يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3021|ئىنكاس: 38

ئامانگۈل نىياز: «ئەركەك» لىكتىن تامغان قەترىلەر (ئوبزور)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئەركەك»لىكتىن  تامغان  قەترىلەر  

(ئوبزور)

ئامانگۈل نىياز



   ئىنسان ھاياتىدا ئۆز سالاھىيىتىگە ماس ھالدا نۇرغۇن ئىشلارنى باشتىن كەچۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولىدۇ،بەزى ئىشلار تېزلا ئەستىن كۆتۈرۈلۈپ كەتسە يەنە بەزى ئىشلار مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدۇ، شۇنىڭدەك نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇغان بىر ئوقۇرمەن قەلبىدىمۇ بېغىردەك ئۇيۇپ قالىدىغان ئەسەر ياكى پىرسۇناژ ساناقلىقلا بولىدۇ،ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ سەر-خىل مەزمۇن،رەڭدار سەھىپىلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىپ كەلگەن «يېڭى قاشتېشى» ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 1-2-سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان ياش يازغۇچى  زەينۇللا ھەققۇللانىڭ «ئەركەك» ناملىق پوۋېستى قەلبىمدە  ئۆچمەس تەسىر قالدۇرغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى ،ھېسسىياتقا باي،تەسۋىرگە ماھىر،تەپەككۈرى ئويغاق بىر يازغۇچى بىر چىمدىم توپىنىمۇ قانداق سۆيۈشنى ۋە سۆيۈلدۈرۈشنى بىلىدۇ شۇنداقلا جەمىئەتتىكى ناچار خاھىش،خۇنۇك ھادىسە،ئىنسان تەبىئىتىنىڭ قەبىھ تەرەپلىرىگە ئوت ئېچىپ،ئۈمىدۋارلىق پەيدا قىلالايدۇ ياكى يورۇق نىشانغا باشلىيالايدۇ، نۆۋەتتىكى تۇرمۇش رېتىمى تېز،بېسىم ئېغىر،ۋاقىت سىجىللىغى ئارتىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئوقۇرمەنلەرنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرگۈدەك ئەسەرلەر بىلەن تەمىن ئېتىش ھەر بىر يازغۇچىنىڭ ئىستىداتىغا قويۇلغان مۇقەددەس ۋەزىپە ۋە شەرەپلىك بۇرچ.قايسى خىل ئەسەرلەرنى ياقتۇرۇش مەسلىسىگە كەلسەك بۇ شۇ ئوقۇرمەننىڭ دۇنيا قارىشى،قىزىقىشى ۋە بەدئىي ساپاسىغا باغلىق،مېنىڭچە يۈكسەك بەدئىيلىكنى شەرت قىلغان ئاساستا دەۋر، خەلق ئاممىسى ئېھتىياجلىق بولغان تېمىلارنى يورۇتۇپ كۈچلۈك پەلسەپىۋى پىكىرلىرى ئارقىلىق ئاڭغا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن ئىلمىي يېتەكلەش مەقسىدىگە يەتكەن ئەسەر ھەقىقي ياخشى ئەسەر ھېسابلىندۇ .                                                      
   دېمەكچىمەنكى، تارىختىن  بۇيان ئەجدادلىرىمىز كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشلەپ كەلگەن ئەخلاق گۈلىستانلىرىمىزنىڭ مەلۇم بۇلۇڭلىرىنى دەۋر مەدەنيىتىنىڭ خاتا ئىستىمالى سەۋەبىدىن سارغايتىپ قويۇۋاتقان بىلىم ساپاسى خېلى يۇقۇرى بىر قىسىم  ئەرلىرىمىزنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىقى،ۋاپاسىز، شەھۋەتخورلىقى ۋە مەسئۇليەتسىزلىك قىلمىشلىرى،ئەرلىكنى بۈيۈكلۈككە باغلاپ چۈشىنىش خاھىشىدىن مۇستەسنا بولالمايۋاتقان غۇرۇرلۇق ئاياللارنىڭ مەسخىرە ئوبۇكتىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە  يۈكسەك ۋىجدانىي مەسئۇليەت  بىلەن يېزىلغان بۇ پوۋېست ھەقىقىي ئەركەكنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر يارقىن نۇقتىنى يورۇتۇپ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان .توۋەندە مەن بۇ جەھەتتە ھېس قىلغانلىرىمنى قىسقىچە بەش تۈرگە يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن.                                                      
   1.  تېما يارقىنلىغى
تېمىنى ئەسەرنىڭ باش قىسمى دېيىشكە بولىدۇ،شۇ نۇقتىدىن ئاپتور تېما تاللاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.يۇقۇرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي ۋەزىيەتتە بۇ تېما ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.تېما «ئەركەك»سۆزى ئەسەرنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تەكرارلانغان.مەسىلەن:«ئەر كىشىنىڭ لەۋزى ئالتۇن،لەۋزى قىلالامسىز؟»،«يىقىلماس،بورانغا بوي بەرمەس،،دەرەخلەردىن كۆتۈرۈشچان چۈمۈلىلەردىن ئەركەكلىكنى چۈشەنگەندەك بولدۇم»،«ئەر بولسىلا ئەركەك بولمايدۇ»،«زىغىرلاش-ئەركەكنىڭ ئىشى ئەمەس»....ھالقىلىق جايلاردىكى بۇ خىل تەكرارلىنىش تېمىنى جۇلالاندۇرۇشتا گەۋدىلىك رول ئوينىغان.      
2. بەدئىي جەھەتتىكى گۈزەللىكى                                   
  ئەسەر ھەجىم جەھەتتىن بىر قەدەر چوڭ ،جەمئىي چوڭ ئالتە بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ،ئۇدۇل بايان، چېكىنمە بايان،قىستۇرما بايان قاتارلىق بايان شەكىللىرىنى قوللانغان،ئاپتور ئەسەرنىڭ بېشىدىلا «يېنىغا ئېغىزىنى كالچاراپ ئېچىپ تۇرغان تىمساھنىڭ سۈرئىتى چاپلانغان ،ئالاھىدە تىمساھ تېرىسىدىن تىكىلگەن ئاياقنى كىيىپ»دېگەن بايانلار ئارقىلىق ۋەھشى تىمساھنى كىشىلەرنىڭ  كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئەسەرنىڭ ئەڭ خىلۋەت بۇلۇڭلىرىغىچە باشلاپ كىرىپ كېتىدۇ.تەسۋىرى بايان نۇقتىسدا تۇرۇپ ھېسسىياتنى ئىزھار قىلدىغان يېقىشلىق شېئىرىي تىل، ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر،دەل جايىغا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئىدىئوم ۋە ماقال-تەمسىللەر يۈكسەك پەللىدىكى ئەركەكلەر روھىنى چىنلىق دۇنياسىنىڭ ئىستېتىك قاتلىمىدا راۋاجلاندۇرغان.مەسىلەن: «ئاياللارغا تولغان كوچىلار ئاياللارغا ئىنتىزار،ئەرلەر بېسىپ كەتكەن شەھەرلەر ئەركەكلەرگە زار-زار»،«مۇئامىلىسى باتارىيەنىڭ توكى قالمىغان قول چىراغتەك سۇس»،«ھەر ھالدا خانىدانلىقىمىزنى قولۇمغا ئالدىم،ئائىلىمىزدە سۇلالە ئالماشتى»،«قىسقان يەردىن گۈل ئۈنەر»،«كۇسىغا مەنسەپ تەگسە ئۆچكىدىن ساقال بېجى ئاپتۇ»....بۇ خىل بايانلارنى ئەسەرنىڭ ھەممىلا جايىدا ئۇچرىتىشقا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا ئاپتور تىلى ئاساس قىلىنغان بۇ ئەسەر باشتىن-ئاخىر يۇمۇرىستىك تىللار بىلەن ئىپادە قىلىنىش ۋە پەلسەپىۋى پىكىرلەرگە لىققىدە تويۇنۇش بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئاجايىپ ھۇزۇر ئاتا قىلالايدۇ.                                                           
3.پىرسۇناژلار ئوبرازى جەھەتتە               
   ئەسەردە ئاساسلىق ۋە  قوشۇمچە بولۇپ جەمئىي ئون نەپەر  پىرسۇناژنىڭ   دىئالوگى بېرىلگەن بولۇپ، ئاپتور بىرمۇ پىرسۇناژغا ئىسىم قويماي «قىز»،«ئايالىم»،«باشلىق»،«خىزمەتدىشىم»....دەپ ئاتاپ كېتىۋەرگەن، مېنىڭچە بۇمۇ بىر ئۆزگىچىلىك بولسا كېرەك چۈنكى ئەدەبىي ئەسەرنىڭ  مەركىزىي ئىدىيەسى ۋە سىيۇژىت ئېھتىياجى چىقىش قىلىندىغان بولغاچقا ،چوقۇم ئىسىم قويۇش شەرت ئەمەس .ئاپتور «مەن»دىن ئىبارەت باش پىرسۇناژنى چۆرىدىگەن ئاساستا «قىز»بىلەن «مەن»نىڭ   ئۈچ قېتىملىق جىددىي پۇرسەتتە تاساددىپىي توغرا كېلىپ قېلىشلىرى،ئىنچىكە دىئالوگلىرى ۋە روھىي دۇنياسىدىكى نازۇك ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق مەنىۋى قاتلاملارنى روشەن يورۇتۇش بىلەن بىرگە پىرسۇناژلارنىڭ تەپەككۈر دۇنياسىدا ئەركىن پەرۋاز قىلىپ،جەمىئەتنىڭ ئىچكى پوستىدا يوشۇرۇن ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىدىيە زەئىپلىكىنى قامچىلىغان .ئەسەردىكى «مەن» كوچىدا قىزنى تۇتقۇن قىلىۋالغان لۈكچەكنى يىقىتىپ،ساقچىلار تەرىپىدىن «باتۇر ،قەھرىمان،ئوغۇل بالا ئەركەك» دەپ تەرىپلىنىپ،تېلىۋىزوردا  كۆرسىتىلگەندىن  بۇيان ئۆزىچە روھلىنىپ،تىمساھ تېرىسىدن تىكىلگەن ئاياقتىن بىرنى سېتىۋېلىپ كىيىپ،ۋەھشى تىمساھنى دەسسەپ چەيلەۋاتقاندەك تۇيغۇدا «ئەركەك» لىك پىراكتىكىسىنى باشلىۋېتىدۇ،ئۇقۇمۇشلۇق ئايالىمۇ«مەن»دىكى  روھىي ئۆزگىرىشلەردىن ھەيران قالىدۇ ۋە ئورۇنسىز تەلەپ،بولمىغۇر قىلىقلىرىغا ئامالسىز يول قويىدۇ. ئاخىرى «سۈنئىي تىمساھنىڭ سۈنئىي تېرىسى تۆت ئايلىق بولغان» دەك «مەن»نىڭ روھىي دۇنياسىدىكى تۇيۇقسىز پەيدا بولغان سۈنئىي «ئەركەك»لىكمۇ تۆت ئايلىق بولۇپ، نۇرغۇن نازۇك ھېسسى توقۇنۇش،ئىنچىكە جەريان،پاراسەت غالىپلىغى بىلەن «سىناق»تىن غەلبىلىك ئۆتۈپ،ئۆزىگە قايتىپ ھەقىقىي «ئەركەك»لىكىنى نامايان قىلغان.ئەسەردىكى «مەن» گەرچە تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمىسىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىدە ئورۇن ئالالىغۇدەك ئوبراز.ئەسەردىكى يەنە بىر ئاساسلىق پىرسۇناژ يىگىرمە سەككىز ياشلارغا كىرگەن، ئالى مەكتەپ مەدەنيەت سەۋيەسىگە ئىگە،ئەقىللىق ،پەزىلەتلىك،تىرىشچان،ئانىسى بىلەن ئىككىسى يالغۇز بىر ئۆيدە ياشاپ كەلگەن ئىجابىي ئوبراز.بۇ قىز تۇنجى قېتىم قاتىلنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۋالغان ۋە ئىككىنچى قېتىم سۇ پونكىتىدا ئۇچرىشىپ قالغان «مەن»نىڭ خاراكتىرىدىكى «ئەركەك»لىكنى بايقاپ ھۆرمىتى ئاشىدۇ ۋە ماھىرلىق  بىلەن بىر مەيدان ئويۇن ئويناپ چىقىدۇ ،قىز شۇنچە چىرايلىق،پەزىلەتلىك،بىلىملىك تۇرسىمۇ ئائىلە ئەھۋالىنى سەۋەپ قىلىپ بىرەر «ئەركەك»نىڭ كۆكرەك كېرىپ چىقىپ توي تەلىپى قويالماسلىقى،ئۇنى ئاز دەپ ئائىلىسى بار ئەرلەرنىڭمۇ قانات سۆرىشىدىن بىزار بولۇپ ھەقىقىي«ئەركەك»كە زار بولۇپ كەتكەن قىز «مەن» نىڭ ئەركەكلىك دەرىجىسىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقماقچى بولىدۇ،نەتىجىدە جاھاندا «ئەركەك»نىڭ يەنە بارلىقىنى ھېس قىلىپ،قەلبى ئۈمىدۋارلىققا تولىدۇ.ئەڭ ئاخىرىدا ئەدەپ-ئەخلاق بوستانى بىلەن ئەركەكلىك بەيگە مەيدانى بىر قىزنىڭ چوكانلىق مەۋسۈمىگە،بىر يىگىتنىڭ ئەرلىك مەۋسۈمىگە تەنتەنە قىلىش بىلەن ئەسەر تۈگەللەنگەن شۇنداقلا ئاپتور «مەن»ۋە «قىز» دىن ئىبارەت ئىككى پىرسۇناژنىڭ تىلى ۋە خاراكتىرى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ چىن گۈزەللىك،ئادىمىيلىك،ھايات مىزانىنى بۈيۈكلۈككە كۆتۈرگەن.         
  4. مەزمۇن خاسلىقى ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە                                
   ئاپتور پىروزا ئىجادىيىتىدە قاتارلىشىپ كېتىۋاتقان ئىشقى-مۇھەببەت،ئائىلە ماجراسى،كۆپ مەنبەلىك يېزا تۇرمۇشى،قايسى بىر باشلىقنىڭ ناتوغرا ئىستىلى ،كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت ۋەقەلىكى،چۈش بىلەن رېئاللىق گىرەلىشىپ كەتكەن فانتازىيە ۋە ھادىسىلەرنىڭ قۇرۇق بايانلىرىدىن بىراقلا ھالقىپ،روھىيەت ئالىمىنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا بۆسۈپ كىرىپ،ئۆزىگە خاس بولغان ئىپادىلەش شەكلى ئارقىلىق،مۇرەككەپ مەنزىرىگە تولغان  شەھەر تۇرمۇشى ئىچىدىكى ناھايىتى مۇھىم بولغان يېڭىچە بىر مەزمۇننى بۆسۈش نۇقتىسى قىلغان.                                    
ئاپتور ئۆز ئىدىيىسى ۋە مەۋقەسىنى ئوبرازلىق تىللار بىلەن ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن ھېسسىيات قۇلچىلىقىغا ئېتىزار بىلدۈرگەن.ئەسەرنىڭ بىر قىسىم بۆلەكلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئەجدادىمىزنىڭ ئەركەكلىكى،نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان مۇۋاپىقلىقلىق بىلەن مۇناپىقلىق،دىيانەت بىلەن خىيانەت ،مۇھەببەت بىلەن شەھۋەت ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن كۈرەش،ئائىلىدىن ئىبارەت كىچىك ۋەتەننى ۋە ۋەتەندىكى گىراژدانلارنى سۆيۈشنىڭ ھەقىقى ئەركەكلىك بۇرچى شۇنداقلا ئەرنىڭ ئىپپىتى،ئىنساننىڭ ھايۋاندىن پەرقلىندىغان بىردىنبىر ئامىلى گۈزەل ئەخلاقى-پەزىلەت  ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر قاتار مەزمۇنلاردىن ئەسەرنىڭ ھەققانىيەت تارازىسىدا خېلى ئېغىر ئولتۇردىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز.         
   ئىنسان تەبىئەتتىن ئايرىلالمايدۇ،ئاپتور لېرىكىلىق تەبىئەت تەسۋىرى بىلەن ئىچكى ھېسسىياتنى زىچ جىپسىلاشتۇرۇپ مەركىزىي ئىدىيەنى بېيىتقان،«ئەتراپ قاپ-قاراڭغۇ،زۇلمەت ھەممە يەرنى يەپ كەتكەن،كۆك سەتھىنى قورقۇنچلۇق قارا بۇلۇتلار قاپلىغان،ئەتراپ شۇنچىلىك سۈرلۈك،مەن تۇنجى قېتىم بۇ تامدىن سەكرىگەندە سۈتتەك ئايدىڭ ئىدى،مۇشۇ ئېرىقتا ئېقىۋاتقان زىلال سۇدىكى تولۇن ئاي ماڭا قاراپ شۇنچىلىك بەرنا كۈلۈمسىرىگەن ئىدى» مانا بۇ ئاخىرقى قېتىم قىزنىڭ «مەن»نى تامدىن سەكرەپ ھويلىسىغا چۈشۈشكە قىلغان دەۋىتى بىلەن تامغا يامىشىشتىن بۇرۇنقى مۇرەككەپ تۇيغۇسى،«مەن»تۇنجى قېتىم ئايدىڭ كېچىدەك   توغرا نىيەت بىلەن پورتمالنى ئىزدەپ كىرگەن ئىدى،مانا ئەمدى شەھۋەت غەليانچىلىرى شۇ زۇلمەت قاراڭغۇلۇققا سەكرەشكە ئۈندىمەكتە، ئاخىرى ئۇ بىر ئىلاھى كۈچنىڭ قۇدرىتى بىلەن ئاتا-ئانىسىنى،ھالال جۈپتىنى ۋە ئوماق پەرزەنتىنى كۆز ئالدىغا ئەكەلدۈرۈپ بىردىنلا ئەندىكىپ كېتىدۇ-دە،ئۆزىگە قايتىپ سىناقتىن غەلبىلىك ئۆتۈپ،قىز بىلەن پاك نىيەتتە سەمىمي پاراڭلىشىدۇ.بۇ چاغدىكى مەنزىرىنى«كېچە قاراڭغۇلىقى بارا-بارا سۇسلاپ،قاپ-قارا ياۋۇز بۇلۇتلار تارقاشقا باشلاۋاتاتتى،كۈن چىقىش تەرەپ بۇزىرىشقا باشلىغان ئىدى،ئەمدى تاڭ سۈزىلىدۇ،يېڭى قۇياش چىقىدۇ» دەپ تەسۋىرلەپ نۇرلۇق ھاياتتىن بىشارەت بېرىدۇ. ئەپچىللىك بىلەن سىيۇژىت قۇرۇلمىلىرى بەرپا قىلىپ،ئەسەرنىڭ تۈگۈنى،راۋاجى،يېشىمىنى مۇۋاپىق كىرىشتۈرۈپ،ئەركەكلىك سالاھىيىتى ھازىرلىمىغان ئەرلەرنى يېڭى بىر روھىي ئويغىنىشقا يېتەكلەيدۇ.                                                
   ئاپتور يېزىپ كېتىۋېتىپ ئۈچىنچى بۆلەكتە   ھەممە كىشىنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدىغان مۇنداق بىر ۋەقەلىكنى قىستۇرما قىلىدۇ،يەنى ئۆگەي قىزىغىمۇ پوخۇرلۇق قىلىدىغان،ئۆزى سىرتتا ناشايان ئىشلارنى قىلىپ،ئايالى بىلەن قىزىنى باشقۇرالمايۋاتقان بىر ئەر بىلەن پەزىلەتسىز ئايالى ۋە قىزنىڭ ماجراسى،بۇ يەردە ئاپتور «ئەر دېگۈدەك يېرى قالمىغان ئىدى،بەلكىم ئادەم دېگىلىمۇ بولماس....»دېگەن تەسۋىرلىرى ئارقىلىق ئەرلەر دۇنياسىدا تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان مۇنداق ئەرلەرنى  قاتتىق تەنقىد قىلغان.                  
   5. ئىدىيىۋىلىكى جەھەتتە        
   ئەرلەر قەدىمدىن بېرى ئائىلە،ۋەتەن،مىللەتنىڭ ئېغىر ۋە مۇھىم مەسئۇليەت بۇرچىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن،بۇ ئۇلارغا تەبىيلا جەسۇرلۇق،كۈچلۈك غۇرۇرنى تەقەززا قىلغان،پاراسىتى يوق ئىرادىسىز ئەرنىڭ غۇرۇرى بولمىغىنىغا ئوخشاش،پەزىلىتى يوق ئەرنىڭمۇ مەسئۇليەت ئېڭى بولمايدۇ،ئەركەكلىك روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلچەملىك بىر قېلىپى يوق،شۇڭا  ئات ئۈستىدىكى چەۋانداز ،جەڭگاھتىكى قەھرىماندىن تارتىپ سۈرلۈك ئەمەلدار، كەپتەرۋاز، قىمارۋاز ئەرلەرگىچە ئۆزلىرىنى قالتىس ئەركەك ھېسابلايدۇ، «مەن» ئەركەكلىكنى پىراكتىكا قىلىپ باققاندىن كېيىن ئايال پىرسۇناژنىڭ نىداسى ئارقىلىق ھەقىقىي ئەركەكنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئىزاھات بەرگەن. قارايدىغان بولساق،ئالتىنچى بۆلەكتە تەسۋىرلەنگەن مەزمۇنلار ھەر-بىر ئويغاق قەلب ئىگىسىنى ئىختىيارسىز ئويغا سالىدۇ ،يەنى  تۇيغۇلارنى غىدىقلايدىغان يازنىڭ زېرىكلىشلىك ئاخشىمى ، «مەن»نىڭ يېنىدىكى ئېرىقتا شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇ،مەيىن شامال،خىلۋەت ۋە تىمتاسلىق، رومانتىك كېچە،«مەن» نى توختىماي چىللاۋاتقان «كۆكسىلىرى تومپىيىپ چىققان» تەنناز قىز،ئىلگىرىكى تاساددىپىي ئۇچرىشىشتىن قالغان تاتلىق ئەسلىمىلەر، ئايالى ساياھەتكە كەتكەچكە  تەبىي«چاڭقاپ» تۇرغان «مەن»ئۆز نەپسىنى كونتىرول قىلىپ ھەقىقىي ئەركەكلىكنى نامايەن قىلىش بىلەن ھازىرقى زامان مودىسىغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرغان «يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس،نەپسىنى يەڭگەن باتۇر»ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرگەن.«مەن» يەنە «بالىلىق ۋاقىتلىرىمىزدا ئاتام ھەر قېتىم ئۆيگە يەيدىغان نەرسە ئېلىپ  كەلگەندە ئاۋال چوڭ داداملارنىڭ نېسىۋىسىنى ئايرىپ بولۇپ قالغىنىنى بىزگە تۆكەتتى ئاندىن ئۆزى يىمەي تامشىپ يىيىشلىرىمىزگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ كېتەتتى....»دەپ يېزىش  ئارقىلىق  ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنت ئالدىكى مۇقەددەس بۇرچىنى ئادا قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئەركەكلىك جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ،پونكىت باشلىقىدەك  يۇقۇرىغا  كۈچۈكلىنىپ ،تۆۋەننى باسىدىغان پور قورساق   باشلىق ئەرلەرنى«ئەركەك» لەر قاتارىدىن چىقىرۋەتكەن،«بەدەندىكى زەئىپلىك،روھىيەتتىكى زەيپانىلىك بۇرۇنقىدەك نۇقسان سانالمايدىغان،ئۇنداقلارغا ئاجىزلار قاتارىدا ھېسداشلىق قىلىنىپ قۇتقۇزۇش بېرىلىدىغان بولدى»،«بالاغەتكە يەتكەن قىزلار گۈل قىسالمايدىغان،ئوغۇللار ئەركەك سانالمايدىغان ،گۈل قىسالمىغان قىزلاردىن گۈلۈڭ قېنى؟دەپ سورىمايدىغان،ئەركەك بولالمىغان ئوغۇللاردىن ھېچكىم پالۋانلىق تەلەپ قىلمايدىغان بولدى»مانا بۇ تەسۋىرلەردىن ئاپتورنىڭ ئىچ-ئىچىدىن قايناپ چىقىۋاتقان ھەسرەتلىك پىغانىنى،مىللەتكە بولغان چەكسىز مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە مۇرەككەپ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى كۆرۈۋالالايمىز.            
   نۇرغۇن ھەدىسىلەرنى كۆرۈپ ھەيران قېلىۋاتىمىز،لەۋلىرىمىزنى چىشلەش،ئىچىمىزگە تىنىش،كۆرمەسكە سېلىش،سۈكۈتتە تۇرۇش ھەممىمىزگە ئادەت بولۇپ كېتىۋاتقان شارائىتتا بۇ ئەسەر ئەرلەرنىڭ ئىدىيە  بوشلۇقىغا  قەترە تامدۇرغان.،كۈندۈزنىڭ كېچىسى،گۈلنىڭ تىكىنى بولغاندەك مۇۋاپپىقىيەتلىك چىققان بۇ ئەسەردىمۇ بىر قىسىم يېتەرسىزلىكلەر كۆرۈلگەن، ئاپتورنىڭ كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە پايدىسى بولسۇن ئۈچۈن قىسقارتىپ ئوتتۇرغا قويۇشنى لايىق تاپتىم.                                                               
   1. ھەرقانداق بىر ئاپتور ئۆز ئەسىرىدە ئىپادىلەنگەن ھەر-بىر تىنىش بەلگىسى،سۆز ۋە جۈملىلەرگە شۇنداقلا شۇ سۆز ۋە جۈملىلەر بىلدۈرگەن مەنىلەرگە چوقۇم ئەستايىدىللىق بىلەن مەسئۇل بولۇش كېرەك.ھالبۇكى ئەسەرنىڭ بىر قىسىم بۆلەكلىرىدە لوگىكىلىق خاتالىق يۈز بەرگەن .                       
مەسىلەن:«ئۇلار ئۆچەككە كىرگەن بىر تىمساھنىڭ ئويغانغانلىىنى بىلسۇن»(بىرىنچى بۆلەك)تىمساھ كۆندۈرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە تىمساھ  مەخسۇس ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدا ياشايدىغان تەن قۇرۇلۇشى يوغان ،كېلەڭسىز جانلىق بولۇپ ئۆچەككە كىرمەيدىكەن.                       
«سىز بىلمەيسىز ئاكا،ئاپام جەنۇپلۇق، بۇ يەردە بىزنىڭ رەھمەتلىك ئاتامنىڭ يېزنىسىدىن باشقا تۇغقىنىمىز يوق»(بەشىنچى بۆلەك) بۇ جۈملىدىكى «يېزنە» مەخسۇس ئاياللار ئىشلىتىدىغان سۆز بولۇپ،ئاياللار ھەدىسىنىڭ  يولدىشىنى شۇنداق ئاتايدۇ،ئەرلەرنىڭ يېزنىسى بولمايدۇ ،بەلكى كۈيئوغۇل ئاكا ياكى كۈيئوغۇل ئىنىسى بولىدۇ.                                             
   «خوتۇنىدىن ئېشىپ قىزىغا پوخۇرلۇق قىلىشى»(ئۈچىنچى بۆلەك)ئادەتتە ئەرلەرنىڭ پوخۇرلۇق قىلدىغىنى  ئۆزىنىڭ ئايالى بولمايدۇ.               
«قېيىنئاتاڭ بىر ئۆمۈر گىروي ئۆتكەن ئادەم،ئېرىڭ بىرەر قېتىم گىرويلۇق قىلىپ قويسا يامانلاپ كەپسەن»(ئالتىنچى بۆلەك)«گىروي» سۆزى تىلىمىزغا رۇسچە سۆزدىن كىرىپ ئۆزلىشىپ قالغان بولۇپ،لۇغەت مەنىسى -«بەستلىك،قاۋۇل،ئېگىز» دېگەن مەنىلەردە ،جۈملە ئىچىدىكى مەنىسىنى «ئېسىل،نوچى »دەپ  چۈشەنگەن تەغدىردىمۇ نوچى،باتۇر ئەرلەرنىڭ ھەممىسى گىروي بولۇپ كېتىشى ناتايىن .                             
«بولدى،مېنى ساقلىماي ئۇخلاۋېرىڭلار!،ئايالىمنىڭ گېپى تۈگىمەي <لۆڭڭىدە> تەگدىم-دە،تېلىفۇننى ئۈزدۈم»(ئۈچىنچى بۆلەك)جۈملىدىكى «لۆڭڭىدە» سۆزى سۈپەت پېئىل بولۇپ ئېگىز ،بەستلىك ئادەملەرنىڭ ئۆيگە كىرىپ كەلگەن چاغدىكى تەسۋىرگە ئىشلىتىلىدۇ.                        
   2.ئەسەردىكى بىر قىسىم ئوشۇقچە ياكى قوپال تەسۋىرلەر ئەسەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەسىر يەتكۈزگەن مەسىلەن: «ھەممىگە قەھرىمان بولۇپ تونۇلدۇم،ئەمدى كىم مېنى<سايىمەك> دېسە شۇنىڭ قوڭىغا قايناقسۇ»،«نۆۋەتچىلىك كۈنلىرى مانا مۇشۇنداق ئىتتەك ئۆتىدىغان گەپ»،«كەلگنىگە نەچچە بولا بولماي بىزنى پۇقرالارغا ئۇجۇن كۆرسىتىۋەتتى بۇ سولامچى»،«ئېغىرلاشقان بېشىمنى مەجبۇرى كۆتىرىپ،تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ھاجىتىمنى راۋان قىلدىم ئاندىن يۈز قوللىرىمنى يۇدۇم»(ئىككىنچى بۆلەك)                                               
   3.زىيادە مۇبالىغىلاشتۇرۋېتىلىش بىلەن رېئاللىقتىن چەتنەش ئەھۋالى ۋە خاراكتىر قارشلىغى كۆرۈلگەن،مەسىلەن:«مەن»نىڭ ئايالى ئەسلى رايىش،تېجەشچان،قېيىنئاتا-قېيىنئانىسىنى ھۆرمەتلايدىغان ئۇقۇمۇشلۇق بىر زىيالى،«مەن»مۇ ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر دۆلەت خىزمەتچىسى،يەنە كېلىپ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى،بىر قېتىملىق تاساددىپى «قەھرىمانلىق»تىن كېيىنلا «مەن»نىڭ ئىدىيىسى ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ ھەجۋى بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشى ئەقىلغە تازا مۇۋاپىق ئەمەس.         
   «مەن» پەردە ياغىچى بىلەن «قىز»نى تۇتقۇن قىلىۋالغان قاتىلنى بىرنى سېلىشى بىلەن قاتىلنىڭ قولىدىكى پىچاق چۈشۈپ كېتىدۇ-دە،ئوڭ تەرەپكە سەنتۈرۈلۈپ كېتىدۇ،ئەمىليەتتە پەردە ياغىچى خۇددى گازىر ياغىچىغا ئوخشاش ئىچى قۇرۇق تاياق،ھەرقانچە قاتتىق ئۇرسىمۇ جان-جەھلى بىلەن قاماللاپ تۇتقان پىچاق چۈشۈپ كەتمەسلىكى ،ئوڭ تەرەپكىمۇ سەنتۈرۈلۈپ كەتمەسلىكى مۈمكىن،بۇ بايانلارنى سىيۇژىت راۋاجىنىڭ ئېھتىياجىمۇ دەيلى ،ئەمما ھەرقانداق بىر ئادەم ئارقىسىدىن كېلىدىغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا تەييار تۇرىدۇ.                  
   يىگىرمە سەككىز ياشلارغا كىرگەن ئەقىللىق،پەزىلەتلىك «قىز»بىر كەچ ۋاقتى سۇ پونكىتىدا سولىنىپ قالىدۇ،«مەن» ئولتۇرغۇزۇپ قويغان نۆۋەتچىخانىدا نۆۋەتچى كىشىنى ساقلىماي تالادا يۈرۈپ ،ئىتتىن قورقۇپ «مەن»نىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ،«مەن»نىڭ كەينىگە ئۆتكىنىچە ئورۇندۇقنى چىڭڭىدە تۇتىۋالىدۇ ۋە ئىسسىق نەپسى«مەن»نىڭ بوينىغا ئۇرۇلىدۇ،سىرتقا چىقىپ ئىتنىڭ  ھاۋشىغىنىنى كۆرۈپ «مەن»گە چاپلىشىۋالىدۇ،ئەمىليەتتە ئۇ «قىز»ئانىسى يوق چاغلاردا خلۋەتتىكى باغلىق ھويلىسىدا ياستۇقى ئاستىغا  پىچاق قىستۇرۇپ تەنھا ياتىدىغان خېلى باتۇر قىز،ئىتنىڭمۇ ئۆيگىچە قوغلاپ كىرمەيدىغىنىنى بىلىدۇ.                                             
   4. قىسمەن مەزمۇن چېچىلاڭغۇلىغى بار،بولۇپمۇ ئالتىنچى بۆلەكتىكى مەن بىلەن قىزنىڭ دىئالوگى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ ،ئوقۇرمەنلەردە زېرىكىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ قويغان.                           
يۇقارقىلىرى شەخسەن مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم، ئومۇمەن بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ تۇنجى پوۋېستى بولۇشىغا قارىماي خېلى زور دەرىجىدە ئۇتۇغلۇق چىققان،ئاخىرىدا   ئاپتورنىڭ كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىگە ۋە ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن .   

                                             
   ئەسكەرتىش : «يېڭى قاش تېشى»ژورنىلى 2016-يىلى 1-سانىدا ئازراق قىسقارتىپ  بېرىپتۇ، مەزكۈر مۇنبەرگە ئەسلى نۇسخىسىنى يوللاپ قويدۇم      
.      


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-24 20:14:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبزورنىڭ تىلى يەڭگىل،تەھلىل خېلى ئورۇنلۇق بولۇپ ئوبزور ئاپتورىنىڭ يېزىش قابىلىيىتىگە نىسبەتەن  ئېيتقاندا مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان ئوبزور ماقالىسى بوپتۇ.


پىكىر  بېرىشكە توغرا  كەلسە  ئوبزورنىڭ  يېزىلىش  ئۇسۇلىدا   ئىككى كەمتۈكلۈك مەۋجۇت.

بىرى : ئوبزوردا  بۆلەكلەرگە بۆلۈش ئۇسۇلى توغرا  قولىنىلغان بولسىمۇ  ئىدىيۋىلىك بويىچە بۆلەكلەرگە ئايرىلىش كۆپ، بەدئىيلىك بويىچە بۆلەكلەرگە ئايرىش ئاز ھەتتا "ئىپادىلەش"نى ئىدىيىۋى خاسلىققا  چېتىپ  قويۇش  ئەھۋالى  كۆرۈلگەن.ھېكايىنىڭ ئارتۇقچىلىقى 5 بۆلەك بويىچە تەھلىل قىلىنغان بولۇپ "تېما يارقىنلىقى""مەزمۇن خاسلىقى""ئىدىيۋىلىكى" قاتارلىق 1-4-5 -قاتارلىق ئۈچ بۆلەك ھېكايىدىكى  مەزمۇن ئامىلىغا  ياتىدۇ.

    مېنىڭچە  يۇقۇرىقى ھېكايىگە دىئاگنۇز قويۇشقا  توغرا كەلسە بىز "ئىدىيە'"مەزمۇن" ئۆلچىمى
ۋە "بەدئىلىكى"  دەيدىغان  كونا ئەدەبىيات نەزىريىسى بويىچە تەھلىل قىلىش ئۇسۇلىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ  يۇقۇرىقى ھېكايە قايسى ئەدەبى نەزەر بىلەن ئۆلچەشكە مۇۋاپىق كەلسە شۇ بويىچە تەھلىل يۈرگۈزگىنىمىز مۇۋاپىق. يۇقۇرىقى ھېكايە تارىخىي ھېكايە ئەمەس بەلكى ئەركەكلىك تۇتقا قىلىنغان رىئال تېمىدىكى ھېكايە بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى چوڭ ئۆلچەم  ئىستېتىك ئۆلچەم  ۋە تۇرمۇش چىنلىقى ئۆلچىمى بويىچە ئۆلچەنسە  كۇپايە. "ئىپادىلەش'"پىرسۇناجلار ئوبرازىنى ۋە خاسلىقىنى يارىتىش، ھېسسىيات چىنلىقى ۋە يورۇتۇلغان كارتىنىلارنى بەدئىي چىنلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش،ھېكايە تىلىنى جەلپكارلىققا ئىگە قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىئىتېتىك ئۆلچەم دائىرسىدۇر. تۇرمۇش چىنلىقى بولسا تېخىمۇ كەڭ مەزمۇنلارنى ۋە نۇرغۇن ئىنچىكە تەركىبلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  يەنە بىرى : تەھلىلدە  چوڭقۇرلۇق  كەم .

مەن ئوبزور  ئاپتورىنىڭ كېيىنكى ئەدەبىي ئوبزورلاردا  كونكرېت ئەسەرگە قارىتا يېزىلدىغان يۇقۇرقىدەك ئوبزور بىلەن ئەدەبىيات ھادىسىسىگە يېزىلىدىغان تەقرىز ( يۈكسىلىۋاتقان قاراماي ئەدەبىياتى ناملىق ماقالىسىغا ئوخشاش) نىڭ يېزىلىش ئۇسۇلىنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەي دىغانلىقىغا  دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  چۈنكى يۇقۇرىقىدەك بۆلەكلەرگە بۆلۈپ مۇلا ھىيزە  قىلىش ئۇسۇلى "يۈكسىلىۋاتقان قارىماي ئەدەبىياتبى"ناملىق ماقالىسىغا يۈزدە-يۈز ماس كەلسىمۇ يۇقۇرىقى ھېكايىنى تەھلىل قىلىشتا ئالدىنقى ماقالىدىكىدەك ئەڭ ياخشى دەرىجىدە ماس كېلىپ  كەتمىگەن.

    مەن ئوبزور ئاپتورنىڭ  كېيىنكى ئەدەبىي ئوبزورچىلىق مۇساپىسىدە ئۇتۇق قازىنىشىغا پايدىسى بولار  دېگەن ئۈمىدتە  يۇقۇرىقى پىكىرلەرنى ئېيتتىم. ناۋادا مۇۋاپىق كۆرمىسە پەرۋا قىلمىسىمۇ بولىدۇ. مەنمۇ  كېيىنكى ئەسەرلىرىگە ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىپ يۈرمەيمەن.     ئىجادىيەتتە ھەقىقىي ئالغا ئىلگىرلەشنى كۆزلىگەندە ماختاشقا ئېرىشىشتىن يېتەرسىزلىكنى كۆرسىتىپ بېرىشكە ئېرىشىش پايدىلىق.
مەن ئوبزور  ئاپتورىنىڭ بەرگەن پىكىرىمنى توغرا  چۈشىنەلەيدىغانلىقىغا  ئىشىنىمەن.بىز ئۆز -ئارا بىرىمىزگە ماختاپ يەل بەرگىنىمىزدىن ئىجادىيەتتە يېتەرسىز

لىكىنى كۆرسىتىپ بېرىپ،سەمىمىي ياردەمدە بولغىنىمىز ياخشى.


باھا سۆز

سەمىمى ئىنكاس+ بىر بىلەت  ۋاقتى: 2016-3-24 10:42 PM
ۋاقتى: 2016-3-24 05:52:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يازغۇچى دوستۇم زەينۇللانىڭ شۇنچىلىك بىر تېمىنى يارقىن يورۇتۇپ بەرگەنلىكىكگە تەشەككۈ ر بىلدۈرىمەن، شۇنداقلا ئەدىبە ئامانگۈلنىڭ « نۆۋەتتىكى تۇرمۇش رېتىمى تېز،بېسىم ئېغىر،ۋاقىت سىجىللىغى ئارتىپ كېتىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئوقۇرمەنلەرنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرگۈدەك ئەسەرلەر بىلەن تەمىن ئېتىش ھەر بىر يازغۇچىنىڭ ئىستىداتىغا قويۇلغان مۇقەددەس ۋەزىپە ۋە شەرەپلىك بۇرچ.» دېگەندەك باھاسىنى  يەنىمۇ چوڭقۇرراق  ئويلىشىپ بېقىشقا تىرىشىمەن.  سىزگە ئامەت يار بولسۇن!

باھا سۆز

سىزگىمۇ تەشەككۈر مۇئەللىم !  ۋاقتى: 2016-3-25 06:01 PM
ۋاقتى: 2016-3-24 09:05:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانگۇلنىڭ ئوبزۇرچىلىق ساھەسىدىكى ئىزدىنىشلىرىگە قۇت بولدۇن، ئىنىمىز زەينۇللانىڭ ئىجادىيىتىگىمۇ ئۇتۇك تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-24 09:59:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پاراسىتى يوق ئىرادىسىز ئەرنىڭ غۇرۇرى بولمىغىنىغا ئوخشاش،پەزىلىتى يوق ئەرنىڭمۇ مەسئۇليەت ئېڭى بولمايدۇ...  

ئەسلى ئەسەردىكى ئەركەكلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى قاراشلىرىغا تولۇقلىما بولغان بۇ ئوبزورىڭىز خېلى كەسكىن پۇزىتسىيەدىكى پىكىرلىرىڭىزنى نامايەن قىلىپتۇ. ئەركەكلىك ئېنىقلىمىسى، ئەركەكلىك تەلىپى، ئەركەكلىك ھالىتى مەدەنىيەت پىسخىكىسى نۇقتىسىدىن مانا مۇشۇنداق مۇھاكىمە قىلىنىشى كېرەك. مەن ئەسلى پوۋىستنى تېخى ئوقۇپ باقمىغان بولساممۇ، ئەمما بو قايىل قىلارلىق يېزىلغان ئوبزورىڭىز ئارقىلىق ئەسلى پوۋىستتا ئىزدەنگەن ئەركەكلىكنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى، قانداق بولىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مۇئەييەن تۇنۇشقا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. ئىدىيە بىلەن رىئاللىقنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى مەسىلىلەرنى بايقاپ چىققان تەپەككۇرىڭىزغا تەشەككۇرلەر بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-3-24 10:05:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەرنىڭ ئىپپىتى دەپ خۇلاسىلىغانىدى غۇجىمۇمەھممەدمۇھەممەد...

ۋاقتى: 2016-3-24 17:38:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىشڭىزگە تەشەككۈر....قەلىمىڭىزگە بەرىكەت يار بولسۇن....

باھا سۆز

رەھمەت مۇئەللىم !  ۋاقتى: 2016-3-28 12:55 AM
ۋاقتى: 2016-3-24 18:08:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەستايىدىل يېزىلغان ئ‍وبزۇر، ئ‍ەسلى ئ‍ەسەر ئ‍اپتورى ۋە ئ‍وبزۇر ئ‍ىگىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئ‍ىجادىيىتىگە يەنىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-24 18:55:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبزۇرىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن، بۇ يولدىكى بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدەملىرىڭىزگە بەرىكەت يار بولسۇن!

بۇ ھۆكۈمىڭىزگە قايتا بىر قاراپ باققايسىز: بۇ بايانلارنى سىيۇژىت راۋاجىنىڭ ئېھتىياجىمۇ دەيلى ،ئەمما ھەرقانداق بىر ئادەم ئارقىسىدىن كېلىدىغان تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا تەييار تۇرىدۇ. -
ناتايىن.

باھا سۆز

تېلىفۇنلا قىلاي ئۇكام، جىقلا گەپ يازسام بىرسىمۇ يوق،كومپيتىر چاتاق ئوخش...  ۋاقتى: 2016-3-25 06:52 PM
ۋاقتى: 2016-3-24 19:00:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبزورنىڭ بۇنچە قايىل قىلارلىق يېزىلغىنىغا قارىغاندا زەينۇللارنىڭ "ئەركەك" كىمۇ ئېسىل يېزىلغاندەك قېلىدۇ.ھەر ئىككى ئاپتورنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىجادىيىتىگە تىخىمۇ زور مۇۋاپپىقىيەتلەر يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-3-24 19:22:18 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍امانگۈل خانىمنىڭ ئ‍ىزدىنىشلىرىگە  ئ‍ۇتۇقلارقلار  يار  بولغاي

ۋاقتى: 2016-3-24 19:31:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبزور ياخشى يېزىلىپتۇ، ئىزدىنىشلىرىڭىزگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم. كۆپ قىرلىق قابىلىيەت يېتىلدۈرۈش يولىدا تىنىمسىز تىرىشىۋاتىسىز. تىرىشچانلىقىڭىزغا يارىشا ئۈنۈم كۆرۈلىۋاتىدۇ. بۇندىن كېيىنكى ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمەن!

باھا سۆز

رەھمەت مۇىتەر!  ۋاقتى: 2016-3-25 04:13 PM
ۋاقتى: 2016-3-25 10:44:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانگۈلنىڭ ئىجادىيەت مۇساپىسىدىكى يەنە بىر خۇشپۇراق گۈلگە مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-3-25 13:19:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئامانگۈل بۇ ئوبزۇرنى خېلى مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىپسىز .  ئەزىز ھېت ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرى ئورۇنلۇق بوپتۇ .
سەمىمى تىلىكىم بىلەن سىزنى چىڭىدە قۇچاقلايمەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-25 15:53:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ ئوبزورۇمنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققان ۋە تەكلىپ پىكىر،مەدەت بەرگەن بارلىق قېرىنداشلىرىمغا كۆپتىن-كۆپ تەشەككۈر !!

باھا سۆز

جاۋاپ ئالالماپتىمەن دە!؟  ۋاقتى: 2016-3-25 05:22 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش