رەنجىشىم يوق
ھەمدۇللا مەمەت ئېزىز
كەتكۈڭ بولسا كېتىۋەر جانان،
رەنجىمەيمەن سېنىڭدىن پەقەت.
ئىككى يۈرەك ئورتاق سوقۇشتىن،
ھاسىل بولار ساپ،پاك مۇھەببەت.
ئويلىمىغىن ئارتۇقچەھەرگىز،
دەرمۇ مېنى ۋاپاسىزكەن دەپ.
رەنجىمەيمەن سېنىڭدىن ئەسلا،
سۆيۈش باشقا ،تەقدىر باشقا گەپ
باردۇر مېنىڭ پىشانەمدىمۇ،
تەقدىرىمگە پۈتۈلگەن بىرى .
مەيلى سۆيسەڭ سۆيگىن باشقىنى،
تاپىمەن چوقۇم مەنمۇ جۈپتىمنى.
تەقدىرىمگە تەن بەرمەي يەنە،
ئامالىم يوق ئاجىز بەندىمەن .
نەچچە ئاشىق كەتكەن ۋىسالسىز ،
ۋىسال تاپماق ئەجەپ تەس ئىكەن .
2016-يىلى1-ئاينىڭ7-كۈنى
خوتەن
|