رۇبائىيلار
روزى گۈلباي
ھەۋەستىن پارلايدۇ بىر گۈزەل ئامان ،
يۈرەكتە قاينايدۇ گويا بوپ ۋولقان .
ئىنساننىڭ خىيالى كېزەر ئالەمنى ،
ھالقىيدۇ پانىيدىن ئارزۈسى ھامان.
ياشايدۇ ئىنسانلار،ياشىدۇق شۇنداق ،
نەپ ئۈچۈن ھەر ئىشتىن يانمىدۇق بىراق.
پاك كەلدۇق،نەپنى دەپ بۇلغاندۇق راسا،
پاكلانماي كېتىمىز بۇ قىسمەت شۇنداق.
ۋاپانى ئىزدەيمىز ھەربىر ئىنساندىن ،
ئىنسانى پەزىلەت،سۆيگۈ،ئېھساندىن.
بىلگىنكى، نەق ۋاپا ئانا قەلبىدە ،
پەرزەنتنىڭ ئىشقىدا كېچىدۇ جاندىن.