سەپەرۇپ بەندۇك:
بىكارچىلىق
( نەسر)
بىكارچىلىق- مەغلۇبىيەتنىڭ ئانىسى، ئۆمۈر - كالىندارنىڭ كۆرۈنمەس ئوغرىسى،كۆلپەتلىك كۈنلەرنىڭ باشلىنىش نوقتىسى.
بىكارچىلىق- بەخت يولىدىكى توساق ،مەنىسىز ئۆتىۋاتقان كۈنلەرگە ئاتاپ توقۇلغان قوشاق.
بىكارچىلىق- بىلىمسىزلىكنىڭ ئىپادىسى، غەپلەتنىڭ تەۋرەنمەس بۆشۈكى.
بىكارچىلىق- رېتىمسىز تۇرمۇشنىڭ قارا كۆلەڭگىسى ،كەلگۈسىدىكى ئازابنىڭ بۈگۈنكى خىمىر تۇرۇچى ، پۇشايماننىڭ يوقالماس قاچىسى .
بىكارچىلىق- مەنىسىزلىكنىڭ كىپىنى ، بىخۇد كىشلەرنىڭ ئەتراپلىرىدا ئەگىپ يۈرگەن ئىقدارسىزلىقنىڭ روشەن بەلگۈسى .
بىكارچىلىق - نادانلىقنىڭ بېشارىتى ، جەنئەتتىن دوزاخقا قاراپ بېسىلغان نىشانسىز قەدەم.
بىكارچىلىق- ئەجەل ئاسمىنىدا سەرسان ئۇچىۋاتقان ئامەت قۇشى .
بىكارچىلىق- تەييارغا ھەييار ئەقىلسىزلىقلارنىڭ كالۋىلارچە ئۆزگەرمەس ياشاش مىزاننى.
بىكارچىلىق - ساغلام تەپەككۇرنىڭ كۈشەندىسى ، قاتماللىق ئىچىدىكى يەنە بىر قاتماللىقنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى.
بىكارچىلىق - خام- خىياللاردىن پارلىغان تەلەي يۇلتۇزى، قۇمغا سېڭگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۇ.
بىكارچىلىق- بەخت - سائادەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئۆچكەن ھەۋەس ئوتى، يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان مەھۋۇم شەئىي .
بىكارچىلىق-- پۇرسەت ئالدىدا ماڭگۈ ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالغان مەھبۇس.
بىكارچىلىق- ھۈنەرسىز قولنىڭ روشەن كۆزلەرگە ئېتىلغان چاپاق.
دېمەك، بىكارچىلىق- نەدە بولسا تۇرمۇش شۇ يەردە مەڭگۈ دەۋران سالىدۇ.
|