|
كېچە
گۈلپىيە ھادى لەيلى
كۈلۈمسىرەپ تۇرغان كېچىدە ,
خىياللىرىم ئۈمچىيەر مەسۇم .
كىرپىكلەرنىڭ دىدارسىز لېۋى ,
بىر ھىكايە سۆزلەيدۇ مەۋھۇم .
لەيلەپ يۈرگەن قارا بۇلۇتنىڭ ,
پىغانىدا تۈكۈلەر يامغۇر .
تەنھا ئاينىڭ مىسكىن نۇرلىرى ,
يۈرىكىمگە سىرغىيدۇ يالغۇز.
ياستۇقۇمغا تۈكۈلەر سىرى,
تىمتاس كېچە مەڭزىدىن بالقىپ .
لاۋا چاچماس چوغدان تۇيغۇلار،
تىنىپ قالغان، يۈرەكتە لايقىپ.
بەرق ئۇرماس گۈلرەڭ ئارمانلار,
چىللىمايدۇ باغرىغا باھار .
شەبنەم سۆيگەن تاڭدا بىر خىيال,
بىر گۈل كەبى ئېچىلماس زىنھار.
2016-يىل 23-مارت ئاۋات
|
|