنبىرىمىز مۇنبەرداشلىرىمىز بىلەن يېڭىچە قىياپەت ۋە رەڭدار مەزمۇنلىرى ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۈز كۆرۈشتى. بارلىق قەلەمكەشلەر ئۈچۈن بۇ تولىمۇ خاسىيەتلىك بىر ئىش.
مەن يېڭى مۇنبىرىمىزنى بۈگۈندىكىدەك گۈزەل رۇخسار بىلەن روياپقا چىقارغان مۇنبەر مەسئۇلى، تېخنىكا نازاراتچىسىگە شۇنداقلا، مۇنبىرىمىزنىڭ ھەرقايسى سەھىپە نامى، مەزمۇنى، لايىھەلىنىشى ۋە باشقا تېخنىكىلىق تەلەپلىرىنى قانداق لايىھەلەپ، دەسلەپكى قەدەمدە، نۆۋەتتە كۆرۈۋاتقىنىمىزدىكىدەرەك مۇكەممەل مۇنبەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ دانا مەسلىھەتلىرىنى بەرگەن مۇھەررىرلەرگە سەمىمىي مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، بارلىق مۇنبەرداشلار ۋە مۇنبەر باشقۇرۇش خادىملىرىدىن سەمىمىيلىك بىلەن تۆۋەندىكى ئۈمىدلەرنى كۈتىمەن.
1.يېڭى مۇنبىرىمىزنىڭ تۈرلۈك نۇقسانلاردىن خالىي ھالدا ساغلام ۋە سۈپەتلىك ھالدا نەتىجىلىك تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەندۈرۈش ئۈچۈن مەيلى يازما يوللايلى ياكى ئىنكاس يازايلى چوقۇم ھەربىر سۆز-ئىبارىنىڭ ئىملاسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەيلى.
2.باشقۇرغۇچىلارمۇ يازما تەستىقلاش ئۆتكىلىنىمۇ خۇددى ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ تەستىقلىغانغا ئوخشاش ئىملا جەھەتتىكى تەلەپنىمۇ چوقۇم چىڭ تۇتۇشقا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرەيلى ۋە بۇ جەھەتتە باشقىلارغا ئۈلگە-نەمۇنە بولايلى.
3.ئىملادا كۆپرەك خاتالىق ئۇچراش ئېھتىمالى زور بولغان تىلىمىزدىكى «ئې، ئى، ئو، ئۆ، ئۇ، ئۈ»تاۋۇشلىرى قوشۇلۇپ كېلىدىغان سۆزلەرنى يازغاندا، چوقۇم تېخىمۇ ئەستايىدىل بولۇپ، سۆز-ئىبارىلەرنى توغرا يېزىشقا ئادەتلىنەيلى.
ئۇيغۇرتىلى-ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلى. ئانا تىلىمىزدىكى سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ئىملاسىنى توغرا يېزىپ، ئۇنىڭ قەدرى- قىممىتىنى قىلغانلىقىمىز-ماھىيەتتە، ئۆزىمىزنىڭ قەدرى-قىممىتىنى قىلغانلىقىمىز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا يېڭى مۇنبەر گۈلىستانىنى توغرا ئىملادىكى مول مەزمۇنلۇق ئېسىل ئەسەرلىرىمىز بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت گۈلزارلىقىمىزدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان خۇش ھىدلىق بىر باغۇ-بوستانغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ مۇنبىرىمىزدىكى تېمىلارنىڭ مەزمۇنى، ئىملاسى، سۈپىتى ۋە باشقا جەھەتلەردىكى تۈرلۈك يېتىشسىزلىكلىرى ھەققىدە ھەرۋاقىت نازارەت قىلىپ، بايقىغانلىرى ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرۇشىنى، شۇ ئارقىلىق ئىسمى-جىسمىغا لايىق بولغان ھەقىقىي بىر يېڭىچە مەزمۇن ۋە شەكىلدىكى يازغۇچىلار مۇنبىرىنىڭ مەيدانغا كېلىپ، مەنىۋىيىتىمىزنى يەنىمۇ بېيىتىش ئۈچۈن ھەممەيلەننىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشىگە تىلەكداشمەن.
|