دادام روھى
ئۆمەرجان ئۈمىد
كۆيۈنىدۇ دادام ماڭا يۈرىكىدىن،
چار ساقاللىق چېھرىسىدىن نۇرلار تۆكۈپ.
سىماسىنى خىزىرغىلا ئوخشىتىمەن،
ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ.
دادام بەرگەن تەلىم ماڭا باھارىستان،
ئارزۇلىرىم ئاندا ياشناپ-چېچەكلەيدۇ.
دادم روھى ئىنتىلدۈرۈپ مېنى ھەردەم،
گۈزەل مەنزىل-نىشانلارغا يېتەكلەيدۇ.
دادم روھى يوللىرىمدا بولۇپ مەشئەل،
تاۋلاپ بارار ئېتىقادىم-ئىرادەمنى.
بولسىمۇ بۇ ھايات يولى مۈشكۈل سەپەر،
ياندۇرماسمەن ئارتقا ھەرگىز بىر قەدەمنى.