دوستلۇق سېغىنىشى
ئېلىجان ئابدۇرېھىم
دوستقا دىلكەش مەدەت ئېدىڭىز،
گەر بولسىمۇ ئىشلار ئالدىراش.
خۇددى پەدەر سۈپەت ئېدىڭىز،
سۆيۈنەتتۇق سىزدىن قېرى-ياش.
بىراق،كېتىپ بىزدىن يىراققا،
قالدۇق مانا يۇرتتا قانچىمىز.
سىزنى ئەسلەپ ئاشىق سىياقتا،
ئاھ،ھۇزۇرلۇق ئىچىلمەس قېمىز.
يۇرتتا مەشرەپ بولدى بۇ نورۇز،
سىز يوق لېكىن جۇشقۇن سامادا.
پۇرسەت بولسا كېلىڭچۇ قايتىپ،
جەم بولايلى نەغمە-ناۋادا.
تاتلىققىنە خۇشال سىردىشىپ،
ھېيت-ئايەمدە بولايلى قاتار.
ئات چاپما#دا زەپەر ئېرىشىپ،
قۇياش كەبىي نۇرلانسۇن دىدار.
ئات چاپما# ــــــ يەر نامى
|