file:///C:/Documents%20and%20Settings/Administrator/桌面UF010914476001254107449 مۇھەممەت ئىمىن1946-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىدە تۇغۇلغان.1970-يىلى بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات پاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ئاپتونۇم رايۇنلۇق جامائەت خەۋىپسىزلىكى نازارىتى ،مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىى قاتارلىق ئورۇنلاردا ئىشلىگەن. ھازىر مىللەتلەر نەشرىياتىدا باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
يازغۇچى مۇھەممەت ئىمىننىڭ ئەسەرلىرى1963-يىلىىدىن باشلاپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان.1988-يىلى جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن.ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن 《ئالتۇن گىرۋەكلىك ھاڭ》،《رەيھاننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى》،《ئىككى يۈزلۈك ئادەم》《ئاقىۋەت》،تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن《تاڭ دەۋرى شېئىرلىرى》،《دۇنيا بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىدىن نەمۇنىلەر》،ئۇ تەھرىرلىك-كوررىكتۇرلۇقىنى قىلغان ئەسەرلەردىن《بابۇرنامە》،《بوران-چاپقۇن》،《ياشلىق ناخشىسى》قاتارلىقلار بار.ئۇنىڭ ئىجادىي ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن《رەيھاننىڭ سەرگۈزەشتىلىرى》شىنجاڭ يېڭى دەۋر ئەسەرلىرىنى باھالاشتا1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 《ياشلىق ناخشىسى》مۇنەۋۋەر تەرجىمە ئەسەرلىرى مۇكاپاتىغا،《سېغنىش》نامىلىق تەرجىمە ئەسىرى شىنجاڭ 3-نۆۋەتلىك تاڭ دەۋرى شېئىرلىرى تەرجىمە ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
غەنىزات ئۇيغۇر تەرجىمىسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ghenizatuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-2 16:22
|