ساقلىدىم
ئوسمانجان زۇنۇن
سېغىنىپ ئەسلەپ سىماھېڭنى دالادا ساقلىدىم.
مىڭ ئىشق قاينام ئارا مېھرى -ۋاپاداساقلىدىم.
سارغىيىپ پىشقان ئەلەم لەپ-لەپ تۆكۈلدى شاخىدىن،
مەيلىرىدە مەست بولۇپ ئۈنسىز نىدا دا ساقلىدىم.
قۇرغۇيۇم ئۇچتى قولۇمدىن،ئولجىسىنى تاپقىنى ،
ئارقىدىن قوغلاپ چىقىپ مۇدھېش دارادا ساقلىدىم.
بىر ئۆمۈر ئالداپ مىنى« شوخ-شوخ سېغىز»دەك چاينىدىڭ،
قالغىنى بىر بەز مانا، بەكمۇ ئىزا داساقلىدىم.
يوللىرىڭغا گۈل تىكىپ سالدىم پايانداز بەرگىدىن،
ھەر چىچەكنىڭ ھۆسنىدە كۈلگەن جۇلادا ساقلىدىم.
|