جانانغا
زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكران
خەۋەر يەتكەي جانانغا، جاپايىڭدا پەيدا مەن،
پىدا بولغان پاكلىققا ۋاپايىڭدا پەيدا مەن.
گۈلشىنىدە ئىلىمنىڭ شەربەت ئېمىپ قانغۇچە،
ئەلگە ئاققان چەشمىدەك ئاتايىڭدا پەيدامەن.
گۈلىستاندا گۈل تولا، خۇشبۇيى ھەم پۇراقسىز،
ئۆرنەك بولغان پەزىلەت ساپايىڭدا پەيدا مەن .
مەستخۇش شېرىن ھاياتنىڭ توغرىللىرى مۈشكۈلدە،
راسىتقا يالغان تىگىشكەن خاتايىڭدا پەيدا مەن .
پاك مۇھەببەت قورغىنى چىن ئاشىققا مۇستەھكەم،
سۆيگۈڭ بىلەن سۇغارغان پاناھىڭدا پەيدا مەن.
چېچەك ئېچىپ بىخلىرى مېۋە ئالسا چېچەكتىن،
جارى بولغان كۆپ ھەمدۇ سانايىڭدا پەيدا مەن .
15-مارت ئاتۇش
|