يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 405|ئىنكاس: 0

نېفىتلىك خەلقى نورۇزنى تەنتەنىلىك كۈتىۋالدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نېفىتلىك  شەھەر خەلقى ئۆزى ساھىبخان، ئۆزى مېھمان، ئۆزىئارتىس بولۇپ نورۇزنى تەنتەنىلىك كۈتىۋالدى

7 l, o# `0 o5 p. M
    2016-يىلى3-ئاينىڭ 21-كۈنى قاراماي شەھەر شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى پارتكوم تەشۋىقاتبۆلۈمىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، قاراماي شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەقاراماي شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە مەركىزىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «مايبۇلاقتانورۇز» سەنئەت پائالىيىتى 21-مارت چۈشتىن كېيىن قاراماي مېھمانخانىسىنىڭ مەرىكەزالىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە شەھەر نېفىتلىك شىركىتى رەھبەرلىرى، پېشقەدەمكادىرلار، زاۋۇت-كارخانا خادىملىرى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 250تىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. شەھەرلىك خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى بىلەنبېزەلگەن مەرىكە زالى، يارىشىملىق مۇراسىم كىيىمى كەيگەن مېھمانلارنىڭ يېتىپ كېلىشبىلەن بايرام تۈسىگە كىردى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە نەسر، ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكا،ئېتوت، قاتارلىق سەنئەت نومۇرلىرىدىن باشقا، خوراز سوقۇشتۇرۇش، كۈچ سىنىشىش،چېلىشىش، توخۇم چېكىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئويۇنلارمۇ ئوينالدى. قاراماي سەنئەتئۆمىكىنىڭ كەسپىي ئارتىستلىرىدىن باشقا نېفىتلىك شىركىتى پىنسىيونېرلار مەركىزىمۇقام ئانسامبىلى، نېفىت ئېلىش 1-زاۋۇتى، شىنگاڭ شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكىسەنئەت ھەۋەسكارلىرى، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ نورۇز ئەھلىگە سەنئەتنومۇرلىرىنى ھەدىيە قىلدى. تەشكىللىگۈچى ئورۇنلار ياش تالانت ئىگىلىرىگە سەھنەھازىرلاپ بەرگەن بولۇپ، تاماشىبىنلار ئەرافات تۇرغۇن، سۈبھىنۇر ھېكىم، پاكزاتئېرشات قاتارلىق ياش ھەۋەسكارلارنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتىغا ئالقىش ياڭراتتى.
قاراماي شەھەر مايتاغ «مەخسۇت» سودا چەكلىك شىركىتى بۇ پائالىيەتنى ئالاھىدە قوللاپ ئۆزمەھسۇلاتلىرى بىلەن نورۇز ئېشى تەييارلاپ مېھمانلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.
    بۇ قېتىمقى پائالىيەت كىرانلىق تېلېكامىرائارقىلىق پۈتۈن قارامايغا نەق مەيداندىن بىۋاستە ئۇلاپ تارقىتىلدى.  
_MG_7689.jpg

6 d7 a7 l* ^' }9 @( R
_MG_7730.jpg

  h% `8 R" T( Z2 _8 G$ D3 F& N8 }# W; ~0 @! {
_MG_7755.jpg
; S: Y3 F# m( ^2 [0 o/ z

, l# e0 N: H" c# Y4 d; v' o
_MG_7762.jpg

) i+ W* D' U. c( e4 ~, |
( A' N3 O8 W% V3 Y% C) o' Z4 |
_MG_7764.jpg
* f% |- \  w9 n
- p. s' t$ @" |. g* V. i
IMG_7768.jpg
# Z" }7 U. X- H- K  G7 q
* f1 P! N% q4 |
_MG_7806.jpg
قاراماي گېزىتى مۇخبىرلىرىدىن گۈلى ھاشىم خەۋىرى، نۇرمۇھەممەد ھەسەن فوتۇسى.

IMG_7893.jpg
_MG_7724.jpg
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش