يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 249|ئىنكاس: 2

رەشىدەم: مەن بۈگۈن بولدۇم گۈزەل نەۋرۇز قىزى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن بۈگۈن بولدۇم گۈزەل نەۋرۇز قىزى

رەشىدەم  مۇھەممەدجان

كەتتى قار يوق ، ئۇندا ھېچكىمنىڭ ئىزى ،
مەن بۈگۈن بولدۇم گۈزەل نەۋرۇز قىزى .
قالمىدى بىر تال چىۋىقمۇ كۆكلىمەي ،
كۈلدى بۇندىن  بارچە قىلىب ئېتىزى .

ئەندىكىپ ياققان مەڭىزلەر ئوت بۈگۈن ،
ھەم بۇرۇن چۈشكەن قاراڭغۇ يات بۈگۈن .
تاڭغا تەشنا تۈنگە كۈلدى زەر قۇياش ،
يوق بۈگۈن زەررىچە بىزدە دەرت - تۈگۈن .

كۈن ئۇزۇنغا سالدى ئات ،تۈندىن ئۇزۇپ ،
ھەم ياساندى دەل - دەرەخلەر سەپ تۈزۈپ .
تاغ - دالىلار تارتتى ھەركىم مەيلىنى ،
شائېرە - شائېرنى مىسرا پۈتكۈزۈپ .

باغ - باراڭ كۈلمەككە پۈتتى ئەھدىسى ،
بىزگە گۈل سۇنماققا تەييار ئەتىسى .
كەچ - سەھەر جىملىقنى بۇزدى بارچە قۇش ،
بۇندا تۈگمەس ناخشا - ئۇسسۇل ، پەتىسى .

خوپ ياراشتى كەڭ دالاغا كۈن نۇرى ،
ئاچتى ۋاراق ھەر كىشى كۆڭۈل قۇرى .
لەۋلىرىدۇر  قىپقىزىل مارجان بۈگۈن ،
ئۆرلىگەچ ھەر ئۆيدە نەۋرۇزنىڭ ھورى .

مايسىلار لىڭشتتى باش ، مەمنۇن بولۇپ ،
كۈلدى دېھقان بۇندا غەيرەتكە تولۇپ .
قىپقىزىل غۇنچە بۈگۈن باغلار يۈزى ،
قويمىغاچ تىكەنگە پۇسەت ھەم يۇلۇپ .

چىققۇسى ھاردۇقى نەۋرۇز تەپتىدىن ،
چىقمىسۇن ھەركىمدە جۇتلۇق ئەپتىدىن .
ياغدۇرۇپ بەركەت ئېتىز دېھانغا تەڭ ،
كۆچسە بارچە كونا ئۆي ھەم كەپىدىن .

نەۋرۇزى ئاپتاپ چىراي ھەممە بۈگۈن ،
قالمىسۇن ھەركىمدە ھەركىمگە تۈگۈن .
ياز كەبى ياشايلى تۇتۇپ گۈل چېيى ،
بارمۇ بىز بۇنداق تۈگەل ئەتە - ئۆگۈن ؟

2016- يىل 22- مارت




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-24 00:11:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، «شائېر» دېگەن شۇ بىر ئىملايىڭىزنى«شائىر» دەپ تۈزىتىۋېلىڭ!
بۇ ئاتالغۇ تۈزىتىلمىسە، بۇ شېئىر بۇ مۇنبەردە تۇرالمايدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-24 11:37:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-3-24 12:11 AM
شېئىرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، «شائېر» دېگەن شۇ بىر ئ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ئۇستاز تېچلىقمۇ ؟ نەۋرۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن ! سىز ئېيىتقان شۇ ئىملانى خاپا بولماي ، شۇ مىسرارىمغا كەلتۈرۈپ ، ماڭا بىر كۆرسەتە بەرگەن بولسىڭىز تولىمۇ خۇش بولغان بولاتتىم ، مەن داۋاملىق سىلەرنىڭ يېتەكلىشىڭلارغا مۇھتاجمەن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش