رەخىم ياسىن قاينامى
ئەلەم ياپراقلىرى
مېنى خازان قىلما...
بىز قىلىشقان سۆزلەرنى ئاسمانغا پارچىلىما
ۋە يۇلتۇزلارنىڭ قاراڭغۇ يېنىشلىرىغا تىلىمنى چىقارما
ئىسمىم يۇپۇرماق چىقىرىۋاتقان باھارنى
ناشتىلىق ئۈستىلىدىكى تاتلىقلارنىڭ ئارىسىدا قالدۇرما
روھىم قالغان جايدا بىر پاي ئايىغىڭ ئۇنتۇلغان
ئايىغىنى ئۇنتۇغان روھىڭنىڭ بىر پۇتى قانىماقتا
خۇددى بىر پۇتى بىلەن ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن ئەسكەردەك
جېنىم ئالقىنىمدا ئولتۇرۇپ قولتۇق تايىقى بىلەن يەرنى سىزىماقتا
ئېزىپ يۈرگەن قۇشلار زاۋالنىڭ دەرەخلىرىدە ئارام ئالىدۇ
كېچىنىڭ كىيىملىرىگە چاپلىشىپ تۇرىدىغان شەپەرەڭلەر
ئوغۇرلۇقچە قۇشلارنى كۈزىتىدۇ،كۆزلىرىنى يىلتىزلارغا كۆمۈپ قويىدۇ
كېچە يېرىم،قاراڭغۇ يېرىم،ئاسماننىڭ بىرىنچى قەۋىتى يېرىم
پەلەمپەيلەردىن ئاياق ئاۋازى يېرىم ھالدا ئاڭلىنىپ ئۆتىدۇ
يۇشۇرۇن تۇتۇشقان قوللارنىڭ ئارىسىدىن
كېسىلگەن لىمۇننىڭ ھىدىدىن چىقىۋاتقان خۇشپۇراق قىزىرىدۇ...
مېنى خازان قىلما،قېرىغان ۋاقىتنىڭ ھاسىرىشىغا ئالدانما
خازان قىلما مېنى،ئۆزۈڭنى كۈزنىڭ ئورۇندۇقىدا قالدۇرما...
تەشەككۈر ۋە رەھمەتنىڭ ھەجىمى بولغان بولسا
ساڭا بېرىدىغان رەھمىتىمنىڭ دۇنياغا سىغمايدىغانلىقىنى ئۇنتۇما
روھىمغا سىڭىپ كەتكەن تاڭ سەھەردىكى قۇياش نۇرىنى
ئوتتا كۆيۈۋۈتقان كۆل سۈيىنىڭ ھاياجېنىنى مەندىن ئايرىما...
بارلىق چىراقلار ئۆچۈشى مۇمكىن
ئاي يۈتۈشى مۇمكىن،يۇلتۇزلار چاقناشتىن توختاپ
يېرىم يولدا قوشۇلغان ھەمراھتەك كېچىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن
ئەمما كىچىككىنە بىر بۇلۇڭدا چىراقسىز،ئاي-يۇلتۇزسىز
بىزنىڭ نۇرلۇق كېچىلىرىمىز چاقناپ تۇرىدۇ...
2016.03.22
شېئىرلىرىمدىن سېنىڭ ھىدىڭ كېلىدۇ...
تىلىمدىن چىققان يىلانلار تېنىڭنى ئورايدۇ
قىزىل تىلىنى چىقىرىپ تېرەڭنىڭ تەمىنى بىلىپ باقىدۇ
ئاندىن تەمىڭگە يۇشۇرۇنغان سىرلىق ھېكايەڭدە توختاپ
بىر كېچىدىلا پەيدا بولۇپ قالغان دەرەخ ئاستىدا ئۇخلاپ قالىدۇ
قىشنىڭ گۈزەل كېچىلىرىدىكى چىراق يورۇقىدەك
ئاپپاق قوللىرىڭغا بېغىشلانغان مىسرالىرىم
بارماقلىرىڭ ئارىسىدا تىتىلىدۇ
ھەر بىر سۆز تاشقا سوقۇلغان مۇز پارچىسىدەك مىڭ پارە بولىدۇ
ئەتىيازدىكى شارقىراتمىلار
لاي ۋە قايغۇلۇق ھالدا مۇرەمدىن چۈشىدۇ
ئاياغلىرىم بىر دەمدىلا قاراڭغۇ پاتقاقلارنىڭ ئارىسىدا
مىدىرىماس ھالەتكە كېلىدۇ ۋە ئەركىنلىكنىڭ تىلىنى شورايدۇ
شېئىرلىرىمدىن سېنىڭ ھىدىڭ كېلىدۇ
ئۈستىلىمدىن ئاستا-ئاستا ئۆرلەپ دىماقلىرىمنى ئېچىشتۇرىدۇ
كۆيگەن يۇپۇرماقلار ئالدىمغا ئۇچۇپ چۈشىدۇ
تىم-تىم ئېقىۋاتقان قانلارنىڭ رەڭلىرى كۆزۈمنى يۇمۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ
تازىلىق ئۆيىدە شاقىراپ چۈشىۋاتقان سۇلارنىڭ ھالرەڭ ئېقىشلىرى
نىقاپلىرىمنى بىللە ئېلىپ قاراڭغۇ ئازگاللارغا چۈشىدۇ...
ئايىغى يوق بىر كوچىلاردا شادىمان پۇتبول تېپىۋاتقان بالىلار
چېقىلغان دەرىزە ئەينەكلىرىدىن كىرىپ
بىمالال ئاق تاملارنى سىيلاۋاتقان كۈننىڭ يورۇقى
چېقىلغان ھەيكەلنىڭ قاناۋاتقان پۇت- قوللىرى
تېپتىنىچ ئارام ئېلىۋاتقان دەرەخ شاخلىرىغا ئىلىنىپ تۇرغان
يېرىملاشقان ئۇيقۇنىڭ شىرىن چۈشلىرى ھەممىسى
باھار چېچەكلىرىدىن شىرنە يىغقان ھەسەل ھەرىلىرىدەك
سېنىڭ گۈلۈڭنىڭ جەۋھەرلىرىنى ئېتىكىمگە تاشلاپ ئۆتىدۇ...
لېۋىڭدە جىرىڭلاۋاتقان سائەت قوڭغۇراقلىرىدىن
سەھەرنىڭ جاراھىتى يوتقىنىمنى قايرىيدۇ
روھىڭ سوغۇق شاماللاردەك تېنىمگە يېپىشىپ تۇرۇپ
ئىسمىڭنى تېرەمگە يېزىپ ئۆتىدۇ
سۆڭىكىمدىن چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەكتىن ھىدىڭ تارقىلىپ
ئۆيۈمنى لىققىدە توشتۇرىدۇ...
2016.03.22
ساڭا نە بولدى؟...
شامالنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى دەرىزىدىن كۆرۈپ تۇردۇم
ماشىنىلارنىڭ قاتار تىزىلىپ تۇرۇشلىرىدىن
يولنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلماقتىمەن
ئېغىر بىر تاشنىڭ كۆكسۈمدىن دۇمىلاپ چۈشكەنچە
بەدەنلىرىمنى تۈزلەپ يەرگە چاپلاۋاتقانلىقىنى تۇيۇۋاتىمەن
تارازىنىڭ ئاۋۇ بېشىدىكى سايەڭ يوقاپ
بۇ بېشىدىكى ھاياتىم ئاسماندىن يىقىلىپ چۈشمەكتە
كىيىملىرىگە يېپىشىپ قالغان بۇلۇت قالدۇقلىرى
تۇزلۇق بىر دەرياغا قاراپ يۈگۈرمەكتە
ئاندىنا ئۇزۇن يىل ئادەمسىز لەيلەپ تۇرغان بىر قېيىققا چىقىپ
جار سالغىنىچە سۇلارنىڭ ئۆيىگە قاراپ ئۈزمەكتە...
سۆزۈمنىڭ يىرتىلغان ئەستەرلىرىدىن
ساڭا دېيەلمەي يۇشۇرۇپ يۈرگەن سىرلىرىم مارىماقتا
سېنىڭ يوقلۇقۇڭدىن تىلىم ئېزىلمەكتە...ئاغزىمنىڭ ئىچى كېچە
يۇلتۇزلىرىڭ بىر-بىرلەپ ساقىپ چىشلىرىمغا ئۇرۇلماقتا
ساڭا نىمە بولدى؟
ساڭا ئاتقان تاڭلارنى كىيىندۈرىدىغان لىباسلىرىڭسىز يالىڭاچمەن
ساڭا چىققان قۇياشقا قارايدىغان كۆزلىرىڭسىز قارىغۇمەن
ساڭا ماڭغان يوللارنىڭ ئۈمىدسىزلىكىدە
ۋاقتىمنىڭ قۇرۇغان سۆڭەكلىرىنى تەلۋىلەرچە غاجىماقتىمەن
كۆيۈۋاتقان مىستەك تاملارغا سۈرىتىڭنى سىزىپ
رەڭلەرنىڭ تۈنلىرىدە كۆزلىرىڭنى ئاچماقتىمەن
قېنىمنىڭ يالقۇنلىرىدا يۇمۇلغان لەۋلىرىڭنى كاۋاپ قىلىپ
نەزر ـ چىراققا چاقىرىلغان قۇشلار بىلەن تەڭ يېمەكتىمەن...
نېمىشقا ھاۋا بۇنچە قىزىل رەڭ بىلەن ئالدىمدا تىزىلىپ تۇرىدۇ
نېمىشقا بارچە ئاسمان قاراڭغۇ چىراقلارنى ئېسىپ
ئەرۋاھلارنىڭ يىغىسى بىلەن تېنىمنى ئىككىگە بۆلۈپ ئۆتىدۇ
نېمىشقا بارچە ئازاپ ئوقۇبەت ماڭا يۇشۇرۇنچە قاراۋاتقاندەك بىلىنىدۇ
نېمىشقا تىنىقلىرىمدىن يىڭنىلەر ئۇچۇپ چىقىپ
سېنى ساقلاۋاتقان كۆزلىرىمگە سانجىلىدۇ
ساڭا زادى نېمە بولدى
نېمىشقا قۇلىقىمغا تۆكۈلىۋاتقان يوپۇرماقلارنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ...
2016.03.18
ئەلەم ياپراقلىرى...
مېنىڭ بۇ كېچىدە يالغۇز قالىدىغانلىقىمنى بىلىپ
قولۇمدىكى شامغا ئوت ياققانمىدىڭ؟
ياكى شامالنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن
ئاندىن ئوت يېقىش خىيالىڭغا كەلگەنمىدى؟...
سەن بۇ شامنىڭ كېچە يېرىملاشماي ئۆچۈپ قالىدىغانلىقىنى بىلەمتىڭ
ياكى يېرىم كېچە بولماي تۇرۇپلا تاڭنى ئويغۇتۇپ يېنىمغا باشلىماقچىمىدىڭ؟...
بىز قانداقلارچە تېڭىلغان كۆزلىرىمىزدىكى قارا لاتىلارنى ئېلىپ تاشلاپ
كۆرمەسلىككە تېگىشلىك نەرسىلەرگە كۆز سېلىپ ئۆتتۇق
قانداقلارچە مەھكەم باغلانغان قوللىمىزدىكى تانىلارنى يېشىپ
تۇتماسلىققا ئەھدىلەشكەن ئوتلارنى تۇتۇپ ئۆتتۈق،مانا ئەمدى
كۆيۈك يارىسى بىلەن جاراھەتلەنگەن بىلەكلىرىمىزنى داكا بىلەن تېڭىپ يۈرۈپتۇق...
بەلكىم بىز ئۆزىمىزنىڭ يامغۇرغا چىلاشقان ئېتىزلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئۇنتۇپ
ئۇندا ئۆسۈپ چىققان گۈمبەمەدەكلەرنى ئىختىيارسىز يۇلۇپ تاشلىغان بولۇشىمىز
سېسىغان دەرەخ قوۋزاقلىرى ئارىسىدا مىدىراۋاتقان قۇرتلاردىن ئەندىكىپ
سۇنغان شاخلارغا ئېلىنىپ قالغان لىباسىمىزنى ئۇنتۇغان بولۇشىمىز مۇمكىن..
قولۇمدىكى شامغا ئوت يېقىۋاتقىنىڭدا
قولۇمنىڭ تىترىگەنلىكىنى ۋە ئوتۇڭنىڭ يالقۇن چاچرىتىپ
ئالقىنىمغا سەكرىگەنلىكىنى سەزمىگەنمىدىڭ
كېچىلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن يېرىملىشىپ
شامالنىڭ دەرىزە تەكچىلىرىدە خۇپيانە پايلاپ تۇرغانلىقىنى بىلمىگەنمىدىڭ
يېقىلمىغان ھاياتىمنىڭ يېقىلغان ھاياتىمدىن ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغانمىدىڭ
كۆيمىگەن ئۆمۈرنىڭ كۆيگەندىن كېيىنلا ئۇزاققا قالماي ئۆچىدىغانلىقىنى ھېس قىلمىغانمىدىڭ
سەن بۇ ئوتنى نەدىن ئېلىپ كەلگەن ئىدىڭ
بۇ كېچىگە قەيەردىن كەلگەن ئىدىڭ...
ساڭا شامدەك كۆرۈنگەن قولۇمنىڭ تومۇرلىرىدا ئېقىۋاتقان ئوتنى كۆرمىگەنمىدىڭ
ساڭا كېچىدەك كۆرۈنگەن ھاياتىمنىڭ بىر دۆۋە كۈل ئىكەنلىكىنى بايقىمىغانمىدىڭ؟
مەن قەيەردىن كەلگەن ئىدىم
بىز زادى قەيەردە ئۇچراشقان بولغىيدۇق
نېمىشقا خىياللىرىمىزنى ئوتقا قاقلاپ بېقىشنى ئەقلىمىزگە كەلتۈرمىدۇق...
2016.03.13
مەلىكە
ئات مىنگەن ئۆڭكۈرلەرنىڭ قاراڭغۇ چوڭقۇرلۇقلىرىدا
سېنىڭ ئاياغ تىۋىشىڭ تاراقلاپ چاپار
سېنى چاپقان ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن چىقىۋاتقان ئوتلار
ئىچىمنىڭ ئۇزۇندىن ئۇزۇن يوللىرىنى ياندۇرار
يولۇمنى ياندۇرغان ئۇزۇن تىلى بار ئوتلارنىڭ سۆزلىرىدىن
سېنىڭ ماقامىڭغا يول ئالغان دەرۋىشلەرنىڭ قانلىرى ئاقار
دەرۋىشلەرنىڭ قانلىرىغا قېيىق سېلىپ ئۆتىۋاتقان چۈشلەرنىڭ
سەھەردىكى ئويغۇنۇشلىرىدا كۆينىكىڭنىڭ رەڭگى چاقنار...
2016.03.09
|