ۋەلى داۋۇت
ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار
( خەلق كۈيچىسى ۋەلى داۋۇتقا بېغىشلايمەن)
مۇڭ دەرياسى ئاقار دولقۇنلاپ
يۈرەك باياۋانلىرىنى بويلاپ
ئاۋازىڭ ئىلى كۈيلىرى
نەپەسلىرىڭ ئىلى كۈيلىرى
ئۆمۈر مەنزىلىڭ ھەم ئىلى كۈيلىرى
ۋەلى داۋۇت
قاغجىرىغان يۈرەكلەرنى سىلىپ لەرزىگە
ئەركەكلەرنى باشلاپ ئەركىگە
گۈزەللەرنى تارتىپ بەزمىگە
پىرچەنگىنىڭ گۈلىنى تەردىڭ
ناخشا ئۈچۈن مېھرىڭنى بەردىڭ
ئاشىقانە كۈيلىرىڭ بىلەن
كۈيخۇمارلار چاڭقاق قەلبىگە!
ۋەلى داۋۇت
ئىلى كۈيلىرىدەك يېگانىسەن
كۈي يۇلتۇزلىرى سېنىڭدىن پارلايدۇ
ئايدىڭ ۋۇجۇدۇڭدا قاينايدۇ
ھەرنەپەسلىرىڭدە مەرغۇللار ساڭا يۈكۈنگەن.
بەستىكارسەن ئاۋازىڭ زىيا
بىر بۇلاقسەن كۈيلىرىڭ دۇنيا
بۇلبۇللارنىڭ پىركالانىسەن
مەشۇق ئۈچۈن شاھىدانىسەن
ئاۋازىڭدا
سۈكۈت تاشلىرى قان قىلغان كۆڭۈلنى سۆككەن...
ۋەلى داۋۇت
ئاۋازىڭ ئاسمىنى يورۇق
ئىلى باغرىدەك يالقۇنلۇق
بىر بايراقسەن لەپىلدەپ تۇرغان
خۇش تىلەكلەر بىر ساڭا يوللۇق.
2016/3/13