تەنھا كېمە
مىرادىل راخمان ئىلتەرىش
قەلبىمدۇر ئازاپنىڭ دېڭىزى گويا،
قارىغىن بار ئۇندا تەنھا بىر ماچتا.
سۆيمەكتە شۇ كونا يەلكەننى شامال،
پەقەتلا ئامالسىز قالغان بولغاچقا.
شۇنچىلىك يېقىمسىز، شۇنچە مەنىسىز،
ئۈزمەكتە سۇسقىنە تۇمانلار ئارا.
سورىما ئۈستىدە قېنى چايكىلار؟
كۆتۈرگەن دەردىنى دولقۇن ئارانلا.
يوق ئۇندا مەڭگۈلۈك چىدام ۋە غەيرەت،
يا قىرغاق يىراقتىن كۆرۈنمەس غۇۋا.
قاچانمۇ يوقىلار ھارغىن بۇ ھالەت،
ئېچىشار يۈرۈكۈم ھەر باقسام ئاڭا.
2016-يىلى22-مارت
|