كۆرۈش: 4082|ئىنكاس: 49

كۈيزار رىۋايىتى (26)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
kuyzar.jpg

مەن ئابلەت مۇھەممەت كۈيزار 1986- يىلى 4- ئاينىڭ 25- كۈنى سۈزۈك بىر سەھەر پەيتىدە، يەكەن ناھىيە ئالامەت يېزا سۆگەتلىك كەنتى پاشالىق ھويلا مەھەللىسىدىكى دادام بىلەن ئانام توي قىلىپ ئىككى يىل بولغاندا، ئانام ئۈچ كۈن دەھشەتلىك تولغاق ئازابى يەپ، مىنى تۇغقان ئىكەن.
ئىسىمنى بىلسەم دادامنىڭ شاگىرىتلىرى مېنى بىر- بىرىدىن قىزغىنىشىپ، ئەركىلىتىپ، رايىمغا بېرىپ بېقىۋاتقانلىقىنى بىلدىم. مەھەللىمىزنىڭ قويۇق بوستانلىق مۇھىتى، ئۆيىمىزنىڭئالدىدىكى ئۆستەڭدە ئېقىپ تۇرىدىغان زىلال سۇ، تەبىئەت نېمەتلىرىنىڭ مېھىر پايانىنى بالىلىقىمغا نەقىش قىلىپ چەكتى. خولۇم- خوشنىلىرىمنىڭ بىغۇبارمېھرىبانلىقى بالىلىقىمغا مۇھەببەتلىك تېنىقلىرى بىلەن ئىنسانىي كۆيۈمنىڭ سېھرىنۇرىنى سەپتى.
پاسىبانىم، باھادىرىم دادامنىڭ خۇشپئىل، چىقىشقاق، تەمكىن، كۆڭۈلچەكلىكىگە ھەربىر تېنىقلىرىدىن، قەدەملىرىدىن چەكسىز كۆيۈمچانلىق جۇلالاپ تۇرىدىغان ئانامنىڭ قەھىرسىز، پاكىزە ئەقىدىلىك، تېنىمسىز ئىشچانلىقى قوشۇلۇپ چوڭ بولغانلىقىمدىن ئالەمچە خۇرسەنمەن. مېھرىبان ئانامنىڭ قوشكېزەك ئۇكامنى تۇغۇشى بىلەن، بالا بېقىپ مەكتەپكە كىچىكىپ كىردىم.
1995 - يىلى 9- ئايدىن 2004- يىلى 7- ئايغىچە كەنتىمىزدىك ىباشلانغۇچ ۋە ئۆيىمىزگە بەش كېلومېتىرچە كېىلىدىغان يېزىلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە پىيادە بېرىپ كېلىپ ئوقۇدۇم. 2004- يىلى 9- ئايدىن 2006- يىلى 7- ئايغىچەيەكەن ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خەنزۇتىلى كەسپىي سىنىپىدا ئوقۇدۇم. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئىككى يىللىق ھاياتىم مېنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان يۈكسەك ئىشتىياقىمنى ئۇلغايتتى. ئەدەبىياتنى چۈشىنىدىغان، ئەدەبىياتقا ساپ تۇيغۇ بىلەن قارايدىغان سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ قوللاپ، ئېسىل دۇردانە سۆزلىرىنى ئايىماسلىقى روھىيەت ئاسمانىمدا گۈزەل سۈزۈلۈشلەرنى پەيدا قىلدى. ئەدەبىيات ھەققىدە ئازادە پىكىر قىلالايدىغان،كۆپ كىتاب كۆرىدىغان ساۋاقداش، ياتاقداشلىرىم بىلەن ئىككى يىلنى ھاياتىمنىڭ جەۋھىرى سۈپىتىدە ئۆتكۈزدۈم. تولىمۇ ئەپسۇس! يۇقىرلاپ ئوقۇش پېشانەمگەپۈتۈلمىگەنمۇ قانداق، نوپۇس قەغىزىمنىڭ ئۇيغۇرچە بولۇشى سەۋەبلىك كىملىك نۇمۇرۇم يوق، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشالمىدىم. ئوقۇش ئىستىكىم بەرپات بولغاندىن كېيىن تۆت نەپەر ساۋاقدىشىم بىلەن مال ساتقۇچى بولۇپ 2006- يىلى 7- ئايدىن 2006-يىلى 3- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، خوتەن قاتارلىق گۈزەل يۇرتلارنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، يېزا قىشلاقلىرىچە بېرىپ تېرىكچىلىك قىلدىم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىسسىق مېھرىگە، قەدىردانلارنىڭ قوللاپ- قۇۋۋەتلەپ قارشى ئېلىشىغا، ئەدەبىيات ئۈچۈن تېنىۋاتقان ئېسىل دوسىت- بۇرادەرلەر بىلەن ئەسرارلىشىپ سىردىشىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولدۇم.
2005- يىلدىن باشلاپ ‹‹ شىنجاڭ مەدەنىيىتى››، ‹‹ جۇڭگومىللەتلىرى››، ‹‹ تارىم غۇنچىلىرى››، ‹‹ يېڭى قاشتېشى››، ‹‹ قەشقەر››، ‹‹تۇرپان››، ‹‹ قېزىلسۇ ئەدەبىياتى››، ‹‹ مۇزارت دولقۇنلىرى››، ‹‹ قەشقەر گېزىتى››قاتارلىق  گېزىت-ژورناللاردا 50 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، نەسىر، ھېكايەم ئېلان قىلىندى. يەكەن خەلق رادىيو ئىستانسىنىڭ بالىلار پىروگىراممىسدا ئىككى پارچە بالىلار نەسىرىم ئاڭلىتىلدى
ئەدەبىيات كوچىسىغا قەدەم بېسىپ كىرگىنىمدە ئەڭ ئاۋۋال پاكىزە، ئەقىدە، ئىمانلىق ئادەم بولۇشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدىم. ئاندىن ئەدەبىيات ۋە ئادىمىيلىك ئۈچۈن ھەربىرقەدەمنى ئاۋايلاپ، سەمىمىيلىك بىلەن باستىم. بۇ كوچىغا كىرىپ نۇرغۇن ئېسىل، بىلىملىك، پەزىلەتلىك ئۇستاز، دوسىت قەلەمكەشلەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئۇلۇغ ئىگەمگە مىڭمەرتە شۈكرىكى، پەزىلەتلىك قەلەم ئەھلىلىرىنىڭ ئەدەبىيات تەلىملىرى، بىر- بىرىدىن ئېسىل نەشىر قىلىنىۋاتقان كىتابلاردىكى بىلىم، دېمەتلىكلىرىمنىڭ ئەستايىدىللىقى بىلەن كۆڭۈل بۆلۈپ يىتەكلەشلىرى ئارىسىدا بۈگۈنگە ئۇلاشتىم. مەندىكى ئەدەبىيات ئوتىنى پۈۋلەپ تۇرغان ئۇستاز، دوسىت، ئوقۇرمەنلىرىمگە كۆپلەپ تەشەككۈر ئېيىتىمەن!
ئەدەبىيات ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىمنى يەكۈنلەشكە تېخى بالدۇر. ئۇلۇغ ئىگەم مېنى دەرگاھىغاچىللاپ كەتكۈچە قەلەمنى تاشلىماي قەلب پىچىرلاشلىرىمنى، تۇيغۇ چېقىنلىرىنى، ھەرنەپەس داۋاملىشىۋاتقان ھايات چۈشەنچىلىرىمنى خاتىرىلەشنى داۋاملاشتۇرغۇم بار.
ــــ ئاپتوردىن

ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار ئىجادىيەتنىڭ ھەر قايسى ژانېرلىرىدا توختىماي ئىجاد قىلىپ ئۆزىنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەت سەپىرىگە پۇختا ئاساس سېلىش بىلەن بىرگە، ياشلارنىڭ ئىجادىيىتىگە ئىلھام بېرىش يۈزىسىدىن 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ «تەڭرىتاغ»ژۇرنىلىدا ئۆز يېنىدىن مەبلەغ ئاجرىتىپ «كۈيزار يېڭى كۈچلەر سالونى» نى ئاچتى؛ «شىنجاڭ مۇقام مۇنبىرى» دە «كۈيزار تور ئەسەرلىرى مۇكاپاتى» تەسىس قىلدى. بىز بۇ ئىجتىھاتلىق قەلەم ئىگىسىنىڭ ئىجادىيىتىگە ۋە تىجارىتىگە تېخىمۇ زور يۈكسىلىشلەرنى تىلەيمىز!
ــــ مەسئۇل مۇھەررىردىن
ئاپئاق ئېقىنلار
1
ئاپئاقدۇنيا ئۆزىگە ئىنتىلگەن سۆيۈملۈك ئارمان ئۈچۈن يىراق، بەكمۇ يىراق بىر مەنزىلگاھقابارماقچى بولۇپ جابدۇنغاندەك قىلاتتى.
2
ئۆزۈمگەمەنسۇپ ھېسلىرىم پەرىشانلىق ئۇپۇقى قوينىدا يېگانە قۇشقاچتەك خىلۋەت ئورمانزارغايۈرەك ناخشلىرىنى بۇرۇندىنلا ئېيىتىپ بېرىۋاتاتتى.
3
دېرىزەمنىڭسوغۇق ئەينىكىدىن سىرغىۋاتقان سىم- سىم يامغۇر، سەن ماڭا ئەۋەتكەن تاشنالىقىنىقاندۇرۇش شەربىتى. نەچچە يۇتۇم ئوتلىدىم، باغرىم، بارىم چاراسلاپ كۆيۈشكە باشلىدى.
4
ساڭابېغىشلانغان تەئەللۇقاتلىرىمنى قوبۇل كۆرمىگىنىڭدە، ئاپئاق قارىستاندا يېگانەبوۋايغا ئايلىنىپ كەتتىم.
5
سېغىنىششاماللىرى سەلكىن چىقىۋاتقان قەلبىمدە، سېنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن سەمىمىي تۇيغۇلىرىڭنىئىزدەپ تاپماقچى بولدۇم. لىكىن ماڭا ئۇچرىغىنى تەنھالىق ئىچىدىكى قەدىرسىزپۇچۇلىنىش بولدى، خالاس!
6
تەنھالىقئوچىقىدا كۆيۈۋاتقان ھەربىر ئوتۇن خۇددى ئاشىقنىڭ جۇنۇنلۇق دەشتىدىكى ئاھىدەكتولغىنىپ- تولغىنىپ جان بېرەتتى.
2007- 1- 7   
كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ
كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
ئۆز-ئۆزۈمگە ئۇپۇقتەك پەرىشان ھالدا پېتىپ تۇرىمەن. غېرىبلىق دەرىخىدىن تۆكۈلگەن سايە لاۋۇلداپكۆيۈۋاتقان بارخانلار ئىچىدە تەنھالىقىنى ئەسلەيتتى.
كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
ماڭاتىكىلىپ تۇرغان غۇبارسىز ئايدىڭ، مەن ئىنتىلىپ تۇرغان نائېنىق نوقتا، ساڭا تەۋەيۈرىكىمنى چاقىرىپ تۇرغان ئىزسىز كوچا، قەپەزگە ئۆزىنى مەڭگۈلۈك ئۇرۇۋاتقان كاككۇك، قايغۇ دېڭىزىغا چوڭقۇر چۆكۈپ كېتىۋاتاتتى.
كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
جىمجىت دەرەخلەر كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقىنى بىلەتتى. تەسەللىي يامغۇرىنىڭ تاراسلاپ- تاراسلاپ يىغىشىنى ئارمان قىلدىم. لىكىن يۈرىكىمنى زەھەرخەندىلىك بىلەن رەھىمىسىزلەرچە مۇجۇۋاتقىنى ھىجران يامغۇرى...
كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
ئاپئاق تۇيغۇغا چۈمكەلگەن ھوجرامدا ئاسمانغا قاراپ شىرىن- شىرىن خىياللارنى سۈرىمەن.قارىچۇقۇم ئىختىيارسىز تاشاتتى. كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىدىغان قولياغلىقنى ئىزدىدىم.سەن ماڭا قولياغلىق ھەدىيە قىلىپ باقمىغان ئىكەنسەن.
كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
مەن ساڭا ئەڭ مۇھتاج بولغان ئازابلىق دەقىقىلەردە، سەن مېنىڭ يېنىمدىن يىراقتائىدىڭ.  ساڭا ئەقىدە باغلاپ، كۆيۈپ- پىشىپيۈرۈپ ھچقانداق شادلىق تاپالمىغاننى ئاز دەپ، يەنىلا زەھەرگە چىلاشقان ئازابقەدەھلىرىنى ئۆزۈم بىلەن سوقۇشتۇرۇپ كۆتۈردۈم. يا يۈرىكىم زەھەرلىنىپ ئۆلمىدى، يابىر سېنىڭ خىياللىرىڭ قەلىب قەسىرىمدىن سۈرگۈن بولۇپ، ئۆز- ئۆزۈمگە تاشلىنىپقالمىدىم.
كۆڭلۈم يېرىم بولۇۋاتىدۇ.
ئەرك_يۈرەكنىڭ سەلتەنىتى. سۆيگۈ_ يۈرەكنىڭ مەڭگۈلۈك بارلىقى. ھەممەيلەن ئۆز پايانىغائۇزاپ كېتىۋاتقان دۇنيادا مەن ئۆزۈمدىن چىقىپ كېتىۋاتاتتىم....
2007- 3- 9
سېنى ئويلىسام
  سېنى ئويلىسام، بىرنائېنىق ئوتنىڭ مېنى دەمسېرى قىپقىزىل چوغنىڭ لاۋاسىغا ئايلاندۇرىۋاتقانلىقىنى بايقايمەن!
    سېنى ئويلىسام،تەنھالىق ئىچىدىكى ئۆزلۈك چۇقانلىرىم جۇش ئۇرۇشقا، غەپلەت باسقان نېرۋىلىرىمسەگەكلىشىشكە باشلايدۇ.....!
    سېنى ئويلىسام،يامغۇرلۇق كېچىدىكى سەپىرىمىزنىڭ ئاياغلاشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن....
    سېنى ئويلىسام، مەن ئېيتقان ھەر بىر ناخشىدا سېنىڭ بارلىقىڭنى، سەن ئېيتقان ناخشىدا مېنىڭ بارلىقىمنىسېزىپ، ۋىسال پەرۋازىدا شادىمان ئۈزىمەن!
    سېنى ئويلىسام، سەن بىلەن يەنە ئايدىڭ سەيلىسىگە چىقىپ، قەلىب سىرلىرىمنى ساڭا تۆكۈۋالغۇم، ئاينىڭگۇۋاھلىقى بىلەن سېنى تاتلىق- تاتلىق سۆيىۋالغۇم كېلىدۇ.
    سېنى ئويلىسام، مۇھەببەت قەرىزىگە بوغۇلۇپ كېتىۋاتقان مەشۇقلارنىڭ قەدىرسىز سۆيۈشلىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي،  سېنى چىن مېھرىم بىلەن مەھكەم قۇچاقلاپ، مەن ئۈچۈن سوقۇۋاتقان يۈرۈگىڭنى سەزگۈرلۈك بىلەن تېڭشايمەن...
    سېنى ئويلىسام، سەنئارزۇلىغان بارلىق نەرسىلەرنى ساڭىلا، بىر ساڭىلا تەقدىم قىلغۇم بار. بىراق،  قولۇمنىڭ قىسقىلىقى مېنى چەكسىز ئازابلايدۇ
سېنى ئويلىسام، سەن بىلەن ئۆتكەن ئۆمۈر مۇساپەمدە بەخت چېچەكلىرىنىڭ جىمىرلاپتۇرۇشلىرىدىن، ھىلال ئىزىمىزنىڭ ئۆچمەيدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن-دە، پەخىر-ئىپتىخار ئىلكىدە خۈشخۇي خەندان ئۇرۇپ سەن ئۈچۈنلا ناۋاكەشكە ئايلىنىمەن....!
سېنى ئويلىسام، ساڭا ئىككى دۇنيا خىيانەت قىلماي، ۋاپاسىزلىقنى يولاتماي ئۆمۈرمەنزىلىمنىڭ ئاخىرىغىچە سەن بىلەن بىرگە ياشاشنى ئارمان قىلىمەن.....
  سېنى ئويلىسام، سېنى ئويلاشتىن تەسۋىرلىگۈسىز پەخرلىنىمەن! لىكىن ئويلىرىمنى ساڭا ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتىمەن.
سېنى ئويلىسام گۈلۈم! سېنى مەڭگۈ- مەڭگۈلۈككە سۆيىمەن!!!
2007- 4- 17
ئانام يول ئۈستىدە كېلىۋاتقاندۇ
‹‹ مىھرىبان ئانامغا بېغىشلايمەن››
1
ئانام كېلىدىغان يول تېپتېنىچ ئىدى. بەلكىم ئانام يول ئۈستىدە كېلىۋاتقاندۇ. ماغدۇرسىزئاجىز قەدەملىرىنى ئىلداملاشتۇرۇپ. لىۋىنى لىۋىگە چىشلەپ، ھاياجانلىق يۈرىكىنىبەزلەپ، يوپيورۇق رەستىلەرنى بىر- بىرلەپ ئارقىسىدا قالدۇرۇپ....
ئانام كېلىدىغان يول بويىدىكى ياپيېشىل دەرەخزارلىقتا ئۇچار قۇشلارنىڭ يېقىنلىقۋىچىرلاشلىرى ئاڭلىنىپ جاراڭلاپ تۇراتتى. بەلكىم ئۇ جانىۋارلارمۇ ئانىسىنىكۈتۈۋاتقاندۇ. ياكى ئانىسى بىلەن جەم بولغىنىدىن شادلىقى تېشىپ ئانىسىغا گۈل-دەستىلەر سۇنۇپ ئېھتىرام بەزمىسى قۇرۇۋاتقاندۇ. ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ بەخىتلىكشادىيانىسىنى ئاڭلاپ، بۇ چغقىچە ئانام بىلەن بىر قېتىم بولسىمۇ ئېچىلىپ- يېيىلىپ بىرەر كۈن سەمىمىيلىك، كۆيۈمچانلىق بىلەن پاراڭلىشىپ باقمىغانلىقىمنى، ئالدىراشلىقنىباھانە قىلىپ ئانامغا كۆڭلى قېنىپ سۇ ئېچكۇدەك بىر خۇشاللىقنى ئاتاقىلالمىغانلىقىمنى ئويلاپ كۆزۈمدىن تاراملاپ- تاراملاپ ياش قۇيۇلدى.
2
ئانام يول ئۈستىدە كېلىۋاتقاندۇ. ئانام ئۆيىمىزگە كېلىدىغان يولنىڭ دوقمۇىشغا چىقىپئۇزاقتىن- ئۇزاق ئەنسىرەش، ئەنىدىشىلەر ئىچىدە ئانامنىڭ كېلىشىنى تەقەززارلىقبىلەن كۈتمەكتىمەن. بۇگۈن ئانامنىڭ غۇبارسىز مېھرى- مۇھەببەت، ئەقىدە- ساداقەت،ئانىلىق گۈل- غۇنچىلىرى پۇرەكلەپ ئېچىلغان باغرىغا چىن يۈرىكىم بىلەن تاشلىنىپ،ئانامنىڭ قۇچىقىدا يەنە بىر ئەللەيلىنىشنى، ساپ مېھرىنى قېنىپ- قېنىپ ۋۇجۇدۇمغاسۈمۈرۈۋالغۇم كەلدى.
3
ئانام يول ئۈستىدە كېلىۋاتقاندۇ. مۇشۇ يولنى بويلاپ ئالدىغا بېرىپ باقاي. بەلكىم تەڭيولدا ئۇچرىشىپ قالارمىز.
ئانامدىلىدا پاشىچىلىك جانلىققا زەخمە يەتكۈزمەيدىغان، دىلىدا قىلچىلىك يېرىكچىلىكىيوق، خولۇم- خوشنىلىرىنى قېرىنداشلىرىدىن چارە ئەزىزلەيدىغان، ھكرمەتلەيدىغان،پەرىشتە سۈپەت بىر ئاددىي، ئېسىل ئىنسان!!
ئانامماڭغان يولدىن مېھرى- مۇھەببەت، ئەخلاق، پەزىلەت نۇرلىرى زۇھەلدەك جىمىرلاپتۇرىدۇ. ئانام تۇتقان ئاددىي، ھەمىشە پاكىزە، رەتلىك ئۆيىمىزدىن غۇبارسىزئەقىدىنىڭ، ئۈن- تېنسىز بېغىشلاشنىڭ ھەربىر ھايات دەرياسىنىڭ دولقۇنلۇق ئېقىنىغائايلىنىپ، دىللارغا ماكانلىشىپ نازاكەتلىك تەبەسسۇم قىلىدۇ....
4
ئانام يول ئۈستىدە كېلىۋاتقاندۇ. ئانامغا بولغان بالىلىق مېھرىم ئىلگىرى سوغۇق، ئىزغىرىن بولغان بولسا، مانا ئەمدىلىكتە ئىللىق، خۇشخۇيلۇققا ئالماشتى. ئانامنىڭ ھايات مۇساپىدىكى تېنىمسىز بېغىشلاشلىرى مېنىلا ئەمەس، ئانام باسقان ئىزلاردىن ئۆتۈپسالغانلىكى ئىنسان پۇشتىنى باشقىچە ئېسىل پەزىلەتكە ئىەە قىلىدۇ. ھەقىقىي ئانامېھرى سىڭگەن، ھەقىقىي ئانا روھى بىخلاندۇرغان ئىنساننىڭ پېشانىسىگە دۇرۇس، سۈزۈك،كامىل، ئىمانلىق ئادەم بولۇش پۈتۈلگەن بولىدۇ...
5
ئانام يول ئۈستىدە كېلىۋاتقاندۇ. تېتىرەپ- تېنەپ ئولتۇرغانلارغا ھارارەت ئاتا قىلىپ،ئاجىزلارنىڭ بىشىنى سىلاۋاتقاندۇ، كۈچ- قۇۋۋەتنىڭ يار بولۇشىنى تىلەپ، سەبىيلارگەئۆز- پەرزەنتىدەك كۆيۈنۈۋاتقاندۇ، مېھرىبان، غۇبارسىز، يارملىق ئۆسۈپ يېتىلىشىنىئارزۇلاپ. مىسكىنلەرگە ئىچ ئاغرىتىۋاتقاندۇ يېنىش- يېنىشلاپ باھار چىللاپ. كۆڭلىسۇنۇقلارغا تەسەللىي بېرىۋاتقاندۇ ئاينىڭ ئون بەشىنىڭ يورۇق، جۇلالىق بولىدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ... ئانام ئەنە شۇنداقئايال، بىر نەپەسنىمۇ بىقەدىر تېنىشنى ھارام دەپ بىلىدىغان...!!
6
ئانام يول ئۈستىدە كېلىۋاتقاندۇ. خۇددى ‹‹ مېھرىبان ئانىلار››دەك گۈل- چچەكلەرنىلاپەرۋىشلەپ، چاڭقاق دىللارنى سۇغۇرۇپ، يېتىم- يېسىرلارغا ئۇلارنىڭمۇ يېتىمئەمەسلىكىنى، مەنزىلىنىڭ داغدام، ئاق يوللۇق ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ. ھاياتتىنمەرىنى ئۈزۈش ئالدىدا تۇرغانلارغا كەلگۈسى ھاياتنىڭ تېخىمۇ پارلاق، بۈگۈندىن گۈزەل، ئەتىدىن نۇرانە، سەھەردىن سۈزۈك ئىكەنلىكىنى ئېزىپ چۈشەندۈرۈپ....
ئانام يول ئۈستىدە كېلىۋاتقاندۇ. ئۈمىد قۇڭغۇرىقىنى ئائىلىسى ئۈچۈن جاراڭلىتىپ، ئارمانسەپىرىنى مۇدەممەتكە داۋاملاشتۇرۇپ....
2008- 10- 30
تەنھالىق چېچەكلىرى
1
   ئۇسسىغان تۇيغۇلىرىمىغاپىچىرلاپ تۇرۇپتىمەن. خىياللىرىم ئۆزۈمگە قايتىپ كېلىدىغاندەك ئەمەس. سېنىئەسلىدىم. مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنسەن ئېھتىمال. كۆزلىرىڭ ياش يۇقى كوچىدا كېتىۋاتىسەن.ياشلىرىڭغا چىلىشىپ باقماقچى بولدۇم. قەلبىڭ داۋالغۇش ئىلكىدە كۆزلىرىڭ مېنىڭ ئالدىڭدا ئىكەنلىكىمنى نەزىرىگە ئالمىدى. قەدىرسىز بىر ئىنسان ئىكەنلىكىمنىبىلدىم....
2
   سەن دائىم قاراپ تۇرىدىغان دېرىزە گىرۋىكىگە قۇش كەبى قونماقچى بولدۇم. لىكىن ئىزىمدىلاتۇرغانلىقىمنى بايقىدىم. يۈرەك سۆزلىرىم يۈرىكىڭنىڭ ئېشىكىنى چەكمەكچى بولدى.يۈرىكىڭدىكى سېغىنىش تەشنالىقىنىڭ دولقۇنلىرى مېنى ئېقىتىپ كەتتى. قوللىرىمنىپۇلاڭلاتتىم. سەزگۈلىرىڭ ئۆزۈڭدە ئەمەس ئىكەن....
3
    كېچە ناخشىسىنى ئاڭلىماقچى بولۇپ كېچىگە كىرىدىم. كېچە باغرىدىكى ئارامسىزلىق دىللار قەسىرىنىھىجران سەنىمىگە ئۇسۇل ئويناتماقتا. بوشلۇقتا پۇلاڭلىغان نەپىس قوللارباغلاغلىق....
4
   رىۋايەتلەرنىڭ جەلىبكارلىقى بارمۇ؟ رىۋايەتلەر زامانىدا ياشاپ رېئاللىقىمنى يوقاتماقتا ئىدىم.روھىيەت دۇنياسىدىن قېچىۋاتقان مىراسلارنى كىملەر ئىزدەپ تاپىدۇ؟ بۇ گويا تىلسىماتبوشلۇقىدۇر....
5
    تەنھالىق باياۋىنىداكەزمەي كىملەر مۇرادىغا يەتكەن؟ تەنھالىق چېچەكلىرىنىڭ ھىدىنى ھىدلىماي كىملەرھاياتنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتكەن؟... سۇئاللار دۇنياسىدا ھەربىر قەدەم ئېغىرسىلجىماقتا. لىكىن قەدەملەردە مەڭگۈلۈك جۇلا ناماياندۇر....


سېغىنىش پەسلى
كۆزلەرئوت،  يوللار گۈلخان، يۈرەك چەكسىز سېغىنىش ئىچىدە.  
  چىڭقى چۈش پەرىشانباشلاندى. ئىزىلگەن، پۇچۇلغان، ۋەيرانە يۈرەككە، ئۈمىد، شادلىق، جاسارەت، بەخىتئاتا قىلىدىغان بىر ناخشىنى ئۆز- ئۆزۈمگە ئېيتىپ كېتىۋاتىمەن. كۆزلىرىمدە كۆزىڭىز،ئاپئاق يۈزلىرىڭىز، بىغۇبار يۈرىكىڭىز زاھىر بولۇپ، سىزنى ماڭا ئەسلىتەتتى. گۈزەلتېنىقلار بىلەن لاۋۇلداپ تۇرۇپ سىزنى ئەسلىدىم. خىياللىرىم سىزگە تۇتقۇن، يۈرىكىميۈرىكىڭىزدە.
  يول بويىدىكى پايانسىزتوغراقزارلىق زېمىنغا پىچىرلاپ تۇراتتى. بىقارار سېغىنىشتىن قىزارغان قۇياش،يۈرەكلەرگە پايانسىز مېھرىنى بېرەتتى. سىزنى قۇياشقا ئوخشاتتىم. يۈرىكىمدەمەڭگۈلۈك ئاپتاپ بولۇپ پارلىدىڭىز. مۇزلىغان باياۋان ئىللىماقتا.
     ۋاقىت كۈندۈزنىئۇزاتماقتا. گۇگۇم ئەتىراپقا قېيماسلىق ئىلكىدە تارىماقتا. سىز تامان كېتىۋاتقانيۈرىكىم سۇ بولۇپ، ئۆيىڭىزنىڭ ئالدىدا پىنھانغىنا يېگانە ئولتۇرۇپ مەن بىلەنقانماي- قانماي مۇڭدىشىدىغان، سۆگەتزارلىق سالقىن بېغىشلىغان كىچككىنە ئېرىققاقۇيۇلۇپ، سۈبھىدىلا باغرىڭىزغا قۇيالاتتى. يىراقتىن يېنىپ تۇرغان مەجنۇنلارچەسېغىنىش يۈرىكىڭىزگە ماكانلىشاتتى.
     مېنىڭ مەنزىلىم يۈرىكىڭىزدىلا ئاخىرلىشاتتى. تۇلۇنئاي پارلىغان ئاخشامدا ئۇيقۇسىز ئىدىم. بۇ بىركېچىنى ئۇيقۇسىز تاماملىساممۇ رازىمەنلىك بىلەن سىزنى كۆرۈشكە ئالدىرايتتىم.ئالدىرىغان يولدا قالار دېگەندەك خىيال بىلەن يۈز كېلومېتىر يولدىن ھالقىپ كېتىشمېنى بر سايلىقتا ئۇخلاتماي كەينىمگە يېنىپ ماڭغۇزماقتا. بىقياس سېغىنىش مېنىيېنڭىزغا تېزراق بېرىشقا ئۈندەيتتى. ئۆزۈمنىڭ تەلەيلىك ئىكەنلىكىمدىن مەمنۇنبولاتتىم. سىزنى ۋۇجۇدۇم بىلەن ئاتەشكە ئايلىنىپ سۆيەتتىم. سۆيگۈ بىزنىقۇچاقلىماقتا.

ئاپئاق چېقىن
    سەھەر، گۈزەل كۈنلەرگەبەرىكەت نۇرلىرىنى سەپمەكتە ئىدى. جىمجىتلىق باياۋىنىدىن تامچىلىغان سىم_ سىميامغۇر، تەنھالىق قەپىزىگە سولىنىپ قالغان يۈرەكلەرگە بىغۇبار سۆيگۈ بەخىشئېتىۋاتقاندەك، يوللار سېغىنىش پايانىدا چاراسلاپ كۆيۈۋاتاتتى.
    دەرەخلەر ئۆزىنىسۆزلەيتتى. زىلا ئېقىن بويلاپ ئېقىۋاتقان قىزىل ئالما سېنىڭ باغرىڭغا ئىشىقچوغلىرى بولۇپ قۇيۇلاتتى. كۆيەتتىڭ. كۆيۈشلىرىڭ ئەۋجىدە بىتاقەت قاراڭغۇ كېچىگەچېقىنلايتتى. خىرە يورۇقلۇق بېرىپ تۇرغان يۇلتۇزلار نۇرلىناتتى. خىيالىڭ سېغىنىشقاتولغان، كۆزلىرىڭدە كۈتۈش، ئۇيقۇڭدا سەن تەكرار- تەكرار كۆرۈشنى ئارزۇلايدىغانشېرىن چۈش زاھىر بولاتتى.
    ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى يولدا ئېقىۋاتقان بىتاقەتلىك تۇيغۇلار يۈرەكلەرنى لەخىتە قىلماقتا ئىدى. سۆيگۈ رىۋايىتىگە قاراپ ئىلگىرلىمەكتەئىدۇق. كۈز نېمەتلىرىگە تولغان كوچىلار بىزنى قارشى ئالاتتى. ساڭا بېغىشلاپئېيتىلغان ناخشا ئاخىرلاشمايتتى. مەجنۇن يۈرەكنىڭ تېىنقى ئاخىرقى مېنىۇتلارغىچەساڭا مەجنۇن ئىدى.
     ئاپئاق تۇيغۇ، ئاپئاق چۈش، ئاپئاق خىيال، ئاپئاق خاتىرىەە يېزىلغان يۈرەك ساڭا تەشنا چېقىنلايتتى. مۇھەببەتئاقىدىغان دەريا بىزنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلماقتا ئىدى.
2012  - 10- 11
مەجنۇن تىلەك
سېنىڭ مەھەللەڭگە بارىدىغان پايانسىز يوللار كۈلۈپ تۇراتتى. مەشۇقىنى بويلاپ كېتىۋاتقانسېغىنىش، ئاشىقنىڭ بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن داۋاملاشقان ئىزلىرى بىلەن چوغلىنىپ داۋاملىشىۋاتاتتى.
يېشىللىقپۈركەنجىسىگە ئورالغان تۇيغۇلاردا سېنىڭ بىغۇبار سىمايىڭ قەلبىمنى قۇش كەبىكېزەتتى. يۈرىكىم سېنىڭ ئاتەشلىرىڭدە چاراسلاپ كۆيەتتى.
خىيال ئالبوملىرىمنى ئاچساممۇ، ياپساممۇ سېنى سېغىناتتىم. دىدارىڭغا تەلمۈرەتتىم. ھەربىرنەپەس، ھەربىر دەقىقە ساڭا شەيدا ئىدىم. مەجنۇن تىلەكلىرىم ساڭا يەتكەنمىدۇ،مەلىكەم؟
سەنبىلەن مۇڭدىشىدىغان زۇمرەت ئېقىن بويلىرىنى يۈرىكىمدە غايىبانە ئارىلايتتىم.ئوماققىنە تەبەسسۇمۇڭدا يۈرىكىم ئېرىپ كېتەتتى.
ھەركۈنى سۈزۈك سەھەرنى روھىمغا باشلاپ كەلدىڭ. مەۋجۇدلۇقۇم سۈزۈلۈپ تاڭ سەھەردىلاساڭا سىڭىشەتتىم. ساڭا ئايلىنىپ ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ قالاتتىم. سېنىڭ قەلبىمدە زەررىچەبوشلۇق قالدۇرماي ئىگىلىۋالغىنىڭدىن  ۋۇجۇدۇم لەرزىدە
سۆيگۈمېنى ئارىسلانغا ئايلاندۇردى مەلىكەم!
2012- 10- 17
سۆيگۈساھىلى
يىغلاش قارايىم يوق. ھۆل تۇپراققا مەيدەمنى يېقىپ سېغىنىشقا تولغان قەلبىمنى تېڭشىدىم.خىياللىرىم ساڭا ئايلىنىپ كېتىۋاتاتتى. بىزگە بەخىت تىلەۋاتقان قۇشلارنىڭناۋالىرىدا مۇھەببەت دەرياسى دولقۇنلايتتى.
ئىسمىڭ پۈتۈلگەن يۈرىكىم سېنىڭ ئابىدە تېىشىڭغا ئايلاندى.
كۈزسىم- سىم يامغۇرغا ئايلىنىپ سېنىڭ يۈرىكىڭگە سىڭىشەتتى.
تېنىقلىرىم،يۈرىكىم، قەدەملىرىم ئالدىرىغان مەنزىلگە، قۇياش پاكىزە ئەقىدە بىلەن بەرىكەتنۇرلىرىنى سىپەتتى. سېنىڭ ئاپتىپىڭ بولۇپ پارلىدىم.
يۇلتۇزلارسەمىمىيلىك بىلەن جىمىرلىغان سۆيگۈ ساھىلىمىزدا ئىككىمىزنىڭ رىۋايىتىيۈرەكلىرىمىزگە، بارلىقىمىزغا، رېئاللىقىمىزغا پۈتۈلمەكتە.
كۆپكۆك ئاسماندا ئۇچۇپ كېتىۋاتقان كەپتەرنىڭ مەردانە غۇلاچ تاشلاپ ئۈزۈشىدە، سېنىڭ، مېنىڭسېغىنىشقا تولغان تىلەكلىرىمىز نۇر بولۇپ روھىمىزنى ئاۋۇندۇراتتى.
2012- 10- 19
ئاشىقلىق
ئۇسسۇزلۇقۇمغاقانمىغان قىرغاقتا كۆزلىرىڭگە تىكىلدىم.
شامالغائايلىنىپ ئالەمنى كېزىۋاتقان غۇبارسىز تىلەكلەردە، پايانسىز نۇر دەستىلىرىچاراقلايتتى.
سەھەرنىڭسۈزۈك تېنىقلىرى يۈرىكىمنى پاكلىغان دەقىقىدە، سېغىنىش ھەر نەپەس ئارىسىداچېچەكلەپ تۇراتتى. سەھەرىستان رىۋايەتكە پىچىرلايتتى.
بىرئۇچۇم سۇغا ئېرىشەرمەنمۇ دەپ ھەسرەتلىنەتتىم، پەرىشان بولاتتىم. مىڭ مەرتە شۈكىرى،ماڭا بېغىشلانغان بىر يۈرەك زىلال بۇلاققا ئېرىشتىم. قەلبىم لال، روھىم ئاپتاپ،قېنىم گۈلخان، جېنىم باھارىستان چېچەكلىرىگە ئايلاندى.
باغرىڭغاتاشلاندىم. يۈرىكىم ساڭا قالغان. يۈرىكىمگە ئۆزۈڭنى يازغىن مەلىكەم.
شېرىن غئەسلىمىلىرىمدە سەنلا جۇلالايتتىڭ. مۇھەببەت دەرياسىدا يېنىك تاشقىنغا ئايلىنىپيۈرىكىمگە قۇيۇلدۇڭ. كۆپكۆك ئاسمان ئاشىقلىقىمىزغا گۇۋاھ ئىدى.
2012- 10- 20
بېغىشلىنىش
ئايلارئاۋازسىز ئۇزىماقتا. سەھەر ئاسمىنىدا بىغۇبار پەر قېقىۋاتقان قۇش يۈرىكىمگەقۇناتتى.
ئىسمىڭنىتەشكىل قىلغان بەش ھەرىپ يۈرىكىمنى ئوقۇيتتى. مەن شامالغا ئەمەس بىر سۆيۈملۈكيۈرەكنىڭ سىم- سىم يامغۇرىغا ئايلاندىم.
سۈزۈكسۇ بولۇپ باغرىڭغا قۇيۇلدۇم. مەجنۇنلۇق دولقۇنلىماقتا.
دەرەخلەربىر- بىرىگە پىچىرلاشقان. يۈرەكلەر بىر- بىرىنى سېغىشتىن پارلاۋاتقان. ئارىمىزدىكىيوللار كۆيۈۋاتقان. خىياللار باھاردەك چېچەكلەۋاتقان ھالدا بېغىشلىنىشداۋاملىشىۋاتاتتى.
زىلال ئېقىن بويىدا قەلئە بەرپا قىلغۇم كەلدى. ئەسلىمىلەر لەۋلىرىمگە مېھرى بىلەنسۆيەتتى.
سۆيدۈم. سۆيۈلدۈم. كۆيدۈم. كۆيدۈردۈم. بېغىشلىدىم. بېغىشلاندىڭ. ۋۇجۇدۇم شادىيانىگە چۆمدى.
2012- 10- 21
قوڭۇررەڭلىك دار
قوڭۇررەڭلىك چېچىڭ ئاشىيانىدا جەسۇرمەن.
بوستان تۇپراقتا ئىزىمىز، كۆپكۆك ئاسماندا مېھرىمىز بار.
يۈرىكىمىزسۆيگۈ دەرياسىدا مەجنۇن، دولقۇنلاپ ئېقىۋاتقان ئاپتاپ ۋىسالىمىزغا سىرداش، كۆيۈۋاتقانتېنىقلىرىمىز ۋۇجۇدىمىزدا ۋۇلقان، قانماي- قانماي مۇڭدىشىشلار بىپايان ئېقىن...
قۇشلارئەپسانە سۆزلىمەكتە.
قوڭۇررەڭلىك چېچىڭ باھارىستانىدا پەرۋاز قىلدىم.
ئاشىق يۈرىكىم دەريا- دەريا سۇ، خىياللىرىم ساڭىلا تۇتقۇن.
ساڭا پىچىرلىدىم. يۈرىكىمدە سەنلا ئاتەش، كەچكۈز ئىسسىق ھارارەتلىك داۋاملىشىۋاتاتتى.
سەلكىن شامال بىزنىڭ سېغىنىشلىرىمىز.
تۇلۇن ئاي پارلىغان كېچە دىدارسىز يولىمىزنى يۇرۇتماقتا...
قوڭۇررەڭلىك چېچىڭ دارىدا ساڭا بېغىشلاندىم.
2012- 11- 2
كۆيۈش تاقەتسىزلىكى
يوللاركۆيۈپ تۇرىدۇ.
يۈرەكلەرچىقىنلاپ تاشقىنلىغاندەك. سېغىنىش ئاتەشسىمان ئۆركەشلىگەندەك. سۆيۈش ئاپتاپسىماندەۋرىگەندەك، كۆيۈش يازىسىمان پىژغىرىم! سەن قەلبىمدىكى بىپايان ئىللىق كۆپكۆك ئاسمان مەلىكەم!!
تېنىقلارسۇ!
ئەسلىمىلىرىم سەن. خىياللىرىم سەن! يۇلتۇزلارنىڭ مېھىرلىك جىمىرلاشلىرىمۇ سەن. قۇياشنىڭ تاقەتسىز پارلاشلىرىمۇ سەن. قەلبىمىدىكى بىقارار مەجنۇنلۇقۇمدا داۋاملاشقانئىنتىزارىممۇ سەن...
قارىچۇقۇم سېغىنىشقا تولغان. يۈرىكىم كۆيۈش باياۋانىدا ھەر دەقىقە ساڭا تەلمۇرۇۋاتقان!تېنىقلىرىم سېنىلا چاقىرىۋاتقان ھالدا كۈنلەرگە، تۈنلەرگە سىغمايۋاتقان.
سۆيۈشلىرىڭگە رازىمەنلىك ئەسرارىدا مەھكۇممەن مەلىكەم.
2012- 11- 9

(مەسئۇل مۇھەررىردىن ئىزاھات: مۇنبەردىكى تېخنىكىلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۆزلەر ئۇلىنىپ قاپتۇ، بىر-بىرلەپ ئوڭشاپ چىققان بولساممۇ يەنە شۇنداق تۇرىدۇ. كۆرۈرمەنلەرنىڭ تۈزىتىپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن)

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-7 00:17:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم كۈيزار ،ئىشلىرىڭلار ئۇتۇقلۇق ،ئىجادىيىتىڭلار تىخىمۇ نەتىجىلىك بولغاي!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +105 يىغىش سەۋەبى
تامچە0998 + 105

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2013-1-7 00:29:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم كۈيزار سېنى مۇبارەكلەيمەن، ئىجادىيتىڭگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن...

ۋاقتى: 2013-1-7 15:38:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاغىنەم ئابلەت مۇھەممەت كۈيزارنىڭ ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن!

مەسئۇل مۇھەررىر، ئۇلىنىپ قالغان خەتلەرنى ئايرىپ ئوقۇساممۇ يەنىلا سۆزلەرنىڭ سالامەتلىكىدە «مەسىلە» بارئىكەن. دىققەت قىلسىلا...

ۋاقتى: 2013-1-7 17:40:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇيزارنىڭ ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-1-7 18:33:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىمىز كۇيزارنىڭ ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2013-1-7 21:04:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ،كۈيزار ! بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيتىڭىزگە نۇسرەت تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2013-1-7 21:26:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈيزار نىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇقلار يار بولغاي.

ۋاقتى: 2013-1-7 21:52:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۇيزارنىڭ ئالدىمىزغا يايغانلىرى بىر لېرىك كۈي سەلكىنى. بۇ سەلكىننىڭ ئارامبەخىش، سۈزۈكلىكى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ سۈزۈكلۈكنى مەن ئۇنىڭ قەلىب سۈزۈكلىكىگە باغلايمەن.
دوستۇم، باسقان يوللىرىڭغا گۈل تىلەيمەن. ئەدەبىيات ئۈچۈن سوقۇپ تۇرغان يۈرىكىڭگە سالامەتلىك يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2013-1-7 21:56:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ، قەلەمدېشىم كۈيزار ! بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيتىڭىزگە نۇسرەت تىلەيمەن !
قەلەمگە مىنگەشكەن ئارمانلار ئۈچۈن تىنىمسىز ئىزلىنىش ئەڭ توغرا تاللاش ئىكەن ...

ۋاقتى: 2013-1-7 23:09:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدىن كېيىنىك قەدەملىرىڭىزگە نۇسرەت، قەلەملىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-1-8 16:00:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈيزار ئىجادىيەتلىرىڭدە بالقىغىن،ئىنىم.
«نارىم غۇنچىلىرى» يېزىلمىسىنى كۆرۈپ تېلىقىپ كۈلۈپ كەتتىم.

ۋاقتى: 2013-1-8 17:18:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساڭا مۇبارەكلەربولسۇن،ئاداش. ئىجادىيىتىڭ مول بولسۇن!
بىز ئۇنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ۋولقان يۈرىكىنى قەدىرلشىمىز كېرەك. ئۇ ياشلار ئىچىدىكى ئەڭ ئوت يۈرەكلەرنىڭ بىرى. ھەر قايسى مۇنبەر ۋە «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدىن ھەممىنى ھېس قىلغىلى بولدۇ...

ۋاقتى: 2013-1-8 21:13:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   نەسىرلىرىڭىزدىكى سۈزۈك تۇيغۇ، چوڭقۇر تەپەككۇر قاتلىمى مېنى تولىمۇ سۈيۈندۈرىدۇ، ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن، مۇبارەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2013-1-9 05:57:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك  بولسۇن  ئاداش !  ئىشلىرىڭغا  بەرىكەت تىلەيمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش