سۆيگۈ مەرغۇلى
ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار
تۈنلەرنى يوللارغا يايدىم بىقارار،
تەنھالىق شىلدىرلاپ ئاقماقتا مىسكىن.
ئۈركۈگەن قۇشلارنىڭ لەۋلىرى چاك- چاك،
ئۆزىنى سۆزلەيدۇ سۇدىكى سەلكىن.
رېئاللىق يىراقتىن كېلەر شادىمان،
سېغىنىش ئاسماندا سۈزۈك جىمىرلاپ.
كۆزلەرنىڭ ئىچىدە تاشقان تەلپۈنۈش،
ۋىسالنىڭ بېغىنى يۈرىدۇ ئارلاپ.
ناز قىلار بوشلۇقتا ئۇچقان كېپىنەك،
مەجنۇنتال ئىشقىدىن كۈلۈپ نەۋباھار.
ئاخشامقى چۈشلەرنى كەزگەن ئەسلىمە،
سۆيگۈنىڭ باغرىدا ھاياتقا قانار...
زۇمرەتتەك ئاۋازىڭ كۆكسۈمدە يۇلتۇز،
سەن لىق تولغان ئاسمىنىم چەكسىز.
گۈللەردەك ئېچىلغان ئۇزۇن كوچىدا،
سەن بىلەن ئەبەدكە تۇتاش ھەربىر ئىز!
2016-3-7
|